ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-17

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ9 (ئىنتاق) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ9 (ئىنتاق)

     

    7.ئىنتاق

    «سۆزلىتىش»، «گەپ قىلىش» مەئناسىدىكى ئىنتاب سەنئىتى بەدىئىي ئەسەردە ھايۋانلار ياكى جانسىز نەرسىلەرنى ئادەملەرگە ئوخشىتىپ سۆزلىتىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. جۈملىدىن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «لىسانۇتتەيىر» داستانىدا قۇشلار ئادەملەر كەبى سۆزلىتىلگەن. مەسىلەن:

    تاۋۇس:

    مەن قۇشىمەن قەسرۇ گۇلشەن زىننەتى،

    نەقشۇ رەڭگىم ئەھلى ئالەم ھەيرەتى.

    سۈرەتىم گۇلشەنگە ئارايىش دۇرۇر،

    ھەيبەتىم كۆرگەنگە ئاسايىش دۇرۇر…

    دېسە، بۈركۈت:

    ماڭا ھالەت ئۆزگە قۇشلاردەك ئەمەس،

    قۇمرىيۇ بۇلبۇلدەك ئەل ۋەسفىم دېمەس.

    سۆلەتىم مۇفرىتدۇرۇر قەھرىم يامان،

    تاغ مۇلكى ئىچرە مېھمان قەھرىمان.

    دەپ پەخىرلىنىدۇ. گۇلخەنىنىڭ «تىۋە بىلەن بوتلاق»،«مايمۇن بىلەن نەججار» مەسەللىرىدىمۇ ھايۋانلار ئادەمدەك گەپ قىلىدۇ.

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

    分享到: