ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-24

    ماقالىلىرىم:«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 3 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 3

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار» جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش، تورلىشىشدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىن بەھىرلەنگۈچىلىرى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتدە بولسا، بۇ ياشلارنىڭ تورلىشىش، ئۇچۇرلىشىش ئەھۋالىدا ۋاقىت ۋە ئومۇملىشىش جەھەتتىن خېلى زور پەرىق ساقلىنىپ كەلدى. ئىلمىزنىڭ 2008-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلغان «22-قېتىملىق جۇڭگو ئىنتىرنېت تورى تەرەققىياتىنى سىتاستىكا قىلىش دوكىلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى جۇڭگو تور ئابۇنتلىرى 253مىليونغا يېتىپ، تور ئابۇنتلىرى كۆلىمى جەھەتتە دۇنيادا 1-قاتارغا ئۆتكەن. شۇنداقلا بۇ تور ئابۇنتلىرى ئىچىدە 30 ياش ياكى 30 ياشتىن تۆۋەنلەر ئاساسىي نىسبەتنى ئىگەللىگەپ، 68.6 پىرسەنت بولغان.[1]  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ئەدەبىياتىدا مەيدانغا چىققان «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئىنتىرنېت تورىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئىجادىيەت سەھنىسى قىلغان. تور ئۆزىنىڭ ئۇنۋېرساللىقى، ئۇچۇرچانلىقى، ئېچىۋىتىلگەنلىكى بىلەن ياشلارنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلغان بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ياشلار بۇ زامانىۋىي جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى تور دۇنياسىدىن ئىزدىشىپ، تور دۇنياسىنىڭ بۇ ئېچىۋىتىلگەن سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتى. جۇڭگۇنىڭ «تور ئەدەبىياتى»مۇ ئالدى بىلەن مۇشۇ ياشلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى يېزىقچىلىق پائالىيىتىدىن تەرەققىي قىلىپ رەسمىي مەيدانغا كەلدى.

       جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ «تور دۇنياسىدىكى ئاكىتىپ ئىشتىراكچى، ئەڭ چوڭ يازغۇچى، ئەڭ چوڭ ئوقۇرمەن» ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. «‹80يىللىقلار ئەدەبىياتى›نىڭ ئالدىنقى ئەدەبىيات ئېقىمى، ئەدەبىيات توپلىرىدىن پەرىقلىنىدىغان بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ ‹تورلاشقان، تورغا يۈزلەنگەن›لىكىدە بولۇپ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تور بولمىغان بولمىسا ‹80-يىللىقلار› بولمىغان بولاتتى. تور ‹80-يىللىقلار›غا نىسبەتەن تەۋەللۇت بولغان تۆشەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر كۆتۈرۈلۈپ چىقىشنىڭ سەھنىسى، يېغىلىش سورۇنى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.»[2].

       ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن «80-يىللىقلار»نى خاراكتېرلەشكە توغرا كەلسە، «تورلىشىش، تورغا يۈزلىنىش» ئۇلارنىڭمۇ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولىشى مۇمكىن. بېراق، بۇ يەنىلا پەرىقلىق بولىشى ئېنىق. چۈنكى، رايۇنىمىزنىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمى ئىچكىرى رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا خىلى كېيىن بولۇپ، «96-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە ئۈرۈمچىگە تۇنجى ئىنتىرنېت يېتىپ كەلدى. 97-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو مائارىپ تورى شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ كەلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تورلار شىنجاڭدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىرنېت بىلەن ئۇچرىشىشى باشلاندى. 99-يىلىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ «ماكانىم» تور بېكىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تورلىشىشىنى باشلاپ بەردى.»[3]. دېمەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تورلىشىش قەدىمىمۇ ئىچكىرى رايۇنلاردىن سەل كېيىنرەك بولدى. تاكى 2000-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تور بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇقۇمغا ئايلاندى. بېراق، بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كومپىيۇتېر جۈملىدىن تور بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ئىچكىرى رايۇن ياشلىرىدىن ئازراق بولدى. سەۋەبى، ئىچكىرى رايۇنلاردا مەكتەپلەردە كومپىيۇتېر ئومۇملاشقاندىن سىرىت، ئائىلىلەرگە قەدەر كومپىيۇتېر، تورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى رايۇنىمىزغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ زور كۆپچىلىكى ئائىلىلەردە تورغا چىقىش شارائىتىگە ئىگە. لېكىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، رايۇنىمىزدىكى مەكتەپلەردىمۇ كومپىيۇتېر تېخى بۈگۈنگە قەدەر تولۇق ئومۇملاشقىنى يوق. زور كۆپچىلىك ئائىلىلەر ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپىيۇتېر ۋە تور سېتىۋالالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ياشلارنىڭ كومپىيۇتېرنى بىلىدىغانلار جۈملىدىن تورغا چىقىدىغانلار جىق بولسا تەخمىنەن يىرىم نىسبەتنى ئىگەللىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، تورغا چىقىدىغان بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك تورخانىلاردىن تورغا چىقىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ تورلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ۋە كېيىن بولغان.

       تۆتىنچىدىن، ئائىلە مۇھىتى ۋە ئەنئەنىۋىي قاراشلارنىڭ تەسىرى جەھەتتىن پەرىقلىق بولۇپ، ئىچكىرى رايۇنلاردىكى زور كۆپچىلىك ئائىلىلەردە ئىلىمىزنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە «يالغۇز پەرزەنت» بولۇپ، «80-يىللىقلار»نىڭ زور كۆپچىلىكى ئائىلىدە «كىچىك گۆھەر»، «كىچىك پادىشاھ» بولۇپ كەلگەن. ئائىلىدىكى بۇ ئەتىۋارلىقلار بىر قەدەر ئەركە، تۇرمۇشتا نازۇك، غايەپەرەس، شەخسىيەتچىرەك بولۇپ يېتىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇيغۇر ئائىلىرىدە بولسا ئادەتتە «كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش» ئومۇمىيلىق بولۇپ، بۇ ئائىلىلەردە بالىلار كىچىكىدىن بىر – بىرىگە يول قويۇشنى، مېھىر – مۇھەببەتنى ئۆگىنىدۇ. تۇرمۇشتا ئىچكىرىدىكى ياشلارغا قارىغاندا، رېئاللىققا يۈزلەنگەن بولۇپ، نازۇك تەبىئەتلىك، ئەركىلەردىن ئەمەس. يەنە بىرى، جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى»غا قارايدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئائىلىدىكى يالغۇزلۇقنى، غىرىپلىقنى ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ ياشلار ئائىلىدە «يالغۇز پەرزەنت» بولۇپ ئەتىۋارلانغان بىلەن لېكىن ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەلەملىرى بار. يەنى، ئاتا – ئانىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرگەنلەردە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان باشقا قېرىنداشلىرى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى يالغۇزلۇق، غىرىپلىق تۇيغۇسىغا مەنسۇپ بولغان. لېكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سەل پەرىقلىق بولۇپ، «كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلە»لەردىكى بۇ ياشلارنىڭ يېتىلىشىدە ئۇلارنىڭكىدەك يالغۇزسىراش، غىرىپلىق تۇيغۇلىرى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس.

       بەشىنچىدىن، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقشىغا ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللقلار»نىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن كۆپ پەرىقلىق.

       جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا يۇقارقىدەك سىياسى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرنۈشلەر سەۋەب بولغاندىن سىرت، يەنە ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى خەنزۇچە «بىخ» ژورنىلى 1999-يىلىدىن باشلاپ «يېڭى تەپەككۈر، يېڭىچە ئىپادىلەش، چىن بولۇش» دېگەن پىرىنسىپ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىق پائالىيىتى»نىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، بۇ پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا ۋامىڭ قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە يازغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنىشى، بۇ پائالىيەتنى يەنە «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى»، «چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى»، «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «فۇدەن ئۇنۋېرىسىتېتى»، «خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنكەي ئۇنۋېرسىتېتى»، «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى» قاتارلىق يەتتە داڭلىق ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ قوللاپ، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئالدىنقى بولغانلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىشى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەر ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي تۈرىتكىلەرنىڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو ئەدەبىياتى سەھنىسىدە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ھادىسىسى شەكىللەندى ۋە بارا - بارا ئىتىراپقا ئېرىشتى.

       جۇڭگودا «80-يىللىقلار» ۋە «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئۇقۇمى بۇ پائالىيەتتىن سىرىت يەنە 2000-يىللاردىن باشلاپ، «شېئىرىيەت» ژورنىلى، «يۇلتۇز»، «شېئىرىيەت دولقۇنى»، «دېڭىز بوغۇزى»، «بوشلۇق»، «كۆك يۇلتۇز» قاتارلىق ژورناللاردا ئىزچىل ئېلان قىلغان ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتتى. 2004-يىلى 2-ئايدا خەن خەن(韩寒)، چۈن شۇ(春树) لارنىڭ ئامېرىكا «دەۋىر» ھەپتىلىك ژورنىلىدا «جۇڭگونىڭ ‹80-يىللىقلار› ۋەكىلى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى. [4] بۇ خەۋەرنى جۇڭگونىڭ «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»، «جەنۇب شەخىس ھەپتلىك ژورنىلى»، «شاڭخەي ياشلار گېزىتى»، «جۇڭخۇا كىتاب ئوقۇش گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ زورايتتى.[5] ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «80-يىللىقلار» ئەسەرلىرىنى ئېچىۋىتىلگەن سەھنە بولغان تور دۇنياسىدا «ئالما دەرىخى»، «تىيەنيا» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تور بەتلىرىدە، بىلوگىلىرىدا تورداشلار بىلەن ئىزچىل ئورتاقلىشىپ تۇردى. بىر قىسىم نەشرىيات سودىگەرلىرى خىلى بالدۇرلا قول سېلىپ بۇ «سەھنە»دىن ئۈزۈپ چىقىۋاتقان، ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ نەشىر قىلدۇردى. خەن خەننىڭ 2000-يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ئۈچ قات ئىشىك»(三重门) ناملىق رومانىنىڭ سېتىلىشى مىلىيون پارچىدىن ئاشقان بولسا، گوجىڭمىڭنىڭ «خىيالى شەھەر»(幻城)، «چۈش ئىچىدە گۈل توزىسا كىم بىلۇر»(梦里花落知多少) ناملىق كىتابلىرى 2003-يىلى نەشىر قىلىنىپ، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىشى بىر مىلىيون 200 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كەتتى. «80-يىللىقلار»دىن چۈن شۇمۇ «بېيجىڭلىق بالا»(北京娃娃) ناملىق كىتابىنى ئىنگىلىزچە نەشىر قىلدۇردى.[6] ئەسەرلىرىنىڭ بۇنداق بازارلىق بولىشىمۇ ئۇلارنى نۇرغۇن «كىرىم»گە ئىگە قىلدى. ھەتتا دۇنيا ئىقتىساد ئىستاستىكا ژورنىلى بولغان «فۇبۇس»تا گو جىڭمىڭ «جۇڭگودىكى داڭلىق شەخىسلەر قاتارى»دا 94-ئورۇنغا تېزىلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمى بىر مىليون 600 مىڭ يۈەن دەپ كۆرسىتىلدى.[7] 2004-يىلىغا كەلگەندە، كىتابخانىلاردىكى 10پىرسەنىت كىتاب «80-يىللىقلار»غا تەۋە بولسا، ۋامىڭ، شۈخۇا، سۇدوڭ قاتارلىق بۈگۈنكى دەۋىر داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى جەملەنگەندە 10 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.[8]



    [1]  چىن شياۋبو :«تور مۇھىتىدىكى 80يىللىقلار»، «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 52-بەت.

    [2]  چىن شياۋبو :«تور مۇھىتىدىكى 80يىللىقلار»، «ئەدەبىيات پاراڭلىرى» ژورنىلى، 2009-يىللىق 2-سان، 52-بەت.

    [3] پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپى ماگىستىرانتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى توغرىسىدا سۆھبەت» ناملىق سۆھبەت خاتېرىسىدىن.

    [4]  شى زىبىڭ، شاۋنىڭنىڭ :«‹80-يىللىقلار›دىن كېيىن ‹90يىللىقلار›پەيدا بولمايدۇ»، «بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇنبىرى» ژورنىلى، 2008-يىللىق 4-سان

    [5]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 27-بەت.

    [6]  جاڭ يوۋپىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ : «‹80-يىللىقلار›نىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، شەندۇڭ ئۆلكىلىك «ياشلار باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى» ئىلمىي ژورنىلى، 2008-يىللىق 6-سان. 28-بەت.

    [7]  ۋاڭ مەن :«‹80يىللىقلار›نىڭ شەكىللىنىشىدىكى مەدەنىيەت كونتېكىستى ئۈستىدە تەھلىل»، «شەندۇڭ ئەدەبىياتى»، 2009-يىللىق 7-سان

    [8]  شۇچىڭ :«يېزا تېمىسىنىڭ ‹80-يىللىقلار ئەدەبىياتى›دىن چەتتە قىلىشى ئەھۋالى ئۈستىدە تەھلىل»، «نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىتىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2008-يىللىق 3-سان، 110-،111-بەتلەر.

    分享到: