ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-22

    شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ3 (مۇبالىغە) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 3 (مۇبالىغە)

     

    مۇبالىغە تەبلىغ، ئىفراق، غۇلۇۋۋ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

    تەبلىغ ئەقلەن ئىشىنىش مۇمكىن بولغان، ھاياتتا ھەم يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇبالىغىلەردۇر.

    ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «كەلمىدى» رادىفلىق غەزىلىدىكى:

     

    كېچە كەلگۈمدۇر دىبان ئۇل سەرۋى گۇلرۇي كەلمىدى،

    كۆزلەرىمگە كېچە تاڭ ئاتقۇچە ئۇيقۇ كەلمىدى.

    بېيىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدا شۇ خىلدىكى مۇبالىغە قوللىنىلغان  بولۇپ، ۋىسال ۋەدىسىنى بەرگەن گۈزەلنىڭ كەلمىگەنلىكى نەتىجىسىدە ئاشىقنىڭ كېچىسى ئۇخلىماي چىقىشى ئاددىي ھاياتىي ۋەقە بولماي، بەلكى مۇبالىغىلىق تەسۋىردۇر. چۈنكى  شۇنداق ھاللاردا ھەممە ئاشىقلار ھەم ئۇخلىماي چىقىدۇ، دېيىش خاتا بولاتتى. لېكىن بۇ مۇبالىغىلىق تەسۋىرنى، يەنى ئاشىقنىڭ تۈن بويى ئۇخلىماي چىقىشىنى ئەقلەن تەسەۋۋۇر قىلىش ھەم مۇمكىن، ھاياتتا بۇنداق ھادىسىلەر ئاز بولسىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھايات ۋەقەلىگىنى شۇ تەرىزدە بىر ئاز ئاشۇرۇپ تەسۋىرلەش مۇبالىغىنىڭ بىرىنچى تۈرى بولغان تەبلىغ ھېسابلىنىدۇ.

    مۇبالىغىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسى ئىغراق دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئىغراق بەلگە ياكى ھەرىكەتنى ئەقلەن ئىشنىش مۇمكىن بولغىنىدا، تۇرمۇشتا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان تەرىزدە كۈچەيتىپ تەسۋىرلەش دېمەكتۇر. شائىر «پەرھات-شېرىن» داستانىدا پەرھاتنڭ بېرىپ ئاتنى كۆتۈرۈپ ئېلىش ۋەقەلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

    چۇ ئاشىق ئاڭلادى قىلغاچ تەئەممۇل،

    كى ئېلدىن تۈشكۈدەكدۇر ئەر ئۇزە گۇل.

    ئەر ئۆپمەكلىككە مەجنۇندەك خەم ئولدى،

    قۇياش ئاستىدا گەردۇندەك خەم ئولدى.

    كۆتەردى ئارقەسىگە بادپانى،

    نىچۈككىم بادپا ئۇل دىلرەبانى.

    …چۇ ئىككى-ئۈچ يىغاچ

    پەرھاتنىڭ 1.5-2 كىلومېتىر يولنى ئات ۋە شىرىننى كۆتۈرگەن ھالدا بېسىشىنى ئەقلەن قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، بۇنداق ۋەقەنىڭ تۇرمۇشتا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ. نەۋايى بۇ ئورۇندا مۇبالىغىنىڭ ئىغراق دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىسىگە مۇراجەت قىلغان.

    مۇبالىغىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسى غولۇۋۋ دەپ ئاتلىدۇ.

    غولۇۋۋ  - ئەقىلگە سىغمايدىغان، ھاياتتا يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان يوسۇندا تەسۋىرلەش شۇنداق سەنئەت(يەنى غولۇۋۋ) ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە شائىر مۇئەييەن بىلگى(ئۇقۇم، چۈشەنچە)، ھايات ياكى ھەرىكەتلەرنى شۇ خىلدا تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارغا ئىشەندۈرۈش مەقسىتىنى كۆزلىمەيدۇ. ئەمما بۇ خىل بەدىئىي مەنزىرىلەر تەسۋىرلىنىۋاتقان بىلگى، ھالەت ياكى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدە تەسەۋۋۇر ھاسىل قىلالايدۇ. تەسۋىرنىڭ گۈزەللىكى ئوقۇرمەنگە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شائىرلار بۇ خىل مۇبالىغىدىن كەڭ پايدىلىنىدۇ.

    ئەلىشىر نەۋايىنىڭ:

    ھەر قىزىل گۇلكىم، يۇزىڭ شەۋقىدە ئۆلۈپ ئالىب ئىسلەدىم،

    ئەتكەچ ئاھىم شۇئلەسى ئانى سەرىغ گۇل ئەيلەدىم.

    بېيىتكە دىققەت قىلساق ئۇنىڭدا غولۇۋۋ قوللىنىلغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلالايمىز. شائىر تەسۋىرىچە ئاشىق ئۆز سۆيگىنىنىڭ قىزىل يۈزىنى سېغىنىپ قىزىل گۈلنى ئېلىپ پۇرىغانىكەن، ئاھىنىڭ شولىسىدىن ئۇ(قىزىل گۈل) سېرىق گۈلگە ئايلىنىپتۇ. تەسۋىرلىنىۋاتقان ئۇشبۇ ئەھۋالنى ئەقىلىمىزگە سىغدۇرالمايمىز. يەنى قىزىل گۈلنىڭ ئىنسان ئاھى بىلەن سېرىق گۈلگە ئايلىنىشىغا ئەقلىمىز قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ ھاياتتا يۈز بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما لىرىك قەھرىماننىڭ ھالىتىنى شۇ تەرىزدە ئاشۇرۇپ تەسۋىرلىگەن شائىر ئوقۇرمەننى ئاشىقلىق كەچۈرمىشىنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلەيدۇ. ھاياتىي بولمىغان ھادىسە ئۇنىڭ(شائىرنىڭ) تەسۋىرىدە ھەقىقەتكە ئايلانغاندەك بولىدۇ.

     داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

    分享到: