ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-12

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 7(تەجاھۇلى ئارىفانە) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ7 (تەجاھۇلى ئارىفانە)

    7.تەجاھۇلى ئارىفانە

    «بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇشبۇ شېئىرىي سەنئەت شائىرنىڭ بېيىتتا ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بىرەر ئوبرازلىق ئىبارىنى ئېنىق ئېيىتماستىن، ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغاندەك كۆرسىتىشى نەزەردە تۇتۇلغان. تەجاھۇلى ئارىفانە قوللىنىلغان بېيىتلاردا كۆپىنچە مەھبۇبە قىياسىي ھالدا تەسۋىرلىنىپ، بىر ياكى بىرنەچچە نەرسىگە ئوخشىتىلىدۇ. لېكىن ئۈزۈل-كېسىل پىكىر بىلدۈرۈلمەيدۇ. شائىرنىڭ ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىشى شەرتلىك بولۇپ، ئەسلى مەقسەت تەئرف ياكى تەۋسىپتىن ئىبارەت. بۇ يار قىياپىتىنى مۇبالىغىلىك تەرىزدە گەۋدىلەندۈرىدىغان ئىبارىدۇر. مەسىلەن:لۇتفىنىڭ

    مەلەك يا ھۇر، بىلمان يا پەرىسەن؟

    بۇ رەفتار ئىلە يا كەبكى دەرىيسەن؟

    بېيىتتا شائىر مەشۇقىنى مەلەك، ھۆر، پەرى، كەبكى دەرىيلەرگە ئوخشىتىدۇ-يۇ، ئاشىق قايسىبىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەي، ئۆزىنى بىلمەسكە سالىدۇ. ئەسلىدە بولسا ئۇ مەھبۇبەنىڭ شۇلارنىڭ بارچىسىغا قىياسلاپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە دىققىتىمىزنى قارىتىدۇ. ئاتايىنىڭ

    مەڭلەرىڭ مۇشكى خوتەن يا نۇقتەئى جاندۇر، بېگىم؟

    ئېڭلەرىڭ ۋەردى ئىرەم يا باغى رىزۋاندۇر، بېگىم؟

    بېيىتىدا مەھبۇبەنىڭ مەڭلىرى مۇشكى خوتەنگە، جان نۇقتەسىگە، ئېڭلەرى بولسا ئىرەم ئەتىر گۈلى، جەننەت بېغىغا قىياس قىلىنىدۇ-يۇ، لېكىن قايسىبىرىگە ئوخشىشى ئېنىق ئېيتىلمايدۇ. چۈنكى مەقسەت ھەر ئىككىسىگە تەشبىھ قىلىشتۇر(ئوخشىتىشتۇر). شائىر مەھبۇبە مەڭلىرىنىڭ قارىلىغى، خۇشبۇيلۇقتا خوتەن مۇشكىگە، گۈزەللىكتە جان نۇقتەسىگە، ئېڭلىرىنىڭ بولسا ئىرەن ئەتىر گۈلى ھەم جەننەت بېغىغا ئوخشىتىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ، خالاس.

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ) 

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

     

    分享到: