ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن دۆلەت خىزمىتىدىن چېكىنگەن نەۋائىيدىن قورقاتتى، چۈنكى ئەسەرلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىشى نەتىجىسىدە ئېتىبارى ئەسلىدە تۈۋەن بولغان ئېسىلزادىلەرنىڭ تامامەن تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    نەتىجىدە نەۋائىي قايتىدىن دۆلەت مەمۇرى بولدى. ئۇنى ئەستەرابادنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ۋىلايەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرگۈندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. دۈشمەنلىرى سۈرگۈننىڭ باشقا شەكلىنى تاللىيالمىدى. چۈنكى، نەۋائىينى ھەممە كىشى ياقتۇراتتى، ھەر تەبىقىدىكى خەلقنىڭ ناھايىتى چوڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئىدى.

    نەۋائىي ئەستەرابادتا پائال ۋە جانلىق بىر ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. بىراق، ئۇنى ئۆزىگە تارتىۋاتقىنى يەنىلا ھېرات ئىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرگىنىدەك،  بۇ يەردە  يەنە دوستلىرى، كۆڭلى يېقىن شائىرلار ۋە ئۇستازى جامى بار ئىدى. ئۇ قايتىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىندى. بۇ مەزگىلدە دۈشمەنلىرى ئۇنىڭدىن تامامەن قۇتۇلماقچى بولۇپ، ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇ سۇيىقەست مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمما، غەزەپلەنگەن نەۋائىي دۆلەت خادىملىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى ئالدىدا ئىتائەت قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئويلاپ، ئۆزلىكىدىنلا ھېراتقا قايتتى. بۇ قېتىم دۆلەت خىزمىتىدىن قول ئۈزۈپ،‹‹مۇكەررەبۇل -ھەزرەت›› ئۈنۋانى بىلەن مەركەزدە قېلىشقا رۇخسەت ئالدى.

    بۇ يىللارنى يۇرتىدا تولىمۇ بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. يوشۇرۇن ئىزىغا چۈشىدىغان ئىشلار ھېچ توختىمىدى. 1492- يىلى جامى ئالەمدىن ئۆتۈپ، نەۋائىي ئەڭ يېقىن دوستىدىن ئايرىلدى. ئىشلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، نەۋائىينىڭ ئىنىسى دۆلەتكە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئەمدى نەۋائىي يۇرتىدىن تامامەن يىراق تۇرۇشنى ۋە ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن ھېراتتىن مەككىگە كېتىشنى ئويلىدى. لېكىن، ھېچقانداق يەرگە كېتەلمىدى.

    1500- يىلى سۇلتان بىلەن ئوغلىنىڭ ئارىسى بوزۇلدى. سۇلتان مەركەزنى تەرك ئىتىشكە ۋە ئەسكەر باشلاپ ئوغلىغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا ھېراتتا دۆلەت ئىشلىرى نەۋائىي بىلەن ساراي خادىملىرىدىن بىرىگە تاپشۇرۇلدى. شۇ يىلى دېكابىردا سۇلتان ھۈسەيىن ئىشلىرىنى رەتكە سېلىپ ھېراتقا قايتتى. ئادەت بويىچە ئەمىرلەرنىڭ ئۇنى قارشى ئېلىشى شەرت ئىدى. 28- دېكابىر كۈنى سەھەردە نەۋائىي ۋە باشقا ئەمىرلەر شەھەردىن چىقتى. ھۆكۈمدار مۇلازىملىرى بىلەن يېقىنلاشقاندا، نەۋائىي ئېتىدىن چۈشۈپ سالامغا ھازىرلاندى. لېكىن، تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەچكە، سالامدىن كېيىن قەددىنى رۇسلىيالمىدى. ئۇنى ھېراتقا ئېلىپ كېلىپ تىۋىپكە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتتى. 1501- يىلى 3- يانۋار كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ بارلىق كىسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدى. ئۇ ھېراتتىكى چوڭ جامەنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، دەپنە مۇراسىمىغا پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى قاتناشتى.

    سۇلتان ھۈسەيىن باش ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن كۆپ ياشىمىدى. مەملىكىتىنىڭ ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆردى. 1506- يىلى باھاردا يېڭىدىن مەيدانغا چىققان كۈچلۈك دۈشمىنى شەيبانىخانغا قارشى  يۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا ئالەمدىن ئۆتتى. 1507- يىلى ھېرات يېڭى بويسۇندۇرغۇچىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ھۈسەيىننىڭ ئەۋلاتلىرى يوقىتىلدى.

    ‹‹3››

    يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىلگىنىدەك، ھېراتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئۇ دەۋردىن قالغان خاتىرىلەردىن ھەر مەجلىستە چوقۇم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ بولغانلىقىنى، ئەدەبىي مۇنازىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە شائىرلارغا ناھايىتى زور ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلۇپ، ئۇرۇندىيالىغانلارنىڭ نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىز.

    ھېرات مۇھىتىدا يىتىشكەن ئەدىپلەردىن ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىش يىتەرلىكتۇر. بۇلار يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان، ناھايىتى بىلىملىك ۋە ئىقىتىدارلىق جامى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن جىيەنى خاتىفى(1521-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، نەۋائىينى شېئىرلىرىدا مەدھىيلىگەن ئەھلى شىرازى(1536-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، خېلىلا ئىستىداتلىق بولسىمۇ، بەزى ئۇستاتلارنىڭ ئىتىرازلىرىغا ئۇچرىغان ئەستەرابادلىق خەلىلى(1532- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر ماھارەتكە ئىگە بولغان ۋە ناھايىتى قىزىقارلىق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان تاجىك شائىرى ۋاسىفى قاتارلىقلاردۇر.

    ھېرات ۋائىزى ھۈسەيىن كاشىفى(ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى 1504- 1505-يىللارغا توغرا كىلىدۇ)  ھايۋانلارغا ئائىت مەنقىبە كىتابى ‹‹كەلىلە ۋە دىمنە››نى  شەكىل ماھارىتى جەھەتتە ھېلىمۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئۇسۇلدا ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل بىر نەسرىي ئەسەر ئۆرنىكىنى ياراتتى.

    پارس تىلىدا ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا خاتىمە بىرىشنى ئېسىلزادىلەردىن ھەۋەسكار يازغۇچى دۆلەتشاھ سەمەرقەندى سىناق قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹تەزكىرەئى شۇئارا›› ناملىق ئەسىرى كەمتۈرك ۋە خاتالىق كۆپ بىر ئەسەر بولسىمۇ، ھېراتنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىدا كۆپ قوللىنىلغان ئەسەرلەرنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

    ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلەر تارىخچى مىرخاند بىلەن سۇلتان  ھۈسەيىننىڭ ئەمرى بويىچە نەۋائىي بىئوگرافىيەسىنى يازغان خاندېمىر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئىككى تارىخچىنىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىنىڭمۇ ناھايىتى پىشقان بىر ئەدەبىي تىل بىلەن ھەم ئاجايىپ نادىر سېلىشتۇرما، مەجازىي ۋاسىتىلەر ۋە كەڭ دائىرىلىك شېئىرىي پارچىلار ئارقىلىق بىزەلگەن بىر نەسرىي شەكىل بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ يىلنامىلارنى ئوقۇپ چىقىش بىلىمگە ئىرىشىش جەھەتتىن دىققەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، يەنە كىشىگە بەك يۇقىرى بىر بەدىئىي لەززەتمۇ بېرىدۇ.

    ئاشۇ چاغدا ھېراتتا دەۋرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستاتلىرىنىڭ توپلانغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ يالغۇز شەكىل جەھەتتىكى مۇكەممەللىكىگە دىققەت قىلىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەملەشتۈرگەن ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت ئىدى. شائىرنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللانغان ئۇسلۇبى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەرجىمىلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق بىر شەكىل قىيىنچىلىقىنىڭ ئۆزىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىدى. ھەر بىر شېئىر مەيلى چوڭ بىر قەسىدە ياكى كىچىك بىر غەزەل بولسۇن، شائىرلارنىڭ تەدبىقلىغان شەكلى مۈشكۈل بىر ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىدە ھەيرانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئەھلى شىرازى ئىككى قاپىيەلىك، قوش مەنىلىك ۋە ئىككى خىل ۋەزىنلىك بېيىتلەردىن تەشكىل تاپقان نەزمىلەرنى يازدى. غەزەلدە قىيىن قاپىيە ۋە رەدىفلەرنى تاللاش بۇ شېئىرلارنىڭ ھەربىر بېيىتىدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت ئومۇملاشقان بىر ئۇسلۇب ئىدى، ھەمدە بۇ سۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە باغلىنىشى جەھەتتە قىيىن بولۇشىغا دىققەت قىلىناتتى.

    شېئىرنىڭ شەكىل تەرىپىگە بۇ قەدەر ئەھمىيەت بىرىلىشىنىڭ بەزىدە تېمىغا پايدىسىز نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكى تەبىئىيلا ھېس قىلىنىدۇ. بۇنچە كۆپ زېھىن خورىتىدىغان توسالغۇلاردىن ھالقىغاندا، خاس بىر شەكىلدىكى تىرەنلىك، پىسىخىلوگىيەلىك تەتقىقاتلار ۋە باشقا ئامىللاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بىر تېما بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.

    شەكىلنىڭ پەۋقۇلئاددە قىيىنلىقى سەۋەبىدىن، بۇنى شېئىر سەنئىتىنىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى ۋە زېھىن خورىتىدىغان ئويۇنىنىڭ بارلىق ئىنچىكە نوقتىلىرىنى بىلىدىغان تەجىرىبە ئىگىلىرىلا ئوقىيالايتتى. مەلۇمكى، بۇ ئەدەبىيات ناھايىتى تار بىر مۇھىت ئۈچۈن يارىتىلدى. ئۇنىڭدا كەڭ ئاۋامنىڭ پىكىرلىرىگە ئېتىبار بەرمەسلىك خائىشى بار ئىدى.

    بۇرۇنقى ئەنئەنىدىن ئايرىلماي ‹‹يېڭى پارسچە›› نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئەدەبىي تىل شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى قوللىنىدىغان بىر تىل ئىدى. بۇ تىلنى بۇخارا ۋە سەمەرقەندتە 10- ئەسىردىكى ئىران شائىرلىرى ئالاھىدە بىر شەكىلدە پىششىقلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە ئاق دېڭىز ساھىللىرىدىن گەنجگە قەدەر بولغان كەڭ رايونلاردا ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلدۇردى. بەش يۈز يىل جەرىيانىدا سابىق ئەرەب خەلىپىلىكىگە مەنسۇپ بولغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا قالغان ھەر بىر زىيالىنىڭ بۇ تىلنى پىششىق بىلىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. چۈنكى، بۇ تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرلۈك خەلقلەر ئىشتىراك قىلىپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ مىللىي قىممەتلىرىنى قوشقان ئىدى.

    11-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ تىل بىلەن بىرلىكتە تۈركچىنىڭمۇ ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. 1069-1070–يىللىرى قەشقەردە بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ناملىق بىر شېئىرىي ئەسەرنى يازدى.12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەيخ ئەھمەد يەسەۋى ئارال ۋە ھازار دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاھالىگە تۈركچە بىلەن خىتاپ قىلىشقا تىرىشتى. قىپچاق تىلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئالتۇن ئوردۇنىڭ مەركىزى سارايدا(14-ئەسىردە) ۋۇجۇتقا كەلدى. ئۇ يەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالاھىدە غەلىبىمۇ، بۇنىڭغا يېقىن بىر دەۋردە ئاناتولىيەدە يىتىشكەن شائىرلارنىڭ ئىرىشكەن پارلاق نەتىجىلىرىمۇ يېقىن شەرقتىكى مەملىكەتلەردىن ئۆتكەن موڭغۇل يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئىزاھلانماقتا. موڭغۇل ئىشغالىيىتى ئىران ئارىستوكراتلىرىغا ئېغىر بىر زەربە بولدى. ئىراننىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن پارسچىنىڭ نوپۇزىمۇ تەۋرەپ كەتتى. لېكىن، تۈركچىدىكى ھەر قانداق بىر شىۋىنىڭ پارسچىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىش يەنىلا قىيىن ئىدى. تۈرك ئەدىپلىرىنىڭ تۈركچىنىڭ پارسچىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى ۋە ئۇنى پارسچە بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە قىلىشى ئۈچۈن بارلىق قەدىمىى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى چۈشىنىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ تۈركچىنىمۇ شۇنداق دەرىجىدە ئىگەللىشى، يەنى ئۇنىڭ بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر شەكىل جەھەتتىن ئىران ئەدەبىياتىدىن تۈۋەن تۇرمايدىغان ھالەتتە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ئىران ئەدەبىياتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق ۋە شائىرلارنىڭ بىر مۇنچىسىنىڭ ئەدەبىي قۇدرىتىنى تۈركچىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا(ئىران ئەدەبىياتىغا-ت) بېغىشلىغانلىقىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئومۇمەن مۇمكىن ئەمەسلىكى ھېس قىلىنىدۇ.

    ھالبۇكى، دەۋر بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتەتتى. ھۆكۈمدارلارمۇ مۇشۇنى مەقسەت قىلاتتى. 11-،12- ئەسىرلەردىكى تۈرك ئارىستوكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان غەزنەۋىيلەر ۋە سەلجۇقلار ئەدەبىي نەتىجىلىرىنى ئادەت بويىچە يا پارسچە، يا ئەرەبچە يازدى. ھالبۇكى، كۆپۈنچىسى ئەدەبىي قابىلىيەتكە ئىگە تىمۇرىيلار ھۆكۈمدارلىرى ئەمدىلىكتە نەزىرىنى تۈركچىگە بۇرىدى. ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ‹‹چاغاتاي تىلى›› دەپ ئاتالغان تىل تىمۇر خانىدانلىقىنىڭ دەستلەپكى ئەجدادى بولغان چاغاتاينىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ تىلنى قوللانغانلارمۇ ئۇنى‹‹تۈركى›› ياكى ‹‹تۈركچە›› دەپ ئاتىدى. چۈنكى، بۇ ئاتالغۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق بىر تۈركىي خەلقنى ئەمەس، بەلكى مۇمكىن قەدەر ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە كېرەك ئىدى. بۇ تىل چاغاتاي ئۆزبەك ئەدەبىي تىلىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا ‹‹قەدىمكى ئۆزبەك تىلى›› دېگەن نامنى بىرىشنى ئارزۇ قىلماقتا. بۇ ئارزۇ ئاساسسىز ئەمەس. بۇ تىلنى قوللانغانلاردىن ‹‹نامەئى ئىشقى››نى يازغان تىمۇرنىڭ نەۋرىسى سەييىد ئەھمەدنى، ھىندىستاندىكى بۈيۈك موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە لېرىك شېئىرلاردىن ياخشى بىر دىۋاننى، ناھايىتى قىزىقارلىق، تەرتىپلىك ۋە ئوچۇق بىر تىل بىلەن ‹‹بابۇرنامە›› ناملىق خاتىرىنى يازغان ئىمپېراتور بابۇر(1482-1530)نى ۋە ‹‹ھۈسەينى›› دېگەن تەخەللۇس ئاستىدىكى لېرىك شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىۋاننىڭ ئاپتورى سۇلتان ھۈسەيىننى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن شائىرلارمۇ ئەمدى ھۈنىرىنى پارسچىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەدەبىياتىدا قوللىنىشقا تىرىشتى. بۇ ساھەدە ئەمىرى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى(1395-1492) ۋە باشقا سەنئەتكارلار غەلىبە قازاندى.

    شائىرلارنىڭ بۇ غەلىبىلىرى بىلەن مەسىلە ھەل بولدى دېگىلى بولمايتتى. قابىلىيەتلىك، ئەمما بىلىمى يۈزەكى بولغان ھۆكۈمدار ھەۋەسكار ئۈچۈن بۇقەدەر زور مەسىلە ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش ئىدى. مانا ئۇلارنىڭ قىلالمىغانلىرىنى نەۋائىي ئالاھىدە بىر شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ دانا شائىر پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك بولۇشتىن سىرت، ھەقىقىي بىر ئالىمنىڭ قۇدرىتىگە ئىگە ئىدى، تۈركىي تىلنىڭ  ئەتراپلىق ئۈگىنىلىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتىدىن كېيىن تۈركچىنىڭ قوللىنىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى. تىل ھەققىدىكى ئەستائىدىل تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ تىلنىڭ بايلىقى ۋە ئوچۇقلىقى بىلەن پارسچىدىن تۈۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىنىدەك، ياخشى قوللىنىلسا تېخىمۇ چوڭ ئىمكانىيەتنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى. ئۇ ئەسلى مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن تەييارلىقىنى بارلىق قەدىمىى ئەدەبىي غەزىنىلەرنى ۋە ئىران ئەدەبىياتىنىڭ شەكىل ئادەتلىرىنى ياخشى ئۈگىنىشتىن باشلىدى. پارسچە ئۈگەنگەنلىكىنى ئۇنىڭ پارسچە يازغان دىۋان(لېرىك شېئىرلىرى توپلانغان)ىدىن بىلىمىز. ئۇنىڭدا ‹‹فانى›› تەخەللۇسىنى قوللاندى. ‹‹نەۋائىي›› دېگەن نامنى تۈركچە يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتتى.

    داۋامى بار 

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us