ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-23

    ھىللىس مىللىر: ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

     مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق قىزىقىدىغىنى خوفماننىڭ «كاتىر. مور»، رايمۇند روسسىلنىڭ «ئافرىقا تەسىراتلىرى» دېگەندەك ئەسەرلىرى ئىدى. بۇ ئەسەرلەر بىلەن سېھرىگەرلىك ئويۇنلىرىنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر بىۋاسىتە باغلىنىشى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئەلىس مەجمۇئەسىنى تىلغا ئالدى، كىتابىمنىڭ كېيىنكى مەزمۇنلىرىدا بۇ يۈرۈشلۈك كىتاب ئەڭ مۇھىم پايدىلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئەلىسنىڭ ئەينەكتىن ئۆتۈشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسى توقۇلما سېھرىگەرلىك سەھنىسىدىكى ئەمەلىيەت ۋە ئەنئەنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دۇرىڭ ھەتتا چېشىر مۆشۈكىنى يوقىتىش، قارىمۇچ ئارقىلىق بوۋاق بالىنى چۈشكۈرتۈش دېگەندەك بۇنداق كۆرۈنۈشلەر 19- ئەسىردىكى مەشھۇر سەھنە سىھرىگەرلىكى بولۇپ، ئەينەك ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىغان «قارىمۇچ ئالۋاستىسى» بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىدۇ. فىشىر «كالورنىڭ سېھرىگەرلىكى» ناملىق كىتابىدا، كالورنىڭ 19- ئەسىر سەھنە ئويۇنلىرىغا بولغان پىششىق تونۇشىنى بايان قىلدى.
    بىراق، دۇرىڭ بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە سېھرىگەرلىك ئۇسۇلى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنسۇن، ئېلىنمىسۇن، ھەممىسىنى بىر خىل سېھرىگەرلىك دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىدى. بىر ئەدەبىي ئەسەر يېڭى بىر دۇنيانى قوزغىتىدىغان ئەپسۇن ۋە جادۇگەرلىكتۇر. دۇرىڭ كىنونىڭ قانداق قىلىپ سېھرىگەرلىك سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، مەسىلەن، كىنونىڭ قىسمەن ھالدا سېھرلىك چىراق (سېھىرلىك چىراق ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سېھرىگەرلىك سەھنىسىدە ئويۇن كۆرسىتىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى) نى مەنبە قىلغانلىقىنى دەل جايىدا تىلغا ئالغانىدى. ئەڭ ئاخىرى كىنو سەھنە سېھرىگەرلىكىنى ئىشسىز قالدۇردى. كىنونىڭ كۈچى ئىنتايىن زور. دۇرىڭ ھازىرقى زامان ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ − سۈرەتكە ئېلىش، تېلېفۇن، كېنو، رادىيۇ، تېلىۋېزۇر، ماگنىتلىق تەخسە، ماگنىتلىق لىنتا، CD دىن ئىنتىتېرنىتقا ئۇلانغان كومپيۇتېرغىچە − ئەمەلىيەتتە ماكان- زامان پەرقىدىن ھالقىپ، ھاياتلار ۋە ئۆلۈكلەر بىلەن سېھرىگەرلىك شەكلىدە ئالاقە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قەدىمى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى. مەيلى قاچانلا بولسۇن، ياقتۇرساملا گولد چالغان باخنىڭ «گوردىنبۇرگدىكى ۋارىئاتسىيە مۇزىكىسى» نى ئاڭلىيالايمەن، ئەمما، گولدنىڭ بارماقلىرى ئاللىقاچان توپىغا ئايلىنىپ كەتتى. مەن ھەتتا تىننيسۇن (44) نىڭ ئۆزى دىكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرىنى ئاڭلىيالايمەن. ئەرۋاھلارنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يەنە نېمە دەي!
    رىكلىس تىلىفۇن ۋە ئۈنئالغۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى باسقۇچىدا، كىشىلەر ئۆزىنى تىرىكلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتىمەن ياكى ستاتىك ئېلېكتىر ئارقىلىق تېلېفۇن ۋە ئۈنئالغۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئاۋازىنى (ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى) ئاڭلاۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، دېگەنىدى. بۇ يىراق مۇساپە تېخنىكىسى پەيدىنپەي سېھرىگەرلىك سەھنىسىدىكى ئوپچە ئويۇننىڭ ئورنىنى ئالغان، شۇنداقلا بىر خىل تۇتۇقلۇقنىڭ ئورنىنى ئالماقچى بولغان دىندىن خالى سېھرىگەرلىكئەدەبىياتتۇر. كىنو، تېلېۋىزۇر، CD، سىنئالغۇ لىنتىسى، MP3 تۈرىدىكى نەرسىلەر، كومپيۇتېر، ئىنتىرنىت قاتارلىقلار يېتەكچى ئورۇننى ئېگىلەپ، بىزگە يىراقنى كۆرسىتىدىغان، يىراقتىكىنى ئاڭلىتىدىغان سېھرىگەرگە، جادۇگەرگە ۋە سۆزلىيەلەيدىغان كارتۇن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. قىسقىسى، بۇ كەشپىياتلار بىزنى سېھرىگەرلىك ئويۇنىنىڭ تەمىنلىگۈچىسىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلار ئىدىئولوگىيە ئەقىدىسىنى بەلگىلەش جەھەتتە مۆلچەرلىگۈسىز كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە.
    ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر خىل سېھرىگەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق نامايەن قىلىپ بېرىدىغان بىر بۆلەك تىل بار. بۇ گىئورگى ئىلئوت (45) نىڭ «ئادام بىد» ناملىق ئەسىرىنىڭ باشلانمىسىدۇر:

    مىسىرلىق سېھرىگەر بىر تامچە سىياھنى ئەينەك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تاسادىپىي كەلگەن ھەربىر ئادەمگە يىراق ئۆتمۈشنىڭ خىيالى كۆرۈنۈشىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن. مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قىلىپ بېرىدىغىنىممۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەن قەلىمىمدىكى بۇ سىياھ ئارقىلىق، ئۇلارغا ھىسلوپې كەنتىدىكى ياغاچچى ۋە تامچى جوناسىن بورگىنىڭ ئازادە دۇكىنىنىڭ 1799- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى قانداق قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن.

    نىل ھىرتىز گىئورگى ئىلئوت ۋە ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى 1859- يىلى ئۇ تىلغا ئالغان مىسىرلىق سېھرىگەرنىڭ ئابد ئەل قادىر ئەل مەغرىبى ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلەتتى، ئۇ 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاھىرەدە تۇرغانىدى، دەيدۇ. ھىرتىز بىزگە بورخىسنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى يازغان «قارا ئەينەك» دېگەن ھېكايىسىدىمۇ بۇ كىشىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىلئوتنىڭ مىتافورسى رۇشەن كۆزگە چىلىقىپ تۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ سېھرىگەرلىك ئارقىلىق تەمسىل قىلغىنى خوفمانچە ئەسەبىي خىيالمۇ، 20- ئەسىردىكى «سېھرى رىئالىزم» لىق ئەسەرلەرمۇ ئەمەس، بەلكى تىپىك رەتكە سېلىنغان كونىچە قىلىپتىكى رېئالىزملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇ ۋاقىت، ئورۇن جەھەتتىكى ئىنچىكە ھالقىلار بىلەن تولغانىدى. بۇ سېلىشتۇرما مىسىر سېھرىگىرىنىڭ سېھرىگەرلىك ماھارىتىنى (ئۇ قولىدا تۇرۇپ قالغان سۇنى خىيالى ئوبرازنى كۆرىدىغان ئەينەك قىلىدۇ) ئاپتورنىڭ قەلىمىنىڭ سىياسىغا ئايلاندۇرغان، سىياھ بىز كىتاب بەتلىرىدە كۆرىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ چىققانىدى. بۇ سۆزلەر دەل كالور مەنىسىدىكى بىر ئەينەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدىكى شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، ئۇ بىر سېھىرلىك ئەينەك، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىكى ماكان- زاماندا تۇرۇۋاتقان ئىنتايىن يىراق بىر دۇنياغا كىرەلەيدۇ، ئۇ دەل 1799- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى بۇرگې ئەپەندىنىڭ دۇكىنىدۇر. بۇ جۈملىلەر بايان قىلىدۇ ھەم ئىجرا قىلىدۇ. ئۇلار بۇرگې ئەپەندىنىڭ ئازادە دۇكىنىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئوقۇرمەنلەرگە نامايەن قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرگە «ئۆزىنىڭ تۇرقى» نى كۆرسىتىدۇ. سۆز بۇ ۋەدىنى بەرگەن چىغىدا، ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «ئازادە دۇكان»، «سېھرىگەرلىك تۈسىدە» ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە نامايەن بولىدۇ. ئوقۇرمەن كىتابنىڭ باشلانمىسىدىن كېيىنلا، مەزكۇر دۇكاننىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئوقۇيدۇ، دۇكان بارغانسىرى كونكرېتلىشىدۇ.

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    ئىزاھاتلار:
    (1)
    جاك دىرىدا (Jacqus Derrida، 1930 − 2004). فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق (چۇۋۇلمىچىلىق) نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. «يېزىقشۇناسلىق ھەققىدە» (1967)، «ئاۋاز ۋە ھادىسە» (1967)، «چېچىلىش» (1972)، «پەلسەپىنىڭ چېتى» (1972)، «مەۋقە» (1972) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (2)
    بۇ يەردە خەنزۇتىلىدىكى «词典»، «字典» دېگەن سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرىنى «سۆزلۈك»، يەنە بىرىنى «خەتلىك» دەپ تەرجىمە قىلدىم.
    (3)
    سەيمىل جونسۇن (Samuel Johnson، 1709 − 1784) ئەنگلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى، شائىر.
    (4)
    ئەنگلىيەلىك ئاكا- ئۇكا ئەدىبلەر، رومانتىمزننىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى.
    (5)
      ئىدمۇند گوس (Edmund Gosse، 1849 − 1928) ئەنگلىيەلىك شائىر، درامماتروگ.
    (6)
      ۋىلھىلىم ۋون خۇمبولدىت (Wilhelm Von Humboldt، 1767 − 1835). گېرمانىيەلىك مائارىپ ئىسلاھاتچىسى، تىلشۇناس ۋە دىپلومات. بىرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى.
    (7)
    سەيمىل تەيلور كولىرىج (Samuel Taylor Colerdge، 1772 − 1834) ئەنگلىيەلىك شائىر ۋە ئوبزۇرچى.
    (8)
      ۋىللىيام ۋوردىسۋورز (Wordsworth  William، 1770 − 1850) ئەنگلىيەلىك شائىر.
    (9)
      ماتتىۋ ئارنولد (Matthew Arnold، 1822 − 1888)، ئەنگلىيەلىك شائىر، ئەدەبىي تەنقىدچى.
    (10)
    سىر ۋالتىر سىكوت (Sir Walter scott، 1771 − 1832) شوتلاندىيەلىك تارىخى رومان يازغۇچىسى، شائىر.
    (11)
      سىتوۋ خانىم (Mrs.Biqiesituo، 1811 − 1896) ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال يازغۇچى، «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە رومانىدۇر.
    (12)
    رېنې دىكارت (Rene Descartes، 1596 − 1650)، فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ. ئۇ «ئويلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن مەشھۇر سۆزى ئارقىلىق ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلىگەن.
    (13)
    جون لوك (John Locke، 1632 − 1704)، ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ، تەجرىبىچىلىكنىڭ ئاساسچىسى. تۇنجى بولۇپ ئاساسى قانۇن دىمۇكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان بولۇپ، پەلسەپە ھەم سىياسىي ساھەدە زور تەسىرگە ئىگە.
    (14)
    فىشىت (Johann Gottlieb Fichte، 1762 − 1814)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ۋەتەنپەرۋەر زات.
    (15)
    گىگىل (Georg Wilhelm Friedrich Hegel، 1770 − 1831)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، لوگىكا، تارىخ پەلسەپىسى، ئېستىتىكا، دىن، مىتافىزىكا، بىلىش نەزەرىيىسى، سىياسىيشۇناسلىق، دىئالىكتىكا قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
    (16)
    نىتچې (Friedrich Nietzsche، 1844 − 1900)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ئىرادىچىلىك نەزەرىيىسى ۋە ھاياتلىق پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى» (1872)، «زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ» (1883)، «ياخشىلىق- يامانلىقنىڭ قىرغاقلىرى» (1886)، «قارا بۇ ئادەمگە» (1895)، «ھوقۇق ئىرادىسى» (1901) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (17)
    سىگمۇند فىرىئود (Sigmund Freud، 1856 − 1939)، ئاۋستىرىيەلىك روھى كېسىللىكلەر دوختۇرى، پىسخولوگ، روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. «روھى ئانالىزغا مۇقەددىمە» (1915 − 1917)، «روھى ئانالىز ئىلمىگە مۇقەددىمىنىڭ يېڭى نۇسقىسى» (1933) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (18)
    ئىدمۇند خۇسرىل (Edmund Gusserl، 1859 − 1938)، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ھادىسىشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى. «كەسكىن پەن سۈپىتىدىكى پەلسەپە» (1910)، «فۇرمال ۋە ئەزەلىي لوگىكا» (1929)، «دىكارتنىڭ ئويلىنىشى» (1931)، «تەجرىبە ۋە ھۆكۈم» (1939) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
    (19)
    خەنزۇتىلىغا «此在، 本是، 定在» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئۇقۇمنى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ مارتىن ھېيدىگگىر (Martin Heidegger، 1889 − 1976) ئىشلەتكەن بولۇپ، گېرمان تىلىدا «Dasein» دېيىلىدىغان بۇ ئۇقۇم ئاساسەن ئىنساننىڭ ئونتولوگىيەلىك مەنىدىكى.relpost{clear:both}

    分享到: