ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى
    غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار (كاندىدات تەتقىقاتچى)

       لىرىك شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىتژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت ، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» (1984يىلى ، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى) ، «تاڭ لىرىكىلىرى» (1989يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى) ، «تەڭرىتاغ شاماللىرى» (1996يىلى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى) ، «تۈن تىۋىشلىرى» (2000يىلى ، شىنجاڭ ياشلارئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشرى) ، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش» (2000يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى . شائىرنى شائىرلىق ماقامىغا يەتكۈزگىنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سانى ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىي شېئىر خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغان ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى.
    مەن بۇ ماقالەمدە تالانتلىق شائىر ، يىتۈك تىل ئۇستىسى ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىمنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئاساسىي قائىدىلىرى نۇقتىسىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر بەي جۈيى شېئىرىيەت توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «شېئىردا ھېسسىيات يىلتىز ، تىل مايسا ، ئاھاڭ چېچەك ، مەنە مېۋىدۇر» . ئىلگىرى بىر مەھەل شېئىرىي تىل ھەققىدە سۆز بولسا ، دەبدەبىلىك بولۇشنى قوغلاشقانىدۇق . شۇنىڭ بىلەن لۇغەت تەركىبىمىزدىكى سۆزلەرنى شېئىرىي ۋە شېئىرىي ئەمەس دەپ بۆلۈۋالدۇق . «قەلەم»گە «گاڭ»نى ، «قىزىل»غا «تاڭ»نى ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇتىۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىرلىكتە كەلمىسە ، شېئىرنىڭ بىر يەرلىرى كېمىيىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىدىغان بولۇپ قالدۇق . شائىرلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىنى قانچىلىك بىلىدۇ ، قانچىلىك پايدىلىنالايدۇ ، دېگەنبىلەن كارىمىز بولماي ، يانچۇق دەپتىرىدىكى قاپىيىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ شائىرلىق دەرىجىسىگە باھا بەردۇق . ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋە ئوبزورچىلىرىمىز شېئىر قانچە يېنىك ، چۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ، شائىرلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىش ، ئىلگىرىلەش يولىغا توغان سالدى.
    شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش
      سۆزنىڭ جېنىنى بىلىشكە ، مەنىسىنى چۈشىنىشكە ، گويا رېنتىگىنگە سالغاندەك ئۇنىڭ ئاساسىي ھالقىلىرىنى ، سوزۇق تاۋۇشلاردىن ئاپىرىدە بولغان بارلىق تۈپ سۆز ۋە يىلتىزلارنى قول بىلەن تۇتۇپ ، كۆز بىلەن كۆرۈشكە يېتەكلەيدۇ . بىزدە شائىر ۋە بۇ يولغا قەدەم قويغان ھەۋەسمەنلەر كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن ياشاۋاتقان تېررىتورىيىمىز تەۋەسىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جانلىق تىلىنى ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان تىللارنى چۈشىنىش ۋە ئۆز ئەسەرلىرىدە لايىقىدا ئىشلىتىش مۇقامىغا يەتكەنلەر ناھايىتى ئاز؛ بۇ تىللارنى بىلسىمۇ «شېئىرىي تىل» ئۆلچىمىگە چۈشمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، قاپىيە دەپتىرىدىكى تولا دېيىلىپ ، تۇزتەمى قالمىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ، كاللىمۇ يېمەي ، چىشمۇ چاقماي يۈرۈۋاتقان «شائىر» لىرىمىز كۈرمىڭ بولسىمۇ ، دادىل ئىزدىنىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ، خەلقىمىز دائىم قوللىنىدىغان ، لېكىن پوئىزىيە ساھەسىدە مەتبۇئات يۈزىگە چىقالمايۋاتقان سۆزئاتالغۇلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋاتقان شائىرلىرىمىز ناھايىتى ئاز . ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ توپلاملىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، ئۇنىڭمۇ دەسلىپىدە «شېئىرىي تىل»لارنى ئىشلىتىپ ، شېئىرلىرىنى «بېزىگەن»لىكىنى ، ھەتتا بەزى سۆزلەرنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ قويغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز . ئەمما ئۇ 20ئەسىرنىڭ 80يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ «شېئىرىي تىل» سېپىلىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، شېئىرنىڭ تىلى ئۈستىدە ھەقىقىي ئىزدىنىپ ، تىلىمىزدىكى بويۇن قىسىپ قالغان نۇرغۇن سۆزلەرنى «شېئىرىي تۈس»كە كىرگۈزدى.
    شېئىرنىڭ كارامىتى
      گۈزەللىكتە . شائىر نەزىرىدە تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت چەمبەرچاس باغلىنىپ ياتىدۇ . ئۇلارنىڭ قۇچىقىدىكى ھەممە نەرسە يالقۇنلۇق كۈي ياڭرىتىپ تۇرغان ناخشا ، قەلب تارىنى چېكىپ تۇرغان ئويناق شېئىر . شائىر شېئىرنى ئەڭ يۈكسەك مەنىسى بىلەن چۈشەنگەندىلا ، شېئىر شائىرنىڭ قەلبىدە سەنئەتنىڭ ئېسىلزادىسىگە ، گۈلتاجىغا ئايلىنىدۇ . شۇ دەقىقىدىلا شېئىر ھەقىقىي شېئىر مەنىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ھەربىر شېئىرى يېڭى سۆزلەر ئامبىرى . «ئوسمانجان ساۋۇت شېئىر يېزىشقا تۇتۇنغاندا ، سانسىزلىغان يېڭى سۆزلەر ۋە توق قاپىيىلەر >مېنى قاچان ئىشلىتىسەن؟< دەپ تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ» (ئادىل تۇنىياز).
    شائىر ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ، شېئىر توغرىسىدىكى ئومۇمىي قائىدە
    پرىنسىپلارغا ، مەسىلەن ، شېئىرنىڭ تىلىغا ئىشلەش ، شېئىرىي شەكىل ، شېئىرىي جۈملە تۈزۈش ، تۇراق ، قاپىيە ، رىتىم گۈزەللىكى ، ئۆزئارا ئاھاڭدارلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ . مەلۇمكى ، تىل  ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئېلېمېنتى . گۈزەل ، نازۇك ھېستۇيغۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ، ئەڭ نازۇك جايلىرىغىچە ئىپادە قىلالايدىغان ، پىشقان ، ئوبرازلىق تىل شېئىرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ . سۆزنى تاللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە سۆز بولغاندا ، فرانسۇز يازغۇچىسى فلوبېر مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پەقەت بىردىنبىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەشكە بولىدۇ . ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر پېئىللا كېرەك . ئۇنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ئۈچۈن پەقەت بىردىنبىر سۈپەتلا كېرەك . بىز ئەنە شۇ بىردىنبىر سۆز ، بىردىنبىر پېئىل ، بىردىنبىر سۈپەتنى تاكى ئۇلار تېپىلغۇچە ئىزدىشىمىز كېرەك . ئىزدىگەندىمۇ يېقىنراق كېلىدىغان سۆزنى بايقاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، بۇ قىيىن ئىشكەن دەپ بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك» . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت دائىم مانا شۇ «بىردىنبىر» سۆز ، پېئىل ، سۈپەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ . ئۇ تىلنىڭ گۈزەل ، جانلىق ، ئېنىق بولۇشىنى كۆزلەيدۇ . سۆز تاللايدۇ ، سۆز تاۋلايدۇ.
    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
    1 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا جانلىق تىل ، يەنى يەرلىك دىئالېكت
    شېۋىلەر ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆز ئورنىنى تاپقان.
    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ جانلىق تىلى ، يەنى دىئالېكت
    شېۋىلەر (بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دىئالېكتشېۋىلەر ھەرگىزمۇ مەلۇم رايونغىلا خاس بولۇپ قالغان ، تار دائىرىدىكى دىئالېكتشېۋىلەر بولماستىن ، بەلكى رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن يەرلەرگە ئورتاق بولغان ، ئەمما «شېئىرىي تىل» سېپىلىدىن كىرەلمەيۋاتقان كەڭ دائىرىدىكى دىئالېكتشېۋىلەردۇر) ئۆز جايىدا قوللىنىلغان بولۇپ ، ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل يېقىملىق ، ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت ئىشلەتكەن دىئالېكت سۆزلەر ئەدەبىي تىلدا تەڭدىشى بولمىغان سۆزئاتالغۇلار بىلەن ئەدەبىي تىلنى بېيىتىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئالېكت سۆزلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئانا تىل تەركىبلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان سۆزلەر نۇرغۇن . ھازىرقى مەسىلە  ئاشۇ سۆزلەرنى توپلاپ ، ئەدەبىي تىل تەركىبىدىكى بىئەپ ياسالغان سۆزلەرنىڭ ياكى تېخىچە قانداق ئېيتىلىشىنى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەن ئۇقۇملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش . دىئالېكت سۆزلەر خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق تىلى بولۇپ ، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر جانلىق تىلدا كەڭ قوللىنىپ كەلگەن ئوبرازچانلىق ھەم ئىنتايىن ئىخچاملىققا ئىگە . شۇڭا ، بەزى دىئالېكت سۆزلىرىنى كېڭەيتىپ ، ئەدەبىي تىل ھەتتا شېئىرىي تىل ئورنىدا قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . خەلق ئاممىسى  تىل ئۆگىنىش مەكتىپى ، شائىرنىڭ بىردىنبىر ئۇستازى  خەلق ئاممىسى . مانا بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنى خەلق ئاممىسىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جانلىق تىلىنى ئۆز جايىدا ، گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ قوللىنىپ ، زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن . مەسىلەن،
    بوغۇق بىر ناۋامۇ دوقۇرۇپ يۈرەر،
    ھەيۋەتلىك تاجلارنى كىيىپ بېشىغا.
    («مەرمەردەك سۈزۈكتۇر سۆيگۈ ۋە ھايات»دىن)
    ئۆندەرەپ ئۈندى بىر قىردا شۇمبۇيا
    گۈللەرنىڭ بەرگىگە ئۇرغىلى خەنجەر.
    («شۇمبۇيا»دىن)
    شۇنداق بىز نام
    شۆھرەت قوغلاشماقتىمىز،
    ئەپ ئىزدەپ ، ئىلجىيىپ.. . ئېڭىشىپ يەرگە.
    («دوستۇمغا»دىن)
    قەددىمنى پەرلەشتىن بىردەممۇ قالما،
    چوققىلار پۇخساراپ سالسىمۇ پەرياد.
    («بەرگىمدە پۇراپ تۇر مەڭگۈگە ئالما»دىن)
    توزار شۇندا شاخلىرىمدىن داپشاق توزانلار،
    بەرگىلىرىم شولىلاردا قالار يۇيۇلۇپ.
    («بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن)
    ئېرىپ كەتتى ھىجران كەڭتاشا،
    يار ئۇچرىدى يولدا چاپمۇچاپ.
    .. . ...
    جاراڭلىساڭ ، باشلايسەن ھەربار،
    مېنى ئانا باغرىغا دېمەك.
    .. . ...
    ئۈنلىرىڭنى يۇتتۇم ئەزۋەيلەپ
    ۋە باغرىمنى باغرىڭغا ياقتىم.
    («قەشقەر كۈيلىرى»دىن)
    ئۇچتىڭىز چېقىن سىڭارى سىز لېكىن،
    ھەر كۆڭۈلنىڭ دىلبىرى ، لەيلىۋېشى.
    («ئەسلەش»دىن)
    تۆكۈلدى ئەسەبكە ئەينەك كۇكۇنى،
    قاقشىدى يۈرىكىم ، قاقشىدى يارام.
    («تارىخقا»دىن)
    ئېرىغدالماس ياشلاردىن پانىي ئالەم داغلىرى،
    نۇر بېرەيلى ئۇنىڭغا ، نۇر مۇقەددەس ، مۇقەددەس!
    («نۇر مۇقەددەس»دىن)
    ئۇ
      تامغان ، ئېھتىمال ، خۇش پۇراق ئەترە،
    يېرىلدى دىماغلار ، ئاڭقىدى ئىپار.
    .. . ...
    پىرىم ماڭا باغلاندى ، مەن پىرىمغا باغلاندىم،
    كۈيلىرىمدە يوق ئەمدى چارچاڭ ، قىرتاق كەرىش تەم.
    .. . ...
     ئادەم دېگەن تەڭ ئۇلۇغ، دېگەنىدىڭ
    ھېزى بول،
     ئېشىپ كەتكەن يېرىم يوق ، ياشا! دېدىم مىڭ ئۈندە.
    («تاشقا تامغان تامچىلار»دىن)
    مىكىرلەر ۋاپانى قاساۋېرىدۇ،
    ياخشىلار ياخشىغا ئىجىل بولمىسا.
    .. . ...
    قېقىلماقتا ئالتۇن دەرۋازام،
    كېرەكمىدۇ ھاڭغىرقاي ئېچىش؟!
    .. . ...
    تاش غۇجمىكى تاغ بولسا ، گۈل غۇجمىكى باغ بولسا،
    دەقىقىلەر غۇجمىكى مىنۇت ، سائەت ، چاغ بولسا.
    («ھېكمەت»دىن)
    توختىماستىن يامزالدا ئېسەدەيمەن،
    بۇ قىلمىشقا ئەمدى مەن نېمە دەيمەن؟
    («كېيىك مەرسىيىسى»دىن)
    كۆرك ئىزدەپ كۆرۈكلەردىن ھەم،
    يۈرگەنىدىم ئېسىرىم تۇتۇپ.
    .. . ...
    تىمتاسلىقتۇر تۈننىڭ ئۈنلىرى
    رەڭگى تارتقان تۇتمۇت ئۆزۈڭگە.
    («سەپەر كۈيلىرى»دىن)
    كۈلكىلەر ئوينايدۇ ئۇلار تەزىدە،
    ئالچاڭلاپ كېتىدۇ ھاللاسلار ئۇرۇپ.
    («ئېچىنىش»دىن)
    زىكرى سوڭ چايقالدى بېلىق كۆز قەدەھ
    تۇتتۇڭسەن ، بۇلجۇتماي ئىچىشىم كېرەك.
    («تاجىك تەرانىلىرى»دىن)
    نەگە بارسام پەرىشانمەن،مىسكىنمەن ، دىلتەڭ
    سېمىز كەلگەن ئىلھاملىرىم كېتەر ئورۇقلاپ.
    («ئايرىلىش»دىن)
    كۆركلەر كۈلگەنگە يۈرىكىم مەپتۇن
    گۈللەرنى ئالىمەن بۇژغۇندىن ئۈلگۈپ.
    («كۆيگەن جان»دىن)
    قاپىقىڭدىن لەپىلدەيدۇ قار
    نېمە بەۋا كېلەركىن ساڭا.
    («ئۇچرىشىش»دىن)
    ئاق ئېگىندە ئوخشايسەن ئاق گۈللىگەن ئۆرۈككە
    ئايىغىڭدىن ئاققان نۇر ئۇسسۇل ئوينار بەل تولغاپ.
    («ئەسلەش»دىن)
    چىمەنىستان بويلاپ بىللە سەپەر چېكەيلى،
    نۇر چايشاپتا ئاغناقلىشىپ ، پومىداقلىشىپ.
    («كەل شائىرە»دىن)
    خىسلەتلەر نۇر بىلەن قاندىن قۇرالغان،
    ئۇنىڭسىز قالىسەن خىسلەت بېرەلمەي.
    (سىرىم بار ئاخشىمى ئايغا ئورالغان»دىن)
    سۆيگۈسىز زېمىندىن قورقسام ، غەم يېسەم،
    قۇللۇقتىن قوتىيىپ بېشىم بېسىلار.
    («ئاق راۋاقتا ئاق پەرىشتە چۈشى باشلىنار»دىن)
    يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجى قېتىم ئوسمانجان ساۋۇت قەلىمىدە شېئىرىي مىسرالارغا تىزىلغان شېئىرىي تىللاردۇر . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىزنىڭ خەلق تىلىمىزدا شېئىرىي تىل چېگرىسىدىن كىرەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ھەقىقىي شېئىرىي تىللار تولۇپ يېتىپتۇ . مەسىلە شۇنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشتە ، قانداق شېئىرىي مەنزىرە يارىتىشتا . بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
    دوقۇرماق
      تەرەپتەرەپكە چېپىپ ئىزدىمەك.
    ئەپ
      لايىق ، قۇلايلىق ، ماس.
    ئىلجايماق
      ھىجايماق ، ئاغزىنى قىيسايتماق.
    ئۆندەرىمەك
      ئالدىرىماق ، تەمتىرىمەك ، ھولۇقماق ، تېنىمەك ، چۆچۈمەك.
    پۇخسارىماق
      بويۇنتاۋلىق قىلماق.
    داپشاق
      يۈزى قېلىن.
    چاپمۇچاپ
      ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ، روبىرو.
    ئەزۋەيلىمەك
      سۆزدە ، ھەرىكەتتە جىددىيلىشىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتمەك . ئەۋجىگە چىقماق.
    ھەربار
    ھەربارە  ھەر ۋاقىت ، ھەر چاغ.
    سىڭارى
      مىسالى ، گوياكى ، خۇددى.
    كۇكۇن
      ئۇۋۇندا.
    ئېرىقدىماق
      تازىلىماق ، پاكىزلىماق.
    ئاڭقىماق
      پۇراق چاچماق ، ھىد چاچماق.
    چارچاڭ
      لاۋزا.
    كەرىش
      لاۋزا ، تۇزسىز.
    ھېزى بولماق
      ئاۋايلىماق ، ئاگاھ بولماق.
    قاسىماق
      يوغانيوغان چىشلەپ يېمەك.
    ھاڭغىرىقاي
      ئۇلۇغ ئوچۇق ، كەڭرى ئوچۇق (ئىشىكدېرىزىلەر).
    غۇجمەك
      توپلىشىۋالماق ، بىر يەرگە يىغىلىشىۋالماق.
    يامزال
      تاغ ، يار قاتارلىقلارنىڭ باغرى؛ قاپتال ، يانتۇلۇق.
    كۆرۈك
      بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك (تەكلىماكاندىن چىقىدۇ).
    ئېسىر
      سەۋدايىلىق ، ئاشىقلىق ، نېرۋىن.
    تۇتمۇت
      بەئەينى ، خۇددى ، گوياكى.
    ھاللاس
    ھاللاز  ھاڭگا ئېشەكنىڭ ھاڭراپ كېتىشى.
    بۇلجۇتماق
      زورلاتماق ، بۇيرۇتماق.
    دىلتەڭ
      تەڭلىكتە قېلىش.
    ئۈلگۈمەك
      داننى ساماندىن قول بىلەن سورۇپ ئېلغىۋېلىش ، ئايرىۋېلىش.
    بەۋا كەلمەك
      تەڭ كەلمەك.
    ئېگىن
      كىيىمكېچەك.
    ئاغناقلاشماق
      دومىلاشماق.
    پومىداقلاشماق
      تۈرۈلۈپ يىغلىماق ، ئىرمىشىپچىرمىشىپ دومىلىماق.
    قۇرالغان
      قۇراشتۇرۇلغان.
    قوتايماق
      بېلىنى ئېگىپ ، يېنىچە بولۇۋالماق (ئېشەكلەرنىڭ).
    يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى مىللىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دىئالېكت
    شېۋىلىرىگە تەئەللۇق سۆزلەر ياكى ئاۋام خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا قوللىنىلسىمۇ ، شېئىرىي مىسرالارغا كېرەلمەيۋاتقان سۆزلەر ئىدى . بۇ سۆزلەر شېئىرىي مىسرالارغا تىزىلغاندىن كېيىن ، چېنىپ قالماق تۈگۈل ، شېئىرنى بىر بالداق يۇقىرى بەدىئىيلىككە كۆتەرگەن . بۇ سۆزلەرنى شېئىرىي مىسرالاردا كۆرگەن ، مەنىسىنى چۈشەنگەن كىشى خۇددى ياقا يۇرتتا ئۆز يۇرتلۇقىنى ئۇچرىتىپ قالغان كىشىدەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ . بۇ جەھەتتە ئوسمانجان ساۋۇتنى دىئالېكتشېۋىلەرنىڭ پەرۋىشكارى دېيىشكە بولىدۇ . ئەمما شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە يەرلىك دىئالېكتشېۋىلەرنى ئىشلىتىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ . قانداق دىئالېكتشېۋىلەرنى ئەدەبىي تىل ئورنىدا قوللىنىش ، قانداق ئورۇندا قوللىنىش تىل تەتقىقاتچىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ، شۇنداقلا قاراش بىرلىككە كەلگەن تېما . - داۋامى بار

    分享到: