ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-14

    ھەبىبۇللا مىجىت : قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە _1 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە

    ھەبىبۇللا مىجىت

    قەيسەر تۇرسۇن-شىئېرلىرى كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن، ئىرىشۋاتقان تالانىتلىق ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى ئۇقۇرمەنلەر قەلبىنى زىلزىلگە سالىدىغان تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز چەكسىز مۇڭ، شىئېرىي كەيپىياتتىكى غەمكىنلىك، ئوخشىتىشلىرىدىكى يارقىنلىق، شىئېرىي ماھارەتتىكى ئۆزگىچىلىك، ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىق،شىئېرىي تۇيغۇدىكى چەكسىزلىك، ھەر بىر شىئېر خۇمار قەلبنى مەپتۇن قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا بولغان قىزىقىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.كەسكىن قىلىپ شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، ئەگەر يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىنىڭ تارىخىنى پۈتۈش توغرا كەلسە، ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تېماتىك ئىدىيىسىنىڭ يېڭىلىقى، كەسكىن مەنىۋى مەيدانى،شىئېرىي پىكىردىكى ئۆزگىچىلىكى،  ئىپادىلەشتىكى خاسلىقى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ،1994-يىللاردىن كىيىنكى ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيەت مۇنبىرىدە «قەيسەر تۇرسۇن قىزغىنلىقى» نى قوزغىغان شائىر قەيسەر تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتىگە سەل قارىسا ياكى چەتلەپ ئۈتۈپ كىتىلسە، ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىنىڭ تارىخى، بەرھەقكى بەدىئى مۇكەممەللىككە ۋە يارقىنلىققا ئىگە بۇلالمايدۇ.شۇڭا قەيسەر تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتىنى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ شىئېرىي ئىجادىيەتتە ياراتقان پايانسىز بەدىئى گۈزەللىك ئالىمىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىش، نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان زور مەسئۇلىيىتى ۋە مۇقەددەس بۇرچى. چۈنكى قەيسەر تۇرسۇن ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىدە 3-قېتىملىق زور داۋالغۇش پەيدا قىلغان شائىر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ سىناق سانى چىققاندىن باشلاپ، مەزكۈر ژۇرنالنى بازا قىلغان بىر تۈركۈم يېڭىچە شىئېرىيەت تەرەپدارلىرى، ئۇيغۇر يېڭىچە شىئېرىيەت ھەركىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋىر شىئېرىيىتىمىزدە تۇنجى قېتىملىق قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلىدى ھەمدە كەسكىن بىر مەيدان شىئېرىيەت ئىنقىلابىنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەب بولدى. بىراق شۇنداق داغدۇغىلىق باشلانغان بۇ شىئېرىيەت ھەركىتى، ھەممىنى قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلىش، سۇبىكتنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، گەپ ئوينىتىشقا مەپتۇن بۇلۇپ كىتىش، شىئېرىي پىكىرنى غۇۋالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئى ساپاسى بىلەن ھىساپلاشماسلىق، تەقلىدچىلىك، شەكىلۋازلىققا مەپتۇن بۇلۇپ كىتىش.. قاتارلىق ئاجىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن، كىيىنكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ يىتەكچى رۇلىنى تازا دىگەندەك جارى قىلدۇرۇپ كىتەلمىدى. كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئۇلار يېڭى دەۋىر شىئېرىيىتىمىزگە بىر قېتىملىق يېڭىلىق، ئىسلاھ قىلىش روھى ئېلىپ كىلىپ، شىئېرىيىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

    ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ پەپىلەشلىرىدە چوڭ بولغان شائىر ئادىل تۇنىياز 1990-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە تىلى چۈچۈك، ئەپسانىۋى تۈسكە، چۆچەكسىمان شىئېرىي قۇرۇلمىغا، جىلۋىدار شىئېرىي مەنزىرىگە تۇيۇنغان شىئېرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىدە يەنە بىر قېتىملىق  يېڭىلىق ھەركىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى سىرلىق چۆچەكلەرنىڭ، ئۆزىدىن ئىلگىركى ئەدەبىيات غازىلىرىنىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش، ئەنئەنىۋى شىئېرىيىتىمىزنىڭ ئۆرنەكلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، شىئېرىيىتىمىزنىڭ يۇلىنى كېڭەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

    قەيسەر تۇرسۇننىڭ ياشلار شىئېرىيىتىدە قوزغىغان يېڭىلىق ھەركىتى، تېخىمۇ كەسكىن بولدى. ئۇ 1994-يىلدىن كىيىن ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلغان شىئېرلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە شىئېرىيەت قاراشلىرىنى، چاقناپ تۇرغان يىگانە تالانتىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئەنئەنىۋى شىئېرىيىتىمىزنىڭ تۇرمۇشنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىغىمۇ، ياكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ رومانتىزملىق تۈس قۇيۇقراق بولغان ئىجادىيەت ئۇسۇلىغىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ شىئېرلىرى تۇرمۇشىمىزغا، روھى دۇنيارىمىزغا، دەرت-ئەلەملىرىمىزگە بىۋاستە يۈزلەنگەن. ئەگەر ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى تەسىرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرا كەلسە، يازغۇچى، شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتىدىن بەزىبىر زۈرۈر ئۆرنەكلەرنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى، شائىر مۇھەممەتجان سەيدۇللانىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا يېقىندىن ياندىشىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، ئەمما نىمىنى، قانداق يۇسۇندا ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئۆزگىچە يول تۇتقانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. قەيسەر تۇرسۇن شىئېرنىڭ قۇرۇلمىسىغىلا ئەمەس، مەزمۇن ۋە تىلىغا قارىتامۇ زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. ئۇ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان كەڭ بەدىئى تەسەۋۋۇر، ھىسىيات دۇنياسىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئورتاقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇقۇرمەنلەرنى روھىيەتنىڭ پايانسىز ئالىمىگە چۈكۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر شىئېرىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان كۈنۈپ قالغان ۋە ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھادىسىۋى قاتلاملارغا ئېسىلۋېلىپ ماھىيەتكە ئۈتەلمەسلىك، ئىنساننىڭ نازۇك روھى دۇنياسىغا سەل قاراپ تاشقى ئامىللارنى مەدىھىيلەشنى ئاساس قىلىشتەك «سۇنئى رىئالىزم»لىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىغا، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كەسكىن رەدىيە بەردى. قەيسەر تۇرسۇن بىز ئېتراپ قىلىشنى خالىمىغان، ئېتراپ قىلساقمۇ شائىرلىرىمىز قەلەمگە ئېلىشتىن ئىزچىل يىراق تۇرۇپ كەلگەن مىسكىنلىك، يىگانىلىك، چۈشكۈنلۇك، ئازاپ-ئۇقۇبەت، ھەسرەت... كە ئوخشاش ئىنساننىڭ ئەسلى ئۆزىدە مەڭگۇ مەۋجۇت بولىدىغان، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۈتۈپ كىتىدىغان نازۇك پىسخىك تۇيغۇلارنى ئەۋرىشىم تىل، ئەپچىل قۇرۇلما، ھەسرەتلىك شىئېرىي كەيپىيات، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدە تولىمۇ يارقىن ئىپادىلەپ، ئۇقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا، شىئېرىيەت ئالىمىنىڭ پايانسىز ۋە يىپيېڭى بولغان بىر شىئېرىي بەدىئى كارتىنىسىنى نامايەن قىلدى. بىز بۇ بەدىئى ئالەمدىن، قەيسەر تۇرسۇننىلا ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى كۈرەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئالدى بىلەن بىزگە تەۋەدەك تۇيغۇ بىرىدۇ.

    ھۇقۇقلۇق ئەمەسمەن قايغۇرۇشقىمۇ،

    بىردەملىك خوشاللىق ئۆلۈمدىن قىيىن.

    ھۈكۈمران بولغىنى مۇھەببەت ئەمەس،

    قەلبىمىز ئىجارە بىرىلگەن زىمىن.

    «يارسىز قېلىش ئالدىدا»

    ياردىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاشىقنىڭ ئازاپلىق، بۇرۇختۇرما كەيپىياتىنى، تولىمۇ ئوبرازلىق، ئىخچام سۆرەتلەپ بەرگەن يۇقارقى مىسرالارنى ئۇقۇغىنىمىزدا، ئىچىمىزنىڭ لەختە-لەختە قانغا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئەلەم ئىچىدە ھىس قىلىمىز. قەيسەر تۇرسۇن بۇ شىئېردا ئۈزى ئوتتۇرغا چىقىپ، ھىجران ئازابىدىن داتلىمايدۇ، بەلكى، تىلنىڭ قۇدرىتى بىلەن زۇۋانغا كىرگەن شىئېرىي ئوبراز، تولىمۇ ئازاپلىق تۈستە ئۇقۇرمەننىڭ روھىغا شىددەت بىلەن بۈسۈپ كىرىدۇ.  بۇ مىسرالاردا يارقىن شىئېرىي مەنزىرىمۇ، ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچىلىكمۇ بار، ھەر مىسرادا بەرق ئۇرۇپ تۇرغان، يۈرەك بىلەنلا ھىس قىلىش مۇمكىن بولغان ئاچچىق تىراگىدىيىلىك گۈزەللىكمۇ بار. شۇنداقلا دىققىتىمىزنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك  تارتىدىغان، روھىمىزنى زىلزىلىگە سېلىۋاتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە پىرىسلاشتىن ئۆتكەن شىئېرىي پىكىرمۇ بار. پىكىرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى شۇ دەرىجىدىكى، ئۇ ئۇدۇللا يۈرەككە بېرىپ تىگىپ، بىزنى شائىرنىڭ  سېھىرلىك قەلىمى بەرپا قىلغان چەكسىز تۇيغۇ دۇنياسى بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئۇقۇرمەن تولىمۇ ئاچچىق، ئازاپلىق شىئېرىي كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە، ئاللىقانداق ھەسرەتلىك ئويلارغا، تۇيغۇلارغا چۈمگەنلىكىنى ئىختىيارسىز بايقايدۇ. كىمنىڭ تۇنجى مۇھەبىتى بولمىغان؟ ئون سەككىزگە كىرمىگەن، سەۋدالىق كوچىسىدا يۈرمىگەن كىم بار؟ نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەشۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىش قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرمىگەن كىم بار؟ ئۇقۇرمەن شىئېر ئاتا قىلغان ئازاپلىق ئويلارنىڭ تۈرتكىسىدە، «قەلبىمىز ئىجارە بىرىلگەن زىمىن» دەپ ئاچچىق شىۋىرلىغىنىچە، قەلبىنىڭ پىنھانلىرىدا يېلىنجاپ تېخىچە ھارارىتى ئۆچمىگەن چوغلارنى چۇخىچىلاپ، ئۆزلۈكىگە نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ. تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن ئىچىنى تىڭشاشقا، روھىيەتنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى نازۇك كەچمىشلەرگە نەزەر سېلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن ئادەملەر، قايتىدىن ئۆزىنى تۇنۇش، ئۆزلۈككە چۈكۈش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. بىلگەن ئادەملەر ئۈچۈن، قەيسەر تۇرسۇننىڭ ئۆزلۈك چۇقانلىرى ياڭراپ تۇرغان شىئېرلىرى، بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى بىر قېتىملىق زور ھالقىش، سەكرەش ھىساپلىنىدۇ.

    ...................................

    ھىچقانداق نەتىجە بولمىغان بىلەن،

    بىر ئايدىن كىيىنلا تۈگەيدۇ ئۇقۇش.

     

    .....................................

    ياق نۇرغۇن نەتىجە ياراتتۇق دوستلار،

    تەلۋىلىك ئۆگەندۇق ھىچ بولمىغاندا.

    ..................................

    «ئۇقۇش پۈتتۈرۈش»

    ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى توغرىسىدا بىزدە نۇرغۇن شىئېرلار يىزىلدى، نۇرغۇن گەپلەر دىيىلدى. بىراق ھەممىسىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتى شۇنداق گۈزەللەشتۈرۋېتىلدىكى، ئۇ يەرسىز ئىستىقبالنىڭ ئىشىكى ئېچىلمايدىغاندەك ھىس قىلىشتۇق. ئاددىيسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىللىرىمىز چېغىدا سەل بەڭۋاشلىق قىلىپ كەتسەك: «بۇ يەردىكى ئۇيۇن ئۇيۇنمۇ؟ ئۇيۇننىڭ نوچىسى ئالىي مەكتەپتە» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلاپ، «ئالىي مەكتەپتە ئۇيۇننىڭ نوچىسىنى ئويناش»نى ئىدىيىمىزگە، قان-قېنىمىزغا سىڭدۈرۋېتىشتى. ئالىي مەكتەپتىكى ئۇيۇننىڭ قەنتىنى چېقىش ئۈچۈن، جان تىكىپ ئۆگەندۇق، تىرىشتۇق. ئاخىرى ئالىي مەكتەپكىمۇ باردۇق. كىتاپقا قارىدۇق، مۇئەللىملىرىمىز قۇلىقىمىزغا، ئېڭىمىزغا سىڭدۈرۋەتكەن ئىدىيە بىزگە ھۈكۈمران بولغاچقا، بېشىمىز ئاغرىدى. شىرىن-شېكەر ۋەدىلەر، گۈزەل ئەتىلەر، كۈڭۈللۈك بەزمىلەر... بىزنى مەست قىلدى. شىرىن كەيىپلىكتە تۇخۇم سېتىپ ئۆزى بىرنى يىيىشكە كۆزى قىيمىغان، كېۋەز تېرىپ بىر كۆينىكى ئىككى بولمىغان ئانىلىرىمىزنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللىرىنى ئاللىقانداق تاماشالارغا خەجلەپ تۈگەتتۇق. دۇنيادا تۈگىمەيدىغان سۇرۇن، يىشىلمەيدىغان كەيىپلىك بولمايدۇ. كەيىپلىكتىن يىشىلگىنىمىزدە، ئۇقۇش ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ھىس قىلدۇق. قەيسەر تۇرسۇننىڭ بۇ شىئېرى، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ تولىمۇ نۇمۇسلۇق ۋە پاجىئەلىك بولغان ئەنە شۇ سەھىپىللىرىنى چىنلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىشكە بېغىشلانغانلىقى بىلەن تولىمۇ رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. قەيسەر تۇرسۇن تىپىك ئۆزىدىن رىئالىزىمچى شائىر. شۇڭا ئۇ ئەنە شۇ رىئاللىقنى ئىپادىلىگىنىدە، ھەرگىزمۇ رىئاللىقتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشنى، بىز پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى ئەسلىي قىياپىتى بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىشنى مەقسەد قىلغان. بۇنىڭدىن قەيسەر تۇرسۇننىڭ تاشقى كۈرۈنۈشتە مۇلايىم، پەرۋاسىز، جىمغۇردەك تۇرغىنى بىلەن، ئەمما، روھىي جەھەتتە پىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى،  مەسىللەرگە جىددى پوزىتسىيە تۇتىدىغان، مەيدانى قەتئى شائىر ئىكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. شائىرنىڭ بۇ خىل مەسىللەرنى ئۆتكۈر كۈزىتىش روھى، كەسكىن ئىجادىيەت پوزىتسىيىسى ئەسەرلىرىنىڭ تىماتىك مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ قېنىقلىشىپ، قۇيۇقلىشىپ باردى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us