ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-23

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 12 (رۇجۇئ) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 12 (رۇجۇئ)

    12.رۇجۇئ

    رۇجۇئ−ئەرەبچە «قايتىش» مەناسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىرىيەتتە شائىرنىڭ ئالدىنقى مىسرا ياكى بېيىتتا ئىپادىلىگەن پىكرى، قوللانغان بەدىئىي تەسۋىرى ۋاستىسىدىن قايتقاندەك بولۇپ، كېيىنكى مىسرا ياكى بېيىتتا ئۇنىڭغا قارىغاندا كۈچلۈكراق ئىپادە، شېئىرىي سەنئەتنى كەلتۈرۈش ياكى ئالدىنقى پىكىرنى ئېنىقلاشتۇرۇش، تولدۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئېنىقراق ئېيىتقاندا مۇمتاز شېئىرىيىتىمىزدە رۇجۇئ ئۇسۇلى تەشبىھ قوللىنىلغان مىسرالاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

    مەسىلەن:«فەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدىكى

    ۋەلې يادىغە بۇ كەلدىكىم ئۇل ئاي،

    دېمەي ئاي، ئافتابى ئالەم ئاراي.

    بېيىتىدە ھەم بىرىنچى مىسرادا شېرىن ئايغا ئوخشىتىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن شائىر بۇ تەسۋىرىدىن چېكىنىپ، يەنىمۇ كۈچلۈكراق تەشبىېھكە مۇراجەت قىلىپ، ئەمدى قىزنى ئالەمگە بېزەك بولغان ئاپتاپقا قىياس قىلىدۇ. ھەر ئىككىلا تەشبىھكە تەزەر تاشلىساق، ئۇلارنىڭ قاتمۇقات قوللىنىلىشىدا مۇئەييەن ئىزچىللىق ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز.

    مىساللار:

    شەجەر يافراغى بولدى قەھرەبادەك،

    دېمەككىم قەھرەبا، مېھر سەمادەك. («فەرھاد ۋە شېرىن»)

     

    كىشىگە ئوخشىماس، گويا پەرىدۇر،

    پەرى يوق، ئافتابى ھەۋارىيدۇر. («فەرھاد ۋە شېرىن»)

     

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

    分享到: