ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-24

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-2 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-2

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

    (2)

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھىدىكى يەنە بىر ئەڭگۈشتەر مەرىپەتچىلىك ئىدىيسىدۇر. بىرقسىم كشىلەر ئىلىم-مەرىپەتنى شەخسى مەنپەت ئۈچۈن، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۈرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. يەنە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قورسىقى بىلىم بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىشنى، خىزمەت قىلدۈرۈشنى بىلمەيدۇ ياكى ئىشلەتمەيدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئانا خەلىغى ئۈچۈن ئۈگەندى. ئۈگەنگەن بىلىمىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئانا خەلىغىنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى يوروتۇش ئۈچۈن ئىشلەتتى. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شۆتاڭنى ۋە موسكۇۋادا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدى. لېكىن ئۇ بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئۆز ھويلىسىدا مەكتەپ ئېچىپ ، بالا ئوقۇتتى. كىشىلەر چەتئەلدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىينىڭ ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان مەسۈملەرنى ئوقۇتۇش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىشىتى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 2-قىتىم چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقنى نادانلىق، خوراپاتلىق، زالالەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىر دىن بىر يولى مەكتەپ ئېچىش ئىكەنلىكىنى، قاراڭغۇ دىللارن پەقەت مەرىپەت نۇرى بىلەنلا يورۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، مەسلەكداشلىرى بىلەن مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كەلدى. بىراق 1913-يىلى تۇرپان ئاستانىدە ئېچىلغان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى قاتارلىقلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر پىتنىخۇر ئىشان، بەگلەرنىڭ چېقىمى بىلەن تاقالغاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى چەكلىگەن ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە ساقلاپ تۇرۇشنىڭ مىللەتكە غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ قاراپ تۇرماي، تەۋەككۇل دەپ ئوتىرىغا چۈشۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، خىيىم خەتەردىن قورىقماي ئۆز ھويلىسىدا بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچتى...

    تۇرپان يېڭى شەھەر بازىرىدىكى بىر خالتا كوچىنىڭ ئىچكىرسىدە، ئازادە ھويلىدىكى پارتا ئورۇندۇقلار قويۇلغان، قارا تاختاي ئېسىلغان يورۇق سىنىپتا گەۋدىلىك، سۇمباتلىق، كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرغان، چىرايىدىن ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىۋاتقان كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل مەمنۇنلۇق تەپچىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت گۈلدەك تېزىلىپ ئولتۇرغان 13 مەسۇم بالىغا دەرس ئۆتمەكتە ئىدى. مانا بۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئوماق بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ رازىمەنلىك بىلەن قاراشلىرى، خەتلەرنى قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشلىرى،  ئوقۇشقا شۈنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بېرىلىشلىرىدىن ئالەمچە شادلىققا چۆمەتتى. ۋۇجۇدى كۈچ قۇۋەتكە تولاتتى... بىراق ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈزبەردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى جىسا ۋە سوپى-ئىشانلار سىنىپقا باستۇرۇپ كېرىپ، بالىلارنى ھەيدەپ، پارتا-ئورۇندۇقلارنى چېقىپ، مەكتەپنى تاقىۋەتتى.  غەزەپلەنگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى.

    ئۇ يەنە بىرقتىم غەيرەتكە كېلىپ، ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، مەخسۇت مۇھىتى، ھېسامىدىن زۇپەر قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن يېڭى شەھەر ئويماندەڭدە يەنە بىرقېتىم مەكتەپ ئاچتى. مەكتەپ دەرسلىكىگە ھېساب، جۇغراپىيە، ھۆسىنخەت، ئەخلاق، دىن دەرسى، ئەسرى سائەدەت ۋە باشقىلار كىرگۈزۈلدى. ياش بالىلارنىڭ يۇمران ۋە چۆچۈك ئاۋازلىرى چاڭىلداپ تۇرپان ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى. مەكتەپنىڭ شۆھرىتى چەت جايلارغىمۇ تارقىلىپ، گۇچۇڭ، پىچان، ئاستانە، توقسۇنلاردىن ئوقۇشقا تەشنا بولغان بالىلار كېلىشكە باشلىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئوقۇتۇش، قانداق قىلىپ ساۋادىنى تېز چىقىرىش جەھەتلەردە جان كۆيدۈرۈپ ئشلىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي كونا شەھەردە يەنە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىتى. يېڭى شەھەردىكى مەكتەپ 2-يىلىغا، قەدەم قويغاندا ئوقۇغۇچىلار تەڭشىلىپ خىلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى. مەكتەپ ھويلىسىدا ھەرخىل گىمناستىكا، نوتۇق سۆزلەش، دېكىلىماتسىيە، پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە ئەتىراپتىكى كىشلەر ھەيران بولۇپ قىزىقىپ كۆرۈشتى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قايىل بولۇشتى. نەتىجىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر كېلىپ ئوقۇش تەلىپىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىر سىنىپلىق چوڭ ياشلىقلار سىنىپى ئاچتى. بۇنىڭ تەسىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى. 

    مەكتەپ ئېچىش چەكلەنگەن ئەشۇ دەۋردە، خېيمخەتەردىن قورقماي، ئۆز يېندىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپ ئېچىپ، خالىس بالا تەربىيلەشتەك روھنى ھەقىقى پىداكار، ئۇلۇغ روھ دېمەي بولمايدۇ! ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ بىرقىسىم بېيىغان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، تىجارەتچىلەر ئۆز پۇللىرىنى مەكتەپ، باغچا، دوختۇرخانا سېلىشتەك ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھى يۆلىگەي!

    (3)

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يەنە بىر خىسلەت تەرەققىيپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت. ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭدا تەرەققىيات، ئىلغارلىق دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش»نى ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشتىكى كۇزۇرى قىلغان ياڭ زېڭشىن ھۆكىمرانلىق قىلغان 17 يىلدا سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق كىتابىدا ئېيىتقىنىدەك: «شىنجاڭدا ھېچقانداق قۇرۇلۇش قىلمىغان، مەدەنىيەت مۇئەسسەلىرى، ئاخبارات ئورگىنى قۇرمىغان، بىر پارچىمۇ گېزىت چىقارمىغان. تىياتىرخانا، مەدەنىيەت يۇرتى، كىتابخانا قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئى يول قويمىغان» ئىدى. شۇڭا خەلق ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئىپتىدائىي، نادان، خۇراپات ئاسارىتىدە ياشايىتتى. رۇسىيىدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات بىلەن شىنجاڭدىكى ئاسمان-زېمىن پەرقنى كۆرگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتتىق ئېچىنىپ، قەلبى ئۆرتىنىپ، خەلقنى تەرەققىياتقا، ئىلغارلىققا باشلاشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى دەپ ھېسابلايىتتى.شۇڭا ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا خەلقنى ئىلىم-مەرىپەتكە، يېڭىلىققا، ئۇيۇشۇشقا، ئىتىپاقلىققا، پاك ياشاشقا، نادانلىقتىن، خوراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئۈندەيدىغان كۆپلىگەن جەڭگىۋار، يارقىن شېئىرلارنى يازدى. موشۇ مەزمۇندىكى كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. ئۆزى باشلامچى بولۇپ خەلقنى يېتەكلىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئۇيغۇر» دېگەن تەخەللۇسنىمۇ مەخسۇت مۇھىتى سۆزلەپ بەرگەن بىر رىۋايەتكە ئاساسەن موشۇ مۇددىئادا قويغان ئىدى. بۇ ھەقتە يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز «بالدۇر ئويغانغان ئادەم –ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:«...‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹ئۇيۇشقاق›، ‹يادەملەشمەك› دېگەندىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز موشۇ نام بىلەن جاھانغا تونۇلغان. لېكىن بىز ھازىر ‹جاھان موشۇ› دەپ ئۆزىمىز تۇرغان جاينى بىلىپ، دۇنيادىن بىخەۋەر قالدۇق. زۇلۇم، زورلۇق، خوراپاتلىق، نادانلىق خەلقىمىزنى قۇمدەك چېچىۋەتتى. بىزنىڭ ئۇيغۇر دېگەن نامىمىز ئۆچۈشكە باشلاپ، ھازىر ئۆزىمىزنى قەشقەرلىك، كۇچارلىق، تۇرپانلىق، ئىلىلىق دەپلا ئاتايدىغان بولدۇق.  بۇنىڭغا مىنىڭ پاك ۋىجدانىم، ئىنسانىي غۇرۇرۇم قانداق چىدايدۇ؟ مەن ئاتا بوۋىلارنىڭ تارىختىكى ئالەم شۇمۇل شان-شۆھرىتىنى ياد ئېتىپ، ‹ئۇيغۇر› نامىنى ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلدىم...»

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us