-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ئىجادىيەت بېغىدا
قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە ئۆز ئەجرىنى سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك قەلىمىنىمۇ قولىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان جەلبكار نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىگە بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق ئىككى ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .
ـ شائىر ئەپەندى ، سورىدىم مەن – سىزنىڭ جەمەتىڭىزدە ئىجادىيىەت ئىلھامچىلىرىڭىز بولغانمۇ؟
ـ مەن سودىگەر ـ چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . دادا جەمەتىمدىن ئىلىم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالار بولمىغان . ئانا جەمەتىمدىن بولسا ئابدۇقادىر داموللام ، ئابدۇرىشىت ئىمىن ، سالىھ داموللام قاتارلىق ئالىملار ، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار يېتىشىپ چىققان . شۇلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىزدىنىش روھى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكى مەندە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن . ئەدىبىي ئىجادىيەت سېپىگە ئون بەش يېشىمدا ، يەنى 1956 ـ يىلى « شىنجاڭ ياشلىرى » گېزىتىگە بېسىلغان «مەكتىپىم »، « كومسومول نامىم » دېگەن ئىككى شېئىرىم بىلەن قېتىلدىم . شۇندىن كېيىن، « تارىم » ، « شىنجاڭ گېزىتى » قاتارلىق گېزىت ـ ژۇرناللاردا شېئىر ، باللادا ، داستانلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانىدى .
ـ سىزنىڭ ئىجادىيەتتە تۇتقان ئۇستازلىرىڭىز بارمۇ ؟
ـ مەخسۇس ئۇستاز تۇتتۇم دېسەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماس . ئەمما لۇشۇننىڭ زاۋىنلىرىدىن ، گومۇرۇ ، ئەيچىڭلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئۆگەندىم . ئىجادىيەت تەرەققىياتىمدا يەنە نەۋايى ، پۇشكىن، لېرمونتوپلارنىڭمۇ تەسىرى بار . قىسقا ھېكايىگە كىرىشىپ قېلىشىمدا چېخوپنىڭ ھېكايىلىرى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرى ھازىرمۇ ئېسىمدىن كەتمەيدۇ .
ـ شائىر ئەپەندى ، – سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە قانداق ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىسىز ؟
ـ مەن شېئىرىيەتتە ئۆزۈمنى تېخىچە بىر ھەۋەسكار ، ئەدەبىيات ساھاسىدە ئادەتتىكى بىر ئەدىب دەپ قارايمەن . چۈنكى شائىر دېگەن نامنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق تەس ، بىر ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىش دېگەندىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . مەن سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا ئۆزۈمنىڭ تۆتلىك شېىرلىرىم بىلەن قوشۇمچە جاۋاپ بېرىشنى توغراتاپتىم ؛
ئاسان ئەمەس شائىر ئاتالماق ،
شائىر ئەمەس قۇرۇق نام ـ ئاتاق .
ئاسان ئەمەس مىسرالار بىلەن ،
ئەل قەلبىگە نۇر ـ چىراغ ياقماق .
ـ سىز شېئىرنى قانداق يازىسىز ؟
ـ مەن شېئىر يېزىشتا شېئىرىي پىكىر بىلەن ھىسىياتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەۋزەل بىلىمەن ، قىسقا يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن . كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان ۋەقە ـ ھادىسىلەردىن يېڭى پىكىر تېپىپ ، چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىمەن ، ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىمەن . شېئىر مەزمۇنىنىڭ چۈشىنىشلىك ، رۇشەن بولۇىشىنى ياقتۇرىمەن . بۇ جەھەتتە تېيىپجان ئېلىيوپنى ئۈلگە قىلىپ ، ئۇستاز تۈتۈپ كەلدىم دېسەم بولىدۇ .
ـ شائىر ئەپەندى ، سىز شېئىرىيەتتە ئىيدىيىۋى مەزمۇن بىلەن مۇزىكىلىق ئاھاڭدارلىقنى قانداق چۈشىنىسىز؟
ـ شېئىرىيەتتە بۇ ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . شېئىرنىڭ قاپىيىسى ، رېتىمى مۇزىكىلىق ئاھاڭدارلىققا ياتىدۇ ، ھىسىياتنى ئىپادىلەشتە نېگىزلىك رول ئوينايدۇ . شۇڭلاشقا مۇشۇ ئىككى تەرەپتىن تەڭ يېتىلگەن شېئىر ئاسانلا ناخشىغا ئايلىنىپ ، ئېغىزدىن ئېغىزغا تاراپ كېتىدۇ . مەسىلەن ، تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ « تۈگىمەس ناخشا » سىنى ئەنە شۇنداق ئىككى تەرەپتىن تەڭ يېتىلگەن شېئىر دېيىشكە بولىدۇ .
ـ سىزنىڭ نەسرىڭىزدە نەزمىنىڭ ، نەزمىڭىزدە نەسرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بارمۇ ؟
ـ مەن ئۆزۈمنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىمدە نەزمىنىڭ پۇراقلىرى بارمۇ ـ يوق ، بۇنى بىلمەيمەن . لېكىن ، بەزى ۋەقەلىك شېئىرلىرىمدا ، مەسىلەن « يايلاق گۈلى » ، « ئورمانچى بوۋاي » دېگەن باللادا ، داستانلىرىمدا نەسرىي ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى باردەك ھىس قىلىمەن .
ـ شائىر ئەپەندى ، سىزنىك ئىجادىيەت بېغىڭىزدا تېخىمۇ رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن !
历史上的今天:
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ 3 2011-05-12شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ1 2011-05-12
收藏到:Del.icio.us