ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-12

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ8 (تەشخىس) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 8 (تەشخىس)

    8.تەشخىس

    تەشخىس−«جانلاندۇرۇش» يەنى ھايۋانلار، قۇشلار، جانسىز نەرسىلەرگە ئىنسان خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆچۈرۈش سەنئىتىدۇر.

     مەسىلەن: لۇتفىنىڭ

    كۈن پەردىگە كىرىپ يۇزۇڭ ئايى ھەياسىدىن،

    يىغلار يۈزىيۇ، ئارەغە تارتار سەھابنى.

    بېيىتىگە دىققە قىلساق، قۇياشقا ئىنساننىڭ ئۇيىلىش، يىغلاش كەبى خۇسۇسىيەتلىرى كۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز. نەۋايىنىڭ

    قەترە قانلاركىم تامار كۆكسۈمگە ئۇرۇغان تاشتىن،

    زەخمەدىندۇر دېمەككىم، قان يىغلار ئەھۋالىمغا تاش.

    بېيىتىدا تاش ئىنسانغا ئوخشاش يىغلاش خۇسۇسىيىتىنى كەسپ ئەتكەن. ئاگاھىنىڭ

    گۇلى رۇخسارىنى نەگاھ تەماشا ئەيلەسە بۇلبۇل،

    پىغانلار تارتىبان ئۇتلۇغ گۇلى ئەخمەرى ياد ئەتمەس.

    بېيىتىدا بولسا بۇلبۇل قىياپىتىدە ئىنسانغا خاس تاماشا قىلىش خۇسۇسىيىتى ئىپادىلەنگەن. فۇرقەتى قەلىمىگە مەنسۇپ

    كۆرگەندە قامىتىڭىز بولغاي خىجىل سەنۇبەر،

    تاۋۇس جىلۋەسىدىن رەفتارىڭىز چىرايلىق.

    بېيىتىدا سەنۇبەر خىجىل بولىدۇ، تاۋۇس بولسا جىلۋە قىلىدۇ. بۇلار ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلەردۇر، ئەلۋەتتە.

    بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئىنسانغا خاس خۇسۇسىيەتلەر پەقەت ھايۋانلار، قۇشلار ئېنىق نەرسىلەرگىلا ئەمەس، مەۋھۇمىي چۈشەنچىلەرگە ھەم كۆچۈرۈلىدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ :

    مۇغرەيىب ئەنداق سىنۇق كۆڭلۈم بۇزۇلۇركىم، سىپەھىر،

    بۇلئەجەب ھالىمگە يۇز مىڭ كۆز بىلە ھەيران بولۇر.

    بېيىتىدا مەۋھۇمىي چۈشەنچە بولغان سىپەھىرغا ئىنسان ھەرىكىتى كۆچۈرۈلگەن بولسا، فۇرقەتنىڭ

    ئەگەر كەلسە كېتەر ھالىم كۆرۈبان،

    ئەجەل جانىمنى ئالماسدى ئۇيلۇپ.

    بېيىتىدا مەۋھۇمىي چۈشەنچىنى ئىپادىلىگۈچى ئەجەل ئىنسانغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ.

    ھايۋانلار، قۇشلار، جانسىز ۋە مەۋھۇمىي نەرسىلەرنى شۇ خىلدا تەسۋىرلەش ۋاستىسىغا شېئىرىي ئەسەر مۇئەللىپى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مۇئەييەن غايىلەر ئېنىقراق ئىپادىلىنىدۇ، تەسۋىرلىنىۋاتقان لىرىك ياكى ئىپىك تىمساللار يارقىنراق، جانلىق، جەزبىدارلىققا ئىگە بولىدۇ.

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

    分享到: