ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-17

    شېئىرىي تىل ۋە سۆز——2 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ۋەھالەنكى، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» دە تۇرغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي قىممەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى سانالغان كونا كىملىك ياكى مەۋجۇت ھەقىقەتنى يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بېزەيدۇ، ئۇلارغا ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار قارىماققا، ئۆزىنى تىلغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، شېئىردا ھەرگىز غايىپ بولمايدۇ. ھەربىر مىسرا، ھەر بىر سۆزدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىگە ئايلانغان ھېسسىياتى ياكى ماشىنىلاشقان ئەقلى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوقۇرمەننى پىكىر قىلىشتىن، تۇيۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋەلەندۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» قوزغىغۇچىلار ياكى «سۆز ئويۇنى» ئوينىغۇچىلارنى، ئەسلىدىنلا بار بولغان كونا مەزمۇننى يېڭىلاپ تەكرارلىغۇچىلار، يېڭى مەدھىيىچىلەر، شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان گۇڭگا شۇئارۋازلار دەپ تەنقىدلەشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار شېئىرىي تىلدىكى گۇڭگالىقتىن پايدىلىنىپ، يېڭى مەنە يارىتىش ئەمەس بەلكى، بار بولغان مەنىنى يوشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇنداق پوزىتسىيە، تىلنى مەۋجۇدىيەتنىڭ بىرخىل شەكلى ياكى ياراتقۇچىسى، يەنى غايە دەپ قارايدىغان يېڭى شېئىرىيەت تەرەپدارلىرى بىلەن، شېئىرىي تىلنى ــ مۇئەييەن بىر مەزمۇن ياكى كونكېرىت پىكىرنى سەنئەتلىك ئىپادىلەيدىغان ۋاسىتە، دەپ قارايدىغان يېڭى ئەنئەنىچىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىنچىكە پەرقنى تولۇق ئېچىپ تاشلايدۇ.

         شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل ئايرىمىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئاۋال، تىلنى پارچىلاش ياكى       سۆزنى ئويۇنلاشتۇرۇش لىنىيىسىدە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئازغۇنلۇققا باي تىل تەۋەككۇلچىسى بىلەن، مەلۇم بىر ئىپادىلەش شەكلىگە ياكى بىرخىللا سۆز ئويۇنىغا بېرىلگۈچى مۇقىم «يېڭى» ئەنئەنىچىنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقىسى، ھەرقانداق مەنىنىڭ ۋاقىتلىقلىقىنى سېزىشكە باشلىغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنى يېڭىلاشقا، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەيدۇ. ئۇنىڭ تېكىستلىرىدە مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى ساددا ئويلىنىش ۋە ئىلاھىي تەشۋىشلەر سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئاداققىي نىشانىنى، يېڭى شېئىرىيەتتىن ئىبارەت تەشۋىش ماكانىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك تۇتاشقان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. كېيىنكىسى بولسا، ئۆزى قوزغىلىپ چىققان ئەنئەنىۋىي شېئىر ئۇقۇمىدىن يېڭى شېئىرىيەت ئۇپۇقىغا بىرئاز سىلجىغان بولسىمۇ، ئىچ - تېشىنى قاتمۇقات ئورىۋالغان كونا ئىجتىمائىي كىملىك ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ تەرتىپلەندۈرۈش تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىچىنى تىڭشاشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ، ھەمدە ئالدىدىكى مەۋھۇملۇققا قەدەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلاردىكى قورقۇنچ، ئىچىدىن ئەمەس، تاشقىرىدىن، يەنى ئارقا تەرەپتىن كېلىدۇ.

         مەسىلىگە مۇشۇنداق قارىغاندا، شېئىرىي تىل ــ ئويلىنىش، يەنى ئىچىنى تىڭشاشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئويلىنىش يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەمما، تىل پارچىلاش ھەرىكىتى ياكى سۆز ئويۇنى، ئويلاش (سىرتىغا تىڭشىلىش) نىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەييەنلىك، ئېنىقلىق، تەرتىپ ۋە چۈشەنچە كۈندۈزى باركى، ھەرگىزمۇ يارىلىشچان شېئىرىي سەرخۇشلۇق ۋە تىلنىڭ مەرىپەت كېچىسى يوق.  

    دېمەك، شېئىرىي گۈزەللىك ياكى تىلدىكى ئىستېتىك بوشلۇق، پەقەت تىلغا ئويلىنىشتىن ئىبارەت ئېھتىماللىق كېچىسىدىلا مەۋجۇتتۇر. بۇنداق ئېھتىماللىق لەھزىسىگە يېتىش ئۈچۈن، بىز، تىلنى خاتىرىلەۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنە پىرىنسىپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. سۆزلەرنىڭ مەنە پىرىنسىپى، شېئىرغا كىرگەندە قايتا تۈزۈلىدۇ. يەنى، سۆزلەر شېئىرغا كىرگەندە ئۆزلۈكتىكى بارلىق مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇيدۇ. بۇنى ئۆز ماھىيىتىىن چىقىپ تۇرۇپ ئىزاھلىغاندا، سۆزنىڭ شېئىرغا كىرىشى، سۆز ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى خىرىس ھاسىل بولغانلىقىنىڭ رېئال بەلگىسى دەپ قاراش تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى، شېئىردا تىلنىڭ تەييار قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھېسابلانغان سۆز، ئۆز ئەنئەنىسىنى يوقاتقان ھالدا ئالاھىدە بىرخىل تىل قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدۇ. شېئىردىن ئىبارەت سىرلىق ھەمدە خەتەرلىك ئىمارەتنىڭ مەنە تەلىپىنى شەكىللەندۈرگەن قورقۇنچلۇق نۇقتىلار ئەڭ ئاۋۋال سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىگە ۋە ئۇنى سىغدۇرغۇچى بەلگىلىك ھەجىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆزلەرنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسى يەنى ئىدىيىۋىي مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ، شېئىرىي مەنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ يېڭىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، شېئىردا مەنە يېڭىلىنىشى بولمىسا، ئوقۇرمەننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئەسلىدىكى مۇقەددەس قائىدە - مىزانلىرىنى ساقلاپ قېلىۋىرىدۇ. كونا قائىدە - مىزان ئىچىدىكى تەپەككۇر تېنىچلىقى ماھىيەتتە ــ تېنىچسىزلىقنىڭ كونكېرت ھالدىكى ئەكسىدۇر. سۆزلەر بۇخىل تېنىچلىقتا مۇئەييەن مەنە ۋە تاۋۇش شەكلىگە ئىگە، شۇنداقلا، مەنە بىلەن شەكىل روشەن ئايرىمىلىققا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق، شېئىردا تېنىچلىق ياكى جىمجىتلىق سۆزلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تېنچسىزلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، بۇنداق تېنچسىزلىقتا، سۆزلەرنىڭ مەنە ۋە شەكىل ئايرىمىلىقى يېمىرىلىپ، مەۋھۇم ھەرىكەت سېخىمىسى بارلىققا كېلىدۇ - دە، سۆزلەر شېئىرىي مەنىدىكى جىمجىتلىقنى ھەقىقىي تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ياكى تۇتۇۋالغۇچى ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتچان نۇقتىلار توپىغا ئايلىنىدۇ.

    سۆزنىڭ شېئىرغا كىرىشىنى سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. شېئىرغا قارىتا پوزىتسىيىسى يېڭىلانغان، مەنىگە قارىتا ئىدىيىسىدە چېقىلىش يۈز بەرگەن شائىر ئۈچۈن، ھەرقانداق سۆز ھەرقانداق ۋاقىتتا تامامەن شېئىرلاشقان تۈستە بولىدۇ. دېمەك، سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى، سۆزنى ھاسىل قىلغۇچى تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىكىدە ئىچكى تەۋرىنىش بولۇۋاتقان، سۆزدە ئەكىس ئەتكەن ئەسلى ئۇقۇم غۇۋالىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان، شۇنداقلا، سۆزگە نىسبەتەن غايىپ شەيئى ماھىيەتسىزلىكتىن ماھىيەتلىشىشكە قاراپ ماڭغان ۋە ئۇنىڭ غايىۋىي ئۇقۇمى دەل ھازىردا شەكىللىنىۋاتقان كەمتۈك ھال بولۇپ، سۆزنىڭ شېئىرلاشقاندىكى ماھىيىتى ــ سۆزسىزلىك (مەۋجۇدىيەتسىزلىك) تۇر. بۇ، سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قۇرۇغدالغان قۇرۇق ئۆزلۈكىگە قارىتىلغان.

    يۇقارقى پىكىرىمىزنىڭ مىسالى ئۈچۈن، بىز، گىرمانىيىلىك ئۇلۇغ شائىر گىيوتې (Johann Wolfgang von Goethe, 1749-1832) نىڭ «سەيياھ ۋە كېچە ناخشىسى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

     بارلىق چوققىلارنىڭ ئۈستى

    جىمجىت،

    دەرەخلەرنىڭ ئۇچىدا

    ھېس قىلىنماس شاماللارنىڭ تىنىقى،

    قۇشلار

    ئورماننى تېنچلاندۇرار:

    سەنمۇ

    ئۇزاق ئۆتمەي تېنچلىنارسەن

     شېئىردا «چوققا»، «دەرەخ»، «ئورمان» ۋە «قۇش» قاتارلىق بىرقانچە ئىماگ بار. چوققىلارنىڭ ئۈستى بىلەن دەرەخلەرنىڭ ئۇچى جىمجىتلىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا، ھېس قىلماسلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن رەڭ بېرىلگەن. گويا، ئورماننىڭ تېنىچلىقى قۇشلارنىڭ تېنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ نېمىلىكىگە جاۋاب بەرمىگەندەك، قۇشلارنىڭ نامەلۇم سۈپەتنى ساقلىشىمۇ، ئورماندىكى تېنچلىقىنىڭ مەنىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېتەرلىك. بىراق، تېكىستتىكى مەن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ خىل سۈپەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى ئىستەيدۇ. «مەن» تېكىستتىكى مەن بولۇشىمۇ، مەننىڭ كۆرۈنمەس سىمۋوللۇق چوققىلىرىدىن بىرى بولۇشىمۇ، ياكى ئورماندىكى قۇشلار توپىدىن ئايرىلغان تەنھالىق تەسۋىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەيلى نېمىلا دەيلى، مەننىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىۋاتقىنى ــ ئوقۇرمەننى سۆزگە يېتەكلەيدىغان يارىتىش ئاھاڭى، ئۆز ئىچىگە ئېلىنىۋاتقىنى بولسا ــ كېچىدىن ئىبارەت، سۈكۈت ۋە سەرخۇشلۇقنىڭ غايىپ سۈپىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سۇپىدا ئولتۇراقلىشىدىغىنىمۇ، مەن ياكى مەزكۇر تېكىستكە مەنە تولۇقلىغۇچى يېڭى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنھا يولۇچىلىقىدۇر.

    ئۇنداقتا، سۆزنىڭ سۆزسىز (مەۋجۇدىيەتسىز) لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

    بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال سۆزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېنىقلىمىسىدىن ۋاز كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، كونا ئېنىقلىمىدا سۆز ــ تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىكى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمدىن بىز تاۋۇش ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن ۋە غايىۋىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان «مەنە» نىڭ ئاللىقاچان بار بولغان، كىشىلەر تەرىپىدىن مېغىزى بىلەن ھەجىمىگە ئېنىق چەك قويۇلغان تەييار ئاتالما ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. شۇنداقلا، ئۇنىڭ قارشىسىدا، تەسۋىرىلەش ۋە بەرداشلىق بېرىش ناھايتى قىيىن بولغان «مەنىسىزلىك»نى ئۇچرىتىمىز. دېمەك، سۆزسىزلىك ــ «مەنە» ئۈچۈن ئېيتىلغان يۇقارقى «بار»لىق بىلەن «يوق»لۇقنى سەرخۇشلۇق بىلەن بېرىكتۈرۈپ، مەنىنى پۈتۈپ بولغان ئىدىيىۋىيلىكتىن تېخىچە بولۇۋاتقان، پۈتمەيۋاتقان، ئىدىيىسىز، كاۋاك ھالەتكە قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. شۇڭا، بىر تىل ئۇستازى سۆزنى «گەپ» ۋە «سۆز»دىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيەگە بۆلۈۋېتىدۇ. چۈنكى گەپ يەنى ئېنىق بىر چۈشەنچىنى ھۆكۈم ئارقىلىق يىگانىلاشتۇرماقچى بولغان مۇئەييەن تاۋۇش بىرلىكى، ئېيتىلغان ھامان ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدا دېئالوگقا ئورۇن بولمايدۇ. ئۇ، مەنىنى ئاللىقاچان بار بولغان نەرسە دەپ قاراش ئارقىلىق ئۇنى كېڭەيتمەكچى، ئومۇملاشتۇرماقچى، ئوقۇرمەننىڭ ئاڭ مۇئەسسەسەلىرىگە قەدەر مەجبۇرى تاڭماقچى بولىدۇ. بىراق، سۆزدە ياكى مەن يۇقىرىدا شەرھىيلەۋاتقان سۆزسىزلىك (سۆزنىڭ شېئىرلىشىشى)تە ھەرقانداق چۈشەنچىنىڭ ئېھتىماللىقى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان ھالدا، ئېيتىلىش بىلەن تەڭلا مەنە يارىلىشقا يۈزلىنىدۇ، ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنى ئىجادىي ھالەتتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، سۆز ئېيتىلىپ بولۇنسىمۇ مەنە پۈتمەيدۇ. ئۇ، باشقا سۆزلەرنىڭمۇ ئېيتىلىشىغا (دېئالوگقا كىرىشىگە)، شۇ ئارقىلىق مەنىنى بىرلىكتە بار قىلىشقا، پۈتمەيۋاتقان مەنىنى پۈتۈنلەشكە مۇھتاج بولىدۇ.

    分享到:

    历史上的今天: