ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    tiragidiyeئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان 

     تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئويغىنىش دەۋىرىدە بۇ ئەندىزە بۇزۇپ تاشلاندى. ۋېكتۇر ھيوگۇ غا كەلگەندە، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى سىگان قىزى ئاسمىرادانى ئۆزىنىڭ مەشھۇر تراگېدىيلىك رومانى-« پارىژدىكى بۈۋى مەريەم ئىبادەتخانىسى»نىڭ باش قەھرىمانى قىلىش ئارقىلىق كلاسسىزىمغا بۆسۈپ كىرگەن رومانتىرىملىق ئىدىيەۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن تەنقىدى رىئالىزىمچىلار باش قەھرىماننىڭ ئوينىغا ئېزىلگەن، خارلانغانلارنى قويۇپ، ئاددىي كىشىلەر تراگېدىيسىنى، ئائىلىۋى تراگېدىيلەرنى كۆپلەپ يازدى. گىرمانىيەلىك كارل. ياسىبرىس مۇنداق دىگەنىدى:" تراگېدىيلىك ئاڭ شېئىرىدىكى مەركىزىي ئىدىينى ئاساسىي دېتال بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەقەت تراگېدىيلىك  كەيپىيات بىزنىڭ قەلمىبىزنى زىلزىلگە سالغاندىن كىيىنلا ئاندىن بىز ۋەقەلىكتىكى بىزگە بىرۋاستە تەسىر قىلغان ياكى پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جىددىي، تىنىچسىز ئاپەتلەرنى ھىس قىلالايمىز، تراگېدىيە كۈرەش جەريانىدا، يېڭىش ۋە يېڭىلىشتە ھەم جىنايى رەزىللىكتە مەيدانغا كېلىدۇ. تراگېدىيە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى مۇتلەق ئىرادىسىدە ئىپادىلىنىدۇ". تراگېدىيلىك ئاڭ، تراگېدىيلىك كەيپىيات، تراگېدىيلىك كۆرۈنۈشلەر بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىمىزدە، كلاسسىك ئەسەلىرىمىزدە مۇھىم سالماقى ئىگللەپ كەلگەن.  ئۇيغۇر تراگېدىيە سەنئىتىدە قەدىمقى گرىك تراگېدىىلىرىدەك ئۇنداق ئېنىق بولۇنۇپ كەتمىسىمۇ، ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىدىن بولغان «ئىككى تىكىن ھېكايىسى» دىن باشلاپ، ئابدۇرىھىم نىزارى، مۇللا بىلال نازىمى قاتارلىقلارنىڭ «رابىيە- سەئدىن»، «نۇزۇگۇم» داستانلىرىدا باش قەھرىمانلارنىڭ مۇھەببەت ۋە قەھرىمانلىق تراگېدىيسىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىگى بۇنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تراگىدىيە ئېڭىمىزدىكى بىر بۆسۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى تېراگىدىيە ئېڭى ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەر قايسى ئەدىبىي ژانىرلارنىڭ تۇلۇقلىنىش، بىيىشى نەتىجىسىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئېستىتىك گۈزەللىك كاتىگورىيسىنى شەكىللەندۇرۇپ يازغۈچى ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئەدىبىي ئەسەرلىرىدە ئورۈن تۇتۇپ كەلدى. مەسىلەن،«ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»،‹‹تۈندىكى چاقماق››،‹‹ئانا يۇرت››، «جاللات خېنىم»...  تارىخىي رومانلىرىمىزدا بۇخىل تراگېدىيە ئېڭىنىڭ مۇقەررەر ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ. رىئال تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ تارىخي چىنلىق بىلەن رىئال تۇرمۇشتىكى رىئال شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن  ئەركىنلىك، ۋەتەنپەرۋەر لىك غايىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، نەتىجىدە ھەرخىل ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەبلەر، تارىخىي چەكلىمىلەر،ئۆزلىرنىڭ خاراكتىرچەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى پۇشايمىنى ۋەچېكى يوق ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرى، ۋەياكى ئۇلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىدىن ھالقىپ كىتەلمەي ئاقىبەت مەغلۇپ بولۇشى...قاتارلىق بىر قاتار تراگېدىيىلەرنى يازغۇچىلار رېئالىزىملىق ئىجادىيەت  ئۇسۇلىغا، رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا  ئوتتۇرىغا چىقارغان. شۇنداقلا تراگېدىينىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىگىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.

    تېراگىدىيە –  تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر تەرەپ. تارىخي رومانلاردا رىئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى ئەكىس- ئەتتۇرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇد ئىجتىمائى رىئاللىقى ۋە ئۆز پىسخىك خاراكتىرى بىلەن ئارزو-ئىستەكلىرى ئارىسىدا كۆرۈلگەن زىدىيەتلىك توقۇنۇشلارمۇ مۇقەررەر گەۋىدىلنىدۇ. پىروفىسسور ئازاد سۇلتان ئېيتقاندەك:« ئاددىي كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تۇرمۇش تەلىپى، گۇزەل ۋە نۇرمال ئارزۇسى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۇلىنىشى بىلەن بىلەشسىلا، تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولالايدۇ. بۇنداق تراگېدىيىلەر  تارىخنىڭمۇ شۇنداق  مۇقەررەر تەلپى ھەر تۇرلۇك سوبىكتىپ شەرت- شارائىتلار چەكلىمىسى بىلەن ۋاقتىنچە ئىشقا ئاشمىغانلىقتىن پەيدا بولغان. بۇنداق تېراگىدىيە ئارزۇ- غايە بىلەن رىئاللىقنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن ئىبارەت مەڭگۇلۇك زىددىيەت كاتېگورىيسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، تېراگىدىيە ھەمىشە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ. تېراگىدىيىدىن ئىبارەت ئىستېتىك كاتېگورىيەمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىۋىرىدۇ».

    بۇ خىل باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان تراگېدىيە ئېڭى يۇقاردا كۆرۈپ ئۆتكىمىزدەك بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتى يېڭى دەۋىر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ھەم ئۆزىگە خاس بولغان تراگېدىيە گۈزەللىكىنىڭ يېڭى  پەللىسىگە قەدەم باستى . ئېنگېلىس ئېيتقاندەك: «تىندىنسىيە ئالاھىدە كۆرسىتىلمەسلىكى، ئۇ كۆرۈنۈش ۋە سيۇژىتلار ئارقىلىق تەبىئىي ھالدا ئۆزلىكىدىن ئىپادىلنىشى كېرەك. يازغۇچىلارنىڭ نوقتىئىنەزەرى قانچە يوشۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى». تارىخىي رومانلىرىمىزدىكى پىرسۇناژلانىڭ  زىددىيەت تۇقۇنۇشلارى ئىچدە ئۆز خائىشى بويىچە ھەركەت قىلىشى، لىكىن ھەرخىل چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى ئۆزىدىن ھالقىپ كىتىلمەسلىكلىرى، ئاقىبەت ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تىپىك شارائىت ئىچىدىكى تۇرمۇش مۇقەررەلىكى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىشى، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ روشەن ئىدىۋىي خائىشىنىڭ، تۇرمۇش چىنلىقىغا سادىق بولۇش تەك رېئاللىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ، شۇنىڭدەڭ خېلىلا مۇكەممەللەشكەن تراگېدىيە ئېڭىنىڭ نامايەندىسى. مېنىڭچە، بۇ يەردە ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تىگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا شۈكى تراگېدىيە دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا كىرىپ كىلىشى بىلەن تەڭ بىزدە تراگېدىيە پەيدا بولغان، ياكى شۇندىن باشلاپ شەكىللەنگەن ئەمەس. بەلكى مىللىتىمىزنىڭ، ئەدەبلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئېڭىدا، ئېستېتك قاراشلىرى ۋە زوقلىنىش پىسخىكىسىدا، شۇنداقلا ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە تراگېدىيە ئېڭىنىڭ ئىزناسى بار.

    阿卜力米提.阿卜杜热合曼:新疆乌鲁木齐新医路201号新疆师范大学文学院2007级现当代维吾尔文学专业硕士研究生。邮编:830054    联系方式13899963848

     


    收藏到:Del.icio.us