ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-07

    ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    ئۇيغۇر تىلى - ئۇرال- ئالتاي تىللىرىى سېستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ بەزى ئالىملار تەرىپىدىن ئەينەن بىر تىل دەپ قارىلىدۇ.

    ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى «كۆك تۈرك خانلىقى» دەۋرى بىلەن تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. يەنى 6-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە شەكىللەنگەن.

    ئۇيغۇر تىلىدىكى دېئالىكىت ۋە شىۋىلەر

    ئۇيغۇر تىلى چوڭ جەھەتتىن مەركىزىي دېئالىكىت، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتى قاتارلىق ئۈچ ۋارىيانتى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئاساسلىق مەركىزىي دىئالىكىتتىن مەنبە ئالىدۇ. كىتابىي تىل ياكى يېزىق تىلى ئاغزاكىي تىل ياكى خەلق تىلى بىلەن ئاساسەن يېقىن ياكى بىر ئاز پەرىقلىق، خالاس. مەتبۇئات، خەت -چەك ئالاقە، كىنو - فىلىم، سەھنە ياكى ئۇچۇر-ئاخباراتلاردا ئەدەبىي تىل قوللىنىلىدۇ ۋە قوللىنىلىشى شەرت. ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قانۇنىي يېزىق بولۇپ،ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي دېئالىكىت: ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل، غۇلجا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، گۇما، كورلا شىۋىلىرى

    خوتەن دېئالىكتى : خوتەن شىۋىسى

    لوپنۇر دېئالىكتى: لوپنۇر شىۋىسى

     

    ئۇيغۇر يېزىقى

    قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يېزىقلار:

    ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتىن بۇيان يېزىق قوللىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي خەلقلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 13 خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇلاردىن ۋەكىللىكلىرى :

    تۈرك - رونىك يېزىقى (ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى) (5-ئەسىرىدىن 8-ئەسىرلەرگىچە) «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى» مۇشۇ يېزىقتا پۈتۈلگەندۇر.

    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى (8-ئەسىرىدىن 13-، 14-ئەسىرلەرگىچە گاھى ئومۇمەن ھالدا، گاھى قىسمەن ھالدا ئىشلىتىلگەن. ھازىرقى موڭغۇل يېزىقى مۇشۇ خىل يېزىق ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان.)

    بۇ يېزىقتا بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلەردىن ئۇلۇغ شائىر، مۇتەپپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن بۇددا دىنى ماتېرىياللىرى بار.

    سوغدى يېزىقى (8-، 13-ئەسىرلەردە قىسمەن رايۇنلاردا مەسىلەن خوتەن قاتارلىق جايلاردا قوللىنىلغان). بۇ يېزىقتا خاتېرىلەنگەن خىلى كۆپ ھۆججەتلەر ھەر قايسى مۇزىيلاردا ساقلانماقتا.

    ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى – ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى  (11-ئەسىرلەردىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىغىچە چاغاتاي ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلاردا جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان يېزىق)

    بۇ يېزىق بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەسەرلەر كۆپ بولۇپ، ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:

    «تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق كاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىجاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1980-يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇملاشتۇرىشى بىلەن شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار قوللانغان.)

    ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى – بۇ يېزىق ئەرەپ ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، قىلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ھازىر شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار كەڭ قوللىنىۋاتقان يېزىق.

    سىلاۋيان يېزىقى – شىرىل يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يېزىقنى شىنجاڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

     

     

    分享到: