-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
مەنزىل مەردنى تاللايدۇ
بىرئۆمۈر نەشرىيات پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك مۇساپىسىدە قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم ئەدىب ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، دىيارىمىزنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان ، « مەملىكەت بويىچە ئاخبارات ـ نەشرىيات سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ ، زەپەر قۇچقان ئادەم ئىكەنلىكى ماڭىمۇ مەلۇم ئىدى .
ـ ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى، ياخشىمۇسىز ؟ ـ مەن چاقچاق قىلغاچ، ئۇدۇللا سوئالغا كۆچمەي گەپنى ئەگىتتىم ، ـ غۇلجىلىق ئىكەنسىز . «ئورۇسنىڭ يۈزىنى تاتىلىسا تاتار چىقىدۇ » دېگەندەك ، غۇلجىلىقنىڭ يۈزىنى تاتىلىسا ، ئالتىشەھەرلىك چىقىدىكەن . قاراڭ ، ئىلگىرى ئىككى غۇلجىلىقنىڭ يۈزىنى تاتىلىسام،ئىككى خوتەنلىك چىققانىدى. بۈگۈن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى تاتىلاپ باقسام نېمە چىقارىكىن ، ھە ؟
ـ نىمە چىقاتتى ، ئاتۇشلۇق چىقىدۇ ، ـ دەپ ئەدىب قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، ـ لېكىن تاتىلاش كەتمەيدۇ . چۈنكى، بىزنىڭ ئائىلە مېنىڭ ئالتە ـ يەتتە يېشىمدا يەنى ئاتمىش يىلنىڭ ئالدىدا ئاتۇشتىن كۆچۈپ چىقىپتىكەن . دادام يەر تېرىپ تارانچى بولۇشنى خالىماي ، مال بېقىپ چارۋىچى بولۇپ قاپتۇ . دادامنىڭ نىلقى تاغلىرىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرىدا چارۋا ماللىرى بار ئىدى . چارۋا ماللىرىمىز قاش دەرياسىنىڭ بېشىدىكى ئارسلان يايلىقىغىچە بېرىپ يايلايىتتى . مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 ـ يىلارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارسلان يايلىقىغا زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا شۇنداق دەپ يازغانىدىم ؛
توز كەبى ياسانغان ياپيېشىل يايلاق ،
سېغىنىش ئىلكىدە قوينۇڭنى كەزدىم .
دىلىمنى ياشناتتى شەربەتلىك بۇلاق ،
باغرىڭنى گوياكى جەننەتتەك سەزدىم .
ـ ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى ، غۇلجىدا ئاتۇشلۇق بايلار مال باقسا چوڭ باقاتتىكەن ، ـ دېدىم ئاتۇشلۇق چارۋىدارلارنى تىلغا ئېلىپ ، ـ سىزنىڭ دادىڭىز چوڭ چارۋىدار ئوخشىمامدۇ؟
ـ ياق . لېكىن، دەسلىۋىدە شۇنداق دەپ قارىلىپتىكەن . شۇڭا مەن پارتىيىگە ئائىلىمىز ئوتتۇرا .چارۋىچى دەپ ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن قوبۇل قىلىندىم .
ـ مۇھەررىر ئەپەندى ، سىز خىزمەتتە پارتىيىۋىلىكىڭىزكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ ، ئومۇمغا ئۆرنەك بولۇپسىز . مۇھەرىرلىك خىزمىتىنى ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ بىر تەركىۋى قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى يورۇقلىققا چىقىرىپسىز . ئەدىبىي تەھرىرلىكتە قىلغان ئاساسلىق ئىشلىرىڭىزنى دەپ باقسىڭ.relpost{clear:both}
历史上的今天:
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ2 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ 3 2011-05-12
收藏到:Del.icio.us