ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ھەقىقەتەنمۇ دىئالېكتشېۋىلىرىمىزدە ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بىئەپ سۆزلەرنىڭ ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر بار ، لېكىن دىئالېكتشېۋىلەردىكى ھەممە سۆزنى ئەدەبىي تىل قاتارىغا كىرگۈزۈشمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ، بۇ ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ، بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن پايدىسىز . شۇڭا ، دىئالېكتشېۋە (جانلىق تىل) دىن پايدىلىنىشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى زۆرۈر . شېئىرىي ئەسەرلەر بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . چۈنكى ھەربىر شېئىرنىڭ ئاخىرىغا «لۇغەت» بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ.
    2 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ، ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بەزى تارىخىي سۆزلەرمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
    ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى . گەرچە تىللارنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىرىشتىن خالىي بولالمىسىمۇ ، لېكىن قەدىمكىدىن ئۈزۈل
    كېسىل قول ئۈزۈشمۇ ئىجابىي تەرەققىياتتىن دېرەك بەرمەيدۇ . ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت ئامىلى قەدىمكى مەدەنىيەت ئاساسىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق بارلىققا كەلمىگەن ، تىل مەدەنىيىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۇزاق زامانلار مابەينىدە رايونىمىزدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت قۇرغاقلىقى ئەجدادلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋەتتى . بىزنى ئەجدادلارغا ئۇلاپ كېىۋاتقان بىردىنبىر رىشتە دەل ئۆلمەي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تىل ئامىلىدۇر . قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى بىزنى كۆپلىگەن قەدىمكى سۆزلەر بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماي ، ئۆزىمىزنىڭ سۆز خامىنىنىڭ ھەقىقەتەن ھوسۇلدار ۋە سېخىي ئىكەنلىكىدىن دېرەكلىدى . چەتتىن قوبۇللانغان سۆزلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بەزى ئىلمىي ساۋاتسىزلىرىمىز ئۆگەي ئانىنىڭ دوقۇسلاشلىرىغا كۆنەككەن مەسۇمە ئۆز ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ياتسىرىغاندەك ئۆز تىلىمىزدىن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك پاك ئاتالغۇلىرىدىن گاڭگىرىماقتا . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت بۇ خىل ئاسىيلىققا تىغ ئۇرۇپ ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە قەدىمكى سۆزئاتالغۇلارنى مىسراغا تىزىشتا سەركەردىلىك رول ئوينىماقتا . ئۇنى قەدىمكى ئاتالغۇلارنى قۇتقۇزۇشتىكى تۇغدار دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . مەسىلەن،
    ئۇچۇم بولغان يۇمران بالاپان،
    دالىلارنى كەزگەندە ئاستا.
    («ئۇۋا 2»دىن)
    لەپىلدەپ تىنمايدۇ شاراب تۇغلىرى،
    دوقمۇشتا قول بۇلغاپ تۇرىدۇ ئىشرەت.
    («مەرمەردەك سۈزۈكتۇر سۆيگۈ ۋە ھايات»دىن)
    كۈرتەكلەر چىقىدۇ تاشلارنى يېرىپ،
    تاڭلاردەك غالبتۇر ئىزگۈلۈك ھەرئان.
    («قەقىنۇس»دىن)
    ئەرۋەشلەر ئەۋجىگە قىلمىدىڭ پىسەنت،
    يەنىلا ئىپتىخار چۇلغىدى مېنى.
    («قۇياشا تۇتاشقان سەن ماڭغان بۇ يول»دىن)
    قاردىن بەك چاقنايسەن نۇرلىنىپ تېخى،
    بۇ ئاددىي ئاجۇندىن كېتىپ بەك يىراق.
    («سەن چىققان چوققىلار قالمىسۇن پەسلەپ»دىن)
    چىمەنلەردە ئېغىنىدىم يەللەر بىلەن چىرمىشىپ،
    .. . ...
    ئېسىپ قالسا بىر مەھەل يەلپۈنۈپ ھەم تەلپۈنۈپ،
    سەنمۇ ئەس دەپ ئۆزۈڭگە ئىملاپ قالار بورىيا.
    .. . ...
    سەپسېلىپ بىر قاراپ باق ، ئۆزۈڭ سالغان ئېنىمگە،
    دەيدۇ باغرىم: ئاتا ئەن ئۆزگەرمە سەن ، يان ، چوغلان.
    («ئايدالا»دىن)
    خانبالىقتا ، زېمىندىكى تۇنجى قورۇلدا،
    مىجەزىڭىز پەيزىنى مەن كۆپ سۈرگەنىدىم.
    («ھازا كۈيى»دىن)
    ھەربىر سۆز ، ھەربىر ئوي ، ھەربىر ھەرىكەت،
    ئىدىتلاپ كۆرسىتەر ئەلكۈنگە ئەردەم.
    («ئەركەم»دىن)
    سىيپاپ قويساڭ قۇتسىز باشلارنى،
    بەخت تولدى ئېتەك
    ئېتەككە.
    («تىترەر يۈرەك تىنماستىن بىردەم»دىن)
    ئەم بولمىدىم نېمىشقا مەن ئۇنىڭغا
    كەتتىمۇ يا ئېتىقادىم ئەسكىرەپ؟
    .. . ...
    تېكىن چوققا شۆھرىتىم بەرھەق،
    .. . ...
    باسقۇن قىلغان ھوشلىرىمنى يېلىنجاپ ئىلھام.
    («تۈن تىۋىشلىرى»دىن)
    قاراپ باقتىم ئاسمانغىمۇ ، يەرگىمۇ،
    قۇۋناش چەكلىك ، ھەسرەت چەكسىز ، غەم چەكسىز.
    («دېرىزىدە ئىككى كۆزۈڭ سەبىي قىز»دىن)
    تولۇن ئاي سۇ بولغان سۈتتەك بىر كۆرپەز
    شېخى بار قولۇڭدا زەيتۇننىڭ يۇمران.
    .. . ...
    بېلىقچىن توپلىرى ئېتىلار ئوقتەك،
    تاڭيارىن باغرى بار بېلىقلارغا ھەم.
    («ئۇچرىشىش»دىن)
    پەخىرلەن ئەۋلادىم ، مىنىسەن بۇراق①(بۇراق
      پەيغەمبەر مىنگەن دۇلدۇل.)،
    بالىقلار ئۈستىگە باغرىڭنى قادا.
    («ئىدىقۇت»دىن)
    كۆزلەرنى كېرەلمەس بىر قارا بودۇن،
    دىۋاندا سۈرى يوق بىر رايىش يارەن.
    («سىرىم بار ئۇ يەردە ئايغا ئورالغان»دىن)
    بىز كۆزلىگەن نىشانلارغا بىللە يېتەيلى،
    كەل شائىرە! ئاجۇنىمغا
    مۇزئارتلار ئېشىپ!
    («كەل شائىرە»دىن)
    كىرپىكىڭدىن تۆكۈلگەندە تىلسىماتتەك ياغدۇلار،
    سەندىن ئەمدى يېڭى بىر جان ، كەۋسەرسىمان دەملەرنى.
    («ئاق يۇلتۇز»دىن)
    مەن ساڭا ئۇيقاشمەن سەن ماڭا ئۇيقاش،
    .. . ...
    نوگاينىمنى بىر پەقەت سەنلا بىلىسەن
    بىر مىسقالنى تاۋايسەن مىڭ بىر قاداققا.
    .. . ...
    كەچمىشىمنى سۆزلەپ تۇرار نۇرلۇق پەزالار،
    لېۋەن كۈيچۈن ھەممە يەردە كۆزۈڭ پارلايدۇ.
    ئىزگۈلۈكتىن ئوخچۇپ چىققان نازۇك سەزالار،
    قۇيۇلىدۇ دىلغا دەۋرەپ ، دىلنى قامرايدۇ.
    .. . ...
    باشايى بىر غۇجۇر بىلەكلىرىمدە،
    ئون توققۇز يېشىمنى كۆردۈممەن ھەيھات!
    .. . ...
    نىقابسىز يۈرەكلەر ئالىقاندا ئايقىن،
    .. . ...
    كەڭتاشا پوست تاشلاپ جۇلغۇندۇق تازا،
    تاغلارنىڭ روھىدىن روھ ئالدۇق مۇتلەق.
    («تاجىك تەرانىلىرى»دىن)
    زامان دېگەن تۇتىشىدۇ تاكى تۇمۇغقا،
    چەرخى ئۇنىڭ مىجىپ ئۆتەر تەنلەرنى ھامان.
    كىرگۈزەرمىز بۇ قاۋاننى قانداق سۇتۇققا،
    ئۈمىدلىرىم سەرسان بولدى جاھان ۋە جاھان.
    («كەلمەكتىمىز كەلگۈسى دەپ گۈزەل بىر جانان»)
    پاك يۈرەكتە يانغان ئوتلارنىڭ
    ھۈللىرىنى ئەكەلدىڭ بىزگە.
    («ئايسۇلۇ»دىن)
    يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ياكى تارىخىي سۆزلەرگە تەئەللۇق بولۇپ ، شائىر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن زامانداشلىرىمىزغا شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق سوۋغا قىلغان . مىسرالار تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
    بالاپان
      قۇش بالىسى.
    بۇلغىماق
      شىلتىمەك.
    ئىزگۈلۈك
      ياخشىلىق.
    ئەرۋەش
      سۈرەئەپسۇن.
    ئاجۇن
      دۇنيا.
    يەل
      شامال.
    ئىملىماق
      شەرەتلىمەك ، ئىما قىلماق.
    ئەن
      تامغا.
    خانبالىق
      ئاستانە ، پايتەخت.
    قورۇل
      ئۆتكەنكەچكەننى كۆزىتىش پونكىتى.
    ئەلكۈن
      ئەلجامائەت.
    ئەردەم
      ئەخلاقپەزىلەت.
    قۇت
      بەخت.
    ئەسكى
      كونا.
    تېكىن
      قۇل؛ كۆچمە مەنىدە: شاھزادە.
    باسقۇن
      بېسىۋالماق.
    ئەسمەك
      چىقماق ، سوقماق (شامال).
    قۇۋانماق
      سۆيۈنمەك ، شادلانماق.
    كۆرپەز
      ئارال ، بوغاز.
    بېلىقچىن
    بالىقچىن  بېلىقئالغۇچ ، قۇش ئىسمى.
    تاڭيارىن
      تاڭ شەپىقى ، تاڭ يورۇقى.
    بالىق
      شەھەر.
    قارا بودۇن
      ئاددىي پۇقرا.
    مۇزئارت
      مۇز داۋان.
    ياغدۇ
      نۇر.
    ئۇيقاش
      ئۇيغۇن كېلىش ، ماس كېلىش.
    نوگاينى
      قەدىرقىممىتى.
    تاۋىماق
      تەڭ قىلماق.
    پەزا
      ئاسمان ، كۆك.
    سەزا
      نىدا ، نالە.
    قامرىماق
      ئىگىلىمەك ، ئىلكىگە ئالماق.
    باشايى
      بەڭۋاش ، بويۇنتاۋ.
    غۇجۇر
      كۈچكە تولغان.
    ئايقىن - ئېنىق.
    جۇلغۇنماق
      قاسراق تاشلىماق ، تېرە تاشلىماق.
    تۇمۇغ
    تۇملۇغ  دوزاخ.
    سۇتۇق
      قېلىپ ، ئەندىزە ، يول ، مۇقام.
    ھۈل
      ھارارەت ، تەپت.
    يۇقىرىقى سۆزلەر بىزنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئانا تىلىمىز جۈملىسىدىندۇر . تەۋەرۈك ئەسەرلىرىمىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»لەردە ۋە ناۋائىي ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سۈپىتىدە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى مەنىسى بىلەن تىزىقلىق . شائىر بۇ سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسى بىلەن ئىشلىتىپ ، بۇ تىللار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى ئىزاھاتسىزلا يېقىنلاشتۇردى ھەم ئۇيغۇر تىلى تارىخى خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى . قەدىمكى سۆز
    ئاتالغۇلار بىزنىڭ مول بايلىقىمىز ، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدى . لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خوجىلار يېغىلىقى ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ قىرچاپلىرى بىزگە تارىخنى ئۇنتۇلدۇردى ، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق تىلنى ئۇنتۇلدۇردى . تەلىيىمىزگە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ، «سۇ بويىدا» ، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىق خەنزۇ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسى نۇرغۇن سۆزئاتالغۇلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرىنڭ ئىزاھاتى بۇ سۆزئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن شائىر ئوسمانجان ساۋۇت دادىللىق بىلەن «قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ» مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ھەم شېئىرغا يېڭى كىيىم كىيگۈزۈپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى «كىيىمى پۈتۈن» ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى . گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەي ، كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلىرىمىز قەدىمكى تىللار بىلەن تازا تونۇشۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا قەدىمكى سۆزلەرنى ۋە قىسمەن تارىخىي سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەزم قىلىش ئىقتىدارىنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
    3 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆز
    ئاتالغۇلارغا بەلگىلىك ئورۇن بېرىلگەن.
    سۆز ياساش «ئېنىق بولۇش ، راۋان بولۇش ، ئىخچام بولۇش»نى ئۆزىگە مىزان قىلىدۇ . ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلار كومىتېتى تەرىپىدىن تۇراقلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن بىرقىسىم سۆز
    ئاتالغۇلاردا مەنە ئېتىبارغا ئېلىنغان بىلەن ، ئىخچاملىق نەزەردىن ساقىت قىلىنغاچقا ، كۆپىنچە سۆزئاتالغۇلار ھۆججەت يۈزى ۋە كىتابلاردا مەجبۇرىي قوللىنىلىپ ، جانلىق تىلدا قوللىنىلمايۋاتىدۇ ياكى باشقا تىللاردىكى تەڭدىشى قوللىنىلىۋاتىدۇ . بۇ ئاتالغۇ ياساش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر پاجىئە .

    - داۋامى بار.      مەنبە: ئوكيان تورى

    分享到: