ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-13

    شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر _2 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

     

    2. شەكىل

    شەكىلنى شېئىرنىڭ تون – لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك بولسۇن ياكى چاچما شېئىر بولسۇن ناھايىتى كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن، قوللىنىۋاتقان شېئىر شەكىللىرى يەنىلا ناھايىتى ئاز. مەسىلەن: مۇسەللەس (ئۈچ مىسرالىق شېئىرىي شەكىل) ،مۇرەببە(تۆت مىسرالىق شېئىرىي شەكىل)، مۇسەببە (يەتتە مىسرالىق ئۇدا قاپىيەلىك شېئىرىي شەكىل)، مۇسەددەس ( ئالتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەببە ( يەتتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەممەن ( سەككىز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇتەسسە ( توققۇز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل تەرجىبەنت ( قايتۇرما مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇستەھزات ( بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇۋەششەھ، مۇختەمىلات، تەجنىس، مۇئەمما ( شېئىرىي تېپىشماق )، ئىقتىباس… دېگەندەك شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلار يوق دېيەرلىك. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياش ھەۋەسكارلار شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، شەكىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى زۆرۈر. ئاپتورلار بىرەر يېڭى ئويپىكىرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن شۇ مەزمۇنغا لايىق، ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللىشى شەرت. شېئىردىكى شەكىل مۇۋاپىق تاللانمىسا، خۇددى كىچىك بالىغا چوڭ چاپان، چوڭ ئادەمگە كىچىك چاپان كىيدۈرۈپ قويغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ – دە، ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىر ھەرقانچە يېڭى بولسىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي پىكىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللاشمۇ بىر خىل بەدىئىي دىت ۋە ئىجادىيەت ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇلبۇل ئېيتۇر گۈلزارىمدىن ئايرىما،
    لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
    مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
    مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.

    (ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر)

    شېئىرىيەت ئۇستازى، داڭلىق ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇقىرىقى بىر كۇبلېت رۇبائىي شەكىللىك شېئىرى، قەدىمكى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، شېئىرىي پىكىر ئىخچام، جانلىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، شەكىل بىلەن مەزمۇن ئۆزئارا ماسلىشىپ، جەلپكارلىققا ئىگە قىلىنغان.

    شېئىرىيەتتىكى شەكىل مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا، بەزى يولداشلار: << ئوخشىغان مەززىلىك تائامنى ئالتۇن تاۋاقتا بەرسىمۇ، ھىجىر-ئاياقتا بەرسىمۇ ئوخشاش >> دېيىشى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايمەن. كونىلاردا: << ئادەم سەتى سەت ئەمەس، كىيىم سەتى سەت >> دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار. شۇنىڭغا ئوخشاش شېئىرىيەتتىكى شەكىل مەسىلىسى، مەزمۇن مەسىلىسىگە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

    3. قاپىيە

    قاپىيەنى شېئىرنىڭ جەزبىدار زىننىتى دېيىشكە بولىدۇ. شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى قاپىيە دېيىلىدۇ. قاپىيە شېئىر مىسرالىرىدا مەزمۇت ئېتىبارى بىلەن بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن تەڭداش ئاھاڭلىق سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ تۈگەللىمىسى بولۇپ، كۆپىنچە شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ. قاپىيەنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: توق قاپىيە، ئاچ قاپىيە، يانداش قاپىيە ( رادىف )، ئىچ قاپىيە، ئالماش قاپىيە، باش قاپىيە،ئۇدا قاپىيە، ئەركىن قاپىيە، جورا قاپىيە، شەكىلداش قاپىيە دېگەندەك. شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بىرى نوقۇل قاپىيە قوغلىشىپ، شېئىرىي مۇددىئاغا، ئاساسىي مەزمۇنغا سەل قاراش، مەزمۇننى قاپىيەگە ئەگەشتۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇش. يەنە بىرى، شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى ئاساس قىلىش، لېكىن قاپىيەگە سەل قاراش. شېئىر − نەزمە بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئۆزىگە خاس ئىندىۋىداللىققا ئىگە سۆز دۇردانىلىرىدىن رەتلىك تىزىلغان« ئۈنچەمەرۋايىت ».  قاپىيە شېئىر – نەزمىنى نەپىسلىككە، جەلپكارلىققا ئىگە قىلغۇچى جۇلالىق « كۆز مۇنچاق ».  شېئىر ئاشۇ « كۆز مۇنچاق »لار ئارقىلىقلا تۈرلىنىدۇ، رەتلىنىدۇ ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. قاپىيەسىز شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قاپىيە شېئىردىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا، ھەتتا نەسر شەكىللىك شېئىرلاردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.

    بۇ يەردە پېشقەدەم بىر شائىرنىڭ يېقىندا ژۇرنالغا ئەۋەتكەن ئىككى پارچە شېئىرىنىڭ قاپىيەسىگە نەزەر سېلىپ باقايلى: بىر پارچە شېئىرنىڭ قاپىيەسى مۇنداق تۈزۈلگەن: كىيگەن، سۆيگەن، كۆرگەن، ئىچكەن، يۈرگەن، قىلغان، تۇرغان، قورغان، تۈرگەن، ئۇرغان. ئىككىنچى پارچىسىنىڭ قاپىيەسى مۇنداق تۈزۈلگەن: دىنارغا، دىيارغا، باھارغا، بىمارغا، چىنارغا، نىگارغا. ھەر ئىككى پارچە شېئىر ئارۇز ۋەزىنلىك غەزەل شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، شېئىرىي مۇددىئا ۋە مەزمۇنى يېڭى، ئاكتىۋاللىققا ئىگە. لېكىن، بۇ شېئىرلارنى كۆرسىڭىز بىر ئاپتورنىڭ شېئىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالىسىز. چۈنكى، ئالدىنقى شېئىردا ئىشلىتىلگىنى ئاچ قاپىيە بولسىمۇ، بەكرەك ئاچ – سۇس بولۇپ قالغان. قىسقىسى، قاپىيە بۇزۇلغان، چۈشمىگەن. كېيىنكى شېئىردا توق قاپىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شېئىرنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىچ بىرىكىپ، شېئىرنىڭ جەلپ قىلارلىقى ۋە نەپىسلىكىنى ئاشۇرغان. مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

    قاپىيە ئىشلىتىش، قاپىيە بىلەن شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرش جەھەتتە، ئابدۇرىھىيىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئىلىيىۋ، مۇھەممەت رېھىم، نۇرمۇھەممەت ئېركى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن ،تۇرسۇن نىياز قاتارلىق شېئىرىيەت ئۇستازلىرى بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. مۇھەممەتجان راشىدىن، ئوسمانجان ساۋۇت، ۋاھىتجان غۇپۇر، ئابدۇللا سۇلايمان،ياسىن زىلال، ئابلەت ئىسمائىل ئوغلان،تاھىرتالىپ، تۇرغۇن يىلتىز قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۆلچەملىك،جەلىپ قىلارلىق ۋە پاساھەتلىك بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا بىر خىل زوقلىنىش ھېسسىياتىغا كېلىمەن. مىسال ئۈچۈن مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ ئارۇز ۋەزىنىنىڭ بەھرى ھىزەج شەكلىدە يېزىلغان «مەشرەپ» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

    ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە، مىراسى بىباھا مەشرەپ،
    بوغۇلغان دەم – نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.
    كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام – ئەلنەغمە، جانبازلىق،
    ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.
    بېغى سەن قان – قېرىنداشلىق، ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ،
    ھوسۇل-بەھرىڭ ئاداۋەتلىك جاراھەتكە داۋا، مەشرەپ.
    يەنە سەن كاتتا سەيناسى ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ،
    سېنىڭدە ئەنئەنە، رەسمى – يوسۇن شەرمى – ھايا، مەشرەپ،
    يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،
    باخاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى ئېسىل نەغمە – ناۋا، مەشرەپ.

    بۇ شېئىردىكى قاپىيە-مەشرەپتىن ئىبارەت مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت بېغىدىكى تارىخى، بىباھا گۈلتاجىنى چوڭقۇر، تەسىرلىنەرلىك ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەش -سۈرەتلەشتە تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش، جۇلالاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان. شېئىردا ئىشلىتىلگەن بىباھا، ھاۋا، راۋا، داۋا، ھايا، ناۋادىن ئىبارەت قاپىيەلەر پۈتۈنلەي توق قاپىيەلەر بولۇپ، شېئىردىكى مەزمۇن بىلەن زىچ ماسلىشىپ، شېئىرنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن.

    分享到: