-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ 3 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ
ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە پاراڭلىشىش داۋامىدا ئالىي مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز سەمىمى نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى .
ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك ھاياتتىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟
ـ ئوبدان . ئالدى بىلەن ھاياتتىن سۆز ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى ئوستروۋسكىنىڭ سۆزىنى ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشى ، چەكلىك ئۆمۈرىنى خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك . مەنىسىز ئۆتكەن ئۆمۈر يامان ئىشلارغا بەنت بولغان ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ھايات ھىساپلىنىدۇ . مەن بىر تۆتلىكىمدە شۇنداق دېگەنىدىم :
دانالار دەپتىكەن « ئۆمۈر ئاتقان ئوق » ،
مەنىسىز ئۆمۈرنىڭ قارار گاھى يوق .
دۈشمەندۇر كىشىگە كېيىنكى پۇشمان ،
ئۆتكۈزگىن ئۆمرۈڭنى شۇڭا مەزمۇنلۇق .
خەلقىمىز « ياخشىدىن ئات قالىدۇ ، ياماندىن دات قالىدۇ » دەپ ، ياخشى ئادەمنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىدىن ، يامان ئادەمنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ . مەن ئۆزۈمنى ئالسام ، ياخشىلىقنى يار تۇتۇشقا ، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن .
ـ بايلىق ، بەخىت ھەققىدە قاراشلىرىڭىزنى دەپ باقامسىز ؟
ـ ئاچچىق تەر ، ھالال ئەمگەك بىلەن ئېرىشكەن بايلىق ھەقىقىي بايلىق ھىساپلىنىدۇ . ساختىلىق ، ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشكەن بايلىق ھارام بايلىق بولىدۇ . بىز ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ، خەلقنىڭ باي بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم ، شۇنداق بولغاندىلا بىزمۇ باي بولۇپ ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرىمىز .
بەخىت ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت . مېنىڭچە ، روھى ھالەتتىكى ئەركىنلىك ـ ئەڭ چوڭ بەخىت . مال دۇنياسى يېتىپ ئاشقۇدەك ، ھەممە نېمىسى تەل بەزى ساختىپەز بايلار روھى جەھەتتە ئازاپتىن قوتۇلالمايدۇ . بۇنى ئەلۋەتتە بەخىت ، بەخىتلىك تۇرمۇش دېگىلى بولمايدۇ .
مال ـ دۇنيا ئىنسانغا مەڭگۈلۈك ئەمەس ،
ساپ كۆڭۈل ، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش تەس .
ئۆزگىنى قاقشىتىپ توپلىغان مېلىڭ ،
ئاخىرى جېنىڭغا بولار زامىن ، قەست .
كۆڭۈل ئىزھارى
ـ سىزنىڭ ئەڭ خۇشاللىق ۋە ئەڭ قايغۇلۇق مىنۇتلىرىڭىز بولغانمۇ؟
ـ بولغان . بۇ سوئالغا باشتا مۇنۇ بىر تۆتلىكىم بىلەن جاۋاپ بېرەي ؛
كۇنمۇ گاھ تۇتۇلۇپ ، گاھ ئېچىلغاندەك ،
گاھ كۈلۈپ ، گاھ يىغلاپ ياشايدۇ ئادەم .
مەڭگۈلۈك بولمايدۇ قايغۇ ۋە شادلىق ،
قايغۇ ھەم شادلىققا چۆمۈلگەن ئالەم .
مەن 1991 ـ يىلى « مەملىكەت بويىچە ئاخبارات ـ نەشرىيات سېپىدىكى ئىلغار خىزمەتچى » بولۇپ باھالىنىپ ، بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپاتلاندىم ھەمدە بىر دەرىجە مۇئاشىم ئۆستۈرۈلدى . شۇ چاغدا ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىپ ، خۇشال بولغانىدىم .
ھەممەيلەننىڭ ئانىسىدەك ، مېنىڭ ئاناممۇ مېھرىۋان ، كۆيۈمچان مەزلۇم ئىدى . ئۇ 48 يېشىدا تۇيۇقسىز ئاغرىپ ، ئالەمدىن ئۆتتى . مەن شۇ چاغدا قاتتىق قايغۇرۇپ ، بىر مەرسىيە يازغانىدىم ، شۇنىڭدىن بىرنەچچە مىسرا كەلتۈرەي ؛
بالىلىرىم ، ئۆيۈم دەپ يۈرىكى ئاققان ئانام ،
قەلبى سۈزۈك ، دانىشمەن ، ئايىقى چاققان ئانام .
يېتىم ـ يېسىر يوقسۇلغا جېنىنى قاققان ئانام ،
يۇرت ئىچىگە شەپقەتنىڭ ئوتىنى ياققان ئانام .
ـ ئەمدى ئۆزىڭىز ، ئۆز مىجەزىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
ـ مەن ـ تۈز كەتكەن ئادەم ، كۆڭلۈمدە ھىچقانداق يامانلىق يوق . ھىلىگەرلىك ، قۇۋلۇق ـ شۇملۇقنى بىلمەيمەن . دىتىمغا ياقمىغان مەسىلىلەرنى ، ناھەق ئىشلارنى كۆرسەم ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلماي ، توغرىدىن توغرا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بەزىلەرنى رەنجىتىپمۇ قويىمەن . خەقنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشنى ، چېقىمچىلىقنى يامان كۆرىمەن ،
ـ سىز ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق ۋە ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئادەت نىمە ؟
ـ مەن ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق ـ ساختىپەزلىك ، ماختانچاقلىق، پوچىلىق . مەن ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئادەت ـ كەمتەرلىك . بۇنىڭغا مۇنۇ بىر كۇبلىت شېئىرىمنى تەقدىم قىلاي :
تۇرقىغا قاراپلا دېمىگىن ئادەم ،
سىرداشماي قېشىغا باسمىغىن قەدەم .
گەر چۈشسەڭ دامىغا ساختىپەزلەرنىڭ ،
ياغىدۇ بېشىڭغا پۈتمەس دەرد ـ ئەلەم .
ـ سىزنىڭ ئەرمىكىڭىز بارمۇ ؟
ـ مېنىڭ ئەرمىكىم ـ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش . بۇ ـ مەن ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش . ئەسەر ئوقۇماي ، ئجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماي ، ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىش مەن ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈلسىز ئىش ، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئەھۋال .
ـ سىزنىڭ ھازىر ئىشلەۋاتقان ئەڭ يېڭى ئەسىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى نىمە، مەزمۇنى نىمە ؟
ـ ھازىر« ئايخان ئانا » ناملىق داستانىمنى ئىشلەۋاتىمەن . داستاندا 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ، مال ـ دۇنياسىدىن كېچىپ ، « يېتىملار مەكتىپى » ئاچقان ئايخان ئانىنىڭ ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ .
ـ بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق پىلانلىرىڭىز بار ؟
ـ « ۋاپاسىز ئوغۇل » ناملىق قىسقا ھېكايىلەر توپلىمىمنى نەشرىياتقا سۇندۇم . «ئەسىر خىياللىرى» ناملىق يېڭى شېئىرلار توپلىمىمنى نەشرگە بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن . «ئەدىب ۋە پەزىلەت » ناملىق ماقالىلار توپلىمىمنى نەشرگە تەييارلاۋاتىمەن . خۇدا خالىسا ، «ئايخان ئانا » ناملىق داستانىمنى كېلەر يىلى ئاياللار بايرىمىغىچە قولدىن چىقىرىش نىيىتىم بار . يەنە باشقا چوڭ ، يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش پىلانىم يوق .
ـ ئەدىب ئەپەندى ، ئەمدى ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە قانداق كۆڭۈل سوغىڭىز بار ؟
ـ مەن ئۆزۈم بىر كىتابخۇمار ئادەم . ياش ئوقۇرمەنلىرىمگە مۇنى بىر كۇبلىت شېئىرنى ھەدىيە قىلىمەن .
ھەر كىتاب ـ بىر گۆھەر ، بىر نۇرلۇق چىراق ،
ھەر كىتاب ـ بىر تارىخ ، قۇدرەتلىك ياراق .
كىتابلار بېغىشلار ئىنسانغا قانات ،
كىتابسىز ئىقبالمۇ ئاچمايدۇ قۇچاق .
– سەمىمىي سۆھبىتىڭىزگە تەشەككۈر !
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن .
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن
历史上的今天:
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ2 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ1 2011-05-12
收藏到:Del.icio.us