ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-05

    ئې.ئې. بېرتېلس : ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    كېيىنچە پارسچە شېئىرلارنىڭ شەكلىنى تۈركچىدە تەدبىقلاشقا باشلىدى. نەۋائىينىڭ تۇنجى دىۋانى 24 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1465-1466- يىللاردا ئاخىرىقى شەكلىنى ئالدى. لېكىن، ئۇ لېرىك شېئىرلارنى يېزىشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۆت لېرىك دىۋانى ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

    ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ‹‹مەجالىسۇن- نەفائىس››تە ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ ئەسەردە تۈرلۈك شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. بۇ ئەسەرگە جامى ۋە باشقا ئىككى شائىرنىڭ ھاياتىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ئۈچ پارچە كىچىك ئەدەبىي مونوگرافىيەمۇ قوشۇلغان.

    تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر نەزەرىيەلىرى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ‹‹مۇھاكىمەتۇل - لۇغاتەيىن››دىكى ۋەزىن، شېئىر ۋە تېپىشماق تۈزۈش ھەققىدىكى كىچىك تەتقىقاتلىرىدا ئۇچرايدۇ. بىر مۇنچە ئەسەرلىرى تارىخىي تەتقىقاتلارغا، ئىراننىڭ قەدىمكى ھۆكۈمدارلىرى، پەيغەمبەرلىرى ۋە مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شەيخلىرىگە بېغىشلاندى.

    1483-1485- يىللاردا يازغان ئالتە چوڭ شېئىرىي ئەسىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلار پەلسەپىۋىي بىر تېمىدىكى ‹‹ھەيراتۇل - ئەبرار››، مەجنۇننىڭ تىراگىدىيەلىك مۇھاببىتىنى ھېكايە قىلىدىغان ‹‹لەيلى ۋە مەجنۇن››، ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن››، ساسانى ھۆكۈمدارى بەھرام گۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان ‹‹ھەفت پەيكەر››، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› ياكى ماكېدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ۋەقەلىكى ۋە ‹‹لىسانۇت- تەير›› ناملىق ئاللىگورىك نەزمە قاتارلىقلاردۇر.

    بۇ قىسقا ماقالىدا نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالمايمىز. ئەسەرلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ تېمىلار ئۈستىدە توختالغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ھەقىقەتەن، دەۋرىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى مەۋجۇت تۈرلەرنىڭ بۇ تىزىملىكتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. بۇ ھال بىر تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بۇ نەۋائىينىڭ تامامەن ئاڭلىق ھالدا رەقىپلىرى بىلەن ھەر سەپتىن كۆرەش قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نەۋائىي نۆۋەت بىلەن بارلىق ئەدەبىي تۈرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈركچىنىڭ مەجازىي ئىپادىلەرنىڭ ئەڭ نازۇك بەلگىلىرىنىمۇ ئىلمىي بىر تىل سۈپىتىدە قوللىنىشقا ماس كىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.  نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئالتە پارچە ئەسەرنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ پارسچە يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرىگە نەزىرە تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى بەش پارچە شېئىرىي ئەسەر بۈيۈك ئەزەرى شائىرى نىزامىنىڭ مەشھۇر ‹‹خەمسە››سىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ قايتا قولغا ئېلىنىشىدۇر. كېيىنكى بىر پارچە شېئىرىي ئەسىرىمۇ تەسەۋۋۇپچى شائىر فەرىدەددىن ئەتتار( 1119 – 1230)نىڭ ‹‹مەنتىقۇت –تەير›› دېگەن ئەسەرىگە يازغان بىر نەزىرەدۇر.

    بۇ خىل نەزىرەلەرنى يېزىش غەربىي ئاسىيادا كەڭ تارقالغان بىر ئادەت ئىدى. بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇنداق : شائىر ئالدىنقىلارنىڭ تېمىسىنى قولغا ئېلىپ، ئەسلى قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىنى ۋە تېمىنىڭ تەرەققىيات جەرىيانىدىكى بەزى مۇقىم نوقتىلارنى ئەينەن ساقلاپ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى، قەھرىمانلارنىڭ ھەر قانداق بىر پائالىيىتىنىڭ بايانى ۋە ۋەقەلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۆز قارىشى بويىچە يازىدۇ. بۇ ئالدىنقىلار بىلەن بولغان بىر خىل بەسلىشىشتۇر. ئوقۇرمەن(نەزىرە يېزىلغان ئەسەرنى بىلگەن تەقدىردە)  ئەسەرنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئوقۇغاندا تېمىنىڭ قانداق ئاخىرىلىشىدىغانلىقىغا  ھەۋەس قىلماي، بەلكى مۇئەللىپنىڭ ئۇنى قانداق شەكىلدە يېشىدىغانلىقىغا، قەھرىمانىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ. شېئىرىي ئەسەرنىڭ نامى ئەسلىدىكىسىنىڭ نامىدىن باشقىچىراق بىر شەكىلدە قويۇلىدۇ، ۋەزنىنى تەكرارلايدۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر خىل قاپىيەدە بولىدۇ.

    نەزىرەنىڭ ياۋروپانىڭ قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتىدىمۇ، 19-20- ئەسىرلەردىمۇ ئېنىق كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا ئەدەبىياتىدا نەزىرە تۈرى بار ئىدى. مۇئەللىپ ئورىگىنال بولۇشقا - خاسلىق يارىتىشقا تىرىشىپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن، ھەر قەدەمدە ئەسەر قەھرىمانلىرىنى ھەر خىل قىياپەت بىلەن ئوخشىمىغان بىر دەۋرگە قويۇپ جانلاندۇرۇش ئارقىلىق نەقىللەرنى يوشۇرۇپ، ئالدىنقىلاردىن ھەر قانداق بىرىنىڭ تېمىسىنى تەكرارلايتتى. ئوتتۇرا ئەسىر شەرق شائىرى ياۋروپالىق شائىرغا نىسبەتەن  تېخىمۇ كەمتەر ئىدى. چۈنكى، ئەسىرىدە ھەر ۋاقىت ئوقۇرمەننى خەۋەردار قىلىدىغان خۇسۇسىيەت بار ئىدى. شۇنى بىلدۈرىشىمىز كېرەككى، بۇ نەزىرەنىڭ ئەسلىگە يېقىنلىقى كۆپ خىل ئىدى. يىتىلمىگەن شائىرلارنىڭ قوپال ۋە شەكىلسىز نەزىرەلىرى كۆپۈنچە ئەسلىنىڭ ناچار بىر كوپىيەسى بولسىمۇ، نوقسانسىز شائىرلارنىڭ نەزىرەلىرى ئومۇمەن مۇستەقىل بىر مەنىگە ئىگە، تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر. بەزىدە ئوخشاش تەرەپلەر شۇ قەدەر ئاز ئىدىكى، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى تەكرارلانغان بولسا، شېئىرنىڭ بۇرۇنقىلاردىن ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ شېئىرىگە يېزىلغان نەزىرە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

    نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. غەرپ شەرقشۇناسلىرى نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ نىزامىنىڭ ‹‹خەمسە››سى بىلەن تېما جەھەتتىن ئوخشاشلىقىغا ئاساسلىنىپلا نەۋائىينىڭ ئورىگىنال تەرىپىنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە پارسچىدىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەسىلە بۇ شەكىلدە قولغا ئېلىنسا، نەۋائىينىڭ دوستى جامىنىڭ ئەسەرلىرىگە نىمە دېيىش كېرەك؟ چۈنكى، ئۇمۇ نىزامىنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزىرە يازغان ھەمدە بۇنى پارسچە يازغان. يەنى بۇ بىر ئەسەرنى پارسچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغاندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ...

    ئىككى ئەسەرنىڭ بىر بىرىگە يېقىنلىقىنى بىكىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ناھايىتى تەپسىلى سېلىشتۇرۇش كېرەك. ھالبۇكى، غەربىي ياۋروپا ئىلىم ساھەسى بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشنى خالىمايدۇ. شەرق ئەدەبىياتى ئومۇمەن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، كۆپ توختىلىشقا تىگىشلىك بولغان نەۋائىيمۇ ئىلىم ساھەسىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالدى. نەۋائىينىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىدىن ھېچ قايسىسىنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر ئىلمىي – تەنقىدىي شەكىلدە نەشىر قىلىنماسلىقى بۇنى تەستىقلايدۇ. ھېلىمۇ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ تاش باسمىسىدىن پايدىلانماقتا. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ توغرىلىقى گۇمانلىقتۇر. لېكىن، ھازىر نەۋائىينىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ئالاھىدە مىنياتۇرلار بىلەن بىزەلگەن مۇكەممەل قول يازمىلىرىنىڭ بىر مۇنچىسىغا ئىگە كۇتۇپخانىلارنىڭ ماتىرىياللىرىغا تايىنىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشىرگە تەييارلانماقتا.

    كېيىنكى  يىللاردىكى تەتقىقاتلار نەۋائىي ئەسەرلىرىگە تەرجىمە سۈپىتىدە قاراشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى. شېئىرلىرىنىڭ نىزامى ۋە قىسمەن ھالدا نىزامىنىڭ دەستلەپكى تەقلىدچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە پارسچە يازغان مەشھۇر ھىندى شائىرلىرىدىن ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋى(1253-1325)نىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان نەزىرە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. لېكىن، بۇ ئەھۋالمۇ بىر تاسادىپىيلىق ھېساپلانمايدۇ. نەۋائىي ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىغاندا، ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى شۆبھىسىزكى شەرقنىڭ ئەڭ بۈيۈك شائىرىنى ئۆزىگە رەقىپ قىلىپ تاللىدى. نىزامىنىڭ ئىزىدىن ماڭغاندا، ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىشتىن قورقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پارسچە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىرىگە ئۆزىنىڭ تۈركچە ئارقىلىق ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە غەيرەت قىلدى.

    نەۋائىي بىلەن نىزامىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار نىزامى ئەسەرلىرىنىڭ نەۋائىي ئۈچۈن ئىلھامدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. تېمىلىرىدىكى دوقۇرۇشلار ھەممىلا يەردە كۆرۈلمەيدۇ. نەۋائىي دائىم نىزامىنىڭ موتىفلىرىنى بىر ئەسەردىن يەنە بىرىگە پۈتۈن كومپوزىسيوننى ۋە قەھرىمانلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتكەن ھالەتتە ئۆتكۈزگەن. ئېھتىمال بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مىسال بولىدىغىنى  بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن››دۇر. بۇ ئەسەرنىڭ نىزامىنىڭ ‹‹خۇسرەۋ ۋە شىرىن›› ناملىق ئەسىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق. نەۋائىي ئۆزىمۇ ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇشۇ ھەقتە سۆز ئېچىش ئارقىلىق بۇنى تەستىقلىغان. لېكىن، تۈزۈلۈش يۈزىسىدىن ئەسەر شۇ قەدەر پەرقلىقكى، باش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغان بولسا ئىككى ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ پەرق ئىتىشىگە ئىمكانىيەت يوق.

     

    ‹‹4››

    نىزامىنىڭ ‹‹خۇسرەۋ ۋە شىرىن›› دېگەن ئەسىرى 1181- يىلى يېزىلغان بولۇپ، 1191-يىلى قايتا تۈزۈتىلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. ئاساسىي ۋەقەلىكى ئىران ھۆكۈمدارى پەرۋىز خۇسرەۋ (590-628) بىلەن گۈزەل مەلىكە شىرىننىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدۇر. بۇ ئىراندا ئەرەبلەرنىڭ ئىستىلاسىدىن بۇرۇنمۇ يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، 15- ئەسىردە ئىران ساراي يىلنامىلىرى(ساسانىيلارغا ئائىت) ئارىسىدا بۇ ھەقتىكى شەكلى نامەلۇم خاتىرە بار ئىدى. مانا شۇنداق قانۇنلاشقان ھېكايىلاردىن باشقا خەلق ئارىسىدا ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر مۇنچە ھېكايىلارمۇ بار ئىدى. بۇ ھېكايىلار شىرىننىڭ مەملىكىتى بولغان ئەرراندا ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى، نىزامى ‹‹بەردەئە›› ھېكايىسىنىڭ ساسانىي يىلنامىلىرىغا تايانغان فىردەۋسىنىڭ ‹‹شاھنامە››سىدىكى شەكلىدىن پەرقلىق بولغان بىر ۋارىئانتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نىزامى ئەسىرىگە تۇتۇش قىلىشتىن سەل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن تۇنجى ئايالى ئافاق ئىسىملىك گۈزەل قىپچاق دىدىكىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە تىرىشتى.

    شائىرنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شىرىن ئافاققا ئوخشىتىلىپ، ئەسەرنىڭ مەركىزىي نوقتىسى قىلىندى. نىزامى ئىككى چوڭ پىسىخىلوگىيەلىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنى ئىككى قەھرىمان شىرىننى سۆيىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى خۇسرەۋدۇر. ئۇ ناھايىتى كىلىشكەن، جەسۇر، ساراينىڭ پۈتۈن ئويۇنلىرىغا ماھىر، لېكىن يەڭگىلتەك، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، قارارسىز، كەسكىن بىر ئىش كۆرۈشتىن ھاياتنى ئۆز مەيلىچە ئۆتكۈزۈشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بىرىدۇر. خۇسرەۋ بەكمۇ شەخسىيەتچى، ئويۇنخۇمار بولۇپ، مەقسىتىگە يىتەر-يىتمەيلا بارلىق ئوتلۇق قەسەملىرىنى ئۇنتۇپ، يېڭى بىر مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.

    يەنە بىر ئاشىق قەھرىمان فەرھادتۇر. ئۇ پەقەت بىر ھۈنەرۋەن، لېكىن ئۆز ھۈنىرىنىڭ ئۇستىسى بولۇپ، بۇ ساھەدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر توسالغۇ يوق. قولىدىكى كۇچ-قۇۋۋەت ۋە تەڭداشسىز ھۈنىرى  ئۇنى قاتتىق گرانىت تاشنى پارچىلاپ، تەبىئىي قىيادىن مۇكەممەل بىر مىمارلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق تەسىراتلىرىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. فەرھاد شىرىننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. شىرىن ئۇنى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سارايغا چاقىرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقماي، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ كۆرىشىدۇ. فەرھادنىڭ مۇھەببىتى خۇسرەۋنىڭكىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. بىرىسىگە ئاشىق بولسا پۈتكۈل ئىرادىسى ۋە ئۆزىنى سۆيگۈنىگە تاپشۇرىدۇ. ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئىرىشمىسىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ كۆيدۈرۈشى ۋە ئازابى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل مۇكاپاتتۇر. فەرھاد ئىش– ئەمگەكنىڭ شەخسلەندۈرۈلۈشى بولۇپ، مىللەتنىڭ يېڭىلمەس كۈچىنى تەسۋىرلەيدىغان ھەيۋەتلىك بىر ھەيكەلگە ئوخشايدۇ.

    شىرىن فەرھادنىڭ سۆيگۈسىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ قەلبىنى پەقەت خۇسرەۋگىلا تاپشۇرغاچقا، فەرھادنى سۆيۈشكە ئامالسىز ئىدى. شىرىن خۇسرەۋنىڭ بۇنىڭغا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. خۇسرەۋ ئىنسانىيلىق جەھەتتە فەرھاد بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان، ھەتتا نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر كىشىدۇر. شىرىن بەزىدە بۇ ھەرىكىتىدىن نۇمۇس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئۆزىنى يىڭەلمەيدۇ. مۇھەببەت ئەقىل ۋە مەنتىقىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل ئايالمۇ ئۆزىگە لايىق كەلمەيدىغان بىر ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويىدۇ. شىرىن مۇمكىن بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن قانائەتلىنىدۇ ۋە قولغا كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ خۇسرەۋنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن، بۇ تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. خۇسرەۋ يەنىلا ئويلانماي ئىش قىلىۋىرىدۇ. ئەمما، شىرىننىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى ھەممىدىن غالىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا خۇسرەۋ ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان بىر قەھرىمان سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.

    مۇھەببەت فەرھادقا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلدۇرىدۇ. ئۇ بىستون تېغىدىن يول ئاچىدۇ. تەبىئىيكى، ئۇنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى يەنىلا شىرىننى خۇسرەۋدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ. ئەمگەكلىرىنىڭ پايدىسىز بولۇشىمۇ ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدى. لېكىن، خۇسرەۋ بۇنى بىلمەي، ئۇنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن سۇيىقەست بىلەن كۆزدىن يوقىتىدۇ.

    داۋامى بار

    分享到: