-
2011-04-14
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت_1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت
غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
مېنىڭ قۇت نىشانىم
ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەپەندى بىر نەچچە قېتىملىق تېلېفونلىشىش ۋە باردى ـ كەلدى قىلىش داۋامىدا ۋاقىت قارىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى ، ئوچۇق ـ يورۇقلىقى ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان ئېسىل پەزىلىتى بىلەن مەندە ئوبدان تەسىرات قالدۇردى . بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلماي ، كېلىشكەن كۈن ، دېيىشكەن دەقىقىلەردە باشلىنىپ ، كۆڭۈلدىكىدەك ئاخىرلاشتى .
ـ خوش ، ئەخەت ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن سالام ـ سەھەتتىن سوڭرە ، ـ پاراڭنى باشلىۋىتەيلىمۇ؟
ـ پاراڭنى باشلاشتىن ئاۋۋال ، ـ دېدى يازغۇچى تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ، ـ مەن بىر ياخشى نەرسە كۆرسىتەي . بۇ ، ئېھتىمال سىزنىڭ مەلۇم سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بولۇپ قالار، قېنى بۇياققا مەرھەمەت !
ـ « ياخشىنى كۆرمەككە » ، دېگەن ! ـ دەپ ، مەنمۇ ئورنۇمدىن قوپۇپ ، يازغۇچى بىلەن بىللە بىر يان ھۇجرىغا كىردىم .
چاققانغىنە ھۇجرىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆرىگە قويۇلغان كارۋاتنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامدا مۈڭگۈزلىرى شاخلىغان بىر بۇغىنىڭ بېشى ، ئۇنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە بىردانە ئېسىل تەسۋى ھەم بىر دانە خەنجەر ئېسىغلىق تۇراتتى . بۇ نەرسىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەھەتتە ئوبدان ماسلىشپ ، بىر خىل سىرلىق ھالەت شەكىللەندۈرگەنىدى .
ـ مانا ، ـ دېدى يازغۇچى تامدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ ، ـ مانا بۇ نەرسىلەر- مېنىڭ سىز سورىماقچى بولغان قۇت نىشانىم .
ـ ئەخەت ئەپەندى ، ـ دېدىم ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە سەل سىنجىلاپ قاراپ ، ـ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ قۇت نىشانى بەلگىلەنگەندە ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇت نىشانى « بۇلبۇل » قىلىپ بېكىتىلگەنىدى . سىزنىڭ قۇت نىشانىڭىز باشقىچە بولۇپ قالدىمۇ ، نىمە ؟
ـ مېنىڭچە ، مىللەتنىڭكى مىللەتكە خاس ، شەخسنىڭكى شەخسكە خاس بولسىمۇ بولىدۇ ،ـ يازغۇچى تېز ـ تېز سۆزلەپ ، ئۆز پىكىرىنى ئىزاھلاشقا باشلىدى ، ـ بۇ ئۈچ نەرسە بىر گەۋدە ھاسىل قىلىپ ، قوڭۇر رەڭلىرى بىلەن ئۆزئارا ئوبدانلا ماسلاشقان . بۇغا ـ دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ، ئىنتايىن مۇلايىم، ئىنتايىن سەمىمى جانۋار . مەن تۇرمۇشتا بۇغىدەك مۇلايىم ، سەمىمى بولۇشنى نىيەت قىلىپ ، بۇ ئۇماق جانۋارنىڭ بېشىنى سىمۋول تەرىقىسىدە ئېسىپ قويدۇم . ماۋۇ خەنجەر بولسا مېنىڭ ئەرلىكىمنىڭ ، ئوغۇل بالىلىقىمنىڭ سىمۋولى . ئوغۇل بولۇپ تۆرەلگەنىكەنمىز ، ئوغۇل بالىدەك مەرد ـ مەردانە ياشىشىمىز كېرەك . ئەمدى، مۇنۇ تەسۋى ـ مېنىڭ ئېتىقاد ، ئىمانىمنىڭ سىمۋولى . دۇنياغا ئادەم بولۇپ كەلگەنىكەنمىز ، بىر نەرسىگە ئېتىقاد قىلىپ ، بىر ئىمان بىلەن ياشىشىمىز زۆرۈر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنى بىللە ئېسىپ قويدۇم .
ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن ھەزىل قىلىپ ، ـ سىز ئەرلىكىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈ.relpost{clear:both}
收藏到:Del.icio.us