-
2011-05-12
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ،
نەۋباھار شامىلى سۆيدى ئاشۇ دەم.
بىخ ياردى سۆيگۈمنىڭ ئەتىرگۈللىرى،
ياپراقلار مەڭزىنى يۇيۇپ زىل شەبنەم.
خۇشبۇي ھىد ۋۇجۇدنى ئەيلىدى مەسىتخۇش،
قەلبىمدە بىر ئىستەك كۆتۈردى لاۋا.
يۈرىكىم كەپتەر بوپ ئۇچتى ئارقاڭدىن،
تىلىگەن رىزقىنى بېرەرمۇ دۇنيا؟...
يېڭى تاڭ سەن بىلەن مەنا تاپسا ھە؟!
لىق تولسا شېئىرغا ھاياتنىڭ قۇرى.
بەختىمنىڭ گۈلىنى ئېچىلدۇرسىدى،
سۆيگۈنىڭ مۇقەددەس، سۆيۈملۇك نۇرى.
كۈنلەردە ئەڭ ئېسىل نەرسە ئۈمىدتتۇر،
ئەڭ گۈزەل بىر شېئىر سەن ئۆزۈڭ پەقەت.
بېغىمدا بىر ئالما پىشتى دىلبىرىم،
ھە، ئۇنىڭ ئىسمى دەل شېرىن مۇھەببەت.
历史上的今天:
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ2 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ 3 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ1 2011-05-12