ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-24

    -1ماقالىلىرىم:«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا -1

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستېرانتى)

     

       ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئەدەبىياتنى دەۋىرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىش كەڭ قوللىنىلىدىغان تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى شۇ دەۋىر بىلەن باغلاپ خاراكتېرلەش، ۋە شۇ يوسۇندا چۈشىنىش، تەھلىل قىلىشنىڭ مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسي بار. بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدئىي ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋىرنى چۈشىنىش ۋە بۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنى بىر – بىرىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش ئىلمىي بىر زۆرۈرىيەتتۇر.  يەنە بىرى، بىر پۈتۈن ئەدەبىياتنى مۇئەييەن جەمئىيەت ئىسلاھاتى بىلەن خاراكتېرلەپ دەۋىرگە بۆلۈش بولسۇن ۋە ياكى كالىندار بويىچە مۇئەييەن بىر مەزگىلنى بىرلىك قىلىپ دەۋىرگە بۆلۈش بولسۇن ھەر ئىككىسى تەتقىقاتچىغا ۋە شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ ئاتالغۇ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى «80后, 80后文学» ئاتالغۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى يەنە «80-يىلىدىن كېيىنكىلەر» دەپ ئاتاشمۇ مۇمكىن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى دەۋىرلەرگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

       جۇڭگو ئەدەبىياتى يېڭى ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىنتايىن جانلىنىپ، ئەنئەنىۋىي ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىدىن باشقا يەنە تورنى سەھنە قىلغان «تور ئەدەبىياتى»، ئىشلەمچىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان «ئىشلەمچىلەر ئەدەبىياتى»، شۇنداقلا قىزغىن ياشلىقنى ئاساسىي تېما قىلغان «80-يىلىلىقلار ئەدەبىياتى»غا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات توپلىرى ئۆزىنى نامايەن قىلىپ جۇڭگو يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى.

       «80يىللىقلار» دېگەن بۇ بىر دەۋىر ئۇقۇمىنى ئەدەبىياتقا تەتبىقلاش توغرىسىدا ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى ئانچە ئىتىراپ قىلمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.[1] ئەمما بىز «80-يىللىقلار»نىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئورنىنى قانچە تالاش –تارتىش قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە تەسىرى شۇنچە كۈچىيىپ باردى. ھەتتا «80-يىللىقلار»(80) دېگەن سۆز ئىلىمىز جەمئىيىتىدە مودا بولغان بولۇپ، 2008-يىلى 4-ئايدا «بەيدۇ»، «گۇگول» قاتارلىق ئىزدەش تورلىرى ئارقىلىق بۇ سۆزنى ئىزدىگەندە، نەتىجىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 39مىليون يۈز مىڭ، 2مىليون 130مىڭ پارچە ئۇچۇر بولغان.[2]  دېمەك، تېخى مەيدانغا كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بۇ ئۇچۇر سۇپىسىدا «80-يىللىقلار» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىش چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. يەنە بەزىلەر ئاددىيلار قىلىپ، ئىلىمىزدىكى ئاساسىي جەمئىيەتتە يۈزگۈزىلىۋاتقان ئون يىللاپ دەۋىرگە بۆلۈش ئۇسۇلى بولغان «50-يىللار»، «60-يىللار»، «70-يىللار» دېگەنگە ئوخشىغان دەۋىر بۆلۈشكە ئوخشاشلا، ئەدەبىياتنىمۇ تەبىئىيلا «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» دەپ بۆلسە بولىۋىرىدۇ دەپ قارايدۇ.[3] ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسىي بار بولۇپ جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئادەملەرنىمۇ، جەمئىيەت خاراكتېرىدىن چىقىپ تۇرۇپمۇ بىر قانچە ئەۋلاتقا بۆلۈشمۇ مۇمكىن.

       ئامېرىكىمۇ 1980-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە تۇغۇلغان بىر ئەۋلاتنى « Yئەۋلات»  دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن ئاۋالقىلارنى «ئالدىنقى ئەۋلات» دەپ ئاتاپ، ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنى « Xئەۋلات» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. «ئالدىنقى ئەۋلات» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «ھاياتى خىزمەت ئۈچۈن ئۆتكەنلەر» بولۇپ، ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە خىزمەت بىلەن ئائىلە ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ بىر ئەۋلات ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ياراتقان. « Xئەۋلات» بولسا «خىزمەت ھايات ئۈچۈن» دەپ قارىغانلار بولۇپ، بۇلار شەخىسنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، قىزىقىشىغا، غايىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆزى خالىغان خىزمەتنى قىلىش، خالىمىغان خىزمەتتىن ۋاز كېچىش، ھاياتتا ئەركىن ياشاشنى قوغلىشىش ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارالغان. « Yئەۋلات» بولسا، ئالدىنقىلاردىن تېخىمۇ شەخىسنى تەكىتلەيدىغان بولۇپ، ئۆزى ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان ئىشلارنى، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.[4] مانا بۇ ئوخشىمىغان دەۋىر ئادەملىرىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئايرىشنىڭ ئاددى بىر ئەندىزىسى.

       بېراق جۇڭگو جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، «80-يىل» بىر دەۋىر بۆلگۈچ مەزگىل ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 80-يىل جۇڭگۇ جەمئىيىتدىكى زور بىر قېتىملىق جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 1978-يىلى پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، «ئىسلاھات»، «ئىشىكنى ئېچىۋىتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، «10 يىللىق قالايمىقانچىلىق دەۋرى» كەلمەسكە كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا جۇڭگۇ جەمئىيىتى ساغلام ئىسلاھات دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىقتىساد جانلىنىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتقا توسقۇن بولىدىغان خاتا قاراشلار يېڭىلىنىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جانلاندى.

       تەتقىقاتچىلار جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن كېيىنكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ چۈشەندۈرىدۇ.[5]

    بۇ ئىككى قېتىملىق ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى، بىرى جەمئىيەتتە 78-يىلىدىن تاكى 80-يىللارنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغىچە بولغان «خاتانى تۈزەش»، «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش مەزگىلى بولۇپ، ئومۇمي جەمئىيەتتە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتالىقلار پاش قىلىنىپ، ناھەق ئەنزىلەر تۈزىتىلىپ، ئۇۋاللىققا ئۇچرىغانلارنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىلگىرىكى خاتا بولغان سىياسەتلەر، قاتمال قاراشلار چۆرۈپ تاشلىنىپ، دىققەتنى ساغلام بولغان «ئىسلاھات» يولىغا قارىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە مەنىۋىي مەدەنىيلىك تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى ئون يىللاپ ھۆكۈم سۈرگەن خانىۋەيرانچلىق تۈزۈلۈپ، ھەممە كەسىپ، ھەممە ساھەگە «باھار» كەلدى. ئىقتىساد جانلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تېز سۈرەتتە ئەسلىگە كەلدى. بۇ ئجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىرى بولسا، 85-يىللاردىن باشلاپ، «ئىسلاھات»نىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ ۋە ئەمەلىيلىشىپ، زامانىۋىيلاشتۇرۇش، سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ئۇدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش كۆرۈلۈپ، سانائەت بەلباغلىرىنىڭ شەكىللىنىپ، بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى «ھاللىق سەۋىيە»گە يېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە جانلىنىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن تۈرلۈك ساھەلەرگە كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىشى،  90-يىللاردىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن «بازار ئىگىلىكى» ئىسلاھاتىنىڭ دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى توغرا نىشانغا باشلاپ، بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان سودا مىخانىزىمىنىڭ تىكلىنىشى، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىن سانائەتكە ئۆتۈش، خەلقئارا سودىنى جانلاندۇرۇپ، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئوخشىغان يېڭىدىن – يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن روياپقا كەلگەن ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي بازىسنى مەركەز قىلىپ، كۈچلۈك، باي، قۇدرەتلىك، زامانىۋىيلىققا يۈزلەنگەن دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرلەشكە قاراپ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي بازىس بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان مەنىۋىي مەدەنىيەت ئىشلىرىمۇ، ماس قەدەمدە يۈكسىلىپ، مائارىپ «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»نىڭ ئالدىنقى پەن – تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش بازىسىغا ئايلاندى. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خاتا، قىلىپبازلىق چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئىلىمىزدە بۇ قىسقىغىنە ئوتتۇز يىلدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىشى مەيدانغا كەلدى.

       ئەدەبىيات ئىشلىرىدىمۇ 1976-يىلى باھاردا زىيالىيلارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى شېئىر ئوقۇش پائالىيىتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. 1978-يىلى 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن جۇڭگو ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتۈۋالدى. ئەدەبىياتتا قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكى تەكىتلىنىپ، ساغلام بولغان رېئالىزىملىق ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

       مانا مۇشۇنداق دۆلەت كۈچىيىپ، ئىقتىساد گۈللەنگەن، پاراۋانلىققا يۈز تۇتقان، مەدەنىيەت، مائارىپ سەۋىيەسى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەن، ئۇچۇرلاشقان، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدەك ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي شارائىتتا، زور كۆپچىلىكى ئىلىمىزنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئائىلىدىكى «يەككە پەرزەنىت» بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن «80-يىللىقلار» ئۆزگىچە ھايات كەچۈرمىشىگە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاتلاردىن زور دەرىجىدە پەرىقلىق بىر ئىجتىمائىي توپ بولۇپ قالدى. ئومۇمەن، «80يىللىقلار» ئۇقۇمى «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش»تىن كېيىن تۇغۇلۇپ، «ئىسلاھات» قەدىمى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، بازار ئىگىلىكى، ئىستىمال مەدەنىيىتى تەسىرىدىكى، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى تۇرمۇشتىن ۋە مائارىپتىن بەھرىمان بولغان، شەخىسنىڭ قىزىقىشىنى، غايىسىنى تەكىتلەۋاتقان، ئىنتىرنېت بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ئالاھىدە بىر ياشلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياشلار توپى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئۆزىنىڭ قىممەت قاراش جەھەتتىكى ئۆزگىچە يۈزلىنىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە كىرىپ كىلىپ، خىلى كۆرىنەرلىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپتىكى ئورنىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى ئىپادە قىلماقتا.



    [1]  جىياڭ بىڭ :«‹80يىللىقلار ئەدەبىياتى›نىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى»، «ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 40-بەت.

    [2]  بى مەن :«ئەدەبىياتنىڭ دەردى ۋە ئەدەبىيات «روھى»نىڭ قايتىشى»، «خۇبېي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى»ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 3-سان، 88-بەت.

    [3]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ مىدىيەدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.

    [4]   جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.

    [5]  خې جوڭمىڭ :«جۇڭگو ئوبرازى - 20-ئەسىر ئاخىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىسىكىنى تەكشۈرۈش»، مەركىزى تەرجىمە - تەييارلاش نەشرىياتى، 2002-يىل 1-نەشىرى، 20-بەت

    分享到: