ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-07

    لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىئالېكىتدىكى بىر قىسىم شېۋە سۆزلىرى توغرىسىدا - [تىل - يېزىق تەتقىقاتى]

    论:罗布人与罗布方言中的一些方言词汇

    ئىسم-فامىلىسى   :ئەلى ئەمەت

    ئادىرىسى       : شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسېتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستۇتى ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپى 2008-يىللىق ماگستىر ئاسپىرانتى

    تېلېفۇن نومۇرى   :13639911452  ئېلخەت ئادىرىسى : aili0996@126.com

     

    قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ. ئككىنچى قىسمى بولسا لوپنۇر دىئالېكتىغا تەۋە بولۇپ ، بۇنىڭدا دىئالېكت تەتقىقات كىتابلىرىدىكى ئىزاھاتى كەم بولۇپ قالغان بىر قىسىم سۆزلەرگە تولۇقلىما ئىزاھات بېرىش بىلەن بىرگە، لوپنۇر دىئالېكىتىدىكى  ھازىرغا قەدەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بەزى سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلۈپ ئۆتۈلىدۇ.  

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :  لوپنۇر  لوپنۇرلۇقلار  لوپنۇر دىئالېكتى

     

    بىرىنچى. لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا

    « لوپنۇرلۇقلار» ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئادەتتە لوپنۇرلۇقلار دېگەندىن كۆرە«لوپتۇق» ياكى «لوپلۇق» ئاتالغۇسى بىر قەدەر كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلار قانداقتۇر بىر مىللەت ياكى قەبىلە بولماستىن بەلكى   لوپنۇر رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ رايون جەھەتتىن ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان. ھەممىمىزگە مەلۇم، تاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ لوپنۇر رايۇنى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈشى، دەريالارنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى ۋە قەدىمكى يوللارنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەبلىك يىپەك يولىدىكى ھالقىلىق ئورنىنى يوقىتىپ  ئون ئەسىرگە يېقىن قاراڭغۇلۇق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئاندىن تارىخ بەتلىرىدە قايتا كۆرۈلۈپ كىشىلەرنىڭ دېقىتىنى تارتىشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق دۇنيادىن ئايرىلغان ھالدا ئون ئەسىرگە يېقىن سىرت بىلەن ئالاقە قىلماي بېكىنمە ھالەتتە ياشاش جەريانىدا لوپنۇرلۇقلار تىل، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە قەدىمىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قىلىپ، ئالاھىدە بولغان ئۇيغۇرلار توپىنى شەكىللەندۇردى. لوپنۇرلۇقلار بۇگۈنكى كۈندە ئاساسلىق لوپنۇر ناھيىسى، چارقىلىق ناھيىسى ۋە بۈگۈر ناھيىسىنىڭ سوخۇ يېزىسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، لوپنۇر ناھيىسىدە تارقىلىشى بىر قەدەر كەڭرەك.

      دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى كۆنچى دەرياسى بويىدىكى كىروران ۋە بۈگۈنكى لوپنۇر رايونى ئالدىنقى ئەسىردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ تارىخشۇناسلىق، ئارخىلوگىيە، جۇغراپىيە جەھەتتىكى مۇھىم تەتقىقات ئوبىيكتى بولۇپ قالدى. 19-ئەسىردە ئامېرىكىلىق داڭلىق ئىنسانشۇناس مورگان «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئاستىدا»دېگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە لوپنۇر رايونىدىن بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇنقى ئىككى جەسەت ۋە ھەمدەپىنە بۇيۇملارنىڭ چىقىشى مورگاننىڭ قارىشىنىڭ مەلۇم دەرىجدە توغرىلقىنى ئىسپاتلىدى.

    لوپنۇر تارىخشۇناسلىق، ئارخىلوگىيە، جۇغراپىيە جەھەتتىكى مۇھىم تەتقىقات ئوبىيكتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتمۇ مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئېگە. لوپنۇر دىئالېكتى تەتقىقاتى شۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ھالقىدۇر.

    ئككىنچى . لوپنۇر دىئالېكتى ۋە لوپنۇر دىئالېكتىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر

      لوپنۇر دىئالېكتى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنىڭ بىرىدۇر، گەرچە لوپنۇر دىئالېكتىنى ئىشلىتىدىغانلار قالغان ئىككى دىئالېكت بىلەن سېلېشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئاز (يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ %0.4نى تەشكىل قىلىدۇ) بولسىمۇ،  لېكىن بۇ تىل  لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئوڭ ئاھاڭداشلىقىدىكى قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۈزۇك تاۋۇشلارنىڭ ئوڭ ئاسسىلماتسىيسىنڭ كۈچلۈكلىكى جەھەتتىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ، شۇنىڭدەك سېرىق ئۇيغۇر تىلى ۋە قىرغىز تىلىدىنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مانا موشۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتا لوپنۇر تىلىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبىيكتىلىق ئورنىنى بەلگىلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «لوپنۇر قېزغىنلىقى» كۆتۈرۈلۈپ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، تىلى، مەدەنىيىتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن تەكشۈرۈش، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۈلدى. بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق جەھەتتە لوپنۇر دىئالېكتى توغرۇلۇق بەزى كىتابلار، يەنى مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى »، غۇلام غوپۇر تۈزگەن « ئۇيغۇر تىلى شېۋىلىرى سۆزلۈكى »، مىرسۇلتان ئوسمانوف تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى »، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»... قاتارلىقلار. بۇ نەتىجىلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خوشاللاندۇرىدۇ. لېكىن يەنە ئاز بىر قىسىم كەمچىللىكلەردىنمۇ خالى ئەمەس . مەسىلەن: بۇ ئەسەرلەردە لوپنۇرلۇقلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان مۇھىم بىر قىسىم سۆزلەر تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ياكى ئازساندىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى كەم بولۇپ قالغان. مەن  تۆۋەندە بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى كىتابلاردىكى ئۆزۈم بايقىغان بىر قىسىم كەم ئىزاھلانغان سۆزلەرگە تولۇقلىما ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ، تىلغا ئېلىنمىغان بىر قىسىم يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ سۆزلەردە ئاساسلىقى لوپنۇر ناھيىسىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان دۆڭقوتان يېزىسى ۋە  قارچۇغا يېزىسى مەنبە قىلىنىدى. ئالدىنقى كىتابلاردىكى كەم ئىزاھلانغان سۆزلەر ئاۋال كۆرسىتىلىپ، تولۇقلىما بېرىلگەندىن كېيىن ئايرىم ھالدا يېڭى  سۆزلەر چۈشەندۈرۈلدى. سۆزلەرنى تىزىشتا  ئېلىپبە تەرتىۋى قوللىنىلدى.

    بەزى بىر قىسىم تەتقىقات كىتابلىرىدىكى ئىزاھاتى كەم بولۇپ قالغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە :

    1.     مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى دىئالېكت سۆزلىرى    تەتقىقاتى» ناملىق كىتابتىن :

    تۆشلەڭ : بۇ سۆز « تۆش» دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ، ئەسلى مەنىسى كالا، ئېشەكلەرنى ھارۋىغا قاتقاندا چىڭىتىش رولىنى ئوينايدىغان تاسما ؛

    چۆكۈچەك : ئىزاھاتتا«جوزا، شىرە؛ ياغاچ پۇتلۇق قومۇچتىن ياسالغان تۆشۈك سايمانلىرى » دەپ ئېلىنغان بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئىزاھلىساق، ئىككى ئۇچىدىن باغلاپ قول يەتكۈدەك قىلىپ تورۇسقا ئېسىپ قويۇلغان ئۇزۇنچاق شال. يەنى چىنە ـ قاچىلارنى قويۇش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ؛

    ساقاق : « بېلىقنىڭ نەپەس ئېلىش ئەزاسى»، ئىككىنچى مەنىسى  ئۆچكىنىڭ ئېڭىكىدىكى بىر تۇتام تۈك؛

