ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-19

    ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى

    ئاپتور:  كېرىمجان ئابدۇرېھىم

    ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت تەنقىدچىلىكىدىكى قوللىنىشچانلىققا ۋە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە تەنقىد تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىش ۋە باھالاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىغان، ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق ھالقىلىرى، ئەخلاق نۇقتىسى، ئەخلاق ئۆلچىمى ئاساسىدا ئەسەرنى تەھلىلتەتقىق قىلىدىغان ۋە باھالايدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى كۆرسىتىدۇ.

        ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەنئەنىسى ئۇزاق تارىخقا، روشەن تەنقىدچىلىك ئەنئەنىسىگە ۋە مول ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەتىجىلىرىگە ئىگە. دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىرلىقنى ھۈنەر دەپ قاراپ، شائىرلار ئەخلاقى ھەققىدە توختالغان ۋە شائىرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئەلشىر نەۋائىي ››مەھبۇبۇل قۇلۇب‹‹ ناملىق ئەسىرىدە شائىرلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن باشقا، ‹‹مەجالىسۇن نەفائىس›› ناملىق ئەسىرىدە شائىرلارغا باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەدەپئەخلاقىنى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەم قىلغان. مۇھەممەد سىدىق رەشىدى ‹‹سىدىقنامە›› ناملىق ئەسىرىدە شائىرلارنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئەخلاقى ھەققىدە يېتەرلىك مۇھاكىمىلەرنى بايان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شائىرلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەخلاقىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش، شائىرلارغا ۋە شېئىرلارغا ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن باھا بېرىش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەنئەنە بولۇپ شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەخلاق مەزمۇنىغا، يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلىگەن ئەخلاقىي خاھىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ئەخلاق تەنقىدچىلىكىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇستەھكەم ئاساسقا ۋە مول نەتىجىلەرگە ئىگە قىلغان.

        ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ھەرخىل ھادىسىلەرنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن تەھلىل – تەتقىق قىلىش ۋە باھالاش، كۆزىتىش ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە، ئاساسلىقى، ئادەمنىڭ جەمئىيەت، ئۆزلۈك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئەخلاق مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھەتتا ئەسەرنىڭ قىممىتىگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچىنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، يازغۇچى ئەسىرى ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەخلاقى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەخلاق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئەخلاقىغا، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسىگە ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنى نىشانلايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى جەھەتتىن قارىغاندىمۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىدە، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەخلاق ئېڭىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كىتابخان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئارقىلىق ئەخلاقىي تەربىيەگە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەنقىدچىلىك ئەندىزىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

        ئەخلاق تەنقىدچىلىكى خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇلارنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:

        1. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ‹‹ئەدەبىيات دېمەك ئەخلاقىي تەشەببۇس دېمەكتۇر›› دەيدىغان قاراشنى ئاساس، ئەدەبىياتنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى رولىنى مەۋقە قىلىپ، ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن تەھلىل – تەتقىقات قىلىدۇ ۋە باھالايدۇ. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى، خاراكتېرى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تەنقىدچىلىك بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى كىشىلەرگە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىدۇ ۋە ھايات قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، ئەدەبىيات ئالدى بىلەن ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلىشى، ئەخلاقنى ئۇلۇغلىشى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەخلاق تەنقىدچىلىرى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى، جۈملىدىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالىغاندا، ئۇنىڭدا قانداق ئەخلاق قارىشىنىڭ قانداق شەكىلدە ۋە قانداق دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنلىكىگە، يازغۇچىنىڭ ئەخلاق مەسىلىلىرىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان – چىقمىغانلىقىنى ئۇنىڭدىكى ئەخلاق قارىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنلىكى، ئەخلاق مەزمۇنلىرىنىڭ ئەسەردە قانچىلىك ئورۇن تۇتقانلىقى ۋە يازغۇچىنىڭ ئەخلاقنى قانچىلىك تەكىتلىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەيدۇ.

        2. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئاساسلىق تەنقىد مەزمۇنى قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئەدەبىي ئەسەرگە باھا بېرىدۇ. ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئەخلاق تەركىبى ناھايىتى مول بولىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ بارلىق سۆز – ھەرىكەتلىرى ئەخلاق مەزمۇنلىرى بىلەن تويۇنغان بولىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ ياخشى – يامانلىقىدا ئەخلاق ئۆلچىمى بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى، كەسىپ ئەخلاقى قاتارلىق ئەخلاق كاتېگورىيەلىرىدىن چىقىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەرنى نۇقتىلىق تەھلىل – تەتقىق قىلىدۇ، تەھلىل – تەتقىق قىلىشتا ئەدەبىياتنى ئېسىل ئەخلاقنى مەدھىيەلەپ، ئەخلاقسىزلىقنى پاش قىلىدىغان، تەنقىد قىلىدىغان ۋاسىتە سۈپىتىدە كۆرىدۇ، مۇشۇ ئاساستا ئەدەبىي ئەسەرگە باھا بېرىدۇ.

        3. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى يازغۇچىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى، ئەخلاق قارىشىنى ۋە بۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نۇقتىلىق تەھلىل – تەتقىق قىلىدۇ. ‹‹ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژېنېرى››، ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى ئۇستازى›› دەپ تەرىپلىنىدىغان يازغۇچىشائىرلارغا ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىن ئەزەلدىن يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلغان، ئەدەبىيات ساھەسىدە يەنە ‹‹يازغۇچى دېمەك ئەسەر دېمەكتۇر›› دېگەن قاراشمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى مانا مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، يازغۇچىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاق – پەزىلىتى، ئەخلاق قارىشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قانداق ئىپادىلەنگەن، دېگەن مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى يازغۇچىنىڭ ئەخلاقپەزىلىتى ۋە ئەخلاق قارىشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە گەۋدىلىك ئىپادە تاپىدۇ، دەپ قارىغاچقا، ئەدەبىي ئەسەردىكى ئەخلاق مەزمۇنىنى يازغۇچىنىڭ ئەخلاق قارىشى دەپ قاراپ، ئەدەبىي ئەسەرنى مۇشۇ ئاساستا چۈشىنىدۇ ۋە باھالايدۇ. شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاقىي تەشەببۇسلار ئاساسىدا يازغۇچىنىڭ ئەخلاق قارىشىنى، ھەتتا پەلسەپىۋى قارىشىنى خۇلاسىلەيدۇ.

        4. ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكىنى شۇ ئەسەرنىڭ كىشىلەرگە ئەخلاقىي جەھەتتىن قانداق تەسىر بەرگەنلىكى ئاساسىدا باھالاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش، كىشىلەردە ھاياتقا، جەمئىيەتكە، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە شەكىللەندۈرۈش دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئەدەبىي ئەسەرنى ئۇنىڭدىكى ئەخلاقىي تەشەببۇس ۋە بۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ئاساسىدا تەھلىلتەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ. بۇ جەھەتتە ئەخلاق تەنقىدچىلىكى تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەخلاق تەنقىدچىلىكىنىڭ بۇنداق تەنقىدچىلىك قارىشى ۋە تەنقىد پائالىيىتى كۆپىنچە ھاللاردا ئەدەبىيات تەتقىقاتى كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، ئەخلاقشۇناسلىق كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئەخلاق نۇقتىئىنەزەرىنى، ئەخلاق قارىشىنى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىش دۇنيادا يەنىلا ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە.

        ھازىر ئەدەبىياتىمىزدا ھەرخىل ئىجادىيەت ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن ئەخلاق تەنقىدچىلىكى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. مەتبۇئاتچىلىقىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىشى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، مەلۇم تۈردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرى ۋە نەشرى سۈپىتىدە يۈكسىلىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەخلاقىي تەشەببۇسى توغرا بولمىغان، خەلقىمىزنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقنى مۇقەددەس بىلىدىغان ئەنئەنىۋى قاراشلىرىغا مۇخالىپ، تەربىيەۋى رولىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىرقىسىم ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىغىمۇ پۇرسەت يارىتىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان بىر تۈركۈم پىروزا ئەسەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋال گەۋدىلىك بولدى. بەزى يازغۇچىلار ئەدەبىياتنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە ئوينايدىغان مۇھىم رولىغا سەل قاراپ، تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشنى خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىۋېلىپ، جىنسىي تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرگە بولغان بىردەملىك قىزىقىشنى ئەسەرلىرىنىڭ تىراژىنى ياكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، ئەخلاقىي چاكىنىلىق، مەنىۋى زەئىپلىك، شاللاقلىق تەسۋىرلىنىدىغان يازمىلارغا كۈچ سەرپ قىلدى. بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك ئىنكاسلارغا يازغۇچىلارمۇ، نەشرىياتچىلارمۇ ئوخشاشلا سەل قارىدى، يازغۇچىلار ۋە نەشرىياتچىلار ‹‹بۇنداق ئىشلار ۋە ئادەملەر تۇرمۇشتا بارغۇ؟››، ‹‹ئۇلاردىن سەلبىي تەسىر قوبۇل قىلسىلا بولمىدىمۇ؟›› دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشتى. ئەمما، شۇنى بىلىش كېرەككى، تۇرمۇشتا بولغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە ئەدەبىي ئەسەردە يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق، يازغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن قىممەت قارىشى، ئەخلاقى ياكى ئېستېتىك قارىشى ئىپادىلىنىشى، تەسۋىرلەر ۋە بايانلار شۇ ئاساستا قانات يېيىشى كېرەك. ئەدەبىي ئەسەر مەزمۇنى ۋە ئەدەبىي ئەسەردە يارىتىلغان پېرسوناژلار ئارقىلىق كىتابخانلارنى نەگە يېتەكلەشنى يازغۇچى چوقۇم ئويلىشىشى كېرەك. ھالبۇكى، ھازىرقى بىر قىسىم ئەسەرلەردە ۋەقەلىك، تەسۋىرلا بار، ئەمما ئۇلارغا نىسبەتەن يازغۇچىنىڭ ئەخلاق مەيدانى ، توغرا قىممەت قارىشى، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى، خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئىپادىلەنمىگەن.

        مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بۇنداق ھادىسىلەرگە يەنىلا ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئارقىلىق ياندىشىپ، ئۇلارغا ئەخلاق ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن باھا بېرىپ، ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مۇناسىپ ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.

    مەنبە شىنجاڭ گېزىتى

    分享到: