ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-24

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-3 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-3

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىيپەرۋەلىك ئىددىيسى ئۇنىڭ «باردۇر» ناملىق شېئىرىدا ئەڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان:

    جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن جاپا باردۇر،

    ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر.

     

     زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

    بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

     

    ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

    ئوقۇرمىز، ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

     

    تەئاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

    يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.

     

    يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،

    ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

     

    ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

    زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.

     

    بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

    ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

     

    ئىخۋان[] ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

    مەگەر دوسىت بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

     

    خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،

    يۇشۇرماي بىرىگە ئوننى تېپىپ قالغانىمىز باردۇر.

     

    بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنمايمىز،

    قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە، يۇمۇپ كۆز پو ئاتقىنىمىز باردۇر.

     

    كېرەكسىز مۇستەھەب[] ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،

    ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

     

    ئويۇن –چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز ئارا بىئەت بولساق،

    ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

     

    خوشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

    قوۋلۇغۇ، شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ رەڭ يالغانىمىز باردۇر.

     

    «ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،

    لويى، ئامبال ۋە دارېن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

     

    ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

    مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

     

    گۆركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

    ئەقىلنى ئىشلەتمەي، ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

     

    ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،

    ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.

     

    مىسلى جەننەت، تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،

    ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

     

    مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

    تونۇ-سەللە، نەپسى بالا موللىمىز، سۇلتانىمز باردۇر.

     

    قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،

    قىلاي دەپ بەك باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

     

    ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

    كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.

     

    ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،

    شۇچاغ كەلگەندە بىرلەردە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۇقىرقىدەك شېئرلىرى بىلەن خەلىقنى ئىلغارلىققا چاقىرىپلا قالماستىن بىر قاتار ئەمىلىي خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلىدى. ئۇ رۇسيىدىن ئالغان تەسىراتىغا ئاساسەن مەتبەچىلىك، نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ خەلقنى تەبىيىلەش ئويغىتىشتىكى رولىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تۇرپاندا بىر باسما زاۋۇدى قۇرۇش قارارىغا كەلدى. ۋە رۇسيەگە ماڭغان سودا كارۋانلىرى ئارقىلىق رۇسيىدىن باسما ئۈسكۈنلىرىنى ئەكەلدۈردى. ئەپسۇسكى ئۈسكۈنىلەر 1927-يىلى ئەتىيازدا چېگىرىدىن ئۆتۈپ ، چۆچەككە يېتىپ كەلگەندە بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قالغان ياڭ زېڭشىن  ساراسىمىگە چۈشۈپ زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى دەرھال مۇسادىرە قىلدى. موشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەرخىل سورۇنلاردا نوتۇق سۆزلەش،  ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق خەلىقنى يېتەكلەش رولىنى تۇتتى. ئۇ ھەرخىل يىغىلىشلاردا ، بازارلاردا، كوچىلاردا نوتۇق سۆزلەپ  چەتئەللەردىكى يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، يۇرتىمىزدىكى قالاقلىقلارنى پاش قىلىپ، خەلقنى ئويغۇنۇشقا، نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى.  ئۆزىنىڭ موشۇ مەزمۇندىكى شېئرلىرىنى كەڭ ئاۋامغا ئوقۇپ بېرىپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دوستىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلرىنى كوچىلارغا چاپلاپ، قولدىن قولغا كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، ئىلغارلىقنى، تەرەققىيپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us