    قازانوچوق: «ئاشخانا»، ئېنىقىراق ئالساق تاماق ئېتىدىغان ئوچاقنى كۆرسىتىدۇ؛

    قالجاق: «جەرەن ۋە ئارقارنىڭ ئورتاق ئىسمى»،بۇ سۆزنىڭ ئىزاھاتى خاتا بولۇپ قالغان، ئەسلى مەنىسى چىشى جەرەننىڭ ئاتىلىشى، ئەركىكى تېكە، بالىسى ئوغلاق دەپ ئاتىلىدۇ ؛

    قولۇشتۇق: «مۇھاببەت، سۆيگۈ»، ئېنىقىراق ئالساق توي قىلماقچى بولۇپ كۆڭلىگە پۈككەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ؛ مەسىلەن: قولۇشتۇقۇڭ بارمۇ؟؛

    قىرچىن: ئىزاھاتتا « توغراق بىخچىسى» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق كۆرسىتىدىغىنى يېڭىدىن ئۈنۈپ چىققان توغراق كۆچىتى؛

    كۆبدۈن: ئىزاھاتى «ئاۋاق،ئورۇق». مىنىڭچە بۇ سۆز خاتا ئىزاھلانغان، ئەسلى مەنىسى«قارنى يوغان،تويماس»؛ مەسىلەن : ئۇ تازىمۇ كۆبدۈن نىمە ئىكەن.

    كۆڭتەي: «پور»، ئەسلى مەنىسى سۇ ئۆتكۈزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نو شەكىللىك ياغاچ

    كۆدەي: بۇ سۆز«قومۇش كۆتىكى»دەپ ئىزاھلانغان، لىكىن ئۇ قومۇش كۆتىكى بولماستىن بەلكى قومۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان زەي سۇدا ئۈنىدىغان ئايرىم بىر خىل ئۆسۈملۈك؛

    نىياۋە: ئىزاھاتتا«ئۆچىرەت» دېيىلگەن، لىكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى « نېسىۋە» دەپ ئالساق ئەڭ توغرا بولىدۇ. يەنى مەلۇم نەرسىنى بۆلگەندە ھەربىر ئادەمگە كىلىشكە تېگىشلىك نېسىۋە. مەسىلەن: ئۇنىڭ نىياۋىسىنى ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟؛

    سۇلاق: « مال – ۋارانلار سۇ ئىچىدىغان جاي»، تېخىمۇ ئېنىق ئالساق قىش پەسلى قوي- كالىلارنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۇن مۇزنى چېپىپ ئاچقان يەر؛

    2. مىرسۇلتان ئوسمانوف تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»ناملىق كىتابتىن :

    ilik  : ئىزاھاتى«يىلىك،قول» بولۇپ، بەكىرەك كۆرسىتىدىغىنى قول ۋە پۇت سۆڭەكلىرى

    alqu: ئىزاھاتتا« ئالقىماق،ھالقىماق،ئالقىش» دېيىلگەن. بۇنىڭ يەنە داڭلاش دېگەن مەنىسىمۇ بار؛

    barqu: «ئانىسىدىن ئايرىلغان قوزا»، ئېنىقراق قىلىپ ئالساق ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان ، لېكىن تولۇق يېتىلىپ بولمىغان قوي بالىسى؛

    tƒam  : «قەدەم»، يەنە بىر مەنىسى ھاشاردا ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەر

    xuwa  : ئىزاھاتتا«دەريا قىرغىقى» دېيىلگەن، لىكىن ئەڭ توغرىسى سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭلەرنىڭ قىرى

    daƒi : « سۈيى قۇرۇپ شورلىشىپ قالغان كۆل ئورنى»، يەنە چوڭ دائىرىدىكى دائىم زەي سۇ يىغىلىپ تۇرىدىغان جاي دېگەن مەنىمۇ چىقىدۇ.

    sØrØ  : ئىزاھاتتا«دۆۋە» دەپ ئېلىنغان، ئادەتتە كۆرسىتىدىغىنى ئوت،پىچان دۆۋىلەش ئۈچۈن يەردىن ئېگىز قىلىپ سېلىنغان قوتان

    qisim : ئىزاھاتتا«قاسماق» دەپ ئېلىنغان. ئىككىنچى مەنىسى پولۇ ئەتكەندە قازاننىڭ ئاستىدىكى كۆيۈپ كەتكەن قىسمى

    otunluq : ئىزاھاتتا «ئوتۇن،قالايدىغان ئوتۇن» دېيىلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى ①ئوتۇن دۆۋىلەيدىغان جاي ②جاڭگالدىكى ئوتۇن كۆپ جاينى كۆرسىتىدۇ؛

    يېڭى سۆزلەر تۆۋەندىكىچە :

    ئاجگىرىم : ئېنىق، ئوچۇق، چۈشىنىشلىك؛ مەسىلەن: ئاجگىرىم گەپ قىلساڭچۇ!

    ئاراچول :  ئىشتىن سىرتقى بىكار ۋاقىت ؛ مەسىلەن: ئاراچول بولغاندا ئۆيگە كېلىپ تۇرغىن؛

    ئەندەش :  قوي كالىلارنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇلىقىغا بەلگە سېلىش

    ئەرىپ قېلىش  : كىچىك بالىلارنىڭ يىغلاپ قېتىپ قېلىشى ؛

    بۇيلا :  ئارغامچىنىڭ ئۈزۈندىسى ؛

    باقا : ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان قوي بالىسى ؛

    باگان :  چوت، كەكە ؛

    بوختاق : ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تىزىدىن يوتىسىغىچە بولغان سۆڭىكى؛

    باغىر : جىگەر؛

    پەتەڭگۈچ : رەگەتكە، سوزماق، ئاتقۇچ ؛

    تەرانە بولۇش :  تە بولۇش، جىلە بولۇش؛ مەسىلەن: بۇ گەپنى ساڭا قارىتىپ قىلمىسام نىمە تەرانە بولىسەن؟؛

    تۇشاش : ئات، ئېشەكلەنى يىراققا كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئىككى پۇتىنى

     يېقىن قىلىپ چېتىپ قويۇش .مەسىلەن : ئشەكنى تۇشاپ قويدۇڭمۇ؟؛

    تىرگەن : ئېتىزلارنىڭ-ئېرىقلارنىڭ قىرى ؛

    تۇغ : ① ئېشەك كالىلارنى باغلايدىغان ياغاچ ② توسما ؛

    تېۋىنە : بېگىز چوڭلۇقىدىكى يىڭنە ؛

    تەرمەچ: ئۇششاق ئوتۇن پارچىسى. مەسىلەن: ئوت تۇتاشتۇرغىدەك تەرمەچ تېرىپ كەلسەڭچۇ!؛

    جۇل : ئېشەكنىڭ توقۇمى ؛

    جىۋىشزىۋىش : جىگەرنى ھايۋانات يېغى، پىياز، زېرە قاتارلىقلار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، چاۋا

     ياغ بىلەن ئوراپ، سىرتىدىن ئۈچەي بىلەن يۆگەپ گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىك (شەكلى ھېسىپقا ئۇخشاش ئۇزۇنچاق)؛

    چولچولماق : دەريا – كۆللەرنىڭ سۈيى چوڭقۇر جايى ؛

    چارا : شەكلى تەڭنىگە ئوخشايدىغان، ياغاچتىن ياسالغان، چارۋىلارغا يەم بېرىدىغان قاچا ؛

    چاپىنداق:  ياغاچلارنى چاپقاندا چىققان ياغاچ پارچىسى ؛

    چېكە : دەريالارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن جاي؛

    چەتمەك : توشقان تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قاپقان ؛

    چىۋىش : ئالدىنقى يىلى تۇغۇلغان چىشى ئۆچكە ؛

    چۇناق : تۇغۇلغاندىلا قۇلىقى يوق ياكى ئىنتايىن كىچىك (ھايۋانلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ) .مەسىلەن : چۇناق ئۆچكە ؛

    چاچىراتقۇ : ئەمدىلا چۈشكەن مۇشتۇمدەك قوغۇن – تاۋۇز ؛

    خىدەر قىلىش :  ئۆزى شۇنداق ئېھتىياجلىق نەرسە بولسىمۇ، لېكىن باشقىلار بەرسە خۇددى لازىم

    ئەمەستەك ساختا ھالەتكە كىرىۋىلىش ؛

    خەۋەلىك بولۇش : دېققەت قىلىش، ئېھتىيات قىلىش، ئاۋايلاش ؛

    دەمەسقەدەم : نەگە ماڭسا شۇيەرگە مېڭىش، ئارقىسىدىن قالماسلىق ؛

    دەندەرەكشىتىۋېتىش : ئالدىرىتىپ جېنىنى قويماسلىق، ئالدىراش ؛

    دۇڭسۇڭ : يولدىن چىققان، تاپتىن چىققان، يامان(ئاياللارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ ). مەسلەن :

    تازىمۇ بىر دۇڭسۇڭ ئايالكەن .

    داڭداڭ : قوۋۇرغا سۆڭەك

    زاققال : كۆزىنى ئۈزمەي قاراش، دېققەت بىلەن كۆزىتىش. مەسىلەن :  سەن ئۇنىڭغا زاققال

    قاراپ تۇر جۇمۇ !

    سۇكېچە : چارۋىلارنىڭ ئوشۇقىدىن تىزىغىچە بولغان سۆڭىكىنىڭ ئاتىلىشى ؛

    سەيپى قىلىش : ھەزەر ئەيلەش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ؛

    شاپىراق : دەل- دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى ؛

    شۈدە : كىر. مەسىلەن : قولۇڭ بەك شۈدە بولۇپ كېتىپتۇ يۇيۇۋەتكىن.؛

    شىمالىپ قېلىش : ① پىشىپ ئۆتۈپ كېتىش ② قول قاتارلىق ئەزالارنىڭ قايناقسۇدا كۆيۈپ

     پىشپ قېلىشى؛

    غوقا : ياغاچتىن ياسالغان گۆش ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىلىپ قويۇش ئۈچۇن ئىشلىتىدىغان

     ياغاچ ئىلغۇچ ؛

    غىيىلىش : ئالىيىش ؛

    غايلاپ كېتىش :  تىك ھاڭ ياكى تار يەردىن ماڭغاندا بېشى قېيىپ يىقىلىپ كېتىش ؛

    قاغدۇ :  قىش پەسلى چارۋىلارغا بېرىش ئۈچۈن كۈزدە كېسىپ قۇرۇتىۋىلىنغان توغراق نوتىلىرى؛

    قورۇنجۇ قىلىش : قوغداش، دالدا قىلىش ؛

    قېيىن ئاغا : ئايالىنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسىنى ئاتاش ئۇسۇلى؛

    قېينىگەچ : ئايالىنىڭ ئاچىسى ياكى سىڭلىسىنى ئاتاش ئۇسۇلى ؛

    قاتىلماق : ياردەملەشمەك. مەسىلەن : ماڭا بىردەم قاتىلىشىپ بەرسەڭچۇ؛

    كېرەل : كېلە(قۇملۇقلاردىكى ئۆمۆلۈگۈچى جانلىق) ؛

    كۆك بۆرەك : ئۇششۇق، مۇتتەھەم ؛

    كۆكۈجۈن : كۆكەرمە، ئۇششۇق؛ مەسىلەن: ئۇ تازىمۇ بىر كۆكۈجۈن ئادەمكەن؛

    كۆۋىلەش : ئېغىناش (ھايۋانلارغا ) ئىشلىتىلىدۇ.

    كېشىك : چوڭلارنىڭ ئۆزى ئازراق يەپ بولۇپ كىچىك بالىلارغا ئاشۇرۇپ بەرگەن تامىقى . مەسىلەن : بالام سەن مىنىڭ كېشىگىمنى يېگىن ھە !

    گىدىك : كۈچۈك ، ئىتنىڭ كۈچىكى؛

    گارايى : دۆت، لەقۋا، ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغان؛

    لىڭشىمال : دەريا- ئۆستەڭلەرگە كىشىلەر سېلىۋالغان، توغراق ياغىچى  بىلەن جازا قىلىۋىلىپ

     ئۈستى يۇلغۇن شېخى بىلەن يېپىلغان  ئاددىيغىنە كۆۋرۈك ؛

    ماز : ① كونا پاختا ② ئۆپكە قۇيغاندا ئىشلىتىدىغان خېمىر ئېرىتمىسى ؛

    ھەلەق : مەينەت (كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.) مەسىلەن : بالام ئۇ ھەلەق نەرسە ئىكەن

    تۇتماڭ ھە !

    ئولغاق : ئوغلاق ؛

    ئۆڭكىلەڭ : غەلىتە، بىر قىسمىلا ؛

    ئۈنى سۇۋاپ قېلىش : ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، ئاۋازى چىقماي قېلىش ؛

    ئۈدەن بولۇش : ئەسقېتىش، كېرەككە كېلىش. مەسىلەن : بۇ بالام خىلى ئىشلارغا ئۈدەن بولۇپ

    قالدى.

    ئىلمەك :  ياش توغراق نوتىسىدىن ياسالغان، قوي –ئۆچكە تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان ؛

    ئېگىلىش : ①  بوي بېرىش ② يولنىڭ قايرىلمىسى ،دوقمۇش ؛

    ئېشەك باغلىغۇچ :  ① ئات-ئېشەكلەرنى باغلايدىغان ياغاچ ② ئادەمنىڭ ئوقىرەك سۆڭىكى ؛

    ئىچى قاراڭغۇداپ قېلىش :  ھوشىدىن كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش ؛

    ياڭشاش :  تىللاش، خاپىلاش. مەسىلەن : دادام مېنى ياڭشاپ كەتتى.

    يالتىغاي :  تارتىنچاق، كۆڭلىدە گېپى بولسىمۇ دىيەلمەيدىغان ؛ مەسىلەن : تازىمۇ يالتىغاي

     نىمىكەنسەن.

    يوقارقى سۆزلەر مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچىرىتىدىغان، شۇنداقلا لوپنۇرلۇقلار دائىم ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش سۆزلىرىدىن ئىبارەت. كەسپ ئەھلى بولماسلىقىم، تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى تەجىرىبەمنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن ھازىرچە ئاران موشۇنچىلىك رەتلەپ، يېزىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئازدۇر - كۆپتۇر ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

        يىغىنچاقلىغاندا، لوپنۇر خەلقى لوپنۇر دىئالېكتىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەردۇر. لوپنۇرلۇقلار ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان، ھازىرغا قەدەر بىز تېخى بايقىمىغان سۆزلۈكلەر تېخمۇ كۆپ بولۇشى مۇقەررەر. چۈنكى قىسقىغىنا بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئارقىلىق بىر دىئالېكتنى پۈتۈنلەي ئېچىپ بېرىش بەسىي مۈشكۈل ئىشتۇر، شۇڭلاشقا تېخمۇ چوڭقۇر، تېخمۇ ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. لوپنۇر دىئالېكتى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۈكسىلىشىگە، تەرەققى قىلىشىغا، ئۆزىمىزگە خاس سۆزلۈكلەرنىڭ تېخمۇ كۆپىيىپ، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئېگە. شۇنداقلا ناھايتى مۇھىم، شەرەپلىك ۋەزىپىدۇر. ئاخىرىدا مىرسۇلتان ئاكىمىزغا ئوخشاش بىر قىسىم پىشقەدەم دىئالېكت تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، يېڭىدىن ياش  تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ، پىشقەدەملەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ، يارقىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن .

      پايدىلانغان ماتىرىياللار

     1. مىرسۇلتان ئوسمانوف تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى » (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989-يىل)

    2. مىرسۇلتان ئوسمانوف تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2006-يىل)

     3. مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار تۈزگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى » (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2006-يىل)

    4. غالىپ بارات ئەرك « كىروراننىڭ سىرى » (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل )

     5. مويدىن سايىت تۈزگەن« لوپنۇر ئەسلىمىلىرى » ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003-يىل )

     6. فولىك بېگمان تۈزگەن، ياسىن ئەيسا تەرجىمە قىلغان  « شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى » ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل )

     

    بۇ ماقالە شىنجاڭ «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان

    ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتى بىلەن  ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات بىلوگى دا ئىلان قىلىندى. ئىشلەتكەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!!

     

     

     

    分享到: