ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    رەشىد: «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش(2) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    بۈگۈنكى جەمىئىيەت تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشى ۋە كۈچ تالىشىش، مەۋجۇدلىقىنى ساقلاش كۈرەشلىرى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، بىر مىللىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭ كىملىكىنى قانچىلىك تونۇش، ئۇنى قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قوغداش، يۈكسەلدۈرۈشكە باغلىق. ئانا تىل مىللىي كىملىكتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى، تەرەققىياتى بۇ توپنىڭ مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ. بۈگۈنكى ئوقۇتۇشنىڭ كۆپ تىللىق بولۇش، مېدىيە تارقىتىش ۋاستىلىرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە كۆپ خىل تىللارنىڭ تەسىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلىشى دەۋرىمىز كىشىلىرىگە ئۆز كىملىكى، مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە ئويلىنىش سۇئالى ئېلىپ كەلدى. شائىر بۇ خىل تەسىر ئاستىدىكى ئويلىنىش چۇقانلىرىنى دەل مۇشۇ شېئىرى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويدى. بۇ يەردە مەن بىزنىڭ بۇ شېئىرنى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن شائىرنىڭ يەنە بىر كىتابىدىن ئۇنىڭ ئانا تىل، ئۆز قەۋمى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنە، تارىخىغا، ۋە بەلكى بارلىق نەرسىسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى سۆزلەپ بېرىدىغان مۇنۇ قىستۇرمىنى بېرىشنى لايىق تاپتىم :

    «تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا سەن ئۆزۈڭنىڭ مىللىي روھ ۋە ھەزارى كىملىكىڭنى پۇختا قۇرۇپ چىقمىساڭ، بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق بولۇش شەرتىڭنىمۇ ھازىرلىيالمىغان بولىسەن. ئۇنداق ئەھۋالدا سەندە ئىناۋەت بولمايدۇ. مەيلى سەن كادىر بول، تېخنىك بول، دوختۇر بول ياكى ئېنژېنېر بول، تەنھەركەتچى ياكى ھەربىي خادىم بول، نەشرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول، تارىخچى ياكى سودىگەر بول، سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول، ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ، «ئوغۇزنامە» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇمىساڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر نەۋائىنى چۈشەنمىسەڭ، نۇزگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپىتكە قايىل بولمىساڭ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ، يۇرتۇڭدىكى تاغ-دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ، سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ، تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ باقمىساڭ، ھېيىتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ، تاپىنىڭ تەكلىمان قۇملىرىدا كۆيۈپ باقمىسا، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ، مىڭئۆيلەرنى كۆرۈپ ئويلانمىساڭ، خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە، مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا، دوغقا نان تۆگۈرۈپ يەپ باقمىساڭ، ئاتا-ئاناڭ، خوتۇنۇڭ ۋە باللىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرىزدار ھېس قىلمىساڭ، ئىشقىلىپ، خەلقىڭنىڭ ھاياتىدىكى تۇيغۇ –تەجرىبىلىرىنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ھەر بىر بوسۇغىدا «سەن كىم؟» دەپ سورىماقتا بىزدىن.».[1]   

    بۇ شېئىرنى ئوقۇغان كىشى «يارىلىش» دىن باشلانغان شېئىرىي تارىختىن ئورخۇن دەۋرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يەسەۋۋىلەر ياشىغان قاراخانىيلار دەۋرى، نەۋائىي دەۋرى، بابۇر دەۋرى، نازىم دەۋرى، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمەتئىلى توختاجى، لۇتپۇللا دەۋىرلىرىدىن شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە لىرىك تۇيغۇ، شېئىرىي زىلزىلە بىلەن ئۆتۈپ، بۈگۈننىڭ سۇئالىدا، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىدە توختايدۇ. بۇ خىل ھېسىي زىلزىلە ئاخىر ئوقۇرمەندە شائىر كۈتكەن ئەقلىي ئويغۇنىشنى، ئەقلىي پىكىرنى ئۇرغىتىدۇ. شېئىرنىڭ ئىچكى مەناسى ئاشۇ خىل پىكىرلەر داۋامىدا يۈكسىلىدۇ، تېخىمۇ موللىشىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بىر پارچە شېئىرنىڭ مەنزىلى. بەلكى بۇ شېئىرنىڭ مەنا يۈكسەكلىكىدىن بەدئىي يۈكسەكلىككە ھالقىشىدىن ئىبارەت.

    بۇ شېئىردىكى شېئىرىي بەدئىيلىك :

    شېئىرنىڭ بەدئىيلىكى ئۇنىڭ شېئىرىي تىلى، شېئىرىي ئوبرازى، شېئىردىكى ھېسىيات ۋە قۇرۇلمىدا ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ تەرەپلەردىن بۇ شېئىرنىڭ بەدئىيلىكىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن:

    بۇ شېئىردىكى شېئىرىي تىل توغرىسىدا – شېئىرنىڭ بەدئىيلىكى مېنىڭچە ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ تىلىدا ئەكىس ئىتىدۇ. شېئىرىي تىلنىڭ گۈزەللىكى شېئىرنىڭ بەدئىيلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. شېئىرىي تىلدا شائىرنىڭ تىل تاللاش ۋە تاۋلاش ئىقتىدارى  ئالاھىدە نامايەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شائىرنىڭ تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئىماگلار ئارقىلىق كۈچەيتىش، مەناسىنى كېڭەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئانا تىلنى بېيىتىش جەھەتتىكى تالانتىمۇ نامايەن بولىدۇ. شائىر ئىشلەتكەن ئاددىي بىر ئىماگ شۇنداقلا ئاددىي بىر سۆز قۇرۇلمىسى بولماستىن بەلكى شېئىرىي ھېسىيلىك، ئەقلىي باغلىنىش، ھالقىما تەسەۋۋۇر قۇچىقىغا تىكىلگەن بىر تال بىختۇر. بۇ بىخ شائىرنىڭ ۋە ئوقۇرمەننىڭ ئارىسىدىكى مەۋھۇم دۇنيادا باراقسانلىشىپ، چېچەك ئاچىدۇ. بۇ چېچەك ئەلۋەتتە ئانا تىل گۈلشەنىگە يەنە بىر ئۆزگىچە بىزەك ۋە مەنا بولغۇسىدۇر.

    بۇنىڭدا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر كەڭلىكى - تەسەۋۋۇر كۈچى مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، شائىر چوقۇم ئوقۇرمەن قوبۇل قىلالايدىغان تۇرمۇش دىتاللىرىنى ۋە شېئىردىكى شېئىرىي ھېسىياتقا ماس بولغان دىتاللارنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس جانلىق بىر شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. بۇ خىل شېئىرىي مۇھىتنىڭ ئاساسى جازىسى سىمۋولدىن ئىبارەت. بۇ خۇددى يېتىزى ئېيىتقاندەك بولۇپ :« بىر تەرەپتىن شەكىل سىمۋول ئارقىلىق ماس بولغان تۇيغۇنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھېسىياتمۇ ماس بولغان شەكىلنى ئۆزىگە تاللاپ سىمۋول قىلىدۇ.»[2]

    شائىر تاللىۋالغان «يارىلىش ئەپسانىسى»، «ئورخۇن ئابىدىلىرى»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەلشىر نەۋائى» ... قاتارلىق ئاشۇ بىر قاتار تارىخى دىتاللار شېئىردا ئالاھىدە بىر شېئىرىي ئىماگلارنى يارتىدىغان مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، «تۇنجى ختاب»، «ھەقىقەت كەپتىرى»، «باتۇر»، «ئۆلۈم»، «مەرتلىكنىڭ قىلىچى»، «تاش»، «سىياھ»، «مۇردا»، «سۇلالە»، «قۇياش»، «خانتەڭرى»، «سادىر يوللىرى»، «كېچە»، «يۇلتۇز»، «ئاچچىق موخۇركا ئىسى»، «چېراق» ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىر تەسەۋۋۇرىدا ئالاھىدە گىرەلەشمۇ مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. ئۇلار بىر پۈتۈن شېئىردا توختىماي گاھ ئاشكارە، گاھ يوشۇرۇن مەنالار بىلەن ئوقۇرمەننى بىر مەنزىلگە باشلايدۇ. شېئىرىي پارچىلارغا تاللانغان ئاشۇ  كىچىك 14ماۋزۇمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدە مۇناسىۋەتتىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. شائىرنىڭ بۇلارنى شېئىرىي دىتال قىلىپ تاللىشى شائىردىكى ئۆزگىچە مەسئۇلىيەتچانلىق پىسخىكىسىنى مەنبە قىلغان كۆزىتىش كۈچىدىن كەلگەن.

    بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىردا شائىر تىلى جانلىق، قاراتمىلىققا، رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، شائىر شېئىردىكى ھەر بىر سۆزنى كۈچلۈك ھېسىيات تۈسى بىلەن يۇغارغان. بۇ شېئىردىكى ئىچكى ئىنتوناتسىيە شېئىرنى ئوقۇرمەنگە ئالاھىدە يېقىنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى بىر ئوقۇغان ئادەم شېئىرنىڭ ھەر بىر سۆز، ھەر بىر مىسراسىدىن شائىر ئىشارە قىلىۋاتقان ئەقلىي مەنانىلا ئەمەس، ئادەم يۈرىكىگە تەگكۈدەك ھېس تۇيغۇنى سېزەلەيدۇ.

    بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىرنىڭ تىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئرنىڭ تىلى كۈچلۈك ئاھاڭدارلىق، ئىچكى رىتىمغا، مۇزىكىلىققا ئىگە. ئەلۋەتتە، بۇ ئالاھىدىلىك شېئىرىيەتنىڭ ئەقەللىي مىزانى. ئەمما بۇ شېئىر شائىرنىڭ ئىلگىرىكى «گۇڭگا شېئىر»، «ئەركىن چاچما شېئىر» ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. شائىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە 1980-يىللاردىن كېين مەيدانغا كەلگەن يۇقارقى ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئاشۇ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىدىن بۇ شېئىرى ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. شائىرنىڭ ئىلگىركى شېئىرلىرىدا كۆپىنچە شېئىرىي پىكىر بىر خىل گۇڭگىلىق ئىچىدىكى شېئىرىي ئىماگلار ئارقىلىق، قىلىپلاشقان شېئىرىي رامكا بىلەن ئەمەس بەلكى ئەركىن ھالدا، ھېسىياتنى گۇڭگىلاشتۇرۇشتەك ئالاھىدە بەدىئىيلىك ئىچىدە  ئەكىس ئەتتۈرىلەتتى. لېكىن بىز بۇ شېئىرغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئىشلەتكەن شېئىرىي ئىماگلار شۇنداق كونكېرىت، ھەر بىر كىشى ھېس قىلالايدىغان نەرسلەر بولۇپ، شائىرنىڭ ئىنتايىن ئوچۇق ئاشكارە ھالدىكى مەنىۋىي ئىنتىلىشىنى، شائىرنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئوي-پىكىر، تەشەببۇسىنى ناھايىتى روشەن، دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، شائىر شېئىردا ئالاھىدە شېئىرىي رىتىمغا، ئاھاڭدارلىققا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ شېئىردا ئىپادىلىنىپ چىقىۋاتقان ئاھاڭدارلىق شائىرنىڭ تىلغا باي، پىشقان تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەبىئي ئىنكاسى ئەلۋەتتە.

    شېئىرنىڭ تىلى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى مۇھاكىمە قىلماي، بۇ توغرىدىكى تەھلىلىمنى مۇشۇ يەردە توختىتمەن.

    بۇ شېئىرنىڭ شېئىرىي قۇرۇلمىسى توغرىسىدا – بىز بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بۇ شېئىردىكى مەنا سىغىمى بىر پارچە داستاندىن ھەرگىزمۇ تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۇ ئۆزى چاققان، ھەجىمى كىچىك بولغىنىغا قارىماي، شېئىرنىڭ مۇقەددىمە، راۋاج، خاتىمە قسىملىرى ئېنىق بولۇپ، بىر لىرىك داستان بولالايدۇ. ۋە ئۇنى «داستان» دەپ ئاتاش بەكرەك مۇۋاپىق.

    بۇ بىر يۈرۈش شېئىردا شائىر ياراتقان شېئىردىكى مەنا بوشلۇقى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئالاھىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. يەنى شائىر ئۇزۇن «ئۆلۈك» تارىخنى پارچىلاپ، كۈچلۈك ھېسىيات بىلەن لىرىكىلىق ھالدا قايتىدىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە مۇئەييەن مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى زامان تەرتىپى بويىچە قۇراشتۇرۇپ چىقىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان. بىز شېئىردىن خۇددى بىر «ۋاقىت كارىدورى»دىن ئۆتكەندەك تۇيغۇلار بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، شائىرنىڭ «يارىلىش»دىن تا بۈگۈن ۋە كەلگۈسىگچە تۇتاشتۇرغان ئۇزۇن بىر بوشلۇقتىكى ئۆزگىچە شېئىرىي ۋاقىت قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ يېتىمىز.

    بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، شېئىردا ئىپادىلىنىۋاتقان خەلقچىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئانا تىل سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن تارىخىي چىنلىق تۈسى. بۇ خىل ئەل-يۇرتقا، ئانا تىلغا، تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇشۇنداق بۆلەكلەر بويىچە، تەرتىپلىك باياندا بولۇشنى بەلگىلىگەن.

    بۇ شېئىردىكى شېئىرىي ئوبرازلار توغرىسىدا – شېئىرنىڭ جېنى ھېسىيات. تەسەۋۋۇر ۋە شېئىرىي ئوبراز بولسا ئۇنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى. شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدلىكى ئۇنىڭ كۈچلۈك لىرىكىلىقىدا. شائىر تۇرمۇشتىكى ئۆز ھېسىياتىغا ماس بولغان مۇئەييەن دىتالنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھېسىيات، تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق رەڭدار، ئويناق شېئىرىي تىل بىلەن يۈكسەك شېئىرىي مەناغا يۇغۇرۇلغان لىرىك ئوبراز يارىتىدۇ.

    بۇ شېئىردا شائىرنىڭ تاللاپ ئالغىنى تارىخىي دىتاللار بولۇپ، ئۇ بۇ تارىخىي دىتاللارنى تىپىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق، شېئىردا باشتىن ئاخىر ئاجايىپ لىرىك، سەلتەنەتلىك بىر شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ ئوقۇرمەننى تەسەۋۋۇر كەڭلىكىگە باشلىغان. بۇ تارىخىي دىتاللاردىكى ئىچكى مەنانى، يەنى خەلقىمىز ھاياتىغا سېڭىپ كەتكەن تەجرىبە-ساۋاق، كەچۈرمە ئىبرەتلەرنى، ئۆزگىچە مېغىزلىق ھېكمەتلەرنى يورۇتۇپ، سەنئەت تۈسىدە سېھىرىيلاشتۇرۇپ ۋە جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى بەدئىي ھايات بېغىشلىغان. بۇ بىر قاتار شېئىرىي ئوبرازلار قويۇلغان شېئىرىي بوشلۇقتا بىز شائىرنىڭ ئىجادىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بۇ «يارىلىش ئەپسانىسى»، «مەڭگۈ تاشلار»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەھمەد يەسەۋۋى»، «ئەلشىر نەۋائىي»، «بابۇر»، «موللا بىلال»، «مەمەتئىلى توختاجى» ... قاتارلىق شېئىرىي ئوبرازلار خۇددى بىزگە ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇزاق تارىخنى لىرىك يوسۇندا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك ئاجايىپ سېھرىي تۇيغۇغا چۆمۈلىمىز.

    شائىر ياراتقان بۇ تارىخىي شېئىرىي ئوبرازلارنى بەلكىم ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدىكى تارىخىي شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق  ۋە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئىپادىلەپ بېرىلىشى دېيىشكە ھەقلىقمىز.

    ئومۇمەن، «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ناملىق بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىر مەيلى ئۆزىگە يۇغارغان ئىچكى مەنا، مەيلى شېئىرىي تىل، مەيلى قۇرۇلما ۋە مەيلى ئوبرازلار جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يېڭى دەۋىر شېئىرىيىتىدىكى ۋەكىللىك سەرخىل شېئىرلارنىڭ بىرى دەپ باھا بېرىشكە مۇۋاپىق شېئىردۇر. شۇڭا بۇ شېئىر توغرىسىدا تەتقىقاتچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزلىنىش، مۇھاكىمە، مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاخىردا ئۇستاز، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت ۋە مۇۋاپىققىيەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلەپ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1. جۇلىيۈەن(朱立元) «بۈگۈنكى غەرىب ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (当代西方文艺理论)  شەرقى جوڭگۇ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى (华东师范大学出版社)  1997-يىل 1-نەشرى، 2003-يىل 8-بېسىلىشى

    2. ئارزىگۈل، شادىيە، گۈلشەنلەر تۈزگەن «بۈگۈكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل  1-نەشىر 1-بېسىلىشى.

    3.ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل 1-نەشرى

    4. «تۇرپان» ژورنىلى 2003-يىللىق 1-سان، 2004-يىللىق 2-سان.

    5. «تارىم» ژورنىلى 2008-يىللىق 10-سان.

    6. «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 1992-يىللىق 6-سان.



    [1]  ئا. جالالىدىن : «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 164-بەت

    [2]  جۇلىيۈەن(朱立元) «بۈگۈنكى غەرىب ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (当代西方文艺理论)  شەرقى جۇڭگۇ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى (华东师范大学出版社)  1997-يىل 1-نەشرى، 2003-يىل 8-بېسىلىشى 17-بەت.

    分享到: