ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    رەشىد: «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

     

    شېئىرغا تەبىر بېرىش بەلكىم بىر تەۋەككۇلچىلىكتۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى چەكسىزلىكتىن بالقىپ چىققان بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش بولۇپ، سىز بۇ نۇرنى كۆرىسىز، ھېس قىلىسىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز قاراڭغۇلىقىڭىزنى يورۇتىسىز. ۋە بەلكىم، بۇ نۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇپ قالغان تۇيغۇ تەرمەچلىرىگە ئوت ياقىسىز. شۇنداق، ئەمدى بۇ گۈلخاندىن ئۆزىڭىزمۇ يانىسز، يورۇيسىز. ۋە يەنە بەلكىم، باشقا بىر رېسىقلىق ئىنسانغىمۇ بۇ ئوت ئۆز شولىسىنى چېچىپ ياكى تۇتىشىپ ئۈلگۈرىدۇ.

    شېئىردىن ئىبارەت بۇ نۇرغا ئىنساننىڭ مەۋجۇدىي دۇنياغا نىسبەتەن ئىنكاسىي نازۇك تۇيغۇلىرى، قايناق، ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسىي شېرىنلىكى، پىنھان ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ياشاش سەنئىتىگە تويۇنغان ئەقلىي ھېكمەت، ھاياتىي كامىللىقتىكى سەرخۇشلۇق سېڭگەن. شېئىر ئۈستىدە توختۇلۇپ، تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزۇرچىمىز مۇھەممەد پولات ئاكا مۇنداق دەيدۇ:« شېئىرىيەت – ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن كىشىلەر مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىنى بار تەسەۋۋۇر ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىدىغان، ئەڭ نازۇك يۈكسەك بەدئىي سەنئەت. ئۇنىڭدا تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، خىيال بىلەن تەسەۋۋۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي ئېقىمى بىلەن كونكېرىت شەخىسنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات يولى بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شېئىردا ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن كىشىلەر مەنىۋىيىتىنىڭ پايانسىزلىقى روشەن ئۇيغۇنلۇققا ئېرىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە خىيال تەسەۋۋۇرى بەدئىي باقىيلىق پەللىسىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدا روھەن پاكلانغان ئالىيجاناب ئادەمنىڭ ھەممە مەنىۋىي ئۇلۇغۋارلىقى ئايان بولىدۇ.

    شېئىر جەمئىيەت بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نەزمىي كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇ شائىرنىڭ ئەنە شۇ رېئاللىقنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ قايناق ھېس-تۇيغۇسىنىڭ بەدىئىي مەھسۇلى. شېئىر پەلسەپە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەقلىي ھېكمەت بىلەن ھاياتىي مەنتىقىنىڭ تەبئىي ماكانى. شېئىر ئاددى ھالدىكى تەسۋىرىي لەۋھە ئەمەس، ئۇ ئوبراز ۋە سۈرەتلەرنىڭ بىپايان زېمىنى. شېئىر ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىدە ۋە ئىتىقادىنىڭ پارلىشى، چىنلىق، ئىزگۈلۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ نۇرلىنىشى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي كامالەتكە يەتكەن ئۇلۇغۋار ئىنساننىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭ لېرىك سادا بېرىشىدۇر....».[1]

    ئەلۋەتتە يۇقارقىدەك ئويلىنىشلارنىڭ تېخى بىرلىككە كەلگەن جاۋابى يوق. بەلكىم مەڭگۈ جاۋابى بولماسلىقى مۇمكىن. «شېئىر – يېتىپ بولمايدىغان ماھىيەت.»[2] دەيدۇ ئەخمەتجان ئوسمان. بۇ شېئىرنىڭ ھامان ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقاندان ۋاقىتتا ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. راسىت، ھەقىقىي شېئىر ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ شائىرنىڭ روھىي دۇنياسىدىن ھالقىپ چىققاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ مەۋھۇم مەنزىلگە يەنى تۈمەن قەلىبلەرگە ئۇزاپ كېتىدۇ. بۇ تۈمەن قەلىپلەردە ئۇ بەلكىم تۈمەن خىل مەنا، تۈمەن خىل تۇيغۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە ئوخشىمىغان شېئىرىي تەسىرنى ئۆزىگە يۇغارغان ئەكىس سادانى پەيدا قىلغان بولىدۇ.

    بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، ئەمدى مەن ئۆزۈم ياقتۇرغان ۋە ھەقىقىي شېئىر دەپ قارىغان شېئىرلاردىن بىر پارچىسى ئۈستىدە بايانىمنى باشلاي:

    «ئانا تىل ھاياتىم، ئاناتىل ئەركىم» ناملىق مەن مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان بۇ شېئىر 14 پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان چاتما شېئىر بولۇپ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرىپىدىن يېزىلىپ، «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان. بۇ شېئىر توغرىسىدا «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2- سانىدا شائىر ئابلاجان بوۋاقى بىر پارچە ئوبزۇر ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ شېئىرنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ شېئىر ئۈستىدە ئىزلىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئۆلمەس ھەقىقىي شېئىرلار ئۈستىدە مەڭگۈ مۇنازىرىلەرنى قىلىشقا تامامەن مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.

    بۇ بىر يۈرۈش 14 پارچە شېئىردىن تۈزۈلگەن چاتما شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى، خەلچىللىقىنى، ئانا تىلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى «يارىلىش»، «ئورخۇن ئابىدىسى»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەلشىر نەۋائىي»، «زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر»، «ئەھمەد يەسەۋۋىي»، «بىلال نازىم»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «مەمەتئىلى توختاجى»، «قۇتلۇق شەۋقى»، «ئابدۇقادىر داموللا»، «ئانامنىڭ سۆزى» قاتارلىق 14 كىچىك ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرىي پارچىلار بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىزگە لىرىك تارىخ ۋە دەۋىر سۇئالى سۈپىتىدە ئىپادىلەپ بەردى.

    مەن تۆۋەندە بۇ شېئىر ئۈستىدە شېئىرىي مەزمۇن ۋە شېئىرىي بەدئىيلىك جەھەتتىكى تەھلىلىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

    شېئىرىي مەزمۇن:

    ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر خىل ئورتاق ھېس-تۇيغۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، شېئىر مۇئەييەن ھېس-تۇيغۇ ۋە ھايات ھېكمىتىنى سەنئەت تۈسىدە ئۆزىگە يۇغارغان سۆزلەرنىڭ بەدئىي تەرتىپتىكى «رەستىسى» بولغىنى ئۈچۈن، بىز بۇ «رەستە»دىن ئۆز دىتىمىزغا يارىغان قىممەتلەرنى جەۋھەرلەشكە ھەقلىقمىز. بەلكى بۇ قىممەتلەرنى شېئىر بىزگە ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    شېئىرنىڭ «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» دېگەن ماۋزۇسىدىنلا بىزنىڭ شېئىر يۈرىكىنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلىشىمىز تەس ئەمەس. شۇنداق شائىر شېئىرنىڭ ماۋزۇسىدىلا ئىپتىخارلىق ۋە مەردانىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئاشىقى ئىكەنلىكىنى بىزگە جاكارلايدۇ. بىز ئەمدى ئاشۇ ئانا تىل سۆيگۈسى يەنى شېئىرنىڭ يۈرىكىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا بېرىپ باقايلى:

    1. «يارىلىش» : - بۇ ھەممىگە تونۇش بولغان ئەپسانىۋىي ھېكمەتنى شائىر ئۆز قەلىمىدە قىسقىلا تۆت كۇپلىت بىلەن بايان قىلغان بولۇپ، بىرىنچى كۇپلىتىدىلا:

    تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ،

    يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

    يارالمىش قىسىسى پۈتۈلگەن چاغدا،

    تەۋرىگەن قەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز.

    دەپ يېزىپ، ئۆز قەۋمىنىڭ، ئۆز ئانا تىلىنىڭ يېراق باشلىنىشىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ ئەپسانىۋى ھېكمەتكە باغلىغان.كېيىنكى ئۈچ كۇپلىتتا بولسا، شائىر ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تاغلارنىڭ كەينىدىن يانغان سۇبھىدىن بالقىپ چىقىپ، چاقناۋاتقان قۇياشقا تەققاسلاپ، «ئانا تىلىمىزنى سۈبھىدەك پاك، ئۈمىدكە تولغان، جەلىپكار، يېقىشلىق دەپ، تاغ ۋە سۈبھىنى ئەپۇچان، سەبرى-تاقەتلىك، بارلىقنىڭ ئاتىسى ۋە قوغدۇغۇچىسى بولغان خەلققە سىمۋول قىلسا، ئانا تىلىمىزنى قۇياشقا سىمۋول قىلىپ ناھايىتى يارقىن تەسۋىرلەيدۇ.».[3]

    تىل بىر ئېتنىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ بىر مىللىي باشلىنىشنىڭ تۇنجى بەلگىسى. شائىر ئانا تىلىنى يالغۇز ئۆز يارىلىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى، ئىنسان يارىلىشىدىن باشلاپ بايان قىلىپ، ئۆز مەۋجۇدلىقنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قويىدۇ.

    2. «ئورخۇن ئابىدىلىرى» : - ئەمەلىي رېئاللىقتا تاش سۆزلىيەلمەيدۇ. لېكىن شائىر قەلىمىدە يارىتىلغان روھ سەھنىسىدە مۇزلىغان، ئەمما جىسمىدە قان ئۇرغۇپ تۇرغان مەڭگۈلۈك ئابىدىلەرنىڭ سىمۋولى بولغان مەڭگۈ تاشلار سۆزلەيدۇ. بۇ مەڭگۈلۈك پەقەت ئىلىم-ھېكمەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان قەھرىمانلىق-باتۇرلۇق روھىدىن ئىبارەت. شۇنداق، بۇ مەڭگۈلۈكنى سۆزلىمەك ئۈچۈن شائىر قەلىمىمۇ ئاددىي سىياھقا ئەمەس، ئوتلۇق قانغا، ۋە شۇنداقلا ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان باتۇرلۇققىمۇ چېلانغان بولىشى كېرەك. مانا بۇ شائىرنىڭ قەلەم ۋە ئەلەمنى سۆزلەپ تۇرغان مەڭگۈلۈك ئابىدىلەردىن ئالغان شېئىرىي پەلسەپىسى، ھاياتلىق يوليورۇقى.

    «شائىر ئانا تىلىمىزنىڭ بارلىق ھېكمەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن ‹ئورخۇن ئابدىلىرى›گە ئۆتكۈر ‹ئۈچىنچى كۆز›ىنى يۈگۈرتۈپ، يىمىرىلمەس پولاتتەك پاكىت بولغان ‹مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى›نىڭ ئادەتتىكى بىر تاش پۈتۈك بولماستىن، بەلكى، خەلقنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ۋە ۋەتەن-مىللەتنى جانپىدالىق بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت ۋىجدانەن بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا، ھەققانىيەت ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ئەجدادلىرىمىز قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسسىق قېنىدىن پۈتۈلگەنلىكىنى ئاجايىپ تويۇنغان بەدئىي تالانتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.».[4]

    3. «مەھمۇد قەشقەرى» : - شائىرنى بوۋىسى چاقىرىپ سۆزلىمەكتە ئىدى: مەن تىلىمىزنى يۇلتۇز قىلىپ ئاسمىنىڭغا تېزىپ بەردىم. مەن پۈتكەن ھەر بىر چېكىت، پەش مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامانغا تەڭداش. ئۇنىڭ ئامانلىقى مېنىڭ ھەم سېنىڭ ئامانلىقىڭ. ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقى بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز. بىزنىڭ مەڭگۈلۈكنىڭ سەپىرىدىكى راۋانلىقىمىز. بۇ شائىرنىڭ يېراقتىكى ئەجدادى بىلەن روھەن سىردىشىپ، بىزگە قايتۇرىۋاتقان ئەكىس ساداسى ئىدى.

    4. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» : - ئاچچىق قىسمەتتىن تاتلىق شېرىن ھېكمەتنى، مەڭگۈلۈك ئىبرەتنى سۆزلەپ ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى ئەقىل ۋە غۇرۇرنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزمەك ئۈچۈن قامۇس تۈزگەن ئۇلۇغ سىما. شائىرنىڭ قەلىمىدە ئۇ يەنە مىڭ يىللار، زامان-زامانلار جاھانغا ھېكمەت سۆزلەيدۇ. بۇ ھېكىمەتلەر ئانا تىلنىڭ دىۋارىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان زەم زەمگە ئوخشايدۇ. شائىر قەلىمىدە دەل ئاشۇ ئانا تىللا بۇ ھېكمەت زەم-زىمىنى ئەۋلادقا ئۇلاۋاتقان بۈيۈك ئېقىن.

    5. «ئەلشىر نەۋائىي» : - شائىرغا شائىرلىقنى ئۆگىتىۋاتقان، يۈرىكىدىكى ئاتەشتىن چوغ تېزىپ گۈلخان ياققان، تىنىقلىرىدىن مۇھەببەت سەيلىگاھىنى بەرپا قىلغان، ئانا تىلىدا جاھان مۈلكىنى ئىگەللىگەن زەردار، شېئىرىيەت ئالىمىدە يۈكسەكلىكتىكى مۇئەمما. ئۇنىڭ ئاۋازى، ھەر بىر سۆزى ئەۋلاد ئۈچۈن بىر سۇئال. چۈنكى كىممۇ ئۇنىڭدەك سۆزلىيەلىگەن؟ كىممۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرالىغان؟! ئۇ زامانلاردىن ئۆز ئەكىس ساداسىنى كۈتمەكتە. شائىرنىڭ ھەيرەت ۋە غەيرىتىدىن ئاشۇ سادانىڭ جىلۋىسىنى كۆرۈپ يېتىمىز.

    6. «زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر» : - ئىككى سەلتەنەتتە يەنى دىھلى زېمىنلىرىدا ۋە ئانا تىلىدا ئۆز شاھلىقىنى تىكلىگەن، ئامۇ بويلىرىدىن، تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم بەستىدىن ئەكىس ساداسى يېنىپ تۇرغان، ۋەتەننىڭ بالىسى.

    7. «ئەھمەد يەسەۋۋى» : - ئەقىدە ئىھتىراسلىرىدا ئانا تىلى بىلەن ساماۋىي مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي ئىشىقنى سۆزلەۋاتقان، سۆزلىرى ھەققە تۇتاشقان ئاشىق.

    8. «بىلال نازىم» : - تارىخ بوستانىدىكى سادىردەك توغراققا، نۇزگۇمدەك قېزىلگۈلگە مېھرىنى تۆككەن، قەلىمىنى قىلىچ كەبى ئوينىتىپ، ئىلى، تارىمنىڭ كۆۋەجەشلىرىگە قانماي ئۆتكەن، ئىلى، تارىم بويلىرىدا مەڭگۈلۈك ياڭراۋاتقان قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركسۆيەرلىك ھەققىدىكى جەڭگىۋار ناخشا.

    9. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» : - ھاياتقا ھاقارەت قىلمىغان، ئۆز ئۆلىمىدىن تۇغۇلغان قىقنۇس كەبى ئەزىمەت. سۆزلەرنى ئۇياتقا قالدۇرماي جەۋلان قىلدۇرغان، قارا تۈنلەرگە ئوت ياققان يىگانە يۇلتۇز. ئۆز مىسرالىرىغا مەڭگۈلۈك كۆمۈلگۈچى شائىر.

    10. «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» : - بالىلىق مەھەللىسىدىن شىھىتلىك مەھەللىسىگە شېئىر توۋلاپ كەتكەن، قايناق مىسرالىرى ئارىسىدا خىيالچان تىلەكلىرى بىلەن زامان سۇئاللىرىغا ئۆز جاۋابىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بالا شائىر.

    11. «مەمەتئىلى توختاجى» : - مۇنبەردىكى جەڭچى. دىۋانلارنى يازمىغان بولسىمۇ، دىۋانلار سۆزلەپ بولالمىغۇدەك غەيرىتى ۋە تۆھپە خىزمىتى بار، ئەل كۆزىدىكى غەپلەتلەرنى ئۆچۈرگۈچى، مەدەنىيەت گۈلخانىغا قايتىدىن ھۇلا سالغۇچى، مەشئەل كۆتۈرۈپ يول ئېچىۋاتقان ئىزچى.

    12. «قۇتلۇق شەۋقى» : - ئانا تىلىغا ئانىسىدەك ئامراق، ھەقىقەت، باھار كۈيچىسى. ۋە بەلكى ئەركسۆيەر جەڭچى.

    13. «ئابدۇقادىر داموللا» : - مەرىپەت، ھەقىقەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەشىپ ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ياندۇرغان، نامەرتلەر قولىدا مەرتلىك ئۈچۈن، ھەقىقەت ئۈچۈن تامام بولغان، ۋە بۇ ھەقىقەت كۈرىشىنى ئەۋلادلارغا يادىكار ئەيلىگەن زات.

    14. «ئانامنىڭ سۆزى»(خاتىمە ئورنىدا) : - ئانىنىڭ ھېكمەت خەزىنىسىدىن ئالغان ئۈمىد، ئارمان، كۆرەش ۋە سەۋىر تاقەت توغرىسىدىكى ھايات ھەقىقەتلىرى.

    يۇقارقى 14 پارچە شېئىردىن شائىر بىزگە قاراپ شۇنداق توۋلايدۇ :«ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم !!!». بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن شېئىرنىڭ ئوبرازىي مەنىلرىدىن ۋە ئۆز قەلبىمىزدىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئەكىس سادالاردىن شائىر يۈرىكىنىڭ «ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى. ئۇ يىلىك. مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.»[5] دەپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالايمىز. بۇ شېئىرنىڭ ئوقۇرمەندىكى ئىنكاسى ئەلۋەتتە ئانا تىل، مىللىي كىملىك، ئەنئەنە، تارىخ، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى توغرىلىق تۈرلۈك ئويلىرى بولىدۇ. شېئىردىكى ئالاھىدە شېئىرىي كەيپىيات يارىتىۋاتقان كۈچلۈك ھېسىيات تەبىئىي ھالدا ئوقۇرمەننىڭ ھېسىياتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىز شائىرنىڭ بۇ جەھەتتە ئوقۇرمەنگە يېقىنلىشىش ۋە ئوقۇرمەننى ئۆزىگە تارتىشتىكى لىرىك ۋە ھەيۋەتلىك شېئىرىي تارىخىي مۇھىت يارىتىش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز.



    [1]  م.پولات «تارىم» ژورنىلى 2008-يىللىق 10-سان. 119-بەت.

    [2]  ئە.ئوسمان «شېئىر مەسلىلىرى»، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 1992-يىللىق 6-سان. 76-بەت.

    [3]  ئابلاجان بوۋاقى: «ھىجران دەشتلىرىدىكى چۇقان ۋە سۈبھىدىكى ئارمان» «تۇرپان»  2004-يىللىق 2-سان 88-بەت.

    [4]  ئابلاجان بوۋاقى: «ھىجران دەشتلىرىدىكى چۇقان ۋە سۈبھىدىكى ئارمان» «تۇرپان»  2004-يىللىق 2-سان 88-بەت.

    [5]  ئا.جالالىدىن : «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 364-بەت.

    分享到: