ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-13

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر _ 4 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

     ئىككىنچى، ئوبرازلىق تەپەككۇر.

    ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنىڭ قانىتىغا سىمۋول قىلىش مۇمكىن. شېئىر ئىجادىيىتىدە كۈچلۈك ھېسسىيات، مول رەڭدارلىققا ئىگە شېئىرىي مۇھىت ۋە ئاكتىۋال شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلەش ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كىشىلىك ھايات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق خام ماتېرىياللارغا قارىتا تاللاش، ئۆزگەرتىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇرسىز ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھېسسىياتقا تولغان ھەقىقىي شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، نۇرغۇن ياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە دەل مۇشۇ ئوبرازلىق تەپەككۇر كەمچىل. ئوبرازلىق تەپەككۇرسىز يېزىلغان شېئىرلارنى ئادەتتىكى جۈملە شەكلىگە كەلتۈرسىلا ئۇلارنىڭ شېئىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ، چاسا شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن مۇنداق قاپىيەلىك سۆزلەر تۈركۈمىنى تەھرىرلەپ، ئىش قوشۇپ ھەقىقىي شېئىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ھەقىقەتەن باش قاتۇرىدىغان ئىش. بىز ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋاسىتىسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:

    ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
    ئەرسىز ئاژۇن قالدىمۇ،
    ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ،
    ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

    خاقان ئەفراسىياپ ئۆلدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە – پارە بولماقتا.
    ( « تۈركىي تىللار دىۋانى » 1-توم، 59-بەت )

    ھاۋانى تۇمان باستى،
    ئاينى كۆرگەلى بولماس.
    كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى،
    يارنى سۆيگەلى بولماس.

    ھاۋادىكى لاچىننى،
    تور بىلەن تۇتاي دەيمەن.
    كۆڭلۈمدىكى يار بولسا،
    سۇ بىلەن يۇتاي دەيمەن.

    گۈننار ياررىڭ ( شىۋېتسىيە ) : « ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى »، 115-بەت.

    يۇقىرىقى كىلاسسىك خەلق قوشاقلىرىدا ئوبرازلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت بەدىئىي ۋاسىتىنىڭ ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نەزەر سالساقمۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋاسىتىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغانلىقى ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز:
    … …

    ۋەلېكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
    مېھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ.
    مەن سېنىڭ پەرۋانەڭ، ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
    ئالمىدەك يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈ.

    ( ئوسمانجان ساۋۇت: « ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ »، 9-بەت).

    بۇ شېئىردىكى « ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ » ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئوقۇرمەنگە جۇشقۇن، يېقىملىق ۋە چىن ھېسسىيات ئاتا قىلىدۇ. ئەمدى يېتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئارۇز ۋەزىنىنىڭ بەھرى رەمەل شەكلىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى بىر كۇبلېت رۇبائىسى بىلەن سۆزىمىزنى تۈگەللەيمىز:

    تۇرىدۇ قورقۇنچ سېلىپ، تەنھا ھەشەمەتلىك تېرەك،
    شاخلىرى گويا دىۋە ئەلپازىدىن بېرىپ دېرەك
    يۈزلىگەن شاپتۇل، ئاناردىن، ئاشسىمۇ گەر ھەيۋىتى،
    ئىچى پور بولغاچ ئوتۇندىن ئۆزگىگە بولماس كېرەك.

    ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:« رۇبائىيات » 08-بەت )

    بۇ رۇبائىيدىكى شاپتۇل، ئانارلار ئارقىلىق مەرىپەتلىك، ئىلىم سۆيەر ئادەملەر ئوبرازى، ھەشەمەتلىك پور تېرەك ئارقىلىق مەرىپەتسىز، نادان ئادەملەر ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ رۇبائىي ئوقۇغان ئادەمگە بىر خىل ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ھېكمەت سوۋغىسى ئاتا قىلىدۇ.

    شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنى ئۆگىنىش ۋە ئىگەللەشتە ئۇنى شېئىر ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاش تېخىمۇ مۇھىم. مەن بەزى ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئانچە ئىتبار بەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇلارغا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان شېئىرلار فۇرقەتنىڭ « سەيدىڭ قۇيابىر سەيياد »، ئەھمەت شا قارىقاشنىڭ « نەزەر مۇپتىغا خەت»، نىم شىھېتنىڭ « بىلىم ئىشقىدا »، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز »، تىيىپچان ئىليىۋنىڭ « ۋالاقتەككۇرنىڭ ئۆلۈمى »،« ۋەتەن ھەققىدە غەزەل » ، « يۇخۇاتەيگە زىيارەت»، ئەلقەم ئەختەمنىڭ « تاڭ ئاتقاندا »، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ« ئېيتقىنا قەشقەر » قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ شېئىرلار ياش ۋاقىتىمدا سۆيۈپ ئوقۇغان ۋە پىششىق يادقا ئالغانلىقىمنى بۇ شېئىرلارنىڭ تەسىرىدە، شېئىرىيەت قاينىمىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇلار شېئىر يادقا ئېلىش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ھەققىقەتەن مۇھىم ئىكەن، دېيىشتى.

    دېمەك شېئىرىي ئىجادىيەت مېتودىنى ئىگەلەش ۋە ئۆستۈرۈشتە، شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنى پىششىق ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلاسسىك شېئىرلار، خەلق قوشاقلىرى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى شېئىرلار ئىچىدىكى نادىر ئۆرنەك شېئىرلارنى تاللاپ، ئۆگىنىش ۋە يادقا ئېلىش كېرەك. قانچىلىك كۆپ يادقا بىلسە شۇنچە ياخشى. مۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىپادىلەش مېتودىنى تېز ئۆستۈرگىلى، ئىككىنچىدىن، ئۆزى يېزىۋاتقان شېئىرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ھەم شۇ ئەسەرنىڭ بالاغىتىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.

    دېمەك، شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۆز – ئارا ئورگانىك ھالدا زىچ بىرىكىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۆلچەملىك شېئىرنى شەكىللەندۇرىدۇ.ھەقىقى بالاغەتكە يەتكەن شېئىرنى مەنىۋىيەت ئاسمانىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان گۇل تاجلىق،تالماس قاناتلىق ،رەڭدار لىباسلىق، مەڭگۇ قېرىمايدىغان قېقىنۇس قۇشىغا سىمىۋول قىلىش مۇۋاپىقتۇر.

    يۇقىرىقىلار مېنىڭ 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان توپ – توغرا 10 يىل جەرياندا، « قەشقەر »(قەشقەر ئەدەبىياتى) ژۇرنىلىنىڭ 60 سان ئاخىرقى ئارگىنالىنى بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئىشلەش جەريانىدا، دۇچ كەلگەن، ھېس قىلغان مەسىلە ۋە تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ( بەزى ئاچچىق ساۋاقلارمۇ بار، ئەلۋەتتە ) پەقەت شېئىرىي ئىجادىيەتتىكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان تەسىراتلىرىمدىن ئىبارەت. 分享到:


ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى