ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    رەشىد:ئۇنۋېرسىتېتتىكى كۈنلەر(1) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئۇنۋېرسىتېتتىكى كۈنلەر

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

     

    «كۈن كۈننى قوغلار» دەيدۇ كونىلار. مانا ھەش – پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلاشقىنىمغىمۇ ساپمۇ - ساق ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. گەرچە كۆڭلۈمدە ھاياتىمدىكى بۇ ئالاھىدە     «پەسىل»دىكى قىزغىن، ئىزدىنىشكە، ئاچچىق – تاتلىق قىسمەتكە تويۇنغان ئۆزگىچە كەچۈرمىشلىرىمنى خۇلاسىلاپ چىققان بولساممۇ، لېكىن بۇ توغرىدا بىرەر پارچە ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى ئەسەر يېزىپ، بەزى ئۆزۈمگىلا خاس بولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتى توغرىسىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى، ئويلىنىشلىرىمنى ئىپادىلەپ بېقىش ئىستىكى ئىزچىل مېنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىنمۇ ۋە ياكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىدىمۇ ئەيتاۋۇر تا بۈگۈنگىچە بۇ توغۇرلۇق قولۇمغا قەلەم ئالالمىدىم. يېقىنقى كۈنلەردە يېتىلىۋاتقان ياش شائىر، قىزغىن قەلەمكەش دوستۇم مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالىي مەكتەپتە يازغان كۈندىلىك خاتېرىلىرىمنى ئاختۇرۇپ، بەزى مېنى ئويلاندۇرغان، ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە ئىشلارنى ئامال بار ئەسلىدىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قايتىدىن قەلەمگە ئالدىم. قېنى بۇ مېنى ئويلاندۇرغان، پىكىرلىرىمگە ئوت ياققان، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ھەققىدىكى شەخسىي تەجرىبىلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. بەلكىم بۇ يەردە سىزنىڭمۇ پىكىرىڭىزگە ئوت ياققۇدەك بىرەر تال «چوغ» ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    سەپەر ھېسلىرى (2002-يىلى 31-ئاۋغۇست، 1-سىنتەبىر كۈنلىرى)

    ھاياتتا بەزىدە شۇنداقمۇ توغرا كىلىپ قىلىشلارمۇ بولىدۇ. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دەل مەن ئون سەككىز ياشقا تولغان كۈنۈم ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقان، خولۇم – خوشنا، دوست – يارانلارغا،  ئۆزۈم تۇغۇغلۇپ ئۆسكەن يۇرت ئەزىزانە قەشقەرگە «خوش» ئېيتىپ، رايۇنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم يۇرتى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قاراپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتىم. ئون سەككىز ياش ماڭا نىسبەتەن دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سىياسى جەھەتتىكى گىراژدانلىق سالاھىيەت ئىتىراپى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ھاياتنىڭ، ياشلىق قەدەملىرىنىڭ، ئىلىم ئۈچۈن ئۆرلەشنىڭ تۇنجى پەلەمپىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىمدا ئالاھىدە بىر سەھىپە بولۇپ قالدى.

    ئۆيىدىن ئىلگىرى ئايرىلىپ باقمىغاچقىمۇ، پويىز تاكى مارالبېشىغا كەلگۈچە، كۆزۈم ياش ھالدا دەرىزىدىن توختىماي كەينىمىزدە ئۇزاپ قالغان ئانا يۇرت مەنزىرىلىرىگە قاراپ جىم بولۇپ قالدىم. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردىلا «ئانا يۇرت»نىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ كونكېرىت ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ھاياجاندىن:«ئانا يۇرت ۋەتەننىڭ لېۋى. سەن ۋەتەننى سۆيمەك بولساڭ ئالدى بىلەن ئانا يۇرتنى سۆي. بۇ سۆيۈش كونكېرىت بولىدۇ. سېنىڭ ئانا يۇرتنى سېغىنىشلىرىڭ، ئانا يۇرت ئۈچۈن تۆككەن قان – تەرلىرىڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك سىياسى ئۇقۇم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ بىر ئادەمنىڭ، كوللىكتىپنىڭ، ئومۇمىي ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق ھېسىياتىدۇر ...» دېگەن بايانلىرى ۋە ئۇيغۇر شائىرى گۇمنامنىڭ:«

    مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر كاشىغەر،

    ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر كاشىغەر.

    ئىشقۇ ئۈلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ – مېھنەت جۇش ئېتەر،

    تۇفراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشىغەر.

    دلرەبالار باغرىنى لەئىلى بەدەخشان ئەيلەگەي،

    بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈلئۈزارى كاشىغەر،

    ......................................

    .......................................

    ئۇدۇ ئەنبەر تۇفراغىدۇر ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،

    دۇررۇ مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشىغەر.

    .................................... »

    دېگەن مىسرالىرىنى جانلىق دىكلىماتسىيە قىلىغان جاراڭلىق ئاۋازى يادىمدىن كەچتى.

    سەپەرگە دادام بىرگە چىققان بولۇپ، ئۇ مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەلمەكچى ئىدى. دادام مېنىڭ مەيۈس كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھېلىدىن – ھېلىغا ئالما، ئۈزۈم ياكى تۇخۇم، گازىر سۇنۇپ ئاۋارە ئىدى. مەن ئاخىرى دادامدىن ۋە ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان سەپەرداشلىرىمىزدىن خىجىل بولۇشقا باشلىدىم. «ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدۇ» دەپ چوڭ قىلغان دادامنىڭ ئالدىدا مەڭزىمدە قۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ياش نەملىرى مېنى خىجىل قىلماقتا ئىدى. راست، يىگىت يىغلىسا بولمايدۇ. ئەلنىڭ، يۇرتنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغان ئادەم يىغلاپ يۈرسە، ئۇنىڭ ھىماتىدا بولىدىغانلارنىڭ كۆزلىرى بۇلاق بولمامدۇ؟!... يىگىت ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى، زەبەردەستلىكى، قورقماس باتۇرلىقى، مەردۇ – مەردانىلىقى بىلەن ئەل – يۇرتنى يۆلەيدۇ، ھەممىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭ زىممىسىدە تاغلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر مەسئۇلىيەت بار. مانا ھەقىقى يىگىت، يىگىتلىك مۇقامىغا يەتكەن ئەۋلادلا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. تاشمۇھەممەت باتۇر ئېيىتقان «يىگىت يىغلىمىسۇن» دېگەن ناخشا قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى. «يىگىت يىغلىمىسۇن دوستلار دۇنيادا ...». ئەمما مېنىڭ بۈگۈنكى ياشلىرىم قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەببىتىدىن، ئانا يۇرت سۆيگۈسىدىن تۆكۈلگەنىدى. مېنىڭچە ياش تۆكۈشنى قوللاپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بۇنداق ياشلار بىر يۇرتنى گۈللەندۈرىدىغان ئېقىن سۇغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىدى. ياش بەزىدە ئاجىزلىقتىن ئەمەس، كۈچلۈكلىكتىنمۇ تۆكۈلىدۇ.

    پويىز پات – پات توختاپ يەنە قوزغىلىپ چىكى يوق چۆللۈكلەردىن كېسىپ ئۆتتى. ئەنە توغراقلىقلار، چېكى يوق توقايلار، توقايلارغا قىستۇرۇپ قويۇلغان گۈلگە ئوخشاش كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان كۆجۈم – كۆجۈم يۇرتلار، تارىم، كۆنچى دەريالىرى، تەڭرى تاغلىرى ... ھەممىسى بىر – بىرلەپ ئارقىمىزدا قالماقتا. پويىز دېرىزىسىدىن تويماي سىرتقا قارايمەن. ئاخىرى كېچە باغرىغا كىرىپ كەتتۇق. بۇنداق ئۇزۇن سەپەردە كېچىنى ئۆتكۈزمەك بەك تەس بولىدىكەن. كاللام ئۆتكەن كۈنلەر بىلەن بۈگۈندە بولغان، بولىۋاتقان، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىم توغرىسىدىكى خىياللار بىلەن ئېغىر. ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە بەردىم:« مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى قەدىرلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىگەللەشكە تېگىشلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەيمەن. ئاخىرىدا ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپ، ئاتا – ئانام، دوستلىرىم شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تىلىگىنىدەك ياراملىق  بىر زىيالىي بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن....».

    ئۇنۋېرسىتېتىكى تۇنجى كۈن (2002-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى)

    ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيانقى بىر قانچە كۈندە ئۈرۈمچىدىكى ھاممامنىڭ ئۆيىدە بولدۇق. مانا بۈگۈن ئۆزۈم تۆت كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە تەقەززا بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىگە تىزىمغا ئالدرۇرۇش ئۈچۈن يېتپ كەلدۇق.

    ھەيۋەتلىك دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىۋاتقان بىر – بىرىدىن مەدەنىي، جۇشقۇن ياشلار، بىزگە ئوخشاش تىزىمغا ئالدۇرغىلى كىلىپ بىر خىل ياتسىراش، قىزىقىش ئىچىدە تۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، قارشى ئېلىش پىلاكاتلىرى ھەممىسى قوشۇلۇپ ئالاھىدە بىر خىل كەيپىيات پەيدا قىلغان ئىدى. بىز ئانچە تەمتىرىمەيلا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردۇق. ھەممە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى ئورۇنلاشقان ياتىقىمغا نەرسە – كېرەكلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ قويۇپ دادام بىلەن بىرگە تاماققا چىقتۇق. مەكتەپ ئاشخانىسى چوڭ، ئازادە بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم رۇجەكلەردە ھەر خىل تاماقلار ئىلىكتېرونلۇق كارتىلار ئارقىلىق سېتىلاتتى. ئاشخانىدا بىزدىن باشقا ئادەم يوق بولۇپ، بىر كۈتكۈچى قىز ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ ئاۋارە ئىدى. تۇرىقىدىن ئوقۇغۇچىدەك قىلاتتى. كېيىن بىلسەم ئالىي مەكتەپتە، ئۇنىڭدەك مەكتەپ ئاشخانىسى، كۇتۇپخانىسى ۋە باشقا سىرىتتىكى ئورۇنلاردا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. بىز تاماق يەپ ئولتۇرساق بىر خەنزۇ قىز ئوقۇغۇچى كىرىپ تاماق ئېلىپ بىزدىن ئىككى ئۈستەل نىرىدا ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا ھەيران قالدىم. سەۋەبى بىزنىڭ يۇرتتا خەنزۇلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار مىللىيلارنىڭ ئاشخانىسىغا تاماققا كىرمەيتى. شۇڭلاشقىمىكىن بۇ خەنزۇ قىزنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئۇرۇمچىدە مىللىيچە ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. چوڭ شەھەردىكى مەدەنىيەتلەر قوشۇلىشى تەرققىياتنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ئاللىقاچان ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغانىدى. مانا ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ كۆپىيىپ، مىللىيچە ئاشخانىلاردا ئۇلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. جەمئىيەت نەقەدەر تىز ئۆزگۈرىۋاتىدۇ ھە!

    تۇرپانلىق بالا (2002-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى)

    ئالىي مەكتەپكە تۇنجى بارغان ئادەمدە دەسلەپتە بىر خىل يۇرتۋازلىق ئىددىيىسى ۋە تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈكرەك بولىدۇ. گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدىن تارتىپلا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئۇنىڭ «توۋا دەيمەن توۋا» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ يۇرتۋازلىقتىن كۈچلۈك ئىبرەت ئالغان بولساممۇ، لېكىن كىچىككىنە يۇرتۋازلىق تۇيغۇسىدىن مەنمۇ چەتتە قالمىدىم.

    ھەربىي مەشىق ۋاقتىمىز ئىدى. مەكتەپكە تىزىمتىلىتىپلا ئەتىسىدىن باشلاپلا ھەربىي مەشىققە چۈشۈپ كەتكەچكە، تېخى بىر ياتاقتىكى بالىلارنىڭمۇ ئىسملىرىنى تولۇق بىلىشىپ بولالمىغان ئىدۇق. ئەمما بىر – بىرىمىزنىڭ شىۋىسىدىنلا يۇرتلىرىمىزنى ئېسىمىزدە تۇتۇپ ئۈلگۈردۇق. دەسلەپ ئىسمىمىزنى بىلىشكىچە «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك»، «تۇرپانلىق»، «كورلىلىق» دېيىشىپ بىر – بىرىمىزنى چاقىرىپ يۇردۇق. ياخشى يېرى ياتاقتىكى ھەممىمىز بىر كىچىك گورۇپپىدا مەشىق قىلاتتۇق. ھەربىي مەشىق ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، بۇ كەمگىچە بۇنداق ئېغىر مەشىقلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغاچقا ھەممىمىزگە ئېغىر كىلەتتى. ئۈرۈمچىنىڭ تېخى سوۋۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىسسىق، تىنجىق ھاۋاسىدا پۈتۈن كۈنلەپ مەيداندا «مارش»قا دەسسەپ ھالىمىزدىن كەتكەن ئىدۇق. ئارىدا تېخى بىر – ئىككى ئوقۇغۇچىمۇ ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

    بۈگۈن مەنمۇ ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن بولۇپ، سەپتە تۈز تۇرۇشقمۇ خوش ياقمايۋاتاتتى. يېنىمدا «تۇرپانلىق» ياتاقدىشىم تۇراتتى. ئۇنى ياتاقدىشىم دەپ ئۆزۈمگە يېقىن كۆردۈممۇ قانداق ئۇنىڭغا يۆلەندىم. ئۇ تېخى ھارمىغاندەك تىككىدە تۇراتتى. تۇرپاننىڭ ئوت ئىسسىق ھاۋاسىدا پىشىپ كەتكەن بۇ بالىغا قارىغاندا ئۈرۈمچىنىڭ بۇ ئاپتاپلىرى ھېچنىمە ئەمەستەك ئىدى. ئۇ نارازىلىق ئارىلاش قوپاللىق بىلەن «ر» ھەرىپىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ؛- رۇس تۇرۇڭلار، رۇس! – دېدى.

    -      بەك ھېرىپ كەتتىم، - دېدىم ۋايساپ.

    -      ئوغۇل بالا دېگەن شۇنچىلىك جاپاغىمۇ چىدىمىسا ئوغۇل بالا بولامدۇ؟! قەشقەردىنمۇ سىلىدەك ئادەم چىقىدىكەن ...

    ئۇنىڭ گىپى ماڭا خېلىلا تەسىر قىلدى. ئويلىماپتىمەن، ئالىي مەكتەپتە ھەممىمىز ھەر يەردىن كەلگەچكە ھەر بىرىمىز باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆز يۇرتىمىزدىكىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەنمىز. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھەربىي مەشىق ئاخىرلاشقۇچە ئۆزۈمنى رۇس تۇتتۇم. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئۇنىڭ شۇ بىر ئېغىز سۆزى مېنىڭ يادىمدىن زادى كۆچمىدى. ھەتتا بەزىدە ماڭا بۇ ئىلھام بولدى.

    كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» بىلەن يۇرتداش بولغان ئىدىقۇتلۇققا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ، تۇرپانلىقلارنى باشقا يۇرتلۇقلاردىن قەيسەررەك ئىكەن دەپ ئويلاپمۇ يۈردۈم. ئەمەلىيەتتە بىر يۇرتتىن ھەر قانداق ئادەم چىقىدىغانلىقى، قانداقتۇر يۇرتىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى كېيىن ئىسپاتلاندى. ئەمما ئاشۇ بىر نەرسە كۆڭلۈمدە ئايان بولدىكى، بىز يۇرتتىن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە چىقساق جۇڭگۇلۇقنىڭ ياكى ئۇيغۇرنىڭ، ئىچكىرىگە ياكى  باشقا ئۆلكىلەردىكى يات مىللەتلەرنىڭ ئالدىغا بارساق شىنجاڭلىق، ئۇيغۇرنىڭ، شىنجاڭدا بولسا ئۆز يۇرتىمىز قەشقەر، حوتەن ئاتۇش، تۇرپان. غۇلجا قاتارلىق يۇرتلارنىڭ، شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنمىز. ئادەمگە نىسبەتەن كىملىك ئاشۇنداق ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئوخشىمىغان ھالەتلەردە ئايان بولىدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ياخشى تونۇغاندا، ئۇنى جارى قىلدۇرغاندىلا سىزنى باشقىلار تونۇپ، ئىتىراپ قىلدىكەن. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا باشلاپ بەرگەن جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆزلۈك تالاش – تارتىشلىرىنىڭ قىممىتى  بىر قانچە توملۇق رومانلاردىن نەچچە باراۋەر ئۈستۈن تۇرغۇدەك.

    قىزغىن لىكسىيەلەر

    ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى مەكتىۋىمىزدە پات – پات بولۇپ تۇرىدىغان ئىلمىي لىكسىيەلەر، مۇنازىرە پائالىيەتلىرى ئىدى. ھەر قېتىملىق بۇنداق پائالىيەتلەردە مەكتىۋىمىزدىكى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن پروفېسسور، ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئەدىبلەر، غەيرەتلىك سىتۇدىنت ياشلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى، تەجىرىبىلىرى، چەتئەل تەسىراتلىرى، ئۆزگىچە ئىزدىنىشلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بىرەتتى. مەن ئويلايمەن بۇنداق ئىلمىي ياكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بىر ياكى بىر قانچە كىتابنى ئوقۇغاندىن قىلىشمايدۇ ھەتتا بسېىپ چۈشىدۇ. چۈنكى بۇ لىكسىيەلەردە لىكسىيە سۆزلىگۈچى بىر بولسا ئوقۇغۇچىلار كىتابلاردىن ئالالمايدىغان ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي ئىزلىنىش نەتىجىلىرىدىن، ئىلمىي تەجرىبىلىرىدىن ياكى ئىلم - پەننىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشدىن خەۋەردار قىلاتتى. يەنە بىر بولسا، جەمئىيەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسلىلەر ئۈستىدە، مەلۇم ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ بىر قەدەر پىشقان، ئىلھام بەخىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

    مەن ھەر قېتىم بۇنداق پائالىيەتلەردىن قايتقىنىمدا ئۆزۈمدە دائىم بىر خىل زىلزىلىنى سىزەتتىم. مانا بۇنداق پائالىيەتلەردىن ماگىستېر ئاسپىرانتلارنىڭ دىسىرتاتسىيە يىغىنلىرى، «ئاقيول شېئىرىيەت مۇكاپاتى يىغىنى»، «ئا.مۇھەممەدئىمننى خاتىرلەش يىغىنى»، «شەھەر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»، «مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنى 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى»،  «تىيىپجان ئىلىيوفنى خاتىرلەش يىغىنى»، «نۇرمۇھەممەت زامان ئىجادىيەت ھاياتى يىغىنى» ... قاتارلىق ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇكېرىم رەھمان، غەيرەتجان ئوسمان، ئازات سۇلتان، ھوشۇر ئىسلام، ئەسئەت سۇلايمان، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئەنۋەر سەمەد قورغان، ئىقبال تۇرسۇن، تاش راخمان، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، دىلمۇرات ئۆمەر، ئەنۋەر ئابلىمىت، زۇلپىقار بارات ئۆزباش، جالالىدىن بەھرام، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئۆمەرجان ئىمىن، قۇربان بارات، ئابدۈشكۈر كېرەم كۆك، ئادىل تۇنياز، ئۈمىد غىنى قاتارلىق ئالىم، پروفېسسور، يازغۇچى، شائىر، رەسسام، سەنئەتكارلار ئۇستازلارنىڭ، قاتناشقان ئىلمىي ياكى ئىجتىمائىي لىكسىيەلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى، كېيىنكى ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمغا كېرەك بولىدىغان، ئىلھام بولىدىغان بىلىملەرنى، قوزغاتقۇچى پىكىرىلەرنى خاتىرلەپ ئۈلگۈردۈم.

    مەن بۇ ئەسلىمىلەرنى، بۇ قوزغاتقۇچى پىكىرلەنى ھاياتىمغا نىسبەتەن بىر ئۆمۈرلۈك روھىي خەزىنە دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىمۇ بىرەر ئىلمىي لىكسىيەنى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىساملا ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئالدىرايمەن. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالىغانلىقىم، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە ئىلھام، مەدەت ئالالىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن.

    - داۋامى بار

    分享到: