ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-24

    ماقالىلىرىم:«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا -4 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا -4

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    دېمەك، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، يۇقىرىدا ئېيىتىلغاندەك «بىخ» ژورنىلىنىڭ ۋاڭ مىڭ قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ باھالىغۇچىلىقىدا «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»نى ئۇيۇشتۇرىشى ۋە جۇڭگودىكى داڭلىق يەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ بۇلارنى قوللاپ، مەزكۇر پائالىيەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىشى، تور، ئاخبارات، مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۇلارغا دىققىتىنى بېرىپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىقى قىلىش، نەشىرىيات سودىگەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىدەك ئىجتىمائىي تۈرتكىلەرنىڭ رولىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

       ئەمدى بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»غا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئانا تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، خەنزۇ ئەدەبىياتىدا شەكىللىنىپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ زىلزىلىسىدىن ئومۇمەن خەۋەرسىز ياكى بىۋاستە خەنزۇچە يېزىقچىلىق قىلىشتا قىينىلىدۇ. بۇ خىل يەككە تىلدا ئىجادىيەت قىلىش ئۇلارنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ تەسىرى ۋە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلغان.

       يەنە بىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، مەخسۇس ياشلارغا ئاتالغان مەتبۇئات يوق. ھەتتا ئىسىمدا «شىنجاڭ ياشلىرى» بولغان ژورنالنىڭ ئۇنۋېرساللىقى، ياشلارغا، ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە قاراتىلغان سەھىپىلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما، كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغىنى، «تارىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ۋە ھەر قايسى يەرلىك گېزىت – ژورناللارنىڭ ياشلارغا مەلۇم سەھىپە ۋە نىسبەتنى ئاجراتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما باشقا ئاخبارات ۋاستىلرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتدىكى «80-يىللىقلار»غا دىققىتىنى قاراتقانلىقى، ئۇلارنى قوللىغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. نەشرىياتلارنىڭ بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە، بازارنى ئويلىشىپ، زىيان تارتىشتىن قورقۇپ، «نامى چىقمىغان، سويما»لارنىڭ كىتابىنى چىقىرىشىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80يىللىقلار» پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سېلىۋاتقان ياشلاردىن شارائىت جەھەتتىنمۇ پەرىق قىلىدۇ.

    گەرچە ئۇلار يۇقارقىدەك ئىجتىمائىي ئارقا كۆرىنىش سەۋەبىدىن، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»دىن پەرىق قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېتىلىۋاتقان، يېڭىدىن – يېڭى ئىجادىيەتلىرى بىلەن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولىۋاتقان، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياشلار بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقات دىققىتىمىزدە بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

    مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»دىن پەرىقلىنىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80يىللىقلار» - كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئومۇمەن 1978-يىلى پارتىيەنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن تاكى 90-يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تۇغۇلغان، يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە مەتبۇئاتلىرىمىز ۋە تور ئەدەبىياتى سەھنىسىدە ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىۋاتقان ياشلارنى كۆرسىتىدۇ. تارمەنىدىكى «80-يىللىقلار» ئۇقۇمى بولسا، گەرچە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»گە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە يېڭى قان بولۇپ كىرىپ كىلىۋاتقان 1980-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا تۇغۇلغان بىر تۈركۈم ئۈمىدلىك ياشلارنى كۆرسىتىدۇ. دەل بۇ ياشلارنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا مەيلى مەتبۇئات، مەيلى تور ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىۋاتقان ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نىڭ ئىچكى مەزمۇنىدۇر.

    بىزنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى  بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەبىقلىشىمىز بۇ ياشلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئالاھىدە ئېقىم «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»نى مەيدانغا كەلتۈرگەن ياشلار بىلەن قۇرداش بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى نەتىجىلىرىنى بىر قېتىم باھالاپ چىقىش ۋە ئۇلار ئۈستىدىكى تەھلىللىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئىلھام بېرىپ، كەم تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ تۈرىتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار :

    1. خې جوڭمىڭ :«جۇڭگو ئوبرازى - 20-ئەسىر ئاخىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىسىكىنى تەكشۈرۈش»، مەركىزى تەرجىمە - تەييارلاش نەشرىياتى، 2002-يىل 1-نەشىرى

    2. خۇ جىنتاۋ :«پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆز»، شىنخۇا تورى

    3. پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپى ماگىستىرانتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا سۆھبەت» ناملىق سۆھبەت خاتېرىسىدىن

    4. «ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

    5. «كۆزىتىش ۋە مۇلاھىزە» ژورنىلى، 2008-يىللىق 9-سان

    5. «جىياڭشى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2009.6

    7. «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان

    8. «بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇنبىرى» ژورنىلى، 2008-يىللىق 4-سان

    9. «شەندۇڭ ئەدەبىياتى»، 2009-يىللىق 7-سان

    10 «خۇبېي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى»ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 3-سان

    11. شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان

    12. «نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىتىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2008-يىللىق 3-سان

     

    «تارىم» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

    分享到: