ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-14

    _2ھەبىبۇللا مىجىت : قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    قەيسەر تۇرسۇن ئىجادىيىتىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى، ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق ھايات بىلەن خوشلىشىپ يېڭى خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كېڭەيدى، چۇڭقۇرلاشتى ۋە زور بۇرۇلۇش ياسىدى. شائىر  ئۇقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش بولغان تۇرمۇشنى،  مىسكىنلىك، مۇھەببەت ئازابى، چۈشكۈنلۈك، غەم-قايغۇغا ئوخشاش قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىنى، لىرىك يۇسۇندا بىۋاستە ئىپادىلەش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، خىزمەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىنىڭ، چۈشىنىشىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى، رەڭدارلاشتى، شىئېرىي ماھارەتتە تېخىمۇ پىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان شائىرلارنىڭ ئوخشاشلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش شەيئىلەرنى قەلەمگە ئېلىش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، روھىي جەھەتتە پىشىشقا ئەگىشىپ، خاسلىقتىن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ماھىيەتلىك تېمىلارنى يۇرۇتۇشقا يۈزلىنىدۇ. مانا مۇشۇ يۈكسەك پەللە، بىر شائىرنى تار مىللى چىگرادىن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پەخرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، شائىرنىڭ ئۆزىمۇ سەزمەي قالىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا، ئىنساننىڭ رىئال، ئاداققى تەقدىرىگە چۇڭقۇر كۈڭۈل بۈلۈش، ئىنساننىڭ خوشاللىقىنىلا ئەمەس، تەنھالىقى، يىگانىلىقىنىمۇ لىرىك يۇسۇندا ئىپادىلەش، ئۈلۈم، تۇغۇم، ھاياتلىق ھەققىدىمۇ چۇڭقۇر مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈش، تارىخىي تېمىلارغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇرۇن بىرىش ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىدى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ ئېستېتىك ئېڭىنىڭ پەرۋازى بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىلىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئورتاق بولغان تېمىلارغا ياندىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. شائىرنىڭ بۇ تېمىلارنى ئىپادىلەشتىكى دادىللىقى، ئارتۇقچىلىقى شۇ يەردىكى، ئۇ بۇ تېمىلارنى قەلەمگە ئالغاندا، ئۆزىنىڭ  ئىلگىرى شەكىللەندۈرگەن ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلىغان ئاساستا، ھاياتتىن ھىس قىلغان تىرەن ھىكمەتلىرىنى پەلسەپىۋى يۇسۇندا ئىپادىلەشكە، بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

    ئىنساننى سۈيۈش، ئىنساننىڭ قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۇمانىستىك روھ-مەيلى كىلاسسىك شىئېرىيىتىمىز بولسۇن ياكى يېڭى دەۋىر شىئېرىيىتىمىزدە بولسۇن، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلۋاتقان ئاساسىي تىنىدىسىيە. ئىنسانلا بۇلىدىكەن، ئىنسان ھەققىدىكى ئىزدىنىش، مەدىھيە توختاپ قالغان ئەمەس ھەم توختاپ قالمايدۇ. قەيسەرنىڭ ئىنسان ھەققىدىكى ئىزدىنىشىگە، ئۇنىڭ رىئال ۋە ئاداققى تەقدىرىگە بولغان چەكسىز قايغۇرۇشمۇ ئارلىشىپ كەتكەن.

    ..............................

    ساناقسىز سۆزلەرنى كۆتىرىپ ماڭار،

    بىرلا سۆز ئىچىدە ئادەملا پەقەت.

    **************************

    بىرلا سۆز بەخت ھەم بىرلا سۆز تەقدىر،

    بىرلا سۆز ھەممىنى قىلار مەھلىيا.

    ئوخشاشلا بىرلا سۆز قەيسەرمۇ بىراق،

    ئۇ بارچە سۆزلەرنىڭ تۇرار سىرتىدا.

    «بىرلا سۆز» دىن

    بۇ شىئېرنىڭ ھەر بىر قۇرىدىن ئوخچۇپ تۇرغان ھايات ھەققىدىكى تىرەن ھىكمەتلەر، پەلسەپىۋى ئويلار ھەر قانداق ئۇقۇرمەن قەلبىنى لەرزىگە سالماي قالمايدۇ. شۇنداق، ئىنسان يىشىش تولىمۇ قىيىن بولغان سىرلىق تېپىشماق. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئىزدىنىش تارىخى، ئاقىۋەتتە ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسان تاكامۇللىقنى ئىزدەيدۇ، مۆدۈرىدۇ، قاترايدۇ، قۇترايدۇ. ئۆزلۈككە قايتىپ كەلگىنىدە، ھاياتلىق ئالىمىدىكى كىچىكىنە بىر زەررە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكىنىدە، ھەممە نەرسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە بايقايدۇ. بۇ شىئېر بىزگە ئىختىيارسىز ھالدا، بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۈلۈش ئالدىدىكى: «مەن ئۆلگەندە ئىككى قۇلۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قۇيۇڭلار، كىشىلەر شۇنچە دۇنيانى سورىغان ئىسكەندەرمۇ ئۇ ئالەمگە قۇرۇق قول كىتىپتۇ دەپ قالسۇن» دىگەن ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ شىئېر ئىچكىرلەپ كىرگەن كۆپ قاتلاملىق مەنىلەر دۇنياسى، بىزدىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىشىمىزنى، شائىر يەتكەن ئىستېتىك پەللە ھەققىدە تىنىمسىز مۇلاھىزە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇقۇرمەن شائىرغا ئەگىشىپ «ئوخشاشلا بىرلا سۆز قەيسەرمۇ بىراق» دەپ شىۋىرلايدىيۇ، « ئۇ بارچە سۆزلەرنىڭ تۇرار سىرتىدا » دىگەن مىسرالاردىن روھىنىڭ زىلزىلىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمايدۇ. قەيسەر تۇرسۇن روھنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ، سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئۇقۇرمەنگە توختىماستىن پىچىرلايدۇ. بۇ يەردە شىئېردىكى يۇقارقى مىسرالار بىلەن « ساناقسىز سۆزلەرنى كۆتىرىپ ماڭار، بىرلا سۆز ئىچىدە ئادەملا پەقەت » دىگەن مىسرا بىلەن شۇ قەدەر چۇڭقۇر جىپسىلاشقانكى ۋە بىر-بىرىنى تۇلۇقلىغانكى، ئۇقۇرمەن شائىرنىڭ شىئېرىي پىكىرنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشتىكى بەدىئى ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايدۇ.

    «ئاللا، خالىدەم» شائىر قەيسەر تۇرسۇننىڭ مول تارىخىي تۇيغۇ ۋە تىندىنسىيىگە تۇيۇنغان مۇنەۋۋەر لىرىك، ئىپىك شىئېرلىرىنىڭ بىرسى. لىرىكا ئىچىدە ئىپىكىنى ئىپادىلىگەندە، شائىر سەللا دىققەت قىلمىسا كۆزلىگەن مەقسەدكە يىتەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. بۇ شائىردىن مول تەسەۋۋۇر، چۇڭقۇر كۈزىتىش ئىقتىدارى بۇلۇشتىن تاشقىرى، ئەڭ مۇھىمى يۈكسەك شائىرانە كامالەت بۇلۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن بولسا، «ئاللا، خالىدەم» ناملىق شىئېرنى يىزىشتا، بىر قېتىملىق زور تەۋەككۈلچىلىككە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى لىرىكا ئىچىدىكى ئىپىكا بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خەلقنىڭ مول تارىخىي تۇيغۇسى، گۈزەللىك ھەققىدىكى قاراشلىرى. بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ۋە قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ساپ، سەمىمىي مۇھەببەتكە ئىنتىلىش، ۋاپادارلىق، ئىنسانىي سۆيگۈنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ  «خالىدەم» ناملىق ناخشا ئارقىلىق قايتىدىن نامايەن بۇلۇشى. شۇڭا بۇ تېمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەش، ھەرگىزمۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. قىلدىن قىيىق كەتسە، ئۇدۇللا بىر مىللەتنىڭ روھىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ تېمىنى تەلتۈكۈس يۇرۇتۇپ بىرىشتە، ئەڭ ئاۋۋال قەلەمكەشتە مول بىلىم، چۇڭقۇر تارىخىي تۇيغۇ بۇلۇشتىن تاشقىرى، يەنە «خالىدەم زادى كىم؟ ئۇ رىئال شەخسمۇ ياكى غايىۋى ئوبرازمۇ؟ ئۇ ياشىغان بولسا نەدە، قاچان ياشىغان؟ بۇ ناخشىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۈرۈنۈش زادى قانداق؟...»دىگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىللەر ھەققىدە جەزمەن ئەتراپلىق ئىزدىنىش كېرەك. قەيسەر تۇرسۇن «ئاللا، خالىدەم» ناملىق قىسقا شىئېردا، مۇشۇ تەلەپلەرنى تۇلۇق ئۇرۇندىغانلىقىنى، ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق يىتەرلىك ئىسپاتلاشتىن سىرت، لىرىك شىئېرلاردا تارىخىي تۇيغۇنى ئىپادىلەشنىڭ يېڭى بىر نەمۇنىسىنى ياراتقان.

    قىرىق خىل شوتىدۇر قىرىق تال چېچىڭ،

    كۈڭۈلنىڭ تېمىغا قۇيۇلغان يۆلەپ.

    قىرىق ئەر قىرىق يىل يامىشىپ ساڭا،

    يېقىلغان ئاسماننى تۇرۇپتۇ تىرەپ.

    «ئاللا، خالىدەم» دىن

    بۇ يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىغا چېلىقىدىغىنى «قىرىق» دىگەن ساندۇر. شائىر بۇ بىر كۇبلىت شىئېردا «قىرىق» دىگەن ساننى مەقسەتسىزلا ئىشلەتكەنمۇ؟ ياكى ئۇ شىئېرنى ئەتەي سىرلىقلاشتۇرۇپ سۆز ئۇيۇنى قىلۋاتامدۇ؟ بىز شائىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئەستايىدىللىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇنىڭغا كەسكىن قىلىپ «ياق» دەپ جاۋاپ بىرىمىز، چۈنكى شائىر قەيسەر تۇرسۇن شىئېردىكى ھەر بىر مىسرا، ھەر بىر سۆزنى باش قاتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان شائىر. ئۇنىڭدىكى شىئېرغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت، ئۇيغۇر شىئېرىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەت، ئۇنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش قىلمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىدۇ. ئۇنداقتا شائىر «قىرىق» دىگەن سان ئۇقۇمى ئارقىلىق ئويغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ قىرىق تال سۇمبۇل چېچىغا ئىشارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىنى يۇرۇتۇپ بىرىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەكچىمۇ؟ شائىرنىڭ بۇخىل مۇددىئاسىنى چەتكە قېقىشقا ئامالسىزمىز. ئەمما، شائىرنىڭ «قىرىق» سانىنى، بىر كۇبلىتتا ئۈچ قېتىم تەكرارلىشىغا قارىغاندا، شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئۇنداقلا ئاددى چۈشىنىش، شائىرنىڭ يەتمەكچى بولغان بەدىئى مەنزىلىگە تۈپتىن خىلاپ. مىنىڭچە بۇ يەردىكى «قىرىق» سانىنى، ئويغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىغا سىمۋۇل قىلىنغان دەپ چۈشىنىش بىلەن بىرگە، «خالىدەم» ناملىق ناخشا ئىجاد قىلىنغان ۋاقىتقا ئىشارە قىلغان دەپ تۇنۇش ئەقىلگە تېخىمۇ مۇۋاپىقىراق. چۈنكى، ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، «خالىدەم» ناملىق بۇ ناخشا، 1967-يىلنىڭ ئاخىرى ئاتۇش كاتتا يايلاقتا پەيدا بولغان ۋە پەيدا بۇلۇش بىلەن تەڭلا، مىلودىيىسىنىڭ ئەركىنلىكى، تىلىنىڭ ئاممىباپ، راۋانلىقى، ھەجىۋى تۈسنىڭ قۇيۇقلۇقى...قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن، ئامما ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. قەيسەر تۇرسۇننىڭ «ئاللا، خالىدەم» ناملىق شىئېرمۇ، «خالىدەم» ناملىق ناخشا ئىجاد قىلىنىپ ئارىدىن 40يىل ئۆتكەندىن كىيىن، 2007-يىلى يازدا يىزىلغان. مانا مۇشۇ يىل پەرقىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ يەردىكى قىرىق سانىنى ناخشا ئىجاد قىلىنغان ۋاقىتقا ئىشارە قىلغان دىيىشكە ھەقلىقمىز. شىئېرنىڭ «قىرىق ئەر قىرىق يىل يامىشىپ ساڭا» دىگەن ئۈچىنچى مىسراسىغا كەلسەك، بۇ يەردە شائىر مۇنداق ئىككى نوقتىنى كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ئىشارە قىلغان. بىرىنچىسى، «خالىدەم» ناملىق ناخشىنىڭ ئىجاد قىلىنىش بىلەنلا، كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئېيتىشىغا ئىرىشكەنلىكىنى. يەنە بىرسى، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ساپ مۇھەببەتكە بولغان سەمىمىي ئىنتىلىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي مۇھەببەتنى چىن دىلىدىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى.

    تەقدىرنىڭ بىپايان قۇملۇقلىرىدا،

    بىلمىدىم، نىمىدىن ئېلىشنى ھۇسۇل.

    مەن ماڭغان يول شۇنچە قىسقا بولسىمۇ،

    ھاياتتىن ئۇزۇندۇر چېچىڭدىكى يول.

    «ئاللا، خالىدەم» دىن

    «ھاياتتىن ئۇزۇندۇر چېچىڭدىكى يول» دىگەن مىسرادىكى، لىرىك سىغىمچانلىق بىلەن مەنىلەر قاتلىمىدىكى چەكسىز كېڭىيىشچانلىق، بۇ شىئېرنىڭ ئۇقۇرمەنلەر قەلبىدە چەكسىز زىلزىلە قوزغىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. شىئېرىي مىسرالارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇنداق چىرايلىق ئىپادە قىلىش، ھەممە شائىرنىڭ قۇلىدىن كىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭغا يىتەرلىك بەدىئى دىت بۇلۇشتىن تاشقىرى، چۇڭقۇر بەدىئى جۇغلانما، مول بىلىم، ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارىمۇ بۇلۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. قىسقىسى، قەيسەر تۇرسۇن بۇ لىرىكىسى بىلەن تەبىئى تۇيغۇ تىنىقىنى، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى، مىللىيلىكنى قانداق ئىپادىلەش، قانداق يۇسۇندا جاكارلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەدەبىي ئەسەردىكى بەدىئى ئوبرازلارنى مىللى پاسۇندا جابدۇپ قۇيۇشنىڭ ئۆزىلا، مىللى ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىك بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا:« ھەقىقىي مىللىيلىك-ساراپاننى تەسۋىرلەشتە ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ روھىنىڭ ئۈزىدە » ئىكەنلىكىنى، بۇ شىئېرنىڭ ئەمىلىيىتى ئارقىلىق چۇڭقۇر ئىسپاتلىدى. بىلگەن ئادەملەر ئۈچۈن بۇ بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى زور ھالقىش

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us