ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    ئابدۇرېھىم ئابدۇللاشېئىرلىرىدىن - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    تېما:ئابدۇرېھىم ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن 

    قاناتلىق شائىر


    قاناتسىزدۇر ئىنسان ھاياتتا،

    ئۇچتۇم لېكىن شىئېرىي قاناتتا.

    ****

    نىمە دېگەن گۈزەل دۇنيا بۇ،

    بىزەپ كەلدى يۇلتۇز، ئاي، قۇياش.

    كەملىرىگە رەڭ بېرىپ ئىنسان،

    ياساپ چىقتى بىر قىزغا ئوخشاش.

    قانچە لەززەت ئاشۇ دۇنيادا،

    غېرىبانە بىر قېتىم ياشاش.




    پايانىغا يەتمىدى كۆزۈم،

    ئۇپۇقلاردا قالدى نىگاھىم.

    چىللىغاندا ئاسمان دىلبىرى،

    لاچىن بولسام ئىدى ئىلاھىم.

    زارىقتۇرغان مەنزىللىرىمنىڭ،

    مىسرالىرىم ئەركىسى دائىم.




    كۆيدۈرىدۇ قېنىمنى ئوتتا،

    دېڭىزلارنىڭ زەڭگەر دولقۇنى.

    چىرايىمنى تاۋلايدۇ چوغدەك،

    گۈرۈلدىگەن قۇياش يالقۇنى.

    قوۋرۇغامدىن ياسايدۇ قەپەز،

    ھەۋەسلەرنىڭ ئۇچقۇر ئالۋۇنى.

    ئارزۇلىرىم نېمانچە ئاچكۆز،

    ۋۇجۇدۇمنى چىشلەيدۇ تالاپ.

    تىنىقىمدا تىنجىماس بوران،

    ھالسىرايدۇ تاغلار قالتىراپ.

    لىكىن نۇردا ياشىدىم يارقىن،

    قەلىممدە يۈرەك يالتىراپ.




    مىسرالىرىم ياشاشقا رىشتە،

    ۋەزىنلەردە ئۈمىتلەر پەخرى.

    تەسەۋۋۇردا بولساممۇ بىھۇش،

    نەپەسلەردە ئاتىللا قەھرى.

    باي قىلماستىن شائىر قىپ مېنى،

    ئوڭ كۆزىدە قاراپتۇ تەڭرى.


    ھەر قىسمەتنى كۆردىكى بېشىم،

    بىر خىيالى لەزەتتە ئۆمرۈم.

    سېغىنىشنىڭ شىرىن ئوتىدا،

    گاھى يايراپ، گاھىدا كۆيدۈم.

    گۈلجاھاننى، جاننى، جاناننى،

    شىئېرىم بىلەن سۆيدۈما-سۆيدۈم.




    قايدا مەندەك بەختى سەيياھنىڭ،

    مۇڭدىشىمدۇر يىراق ئەسىرلەر.

    پارات قىلىپ ئۆتەر ئالدىمدىن،

    ئۇچۇپ كەتكەن كۆركەم پەسىللەر.

    مەرھابا! دەپ قۇۋۇق ئاچىدۇ،

    قۇم ئاستىدىن ئالتۇن قەسىرلەر.


    ھېلىمۇ ھەم جەڭدە تۇمارىس،

    قىلىچىدا چاقماق ياندۇرۇپ.

    كۆكتىن كىشنەپ چۈشەر دۇلدۇلى،

    قىيالارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ.

    بارگاھىدا بەزمە قىلىشتۇق،

    قىدىرخانغا تەمبۇر چالدۇرۇپ.




    نۇزۇگۇمنىڭ ئاپئاق چېچىدىن،

    نۇر تۆكىمەن تاڭلار كۆكسىگە.

    دەس تۇرغۇزۇپ سادىرنى قايتا،

    قامەت قوشتۇم ئابرال ھۆسنىگە.

    ناۋاينى يوقلاشقا باردىم،

    ھىراتتىكى قەدىم رەستىگە.




    مەن ئاشۇنداق ئىككى ئادەممەن،

    بىرى يەردە، بىرى سامادا.

    لىرىكامدىن پۈتمىسە قانات،

    ياشاركەنمەن غاردا، كاماردا.

    ئىلھام قۇشۇم بولغاچ خەيرىيات،

    پەرۋاز قىلدىم كۆكتە، ھاۋادا.

    *****

    قاناتسىزدۇر ئىنسان ھاياتتا،

    ئۇچتۇم شۇنداق شىئېرى قاناتتا.

    2005.7.10



    ئاھ، ئاتىلار

    ھەممە شائىر «ئانام...»لا دىدى،

    ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.

    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،

    يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.




    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،

    نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.

    خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،

    بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.


    دائىم ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،

    كۆردى نى-نى دەردۇ بالالەر.

    ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،

    كەزمىدىمۇ تاغۇ دالالەر.




    نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،

    قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.

    ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،

    ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.


    تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،

    ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.

    يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،

    شىر، يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.


    بىز ئاتالدۇق تانسىدا يىگىت،

    ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

    ******

    يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،

    جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.

    كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،

    قىلىچ بىلەن يارالسا دۇنيا.


    توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،

    ھۆرلۈك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.

    كۆڭلەك بەرسە ئاتام ماتادىن،

    بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە.


    سايىلەردە ئانام ئەللىيى،

    مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقىدا.

    خامانلاردا ئاتام لاي...لېيى،

    شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.


    مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى،

    ئاتام سىلىكىپ مىندۇردى ئاتقا.

    جاپالاردا راسا تاۋلىدى،

    خار قىلماي دەپ ياۋلارغا، ياتقا.


    چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،

    ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.

    ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،

    بېشى دەريا ئۆزى كېمىدە.


    مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،

    قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.

    ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار،

    ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.


    مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،

    ئاھ، جان ئاتام جەڭگاھتا شېھىت.



    مەھمۇد تىلى

    (مەھمۇد كاشىغەرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كوللىكتىپ دىكلاماتىسىيە قىلىنغان.)

    كۆرۈڭ ئالەمدە ئۇيغۇرزادە مەھمۇد تۆردە-شۆھرەتتە،

    ئەبەد ئۆلمەس ئۆمۈر تاپتى دىۋانى تۈركىي لوغەتتە.

    بۈگۈن توي، تەڭرىتاغ پامېر، رىزا ئۆز ئوغلىدىن چەندان،

    لەھەل قىرغاققا سايرام چايقىلار مارجانۇ زۇمرەتتە.

    كۈنەس راسلاپ يېشىل مەخمەل پايانداز سالدى باغرىدىن،

    ئەنە، ئابرال بىلەن بۇغدا شەرەپتىن كۆركى نۇسرەتتە.

    سامادا شوخلىنىپ قەشقەر، مۇقامنىڭ پەيزىدە يەركەن،

    ئىلى بۇلبۇللىرى كۈيدە، قۇمۇل يايرايدۇ مەشرەپتە.

    ئانا تىل بەلگىسى ئەلنىڭ، ئانا تىل تاجىدۇر شاننىڭ،

    ئانا تىل ئىپتىخارىدا بوۋاق ئۈنلەيدۇ لەززەتتە.

    ناۋايى يايرىغان تىل بۇ، ئاماننا سايرىغان تىل بۇ،

    بوۋام سادىر غەزەل ئېيىتقان ئانا تىل لەۋزى شەربەتتە.

    تىلەكتە جارىدۇر بۇ تىل، يۈرەككە دارىدۇر بۇ تىل،

    تىلىم سەلتەنىتىدىن تاڭ قېلىپ بۇلبۇلمۇ ھەيرەتتە.

    قاراڭ، ھەيھات! بىلەن پارىژ سالامدا موسكېۋا، لوندون،

    پۇرۇخسىز جەڭدە شان قۇچقان يىتۈك ئوغلانغا ھۆرمەتتە.

    دېڭىزلار قاغجىراپ بەلكىم چۆكەر تاغ تەكتى سىراغا،

    لېكىن تىل شەۋكىتىم ئۆلمەس، ھايات مەھمۇدمۇ ئەلۋەتتە.

    -ئاپتور: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرىياتىدا

    ئەسكەرتىش : بۇ تېما كائىنات مۇنبىرىدىن تاللاپ كېلىندى.
    分享到: