ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-03-23

    ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ -1 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. ھازىر كالفۇرنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات فاكولتېتى ھەم تەنقىد نەزەرىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ نوپوزلۇق پىروفېسسورى. «نەزەرىيەنىڭ بۈگۈنى»، «پېروزا ۋە تەكرارلىق»، «ئۇ» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار.

     

    ئەدەبىيات، خەيرى خوشمۇ؟

     

    ئەدەبىيات ئاخىرلىشىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ مەھشەر كۈنى كېلىدۇ، بۇ چاغ ئوخشاش بولمىغان مىدىيەلەرنىڭ ئۆز ئەدەبىياتى بولىدىغان دەۋردۇر. ئەدەبىيات مەھشەر كۈنىگە دۇچ كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەبەدىيلىك، دۇنياۋىيدۇر. ئۇ بارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تېخنىكا ئۆزگىرىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەدەبىيات پۈتكۈل ۋاقىت، پۈتكۈل جايلاردىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر، بۈگۈنگى كۈندىكى «ئەدەبىيات» قا ئائىت بارلىق ئەستايىدىل ئويلىنىشلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت مۇشۇ ئىككى ھۆكۈمنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
    بۇ خىل زىددىيەتلىك ۋەزىيەت قانداق كېلىپ چىققان؟ ئەدەبىياتنىڭ تارىخى بار. مەن دەۋاتقان «ئەدەبىيات» بىز غەربتىكى تۈرلۈك تىللاردا ئىشلىتىدىغان literature (ئىنگلىزتىلى ياكى فرانسوز تىلىدا)، letteratura (ئىتالىيان تىلىدا)، literatura (ئىسپان تىلىدا)، Literatur (گىرمان تىلىدا) دېگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. جاك دىرىدا «ئۆلۈم: توقۇلما ۋە شاھىد» ناملىق ئەسىرىدە «ئەدەبىيات» دېگەن سۆز لاتىن تىلىنى مەنبە قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ رىمخرىستىيان دىنى − ياۋروپا مەنبەسىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى(1). ھازىرقى زامان مەنىسدىكى ئەدەبىيات غەربىي ياۋروپادا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغانىدى. يەنى، ئەينى چاغدا بۇ سۆز ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان مەنسىگە ئىگە بولمىغانىدى. «ئوكىسفورت ئىنىگلىز تىلى سۆزلۈكى» (牛津英语词典) گە ئاساسلانغاندا، «ئەدەبىيات» نىڭ تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى يېقىنقى ئىش ئىكەن. ھەتتا سەيمىل جونسوننىڭ «خەتلىك»(2) (字典، 1755- يىلى) ىدىن كېيىنمۇ «ئەدەبىيات» شېئىر، بېسىلىپ، تۈپلىنىپ، كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن درامما ۋە پېروزىدىن باشقا يەنە ئەسلىمە، تارىخنامە، خەت- چەكلەر توپلىمى، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارالغانىكەن(3). ئەدەبىياتنىڭ پەقەت شېئىرىيەت، درامما، پېروزا بىلەنلا چەكلىنىشى تېخىمۇ يېقىنقى ئىشتۇر. جونسوننىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىنىقلىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ: ئەدەبىيات «تىل ياكى كىتابلارنى پىششىق بىلىش، ئەستايىدىللىق ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىلىمى، ئەدەبىيات كۇلتۇرى» دۇر، دېگەنىدى. «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە خەتلىكى» (牛津英语字典) دە 1880- يىلىغا مەنسۇپ «ئۇ ئەدەبىياتى تولىمۇ ئاز ئادەم» دېگەن بىر مىسال كۆرسىتىلگەن. پەقەت «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكى» (牛津英语词典) نىڭ 3- ماددىسىغا كەلگەندىلا، بىز تۆۋەندىكىدەك ئىنىقلىمىغا ئىگە بولىمىز:

     

    پۈتكۈل ئەدەبى ئىجادىيەتنى كۆرسىتىدۇ، مەلۇم بىر دۆلەت، مەلۇم بىر مەزگىل ياكى پۈتۈن دۇنيادا روياپقا چىققان پۈتكۈل يېزىقچىلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ چەكلىك مەنىدە ئىشلىتىلىپ، شەكىل گۈزەللىكى ياكى ھىسسىيات ئۈنۈمى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇتالىئە قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىمۇ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

     

    «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكى» دە تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىنىقلىما «ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەدە ئىنتايىن كېچىكىپ پەيدا بولغان». ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ناھايىتى ئوڭايلا 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بىكىتىشكە بولىدۇ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئەنگلىيەدە ئۇ جوسىپ ۋارتون (1722  1800، Joseph Wharton) ۋە توماس ۋارتون (1728  1790، Thomas Wharton) نىڭ خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك(4). ئىدمۇند گوس (Edmund Gosse)  1915− 1916- يىلىدىكى «رومانتىزمنىڭ ئىككى ئاساسچىسى: جوسىپ ۋە توماس ۋارتونلار» ناملىق ماقالىسىدە ئۇلار ئەدەبىياتقا ئۇنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئىنىقلىمىسىنى بەردى، دېگەنىدى. يېڭى مىدىيەلەرنىڭ پەيدىنپەي مەتبەئە كىتابلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مەنىدىكى ئەدەبىيات ھازىر ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

     

    داۋامى بار.

    分享到: