ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 7-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى، دېگەنىدى بىر ئۇستاز. مەن بۇ سۆزنى قوللايمەن. شائىر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئادەتلەنگەن تىل فورمىسىنى توختىماي بۇزۇپ تۇرغۇچىدۇر. بولمىسا ئۇزاق تارىختىن ئاۋاللا كىيىنكىلەرگە گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. دېمەك، شائىر قىلىپتىن چىقىپ قەلىبكە يىقىنلاشقۇچى ئىكەن. ئىلگىرى چاھار ماقالە دېگەن كىتابنى كۆرگەن چىغىمدا مۇنداق مەزمۇندىكى بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدىم: «بىر شائىر بولماقچى بولغان كىشى ئۆزى بىلەن دەۋرداش ياكى ئىلگىرىكى دااڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن 20مىڭ مىسرانى يادا بىلىشى كېرەك»... بۇ گەپ مېنى بەك چۈچۈتكەنىدى. چۈنكى شائىرلىققا ھەۋەس قىلساممۇ شېئىر يادلىمايىتتىم. ئۆزۈم ياقتۇرغان شېئىرلارنى قايتا- قايتا ئوقۇيىتتىم،  ھەر قىتىم ئوقۇغۇنۇمدا ئوخشىمىغان لەززەتنى ھېس قىلاتتىم. گەپكە قايتىپ كەلسەم، شائىر بولماقچى بولغان كىشى باشقىلارنىڭ 20 مىڭ مىسرا شېئىرىنى يادلىسا ئۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتى تەقلىدچىلىككە پېتىپ قالامدۇ قانداق؟ سىزمۇ باشقىلارنىڭ شېئىرىنى يادلاپ باققانمۇ؟ ماڭا ۋە مەندەك ھەۋەسكارلارغا بۇ ھەقتە نىمىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىز ۋە سۇئالغا مۇقەددىمە بولغان شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدىكى شەرھلىرىڭىز سىزنىڭ بۇ ھەقتە خىلى چوڭقۇر ئويلانغانلىقىڭىزنى بىشارەتلەپتۇ، شۇنداقلا بۇ بىشارەتلەردىن ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان ۋە توغرا دەپ قارىغان قاراشلىرىڭىزنى مەن ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم. دەرۋەقە، شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچىدۇر. شائىر تىلنىڭ مەنە مۈمكىنچىلىكلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. شائىرنىڭ پائالىيەت مەيدانى تىل ياكى مەنە بولماستىن بەلكى تىل ۋە مەنە ئارىسىدىكى بوشلۇقتۇر. شائىر بۇ بوشلۇقتا تىلنى ئەزەلدىن بىر ياكى بىر نەچچىلا مەنىنى ئىپادىلەش بەخشەندىلىكىدىن ئازاد قىلىپ، چەكسىز مەنە مۈمكىنچىلىكىگە ئىرىشتۇرىدۇ. مەنىنى تىلنىڭ مۇستەھكەم ۋە يىمرىلمەس قورشاۋىدىن ئازاد قىلىپ، مەنىنىڭ ئاداققى مەنزىلى- مەنىسىزلىك پايانىغا باشلايدۇ. بىز بۇنى دەسلەپتە ھازىرقى زاماندىكى بۈيۈك ئەللامىمىز ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ۋە شېئىر ھەققىدىكى يازمىلىرىدىن كۆرگەنىدۇق، ھازىر يەنە  بىر تۈركۈم يېڭىلىقپەرۋەر ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن كۆرمەكتىمىز. مەن سىز ئىيىتقان «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باقمىغان، بىراق «چاھار» دېگەن سۆز ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ  كىلاسسىكلىرىمىزغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەرقانداق بىر كىتاب ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك دەستۇر ئەمەس(دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى بۇنىڭ سىرتىدا). ھەر بىر ياخشى كىتاب ھەر بىر ھاياتلىق ۋە ئىجادىيەت باسقۇچلىرىمىزدا بىزگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، بىز ئۇچراشقان ئۇ كىتابلار بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىر- بىرىنى رەت قىلىدۇ، بىراق بىز قەلبىمىزنىڭ بەرباد بولۇشىدىن قورقۇپ كىتاب ئوقۇشنى قەتئى توختىتىپ قويالمايمىز،  بىزنىڭ  بەرباد بولۇش خەۋپى ئىچىدە تۇرغان ئاشۇ قەلبىمىز، تەۋەككۈلچىلىككە تولغان خارەكتىرىمىز ۋە مەڭگۈ ئاچ مەنىۋىيىتىمىز بىزنىڭ تىنىمسىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىزنى بەلگىلىگەن. كىتابلارغا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىرى قاچىلانغان. كىتابلار ئۈزلۈكسىز نەشىر قىلىنىپ تۇرىدۇ، كىتابلارغا قاچىلانغان بىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان  كىتابلار پەقەت ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ شۇ باسقۇچىغىلا تەۋە. «20مىڭ مىسرا شېئىر» يادلاش بەلكىم ئەينى زاماندىكى شائىرلارنىڭ شېئرىي تاكامۇللۇققا يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتكەن يول بولۇشى مۈمكىن. بەلكىم ھەددىدىن تاشقىرى شەكىل مۇكەممەللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ئارۇز ۋەزىن ئۈچۈن بۇنىڭ ئاز بولمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى باردۇر. بىز كىلاسسىكلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلمايمىز، بىراق  ئەينى زامانغا تەۋە بولغان كىتابتىكى بىزنىڭ ھازىرقى ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان تەشەببۇسنى ئۆزىمىزگە تاڭمايمىز. مەنمۇ شېئىر يادلاپ باققان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس»، ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلىرى ۋە چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى» دېگەن داستانىنىڭ دەرىسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قىسمىنى يادلىغان. كىيىن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېرىنى يادلىدىم. ئەينى چاغدا بۇ شېئىرلار ماڭا ئىنتايىن چىرايلىق تۇيۇلاتتى، ھەر بىر يادلىسام كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل ۋە يارقىن تۇيغۇلارغا چۈمۈلەتتى. بۇ شېئىرلارنى ھازىرمۇ يادلاپ بېرەلەيمەن، چۈنكى ئۇ پاك ۋە سەبىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى. گەرچە ئۆتمۈشنى ھازىرىمغا قويۇپ ئاڭا تىۋىنىش ئويىدا بولمىساممۇ ئەسلىمىنى تاشلىۋىتەلمەيمەن ۋە تاشلىۋىتىشنى يامان كۆرىمەن. شېئىر يادلاش ئۇنچىۋالا يامان ئىشمۇ ئەمەس، پەقەت مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىڭىزنى ئادالاش، گۈزەل تۇيغۇلارغا چۈمدۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يادلىسىڭىز بۇنىڭ سىزگە ھىچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق. ھاياتىڭىز ۋە ئىجادىيىتىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، كىيىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ شېئىرلارنى ئۆمۈرلۈك دەستەك قىلىۋالمىسىڭىزلا بولدى، 20 مىڭ مىسرا شېئىر يادلاشنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلىڭىزگە بېقىڭ...

           ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: ئۆزىڭىز ياكى ئەسەرلىرىڭىز توغرۇلۇق يېزىلغان ئوبزۇر- ماقالىلارغا قانداق قارايسىز؟

    غوجىمۇھەمەد مۇھەممەد: شۈكرىكى، مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرۇلۇق يېزىلغان ئوبزۇر ماقالىلار كۆپ ئەمەس. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە تىچ- ئامان ۋە جىمجىت ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىمغا ئاز بولمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، مەن تىپىك كەمسۆز ۋە غەمكىن تەبىئەتتىكى ئىچ مىجەز كىشى. مەن ھىچقاچان بۇنچىلىك كۆپ سۆزلەپ باقمىغان. سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى بولغاندا بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدىغىنىمنىمۇ بىلمەيىتتىم... مەن توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار مەمتىلى ھىلىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەگەر ناخشىچى بولۇپ قالغان بولسا...» ۋە نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «شىنجاڭ مەدىنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئادىل تۇنىياز ۋە مەن ھەققىدە يېزىلغان «ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى» بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ماقالىلارنىڭ بىرىنچىسىدە مېنىڭ شېئىرنى دەپ ئۆي-  ماكانسىز قالغانلىقىم، ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسام ئەقىلدىن كۆرە ھېسسىياتقا بەكرەك مايىل خەلقىمىزنىڭ مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغانلىقى، رېستۇران- قاۋاق، توي-  بەزمىلەردە  ئالغان ئۆرۈمىلەر بىلەنلا بايۋەتچىلەردەك كۈن كەچۈرىدىغانلىقىم... تەسىرلىك بايان قىلىنغان. ۋەھالەنكى بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مەن بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى- مەمتىلى ھىلىم بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولمىغان، تېلېفۇندا كۆرۈشمىگەن، ھەتتا خەت- ئالاقە قىلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇ شۇنىڭدىن بىر يىللار ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ بايانى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى (مۇتەللىپ ئىقبال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان) ۋە ئەدەبىبىيات ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرگەن مەن ھەققىدىكى ئىپقاچتى گەپلەرنى ماتىرىيال قىلىپ بۇ ماقالىنى يېزىپتۇ. بۇ ماقالىدا تەسۋىرلەنگەن ئىچىنىشلىق تەقدىرىم مېنى خىلىلا بىئارام قىلدى. مەمتىلى ھىلىم گەرچە مەزكۇر ماقالىسى ئارقىلىق مېنىڭ شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىم ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يازماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق  تەقدىرىمنى بايان قىلغاندىكى ھەددىدىن زىيادە ئىچىنىشلىق تەسۋىرلەر ۋە مېنى بايرۇن، مىستىرال قاتارلىق دۇنياۋى شائىرلار بىلەن سىلىشتۇرۇشلار كۆڭلۈمگە تەگدى. مەن ماقالە ژۇرنالغا بېسىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ماقالىدىن خەۋەر تاپتىم ۋە خىجىللىق ئىچىدە ئەلھۆكمى لىللاھ، دېدىم. كىيىنكى ماقالە ئاپتۇرى-  نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن بىلەن خىلىدىن بىرى قۇيۇق باردى- كەلدى مۇناسىۋىتىدە ئىدىم. تالاي قىتىملىق ئۇچرىشىلىرىمىز، كېچە- كېچىلەپ  قىلىشقان پاراڭلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ مەن ھەقتە ئاز- تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن خىلى يىللار ئىلگىرى مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلىق «روھ دارىدا تىرىلگەن ئىسيان» ناملىق ئوتتۇراھال ھەجىمدە ئەسەرمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن(بۇ ئەسەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىدى). ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى مېنى شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازاب- ئوقۇبەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، جۇلدۇر- كىپەن سوپى تەلئەت قىلىپ تەسۋىرلەشلەردىن ھاڭ- تاڭ قالدىم. مەن ئويلىدىمكى، ئۇ مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمنى بايان قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن تېشىمغا شۇنداق رەڭ بەرگەن. ھەر ئىككى ماقالە نەسىر تىلىدا تەسىرلىك يېزىلغان بولۇپ،  كىملا ئوقۇسا شۈبھىسىزكى مەن بىلەن  بىر قىتىم دىدارلىشىپ باققۇسى كېلىدۇ. شېئىرلىرىم توغرۇلۇق يېزىلغان ئوبزۇرلارمۇ پەقەت بىر نەچچىلا پارچە، ئۇلار ئەكبەر نۇرۇللارنىڭ «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تامغا سۆزلەش-  بۇلانغان ھەسرىتىمدە  قالدىم يىگانە»، تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە نەزەر» ۋە ھەزرىئەلى ئەلىنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىر- شائىرنىڭ قەلىب تارىخى» قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئوبزۇرلاردا شېئىرلىرىمغا يۇقۇرى باھا بېرىلگەن ۋە يازغانلىرىمنىڭ «شېئىر» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا تاشلىنىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۆز- ئۆزىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇ دېمەك- ھەرقانداق ئوقۇرمەننىڭ ھەرقانداق ئەسەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا ھوقۇقى بار.

            ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن:  مەن شېئىرلىرىڭىز ۋە يۇقارقىدەك سۆھبەتلىرىڭىزدىن قۇيۇق بىر خىل دىنىي تۇيغۇنى ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە مۇسۇلمان مۇھىيىتىدا چوڭ بولغان مۇسۇلمان شائىردىن بۇنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس. يەنە بەزىدە سىزنى مەشرەپ بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك ھېس قىلىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى زامانىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپ شائىرى دەپ قارامسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ئۇنداق دەپ ھېس قىلمايمەن ھەم ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت ئۈنسىز ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن. كىمدۇ بىرسىگە ئىيىتقىنىمدەك مەن ۋە شېئىرلىرىم ھەققىدىكى قاراشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. بەزىلەرنىڭ ئىيتىشىچە ھازىرقى شېئىرلىرىم «مۇقام»غا چۈشمەسمىش. ئەجەبا، مەن ئۆلگىچە ئەزەلدىن ئىيتىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ «كونا مۇقام»لارغا توۋلاپ ئۆتۈشۈم كېرەكمۇ؟ ھەر كىشىنىڭ ئۆز مۇقامى بولغاننىڭ نىمە يامىنى بار؟ قانداق يارالغان بولسام شۇنداقمەن. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولمىدىمكى، ياشاشنىڭ جەبرۇ- جاپالىرى، ئىجتىمائىيەتنىڭ چاڭ- توزانلىرى بىلەن بۇلغانغان قەلبىمنى تازىلاش بىلەن مەشغۇلمەن. تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تىخىمۇ يالقۇنلاپ ئۆز پايانىمغا يەتسەم دەيمەن. بۇ بۈيۈك مەقسىتىم ئۈچۈن پەرۋەردىگارىم ماڭا شېئىرنى بېرىپتۇ. قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خلۋەت كەپىدە ئولتۇرغىنى ئىتىكاپتىكى سوپى، شۈكرى- قانائەتچان كۆكتۆش ياكى سوۋۇپ كەتكەن جەسەد بولماستىن بەلكى ئىنسانى كامالەت ئۈچۈن يۇلقۇنۇۋاتقان بىر تىرىك ئەقىدە بولغاچقا مەندىن تەۋەككۈلچى، ئەسەبىي مىسرالار روياپقا چىققاندۇ. مەن مۇشۇنداق بولسام شۇنداق پىتى قوبۇل قىلىڭ، قوبۇل قىلالمىسىڭىز سۈكۈت قىلىپ، ئۆز ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. بىراۋنى ئۆز رايىڭىزدىكىدەك  ئادەم بولۇشقا قىستىماڭ. ئىنساننى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۆزگەرتىش مىسلىسىز جىنايەتكى، سىز ئۇنى ئازغۇنلققا، گۇمراھلىققا باشلايسىز. قەدىرلىك دوستۇم، مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت كىتابلارنى زوق- شوق بىلەن ئوقۇغىنىمدىن تانمايمەن. بەلكىم ئۇ شېئىرلار ۋە كىتابلار روھىي دۇنيايىمغا يىقىن تۇرغاندۇ.  بىراق ئۇ مېنىڭ ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدىكى ھادىسە. ئۇ مېنىڭ كىيىنكى باسقۇچلاردىكى ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مەن بىر چاغلاردىمۇ ئىيىتقان: ئەدەبىياتنىڭ چېكى يوق، ئەدەبىيات ئىنسان روھى ۋە تاشقى دۇنيانىڭ دىئالوگى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقاچان يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئاخىرلاشمايدىكەن، ئۇنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋىرىدۇ. ئىنساننىڭ ھەركىتى ھامان ئۆز- ئۆزىنى ئىنكار قىلىش بىلەن راۋاجلىنىدۇ. بىر نۇقتىدا توختاپ قىلىش ئەدىب ئۈچۈن ھالاكەتتۇر، خالاس!

     

     

    مەزكۇر ئەھمىيەتلىك سۆھبەت «چوغلان مۇنبىرى»دە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنبە يەنىلا چوغلان مۇنبىرىگە تەئەللۇق.


    收藏到:Del.icio.us