ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-07

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 5 (تەمسىل) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 5  (تەمسىل)

    تەمسىل

    تەمسىل «مىسال كەلتۈرۈش» مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىر بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا ئىپادىلەنگەن پىكىرگە دەلىل سۈپىتىدە ئىككىنچى مىسرادا ھاياتىي بىر ھادىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە ئاساسلانغان سەنئەتتۇر. بىرىنچى مىسرادىكى پىكىر بىلەن كەلتۈرۈلگەن مىسال ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت-مەنتىقىلىق ئالاقە كۆپىنچە قىياسىي يۆنىلىشتە بولۇپ، ئىجادكار دىققىتى ھەم بەدىئىي تەپەككۇر بىلەن ھاياتىي ۋەقەلىك ئارىسىدىكى ئوخشاشلىققا قارىتىلغان بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچى مىسرادا بايان قىلىنغان پىكىر ھاياتىي ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شائىر ئىپادىلىۋاتقان ئوبرازلار ھاياتىي مىسالدىكى نەرسە ياكى چۈشەنچىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

    لۇتفىنىڭ

    ئەي كۆڭۈل، جاننى خىيالى ئالدىدا قىل پىشكەش،

    ھەر نېمە بولسا ئەزىز، ئېلگۈر كىشى مېھمان سارى.

    بۇ بېيىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدا كەلتۈرۈلگەن ھاياتىي ھادىسە-مىزباننىڭ يۈزى ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز بولغان نەرسىنى مېھمان ئالدىغا قويۇشى بىرىنچى مىسرادىكى پىكىر قىياسى ئەمەس، بەلكى دەلىلى تەستىقىگە خىزمەت قىلىدۇ. بېيىتتىكى «ھەر نېمە ئەزىز بولسا، كىشى مېھمانغا تۇتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي كۆڭۈل، سەن ھەم جېنىڭنى يەنى ئەڭ ئەزىز نەرسەڭنى يار خىيالىغا سوۋغات قىل»، دېگەن مەزمۇن ھەم تەمسىل ماھىيەتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. 

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

     

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

    分享到: