ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-24

    ماقالىلىرىم: «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 2 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 2

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     «80-يىللىقلار» ئۇقۇمىغا ئوخشاش جۇڭگو ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسىگە ئىگە. «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى كەڭ ۋە تار مەنىدىكى ئۇقۇم بولۇپ، كەڭ مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» 1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلۇپ، ئىنتىرنېت ياكى نەشىرىي ئەپكارلاردا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى نامايەن قىلىپ، قۇرداشلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن ئوقۇرمەنلەر توپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئالاھىدە قىزغىنلىق شەكىللەندۈرىۋاتقان ھەر ساھە (مەيلى تور، مەيلى نەشىرىي ئەپكارلاردىكى، ۋە مەيلى «يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى ياكى ئەمەسلەر، ۋە مەيلى «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»[1]گە قاتناشقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن) قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەدەبىيات ھادىسىسىدۇر. كەڭ مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئاپتۇرلىرىنىڭ ياش قۇرامى جەھەتتىن پەقەت 80-يىللىقلارنىلا كۆرسەتمەستىن بەلكى 90-يىللىقلارنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بەزى تەتقىقاتچىلار ئاز بىر قىسىم ئۆزى 70-يىللاردا تۇغۇلغان ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى، ئىجادىيەت يۈزلىنىشى يىقىدىن «80-يىللىقلار» بىلەن ئوخشاش خاراكتېرلىنىدىغان ياش قەلەمكەشلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىمۇ «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»غا تەۋە دەپ قارايدۇ.[2] تار مەنىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» بولسا، 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە تۇغۇلۇپ، «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن بۇيان ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»گە قاتناشقان ۋە شۇ پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئەدەبىيات ساھەسىگە تونۇلغان خەن خەن (韩寒)، گوجىڭمىڭ(郭敬明)، جاڭ يۆرەن(张悦然) قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيتىنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.[3]

       «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» گەرچە شەكىللەنگەن ۋاقتى كېيىنرەك بىر ئەدەبىيات ھادىسىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى. 1998-يىلى «بىخ» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»دىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بارغانسېرى يۈكسەلدى، ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇلار ئۈستىدىكى تالاش – تارتىشلار چوڭقۇرلىشىپ مەخسۇسلاشقان تەتقىقاتلارغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. ھەتتا، ئەدەبىياتتا شەكىللەنگەن «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەدەبىياتتىن ھالقىپ، ئىقتىسادشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەن ساھەلىرىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە قەدەر كىڭەيدى.

       ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە، 80-يىلىدىن كېيىن ناھايىتى تېز ۋە كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈردى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئالاھىدە بۇ دەۋىر بىزدىمۇ «80-يىللىقلار»دەل ئالاھىدە بىر توپ شەكىللەندۈرەلىدىمۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ «80-يىللىقلار»دەك ئالاھىدە ئىجادىيەت توپى مەۋجۇتمۇ؟ بۇ توپ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»غا ئوخشىشامدۇ؟ بۇنداق ئىجادىيەت توپى مەۋجۇت بولسا ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۇقارىقى توپ بىلەن دەۋىرداش ياشلارغا «80-يىللىقلار» دېگەن نامنى تەتبىقلاشقا بولامدۇ؟ ئۇنداقتا قانداق تەتبىقلاش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەر بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمىز ھەل قىلىدىغان مەسىلىدۇر.

    ئۇيغۇر جەمئىيىتىدا تاكى بۈگۈنگىچە «80-يىللىقلار» ئۈستىدە تېخى گەپ بولۇنغىنى يوق. «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۈستىدە تېخىمۇ شۇنداق. «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاشتا، بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مۇئەييەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، خەنزۇ ئەدەبىياتىدا جۈملىدىن جۇڭگو ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسىغا قاراپلا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئوخشاش دەۋىرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر دەۋىر ياشلىرى بار، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ «80-يىللىقلار» بولىشى كېرەك ياكى چوقۇم بار دېيشى تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيتىلا بىزگە بۇ نەزىرىيەۋىي ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاش ئاساسىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پارتىيەنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى نىسبىي ماس قەدەملىك ئۆزگۈرۈشلىرىگە كۆرە ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ يەنىمۇ قولايلىق ۋە قاراتمىلىق بولىشى ئۈچۈن «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاشمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»دىن كىلىپ چىقىشى، ئىجادىيەتتىكى نەتىجىسى، خاھىشى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى دېگەندەك تەرەپلەردىن ھەم زور دەرىجىدە پەرىقلىق، ھەم مۇئەييەن ئورتاقلىق ئاساسىغا ئىگە ئالاھىدە ياشلارنىڭ ئىجادىيەت توپىدۇر.

    بۇ يەردە بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتىبىقلاشتا، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ يېتىلىش جەھەتتىكى قىسمەن پەرىق ۋە ئورتاقلىقىنى چۈشىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. گەرچە 80-يىل ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش مەزگىلى بولغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئوخشاشلا «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە ماكرو ۋە مىكرو ئۆزگۈرۈشلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، رايۇن، ئىقتىساد، مىللىي ئەنئەنە، تىل يېزىق، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسى، بۇ ياشلارنى مەتبۇئات ۋە مىدىيە ۋاستىلىرىدە قوللاش تىپىدىكى ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ پەرىقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «ئىسلاھات دەۋرى» دە يېتىلگەن «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورنىمۇ پەرىقلىق بولۇپ كەلدى. شۇڭا «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئومۇمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى مەنىسى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەنىسى ھەم مەلۇم تەرەپلەردىن ئورتاقلىققا، ھەم پەرىققە ئىگە.

       بۇ خىل ئورتاقلىق ۋە پەرىقلەر تۆۋەندىكىچە :

       بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلا «ئىسلاھات، ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش»، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە خىلى زور ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىدا ئۈزلىكسىز زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەھىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. مەركەز «غەرىبى رايۇنلارنى ئېچىش» ئىستىراگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى. بىراق، رايۇن پەرقى جۈملىدىن، مۇئەييەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن، ئىچىكىرى رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا، رايۇنىمىزدا يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە ئىقتىسادىي  سەۋىيەسىدە پەرىقلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە بەكرەك گەۋدىلەنگەن «80-يىللىقلار» توپى بىلەن رايۇنىمىزدىكى «80-يىللىقلار» توپىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە ئورنىدا پەرىقلەر كۆرۈلدى. شەرقىي رايۇنلاردىكى بىر قەدەر يۇقىرى تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولغان بالىلارنىڭ مەلۇم تەرەپلەردىكى قىممەت قاراشلىرى، قىزىقىش، يۈزلىنىشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، رايۇنىمىزدىكى ياشلارنىڭ قىممەت قاراش، قىزىقىش، يۈزلىنىشلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە پەرىقلەر بولىشى مۇمكىن.

       ئىككىنچىدىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80يىللىقلار»غا ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 80يىللاردىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت، مائارىپتىكى گۈللىنىشتىن بەھرىمان بولغان بولسىمۇ، بىراق رايۇن پەرقى جۈملىدىن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن رايۇنىمىزدىكى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسىدىن ئېيىتقاندىمۇ ئىچكىرى رايۇنلاردىن پەرىقلىق بولۇپ كەلدى.



    [1]  «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى» - خەنزۇچە «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيۇشتۇرغان ‹يېڭى تەپەككۈر، يېڭىچە ئىپادىلەش، چىن بولۇش› دېگەن پىرىنسىپ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان يېزىقچىلىق مۇسابىقە پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە يازغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان. كېيىنچە «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى»، «چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى»، «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «فۇدەن ئۇنۋېرىسىتېتى»، «خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قاتارلىق يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالدىنقى بولغانلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يېزىقچىلىق پائالىيىتىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچەيگەن. خەن خەن (韩寒)، گوجىڭمىڭ(郭敬明)، جاڭ يۆرەن(张悦然) قاتارلىق «80-يىلىلىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى دەل مەزكۇر پائالىيەتتىن باشلاپ تونۇلغان.

    [2]  ۋېي شۈيخۇا :«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى، ياش ۋە كۈلكىلەر بىلەن باسقان ئون يىل»، «كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە» ژورنىلى، 2008-يىللىق 9-سان، 28-بەت.

    [3]  يۈەن پىڭ، چى لىنخۇا : «‹روھ سەيلىسى›دىكى مەنزىرە ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئانالىز - ‹80يىلىلىقلار ئەدەبىياتى›ئۈستىدە تىكستلوگىيەلىك تەھلىل مۇمكىنچىلىكى»، «جىياڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2009.6. 126-بەت

    分享到: