ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئې.ئې. بېرتېلس :ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (1) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى

     ئې.ئې بېرتېلس

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

    ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھىندىقۇشتىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئىشغال قىلغان ھارماس فاتىھ تىمۇر 1405-يىلى ھايات بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ۋارىسلىرى(ئادەتتە ‹‹تىمۇرىيلار›› دەپ ئاتىلىدۇ) ئارىسىدا ئۇنىڭ مىراسلىرىنى بۆلۈشىۋېلىشتەك مۇھىم بىر ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقتى. تىمۇرنىڭ تۆت ئوغلى ۋە ئون سەككىز نەۋرىسى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئوغلى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن تەخت داۋاگەرلىرىنىڭ سانى ئازايدى. قالغانلىرىمۇ ئەڭ ياخشى مىراسقا ئىرىشىشكە تىرىشتى.

    تىمۇر ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن خانىدانلىقنى تەخسىملەپ، نەۋرىسى پىر مۇھەممەد(ئەڭ چوڭ ئوغلى رەھمەتلىك جىھانگىرنىڭ ئوغلى)نى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تەيىنلىدى. لېكىن، تىمۇرنىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تامامەن بويسۇنغان ئەسكەرلەر يېڭى ھۆكۈمدارىدا ئۆزلىرىنى  ئىدارە قىلغۇدەك قۇۋۋەتنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، پىر مۇھەممەدنىڭ ئورنىغا تىمۇرنىڭ باشقا بىر نەۋرىسى بولغان خەلىل سۇلتانغا ئىتائەت قىلدى. ۋارىسلار ئارىسىدا تۈگىمەس ئۇرۇش باشلاندى. نەتىجىدە دادىسىنىڭ ئەمرى بىلەن خوراسان ئىلىگە ھۆكۈمران بولغان تىمۇرنىڭ كىچىك ئوغلى شاھرۇھ 1409- يىلى سەمەرقەندنى قولغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. شاھرۇھنىڭ بۇ غەلىبىسى ئىچكى ئۇرۇشنى خېلىلا پەسەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن تامامەن توختىتالمىدى.

    قانداقلا بولمىسۇن، شاھرۇھنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى(1440-يىلىغا قەدەر) تىمۇرنىڭ ئۇرۇشقا تولغان دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن تىنچ بىر دەۋر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شاھرۇھ دادىسىغا ئوخشاش جەڭگىۋار بىر كىشى بولمىغاچقا، ھەربىي يۈرۈش ئۇنى جەلپ قىلالمايتتى. بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئىشغالىيەت ئۇرۇشى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، دادىسىنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرىدىكى بۇلاڭچىلىق نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا ھېساپسىز بايلىق قالغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆز قىممىتىدىن پايدىلىنىشنى، ۋاقتىنى تىنچلىق ئىچىدە ئەلنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ‹‹ھەربىي خوشاللىق››تىن مۇھىم دەپ قارىدى. تەۋەلىكىدىكى شەھەرلەرنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، كۆركەم بىنالارنى سالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەشھەتتىكى ئىمام رىزا گۈمبىزى ئاشۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر.

    شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شاھرۇھ ئەدەبىياتقىمۇ بەكلا مەپتۇن ئىدى. سارىيىدا مەملىكەتنىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن شائىرلار توپلاندى. لېكىن، شاھرۇھنى دەۋرىنىڭ ئەدەبىياتىلا ئەمەس، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىگە تارتتى. ئەڭ داڭلىق خەتتاتلارنى ۋە مىنياتۇرچىلارنى توپلاپ، ئۇلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئالاھىدە مۇھىم بىر كۇتۇپخانىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ كۇتۇپخانىدىن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان بەزى كىتاپلار كۇتۇپخانىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ. 

    شاھرۇھنىڭ ئورنىغا چىققان ئۇلۇغبەگ(1409-1449) ئىلىمنى ھېمايە قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بارلىق بوش ۋاقىتلىرىنى ئاسترونومىيە ئۈگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ سەمەرقەندتە ياساتقان رەسەتخانىسىنىڭ خارابىلىرى ۋە زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئاسترونومىيە ھەققىدىكى ئەسەرلىرى ھۆكۈمدار ھەۋەسكارنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلىش روھىنىلا ئەمەس، يەنە ئۆز دەۋرىدە ئاسترونومىيەنىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغان ئىلغار بىر ئىلىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. لېكىن، ھۆكۈمدار ئىلىم بىلەن بۇ قەدەر مەشغۇل بولماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇلۇغبەگنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاخىرى مەملىكەتنىڭ ئەھۋالىنى خېلىلا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋالغا دۇچار قىلدى. تىمۇرىيلار(تىمۇرنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى-ت) بۇ ھۆكۈمدارنىڭ غاپىللىقىدىن پايدىلىنىپ مەملىكەتنى ئاستا-ئاستا قولغا كىرگۈزۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۆلۈۋېلىنغان ھەر بىر پارچە زىمىندا تىمۇرنىڭ نەسلىدىن بولغان بىر بەگنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەر توپلاپ تۇنجى قەدەمدىلا تۇغقانلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى كۆپ قېتىم ھۆكۈمدار ئالماشقان يېڭى بىر ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.

    بۇ مالىمانچىلىقتا جەسۇر ۋە روھلۇق بىرىسى ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئۆز ئالدىغا خېلىلا ياخشى بىر دۆلەت قۇرالايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ تىمۇرنىڭ نۇرغۇن نەۋرىلىرى ئىچىدىن مۇشۇنداق بىرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ سۇلتان ئەبۇلغازى ھۈسەيىن بايقارا ئىدى. ئۇ، تەخمىنەن 1458-1459- يىللاردا ھازار دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تاغلىق ساھىلدىكى گۇرجان ۋە مازاندىران ئىلىدە خېلىلا مۇستەھكەم ھالدا يەرلىشىپ، مەملىكىتىنى ئاستا- ئاستا كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇ، كېيىنچە خوراسان، سېيىستان، بەلخ، ھېرات ۋە خارەزمنى مەملىكىتىگە قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خوراساننى ۋاقتىنچە رەقىپلىرىدىن بىرىگە ئۆتۈنۈپ بىرىشكىمۇ مەجبۇر بولدى. لېكىن،1469-يىلى ئۇ قايتىدىن تەختكە چىقىپ، ھېراتنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلىپ بىكىتتى.

    ئۇزۇن داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى دەۋرىدە (1506- يىلى باھاردا ئۆلدى) ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەر قايتىدىن تىنچ بىر ھاياتقا ئىرىشتى ۋە شۇ ۋاقىتقا قەدەر نىسبەتەن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان سەمەرقەند بىلەن غەلىبىلىك ھالدا رىقابەتلەشكەن ھېرات كۈلتۈر ھاياتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. تىمۇرىيلارنىڭ قۇدرەتلىك دۆلىتىدە مەۋجۇت بارلىق بۈيۈك شەخسلەر، يەنى ئەڭ ياخشى ئالىملار، شائىرلار، يازغۇچىلار، كۇپىيەچىلەر(ئەسەر كۈچۈرگۈچىلەر)، رەسساملار، مۇزىكانتلار، مىمارلار ۋە تۈرلۈك سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ  سۇلتان ھۈسەيىننىڭ مەركىزىدە توپلانغانلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۆزىمۇ خېلىلا ياخشى شېئىرلارنى يازغان سۇلتان بۇلاردىن بىۋاسىتە پايدىلىناتتى. لېكىن، ئۇنىڭ مەجلىسىدە چوڭ رول ئوينىغان ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بۇ ئىشتا قولى بولمىغان بولسا، ئۇ ھېچقاچان بارلىق ئىلىم ۋە سەنئەت ئەربابلىرىنى ئۆزىنىڭ مەركىزىگە بۇنداق توپلىيالمايتتى.

    ‹‹1››

    نەۋائىي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئورىگىنال(ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بار-ت) شەخسلەردىن بىرى. خاراكتېرىدىكى ئۈستۈنلۈكلىرى بىلەن پەۋقۇلئاددە بىر ئىنسان. نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، دۆلەت تەشكىلاتىدا تۇتقان ئالى دەرىجىلىك ئورنىدىن دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى كۆرەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر خىل قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى، يەنى بۈيۈك دۆلەت خادىمى، مۇنەۋۋەر شائىر، تارىخ ۋە ئەدەبىياتنى ئەتراپلىق بىلىدىغان ئالىم، ئۇستا مىمار، رەسسام، مۇزىكانت ۋە ئىنسان قىلالايدىغان ھەر نەرسىگە مۇھەببىتى بار بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ قىممىتى جەمەتىدىكى ئەمىر بەگلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئۆلچىنەتتى.

     

    نەۋائىينىڭ قىسقىچە ھاياتى

     

    نەۋائىي 1441- يىلى 9- فېۋرال كۈنى ھېراتتا تۇغۇلغان.ئۇ تىمۇرىيلاردىن ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ نامىدىن سەبزىۋار شەھرىنى ئىشغال قىلغان غىياسىددىن كىچىكىنەنىڭ ئوغلىدۇر. شاھرۇھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى. كىچىكىنە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. نەۋائىيمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. نەۋائىينىڭ ياشلىقى يۇرتىدىن يىراق جايلاردا ئۆتتى. ئۇ بۇ يىللارنى ئوقۇش ۋە ئۈگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. مەشھەد بىلەن سەمەرقەندنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلىم مۇھىتلىرىدا( مەدرىسلەردە) تىرىشىپ ئوقىدى.

    مەملىكىتى قايتىدىن تىنچلىققا ئىرىشكەن چاغدا نەۋائىي دەرھال ھېراتقا قايتتى. 1469-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سۇلتان ھۈسەيىننىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمىدا نەۋائىي ئۇنىڭغا تەنتەنىلىك بىر قەسىدە  تەقدىم قىلدى. سۇلتان شائىرنى سارايغا قوبۇل قىلىپ، مۆھۈردار قىلىپ تەيىنلىدى. قىسقىغىلا ۋاقىتتا نەۋائىي سۇلتانغا بىر مۇنچە خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىختىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. سۇلتان 1472- يىلى ئۇنىڭغا ئەمىر ئۈنۋانىنى بىرىپ(شۇ سەۋەپلىك تارىخچىلار دائىم ئۇنى ‹‹مىر ئەلىشىر›› دەپ ئاتايدۇ) ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك بىر قولغا تاپشۇرۇلغانلىقىغا چىم پۈتكەن سۇلتان دىققىتىنى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى سەنئەتكە ئاتىدى. لېكىن، شۇ دەۋر شائىرلىرىنىڭ ئىپادىسىغا قارىغاندا، تىمۇرنىڭ بىر مۇنچە ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇمۇ ئۆزىنى ئىچىملىككە  ئۇردى.

    نەۋائىيمۇ بۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئىشلارغا كىرىشتى. مەكتەپلەر، شىپاھخانىلار، ھامماملار ۋە باغچىلار كەينى-كەينىدىن قۇرۇلدى. نەۋائىي ھەر تەرەپتىن ئىلىم ئىگىلىرىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇلارغا تارىخىي يىلنامىلارنى ۋە ئەڭ قەدىمكى ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ شەرھىيسىنى يازدۇردى. مۇزىكىشۇناسلارغا ئىلھام بەردى، رەسساملىق، مىمارلىق ۋە خەتتاتلىققا كۆڭۈل بۆلدى. دەۋرداشلىرىدىن بىرىسىنىڭ دېگىنىدەك، شۇ ۋاقىتتا ھەر كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى شۇ كەسپنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشقا تىرىشتى.

    نەۋائىي يالغۇز ئىلىم ۋە سەنئەت ساھەسىدىلا يىتەكلەش ۋە ئىلھام بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھۈنەر ۋە تېخنىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئۇستىلاردىن بىرى كاھىشچىلىقنى ئۈگىنىشكە باشلاپ، ئۇزۇن تەجىرىبىلەردىن كېيىن جۇڭگودا ياسالغان شۇ خىل نەرسىلەردىن خېلىلا پەرقلىنىدىغان قاچىلارنى ياسىدى. ئاشۇ ئۇستا ھەر سائەتتە بىر قېىتىم مۇۋاپىق بىر بېسىم كۈچىنىڭ ئۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاۋاز ياڭرىتىدىغان توقماقلىق بىر سائەت ياسىدى.

    مانا بۇ مەشغۇلىيەتلەر نەۋائىينىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولمىدى. ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ۋە چېكىنگەن خەلق ئىگىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇ ساراي خادىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقىمۇ مەجبۇر بولدى. ئۇلار دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىسىلزادىلەردىن بولمىغان بىر كىشىنىڭ قولىدا بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايتتى.

    ئىختىلاپ ئاخىرى  1488 - يىلى پارتلىدى. لېكىن، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە قىلىنغان يىرگىنچلىك بۆھتانلاردىن خەۋەر تاپقان نەۋائىينىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، 1476- يىلى ۋەزىرلىكتىن قول ئۈزدى. ئەركىنلىككە چىققان ۋاقىتلىرىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ بۈيۈك شائىر ۋە شەيخ ئابدۇراھمان جامى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. گۇيا شەيخ بولغانلىقى ئۈچۈن مۆجىزىلىك كۈچلەرگە ئىگە كىشىدەك ئابدۇراھمان جامىدىن ھېيىقاتتى.

    سۇفىزم پەلسەپىسىنى مەملىكەتنىڭ ناھايىتى نوپۇزلۇق كۈچلىرى چىرمىۋالغان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەرۋىشلىك 10-11- ئەسىرلەردىكىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولغان بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر مۇنچە شەيخلەرنىڭ(مەسىلەن، سەمەقەندتىكى مەشھۇر خوجا ئەھرار كاتتا دىنىي داھى بولدى) پائالىيەتلىرى دۆلەت بىلەن بىرىكىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى بايلىق توپلاش ئىدى.

    لېكىن، جامى بۇ مۇتەئەسسىپ گۇرۇھنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇرۇنقى سۇفىزم ئەنئەنىسىنى قوغدايتتى. ئۇ ئىبن سىنا پەلسەپىسىنىڭ ۋە مەشھۇر ئىبنى ئەرەبىنىڭ ئەڭ قىيىن سۇفىستتىك چۈشەنچىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىگەللىگەنلەردىن بىرى ئىدى. نەۋائىي ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئىسلام پەلسەپىسىدىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنىڭ دائىرىسىنى كۆرۈپ يەتتى. نەۋائىي جامىنى ناھايىتى يۈكسەك ئۇرۇنغا قويدى. ئۇنى شەيخ دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ مۇرىتى دەپ قارىدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى تەسۋىرلەيدىغان دىققەتكە سازاۋەر بىر ئەسەر يازدى.

    نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن دۆلەت خىزمىتىدىن چېكىنگەن نەۋائىيدىن قورقاتتى، چۈنكى ئەسەرلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىشى نەتىجىسىدە ئېتىبارى ئەسلىدە تۈۋەن بولغان ئېسىلزادىلەرنىڭ تامامەن تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us