ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-07

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 6 (ھۇسنى تەئلىل) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 6  (ھۇسنى تەئلىل)

    ھۇسنى تەئلىل

    ھۇسنى تەئلىل ئەرەبچە «چىرايلىق دەلىللەش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان بىرەر ھادىسىگە شائىرانە بىرەر سەۋەب كۆرسىتىش سەنئىتى شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

    تۆۋەندىكى بېيىتتا نەۋايى ھۇسنى تەئلىل سەنئىتىدىن پايدىلانغان ھالدا تەكرارلانماس تىمسالنى ئىپادىلىگەن.

    قەترە قانلاركىم تامار كۆكسۈمگە ئۇرغان تاشتىن،

    زەخمىدىندۇر دېمەككىم، قان يىغلار ئەھۋالىمغا تاش.

    ھېجران ئەلىمىگە چىدىيالمىغان ئاشىق ئۆز كۆكسىگە تاش ئۇراردىكەن، يەرگە قان تامماقتا. شائىرنىڭ تەرىپىچە بۇنىڭ سەۋەبى تاشنىڭ بەدەنگە يەتكۈزگەن يارىسى ئەمەس(قان يارىدىن ئېقىۋاتقىنى يوق)، بەلكى ئاشىق قەلبىگە ئۇرۇلغان تاش ئۇنىڭ باغرىدىكى غەمنىڭ كۈچلۈكلىكىگە چىدىيالماي قانلىق ياش تۆكمەكتە.

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ خىل تەئلىل-سەۋەب ئوبرازلىق پىكىرنىڭ كۈچەيتىلىشىگە خىزمەت قىلىدۇ.

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

     

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

    分享到: