ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (4) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نىزامىنىڭ ئەسەردىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىككى قەھرىماننىڭ روھىي كۈرىشىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەڭ مۇھىم مەركىزى نوقتا مۇشۇ يەردە. شۇ ۋەجىدىن نىزامى ئەسىرىدە دىئالوگقا كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، قەھرىمانلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتى. ئەسەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تاشقى كۆرۈنىشلەر تازا رەڭدار بولمىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي بەلگىلىرى كۆرسىتىلگەن. فىردەۋسىنىڭ ئەسىرىدە خېلى تەپسىلى بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنى نىزامى كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق نەرسىلەردىن سۆز ئېچىشنىڭ لازىمى يوق دەپ قاراپ ئەسەرگە زادى كىرگۈزمىگەن.

    نەۋائىينىڭ ئەسىرىگە نەزەر تاشلىساق، ئۇنىڭدا تامامەن باشقىچە بىر كومپوزىسيون بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئالىملىرىمىز خۇسرەۋنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆرۈنىشىنى بىر قانچە قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتتى. نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى خۇسرەۋ قانخور، زومىگەر ۋە ياخشى تەرەپلىرى بولمىغان بىر زالىم ھۆكۈمداردۇر. نەۋائىي ھېچقانداق يەردە ئۇنىڭ يېشىنى تىلغا ئالمايدۇ. لېكىن، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئۇنىڭ نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشاش ئەپسانىلەردىكىدەك قاملاشقان بىر يىگىت بولماستىن، بەلكى قېرى، ئويۇنغا ئامراق، ۋاقىتلىق ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇ ھەۋىسى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ، قان تۆكۈشتىن يانمايدۇ ۋە ھېچ ئىككىلەنمەيلا خائىنلىق قىلىدۇ.

    نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى فەرھادمۇ نىزامىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ تېمىدا ئۇ ئالدى بىلەن ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋىنىڭ ئەسىرىنى ئۆرنەك قىلدى. نەۋائىي فەرھادنى نىزامىغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر ھۈنەرۋەن ئەمەس، بەلكى چىن خاقانىنىڭ ئوغلى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. نەۋائىينىڭ ‹‹چىن›› دېگەن نام ئارقىلىق ھەممىدىن ئاۋۋال چىن تۈركىستانى(شىنجاڭ-ت)نى نەزەردە تۇتقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. شۇ سەۋەپلىك، نەۋائىي ھۆكۈمدارنى ‹‹تۈرك خاقان›› دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بىر چىنلىق(خەنزۇ-ت) سۈپىتىدە تۇنۇغان بولسا ئىدى، ئۇنى ‹‹فەغفۇر›› دەپ ئاتاشقا توغرا كىلەتتى. يەنى، فەرھاد مەلۇم نوقتىدىن مۇئەللىپ بىلەن بىر مىللەتتىن ئىدى. فەرھاد تاشقى كۆرۈنىش جەھەتتە بىر تىپىك ئەپسانىۋىي  شاھزادىدۇر. مەرتىۋىسىنىڭ  ئۇنىڭغا ياراتقان پايدىلىق تەرەپلىرى قاتارىدا بىزنى 15- ئەسىردىكى ھېرات دەۋرىگە باشلايدىغان خۇسۇسىيەتمۇ ئۇنىڭدا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىگە مۇھەببەت باغلىغان، بارلىق سەنئەت ۋە ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ سىرىنى ئىگەللەش ھەۋىسى كۈچلۈك بىر شەخستۇر. ئىككىنجى ئورىگىنال خۇسۇسىيىتى، ھېرات شاھزادىلىرىدە ئاز ئۇچرايدىغان مىللەت سۆيگۈسى ۋە مىللەتنى ئازاپ ۋە زۇلۇمدىن قوغداشقا تىرىشقانلىقىدۇر. فەرھاد خۇسرەۋنىڭ قولىدىكى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى بىلسىمۇ، بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. بىگۇناھ گۇندىپاينىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشىنى خالىمىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. ھەتتا دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئارمېننىڭ پالاكەتكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەپنىڭ ئۇلار ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئەربابلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

    نەۋائىينىڭ فەرھاد ئارقىلىق ئۆز خۇسۇسىيەتلىرىنى، كەڭ ھۇمانىزم چۈشەنچىسىنى، جەبىر ۋە زۇلۇمغا قارشى نەپرىتىنى، سەنئەت ۋە ھۈنەر-كەسپكە بولغان سۆيگۈسىنى ۋە چەكسىز ئۈگىنىش ئىشتىياقىنى ئىپادە قىلغانلىقىغا شۆبھىلەنمەسلىك كېرەك. شۇڭا، نەۋائىي فەرھادنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كومپوزىسيوننى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۆزىمۇ كىرىش سۆزدە تىلغا ئالغىنىدەك، باش قەھرىماننىڭ  ھاياتىنى تۇغۇلىشىدىن تارتىپ يورىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ خۇسۇستا نىزامى ئۇنى ھېچقانداق بىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ئەمەس. نىزامى فەرھادنىڭ شىرىننىڭ سارىيىدا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلمىغان. چۈنكى، فەرھاد ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەت ۋەقەدە ئۇچرايدىغان بىر شەخستىن ئىبارەت ئىدى.

    فەرھادنىڭ تارىخىنى يارىتىش ئۈچۈن نەۋائىي بىر مۇنچە فولكلور موتىفلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، چوڭ بىر ۋەقەلىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سىرلىق ساندۇق، قەدىمكى ھېكىمنى ئىزدەش سەپىرىدىكى تەۋەككۈلچىلىكلەر، ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىش، تەلەيسىز ئەھرىمان بىلەن تۇتۇشۇش قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بۆلەكتە سۆزلىنىدۇ. شائىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنىڭ چېچىلىشىغا ئىمكان قالدۇرمايدۇ.

    مۇھەببەت تېمىسىمۇ تامامەن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئاددىيلا بىر ئىنسانىي ئىستەك بولماستىن، بەلكى فەرھادنى شەرقتىمۇ كۆپ تەرىپلەنگەن قەھرىمان مەجنۇن بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە قىلغان ئالاھىدە بىر قۇدرەت ئىدى. نەۋائىينىڭ فەرھادى نىزامىنىڭ مەجنۇنىدۇر. لېكىن، ئۇ ئاكتىپ، مەقسىتى ئۈچۈن تىرىشىدىغان، سۆيگۈنى بىلەن ئۇچراشقاندا قۇدرىتىنى يۇقىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تازىم قىلىپ تۇرىدىغان بىر كىشىدۇر.

    نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە فەرھادنىڭ ئۆزىنى بەزىدە ئەپسانىلاردىكى ئەرەب ئاشىققا ئوخشىتىشى تاسادىپىي ئەمەس. نىزامىنىڭ قەلىمىدىكى فەرھادنىڭ مەجنۇن بىلەن  ئوخشايدىغان بەزى تەرەپلىرى بار. لېكىن، ئۇنىڭغا ئائىت ۋەقە قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىشقا ئىمكانىيەت يوق.

    نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى شىرىننى نىزامىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكى بۈيۈكلىكىنى يوقاتقانلىقىنى بىلىمىز. شىرىن سۆيگۈسى ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئايال. ئۇ سۆيگۈنىگە سادىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشقا تەييار. ئەمما، بۇ ئايال نىزامىنىڭكىگە ئوخشاش چوڭ رول ئوينىمايدۇ. ۋەقەلىكنىڭ كومپوزىسيونىمۇ بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت فەرھادنىلا سۆيىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ھەر قانداق بىر ئىختىلاپنى تۈگىتىشىگە ۋە سۆيگۈنىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

    ئىككىنجى ئورۇندىكى شەخسلەرمۇ ئۆزگەرتىلگەن. نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكى رەسسام شاپۇر فەرھادنىڭ ساۋاقدىشى بولسىمۇ، دەستلەپتە ئۇ خۇسرەۋنىڭ ئادىمىدەك بىر ھالەتتە تەسۋىرلىنىدۇ. خۇسرەۋ شىرىننىڭ بارلىقىنى شاپۇردىن ئۇقۇپ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاشىق بولىدۇ. كېيىن شاپۇر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق رول ئوينايدۇ. ھەتتا نىيىتى تازا دۇرۇست بولمىغان خۇسرەۋنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى خالىمىغان ھالدا ئۇرۇندايدۇ. ئۇ يەنىلا ئىشلارنى نەتىجىلىك تاماملاپ  شىرىننى خۇسرەۋ بىلەن توي قىلىشقا كۆندۈرىدۇ.

    نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە شاپۇر پەقەت فەرھادقا سادىق بولىدۇ. ئۇ فەرھاد يامان كۈنلەردە قالغاندا ياردەم قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان بىر دوستتۇر. ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە تەسۋىرلىنىشى ۋە رەسساملىق تەرىپىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. نىزامىنىڭ ئەسىرىدە ۋەقەلىك شاپۇرنىڭ شىرىننىڭ پورترېتىنى سىزغانلىقىدىن باشلىنىدۇ. ھالبۇكى، نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە بۇنداق بىر باياننى بىرىشنىڭ لازىمى يوق ئىدى. ئەسەردە بۇ تەرەپتىن ئانچە –مۇنچە سۆز ئېچىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوق.

    تەبىئەت تەسۋىرلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئۆزگەرتىلگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ خاراكتېرىستىك پەرقلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. نىزامى كۆپۈنچە 12- ئەسىرگە خاس بولغان باغ، گۈل-چىچەك(لېكىن ئېھتىياج يۈزىسىدىن ئەلخەرەك بوغىزىنىڭ جانلىق تەسۋىرىگە ئوخشاش ئالاھىدە گۈزەل تەسۋىرلەرنىمۇ ياراتقان) قاتارلىق ھەر كىشى ياقتۇرىدىغان تېمىلارنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە ئاز تەسۋىرلەنگەن يېقىن شەرق ئەدەبىياتىنىڭ تېمىلىرىدىكى تەسۋىرلەرنى ئالغان. بۇ بارۇك ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاش كەسكىن زىتلىق بىلەن تولغان خىيالىي بىر تەبىئەتتۇر. ئەھرىماننىڭ چاھار بېغىنىڭ ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىنىشى، چىن خاقانىنىڭ پىلوتىنىڭ دېڭىزغا يۈرۈش قىلىشى ۋە بۇراننىڭ تەسۋىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

    يۇقىرىدا نەۋائىي بىلەن نىزامى ئەسەرلىرىنىڭ بىر بىرىدىن كومپوزىسيون ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتېرى جەھەتتە كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. ئومۇمەن، ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان ئوخشاشلىقلاردىن سۆز ئېچىشنىڭ چوڭ پەرقلەرنى كۆرسىتىشتىن خېلىلا ئاسان ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز. ئوخشاشلىقنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى بولسا ئەسەرنىڭ ئەسلى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى، ئىككى قەھرىماننىڭ بىرلا ۋاقىتتا شىرىنگە ئاشىق بولۇشى ۋە فەرھاد بىلەن خۇسرەۋنىڭ ئۆلۈم كۆرۈنىشلىرىدۇر.

    مانا بۇ ئومۇمەن ھېكايىنىڭ ئانا خەتلىرىدۇر. تەبىئىيكى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانىنىڭ  نىزامىنىڭ ئەسىرىدىن قىلىنغان بىر تەرجىمە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن شەرقشۇناسلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ نەقەدر ئىشەنچىسىز بىر ئاساسقا تايانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر. بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق پەقەت ئەينى قەھرىمانغا ئائىت بىر تارىخىي ۋەقەلىكنى قولغا ئالغان ئىككى ئاپتورنىڭ(19-ئەسىردىمۇ) ياراتقان ئوخشاشلىقىدىن ئىبارەتتۇر. مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر ئۆزگەرتىلمىگەن، باشقا ۋەقەلەر بىر بىرىدىن تامامەن پەرقلەندۈرۈلگەن.

    ‹‹خۇسرەۋ ۋە شىرىن›› قەھرىمانلىققا ئىلھام بىرىدىغان ئاياللار مۇھەببىتىنىڭ مەدھىيەسىدۇر. ھالبۇكى، ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› دە ئەڭ مۇھىم بۆلەك ئۆزگەرتىلىپ، بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ھېچنىمىنى كۈتمەيدىغان پىداركارلىق سۆيگۈسى فەرھادنىڭ ئوبرازىدا جانلاندۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەسەردە نىزامىنىڭكىدە ئۇچرىمايدىغان سادىق دوستلۇق ئۇقۇمى بار.

    نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، ئۇلار ئىچىدە ھەر قانداق بىر ئەسىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش قىيىن. ‹‹خەمسە››دىكى بەش ئەسىرىمۇ ياخشى، لېكىن مەن بۇ يەردە تەرجىمىسى بىرىلگەن ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن››نى ئوقۇرمەنلىرىمىز ھەممىسىدىن بەكرەك ياقتۇرىدۇ دەپ قارايمەن. ۋەقەلەرنىڭ موللىقى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپ خىل تەسۋىرلەر، كومپوزىسيونىنىڭ راۋانلىقى، فەرھادنىڭ جەلپكارلىقى... مانا بۇلار ئەسەرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن بولغىنىغا قارىماي، ئۇنى ئوتتۇرىدا ئۈزۈپ قويماي ئوقىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. شۇ سەۋەپلىك، مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر ئوقۇرمەنلىرىمىز زادى بىلمەيدىغان بۇ ئالاھىدە شائىرنى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق چۈشىنىشى ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر ئەھۋالدۇر.

     ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. مىليۇنلىغان ئىنسان كۈلتۈر غەزىنىلىرىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىگە ئىرىشمەكتە. كۈلتۈر ۋە تەرققىيات ئۈچۈن ئىشتىياق بىلەن كۆرەش قىلغان بۈيۈك نەۋائىينى غەرپ ۋە شەرق كلاسسىكلىرىغا ئوخشاش ئوقۇرمەنلىرمىزنىڭ چوڭقۇر سۆيۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

     

    ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى-بەللەتەن››نىڭ 1957- يىلىدىكى سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

    مەنبە : تارىمى تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • سىز بەك تىرىشچان ئىكەنسىز.....
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئىزدىنىش ئەپەندى说:
    ئۇنچە ئەمەس. رەھمەت.
    2011-02-06 22:49:44