-
2011-04-17
شېئىرىي تىل ۋە سۆز——3 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]
سۆزلەرنىڭ مەنە پۈتۈمى ھەققىدىكى تەتقىقات غەرب تىلشۇناسلىقىدا قۇرۇلمىزىم، تىل پىسخولوگىيىسى، سەنئەت لوگېكىسى قاتارلىق پەن ئېقىملىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئۆزىگە خاس مېتودنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل مېتودنىڭ يەنە بىر يۈزى يەنىلا شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدىغان مەنە ئېھتىماللىقىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل شېئىرىي ئىستراتېگىيە بىزگە ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شائىر، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ــ بورخېس (Jorge Luis Borges, 1889 - 1986) نىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدۇ:
ئەتىرگۈل
مەن ئۇنىڭ خازان بولۇش ئىستىكىنى مەدىھىيىلەيمەن
ئېغىرلىقى، خۇشپۇرىقى تېخىچە ساقلانغان ئەتىرگۈل
كېچىنىڭ
نۇرلارنى تىرىك يۇتۇۋالىدىغان قاپقاراڭغۇ باغچىسىدىكى ئەتىرگۈل
ھېچنەنىڭ گۈللۈكىگە بەھۇزۇر ماكانلاشقان زاۋال ئەتىرگۈلى
ئەپسۇن ئارقىلىق
خېمىيەۋىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق غەلىتە رەۋىشتە پەيدا بولىدىغان ئەتىرگۈل
پارىسلارنىڭ ۋە ئارىستو نىڭ ئەتىرگۈلى
لەھزىنىڭ توپلاشمايدىغان ۋە قايتىلانمايدىغان ئەتىرگۈلى
لەھزە ئەتىرگۈلىدىكى ئەتىرگۈللۈكنىڭ ئەتىرگۈلى
تۇنجى قېتىم ئەپلاتونچە سەرپ قىلىنىشقا باشلىغان
مېنىڭ غالجىرانە قىزغىنلىقىم بىكارغا كېتىدىغان قارىغۇ ئەتىرگۈل
ئەي، ھېچنېمە ئەتىرگۈلى!
شائىر بۇ شېئىردا «ئەتىرگۈل» دىن ئىبارەت ھادىسىۋىي ئۇقۇمنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق، شېئىرىيەتنىڭ «مەنە» ئېقىنىغا ئىشارە قىلغان. دېمەكچىمىزكى، شېئىرىكى «ئەتىرگۈل» ــ ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىداسىدىن باشلانغان جەۋھەر ئىزدەش قىزغىنلىقىنىڭ سېمۋولى بولۇپ، بارلىق شائىرلار، شۇنداقلا، ھەقىقەت ئىزدىگۈچى پەيلاسوپلار ئۇرۇنغان نەرسىنىڭ پەقەت بىرلا «مەنە» ئىكەنلىكى، بىراق، ئۇنىڭ تۇيۇلۇش ۋە بىلىنىش شەكلىنىڭ سانسىزلىقى تەسۋىرىلەنگەن. شۇڭا، شائىر «ئەتىرگۈل»نى «ھېچنەنىڭ گۈللۈكىگە بەھۇزۇر ماكانلاشقان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە، ئۇنى يوقلۇققا قويۇشنىڭ شېئىرىي شەكلى بولۇپ، جەۋھەرنىڭ قۇرۇقلىقى ياكى يوقلۇقى شائىرنى ئىزتىراپقا سېلىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبتۇر. مانا مۇشۇ ئىزتىراپ تۈپەيلىدىن شائىر ئەڭ ئاخىرىدا، مەنىنىڭ يوقلۇقىغا ياكى پۈتمەيدىغانلىقىغا قارىتا، ئۆز ئۇرۇنۇشلىرىنى بىكارغا كەتكۈزۈۋېتىدىغان «قارىغۇ ئەتىرگۈل» دەپ جاكارلايدۇ.
بۇ مۇلاھىزىلەردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، شېئىر ــ سۆزنىڭ گەپ ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، سۆزسىزلىككە تۇتۇلۇشىدۇر. شۇڭا، شېئىرنىڭ دەسلەپكى خاتىرىلىگۈچىسى بولغان شائىردىن باشلاپ ئۇنىڭ يېڭى ئوقۇرمەنلىرى ياكى دېئالوگ ئىشتىراكچىلىرىگىچە، ئورتاق ھالدا مەنىسىزلىكتە مەنە يارىتىش يەنى مەۋجۇدىيەتسىزلىكتىن مەۋجۇدىيەتكە ئۇرۇنۇش شەرىپىدىن ئورتاق بەھىرلىنەلەيدۇ.
ئۆزگىچىلىك بىرلىكنىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بەرگىنىدەك، شېئىرلاشقان ھەربىر سۆز سۆزلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ - دە، تىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت غايەت زور ئېھتىماللىق ۋە مەنە يارىلىش مەيدانى ئىلگىرى ئېيتىلىپ بولۇنغان ياكى مەۋجۇت بولغان سۆزلەرنى ئۆزىگە سۆزسىزلىشىشكە چاقىرىشتىن سىرت، تېخىچە بولۇۋاتقان ۋە بولۇپ باقمىغان سۆزلەرنىمۇ يارىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، شېئىرنىڭ بىرىنچى خاتىرىلىگۈچىسى ھېسابلانغان شائىردىن باشلانغان يېڭى ئوقۇرمەنلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەنىسىگە بولغان مۇقىم چۈشەنچە ياكى تەجىرىبىيىۋىي ئىشەنچنىڭ ئورنىنى سۆزنىڭ ئېھتىماللىق ئۈستىدىكى بولۇۋاتقان مەۋھۇم مەنىسىگە تىكىلگەن يارىتىش تەشۋىشى ئىگەللىشى كېرەك. بۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە، كۆنۈككەن كونا تەپەككۇر ئادىتىمىزنى يېمىرىپ تاشلاپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە دادىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزىشىمىزگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز پەقەت شېئىرىي تىلنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يەتكىنىمىزدىلا، ئاندىن سۆزدىمۇ قۇدرەت بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايمىز. چۈنكى، ھەربىر سۆزنىڭ قۇدرىتى چوقۇم شۇ سۆز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تىلنىڭ ئالەمشۇمۇل كېلەچەكىدىن ئالدىنئالا بىشارەت بېرىشتىن سىرت، ئىنساننىڭ ئېندىۋىدۇئال خاراكتېرىنى ئەسلى يۆلىنىشىگە قايتۇرۇپ، ئۆزگىچىلىكىمىزنى مەنىۋىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا غايەت زور ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
ئىزاھات: مەزكۇر تېمىدىكى مىسال ئېلىنغان گىيوتېنىڭ شېئىرى "چەتئەل شېئىرلىرىدىن تاللانما" ناملىق خەنزۇچە توپلامدىن، بورخېسنىڭ شېئىرى "بوئېنوس ئايرىسنىڭ ھاياجىنى" ناملىق خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە: ئۇيغۇر ياش شائىرلار تور خاتېرىسىدىن