ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-15

    ئەسەرلىرىم: ئىچىمدىكى قار (2) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئىچىمدىكى قار  (2)

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ھاياتنىڭ كۆزىدە پەقەتلا بىر سۆز،

    تاماكا چوغىدەك تۇرار يىلىنجاپ.

    قۇرىغان چۈشلەرنىڭ يېلتىزى چوڭقۇر،

    كۆتۈرۈپ يۈرگەنچە باردى ئېغىرلاپ.

     

    قۇمۇشتەك تىترەشلەر ئورناشتى دىلغا،

    كۈنلەرنىڭ لېۋىدە سوۋىغان بىر خەت.

    يامغۇرغا چىلاشقان نىگاھلىرىمدا،

    ئەسلىمەم ھەمىشە قىلىدۇ ئىشرەت.

     

    شۇ قەدەر بى مېھىر يوللارنىڭ باغرى،

    نېمىگىدۇر؟!، كېچىلمەي كىلىمەن تەكرار.

    كېچىلەر شەلۋەرەپ تۇرغان بىر يارا،

    توختىماي ياغماقتا ئىچىمدىكى قار.

     

    2011.11.15

    分享到: