ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-22

    شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ)

    تەشبىھشەرق ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان سەنئەتلەردىن بىرى بولۇپ، «ئوخشىتىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككى نەرسە ياكى چۈشەنچىنى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقىي(رېئال) ياكى مەجازىي مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسەن ئوخشىتىش سەنئىتىدۇر. تەشبىھ سەنئىتى تەسۋىرلىنىۋاتقان شەخس، بويۇم(نەرسە) ياكى چۈشەنچىنى ئوقۇرمەن كۆز ئالدىدا ئېنىقراق، جەزبىلىكرەك گەۋدىلەندۈرۈشكە خىزمەت قىلىپ، ئەسەر تىمساللىرى مەنىۋى قىياپىتىنى يارقىنراق ئېچىش، شائىر غايىسىنى ئوقۇرمەن ئېڭىغا كۆپرەك يەتكۈزۈشكە ئىمكان بېرىدۇ.

    مەسىلەن:فۇرقەتىنىڭ

    لەبىڭ غۇنچە، يۈزۈڭ ئىككى قىزىل گۇل،

    قەدىڭ سەرۋۇ، ساچىڭ گۇياكى سۇنبۇل.

    بېيىتىدە مەشۇقىنىڭ ئەزالىرى ئېنىق، نەرسىلەرگە:لېۋى غۇنچىگە، يۈزى قىزىل گۈلگە، قەددى سەرۋىگە، چېچى بولسا سۇنبۇلغا ئوخشىتىلغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئورۇندا ھەقىقىي تەشبىھ قوللىنىلغان.

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

    分享到: