ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-14

    ھەبىبۇللا مىجىت : قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە_3 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    قەيسەر تۇرسۇن 1994-يىللاردىن كىيىنكى ياشلار ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ، شىئېرغا ھەۋەس قىلغان، شىئېرىيەتنىڭ ئۇتىدا كۆيگەن بىر دەۋىر ياشلىرىنى ئاغزىغا قارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، بۇ چاغدا ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىدە قەيسەر تۇرسۇن شىئېر يازمىسا، خۇددى ھىچكىم شىئېر يازمىغاندەك، ياشلار شىئېرىيىتى باغچىسى چۆلدەرەپ قالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزبىكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئۆتكۈر ھاشىمۇۋ بىلەن مەشھۇر ئۆزبىك تەنقىدچىسى ئۆمەر ئېلى نۇرمەتۇۋنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانى ھەققىدىكى سۆھبىتىدە: «مۇكەممەل ئۇلۇغ يازغۇچى شۇنداق مەكتەپ يارىتار ئىكەنكى، ئۇنىڭ مەكتىپىدە تەڭ قۇرلىرىمۇ، كېلىچەك ئەۋلاد قەلەمكەشلىرىمۇ بىئىختىيار تەلىم ئالار ئىكەن» دىگىنىدەك، قەيسەر تۇرسۇننىڭ ياراتقان مەكتىپىدىن، رايۇنىمىزنىڭ تا قۇمۇلدىن خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى ياش قەلەمكەشلىرى ئورتاق تەلىم ئالدى، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرىگە ئۇچراپ، شىئېرلىرىغا تەقلىد قىلىپ شىئېرلارنى يىزىشتى. ئۇنىڭدىن شىئېرىي پىكىرنى قانداق يۇسۇندا ئىپادىلەشنىڭ، مۇئەييەن ئۆرنەكلىرىنى قۇبۇل قىلدى.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىنىڭ زامانداشلىرى ئارىسىدا مۇنچە زور تەسىر قوزغىشىدىكى سىرنى بىلىش ئىستىكى بىزنى زور دەرىجىدە قىزىقتۇرىدۇ. شۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، قەيسەر تۇرسۇننىڭ شىئېرلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىش، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى چۈشىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ بەدىئى ئىجادىيەتتە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق قارشى ئېلىشىغا ئىرىشىشتىكى بەزى سىرلىرىنى بىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بۇلىمىز. ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەپ بۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى، قەيسەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ شىئېرىيەت ھەققىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىملەرگە پۇختا بۇلۇپلا قالماستىن، باشقا پەنلەر ھەققىدىمۇ مۇپەسسەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە. يەنى ئۇنىڭدا بىر يىتىلگەن تەتقىقاتچىغا خاس مول جۇغلانما بار. مۇنبەت تۇپراقتا گىياھ ئاسان قۇۋۋەت تاپقىنىدەك، ئۇنىڭ تەپەككۇردىكى تىرەنلىك، شىئېرلىرىغا باشقىچە ماغدۇر بېغىشلىغان. شۇڭا ئۇنىڭ شىئېرلىرى تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلاپ، شىئېرىيەت ئىخلاسمەنلىرىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىنىڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ مۇنچىۋالا قىزغىن سۈيۈپ ئۇقۇشىغا سازاۋەر بۇلۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى-مىنىڭچە ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىن ئىنسانلىق قىسمەتنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقى بۇلدۇقلاپ تۇرغانلىقىدا بولسا كېرەك.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن تۈكۈلۈپ تۇرغان دەرد-ئەلەمنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقى نەدىن كەلدى؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئىنسانلىق قىسمەتنىڭ دەرد-ئەلەملىرى بايان قىلىنىدۇ؟ بۇ جەزمەن بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا، تەپەككۈر يۈرگۈزۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان سۇئال. مىنىڭچە، ھەر قانداق مۇنەۋۋەر بىر شائىر، ئۆزىنى ياشاپ تۇرغان تۇرمۇشتىن ئۈستۈن قۇيۇۋېلىپ، غايىۋى نەرسىلەرگە مەپتۇن بۇلۇپ يۈرمەيدۇ. بەلكى، تۇرمۇشقا چۇڭقۇر يۈزلىنىشنى، ئىنسانلىق قىسمەتنىڭ خوشاللىقلىرىنىلا ئەمەس، پاجىئەلىرىنى يىزىشنىمۇ ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى قىلغان بۇلىدۇ. ئۆزلۈكنى تۇنىغان، تۇنۇۋاتقان  بۈيۈك قەلىبلەردە قانائەت قىلماسلىق تۇيغۇسىنىڭ بۇلۇشى بەرھەق. جۇملىدىن قەيسەر تۇرسۇنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا قەيسەر تۇرسۇن، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغانلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، زامانداشلىرىنىڭ چۈشكۈنلۈك، مىسكىنلىك، ئازاپقا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئەسلىي ئۈزىدە ئەزەلدىن مەۋجۈت بولغان تۇيغۇلىرىنى،  ئوبرازلىق تىل، شائىرانە ماھارەت، جىلۋىدار شىئېرىي مەنزىرە، چەكسىز شىئېرىي كەڭلىكنىڭ بىردەكلىكىدە ئىپادىلەپ بىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەلگىلىك مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆزىنىڭ تاكامۇللىقىغا، ئىنساننىڭ قىسمىتىگە ۋە قىممىتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى، ئۇنىڭ قەلبىدە چەكسىز ھەسرەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. مەنىۋى كامالەتسىرى قەدەم تاشلاۋاتقان ياش شائىر مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى چىن مەنىسى بىلەن تۇنۇپ يەتكەچكە، ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن ساختا خوشاللىقىنىڭ بەدبۇي پۇرىقى ئەمەس، چىن ئىنسانلىق قىسمەتنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقى كىلىپ تۇرىدۇ. بىزدە كىم قايسى تېما ئۈستىدە ئىزدەنسە، « ئۇ شۇنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغان بىر خىل خاتا قاراش بار. قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا ھەقىقەتەن ئۈلۈم، مىسكىنلىك، بۇرۇختۇملۇق كەيپىيات كۆپ ئىپادىلەندى. بۇنى ئاددى مەنىدە شۇنى تەشەببۇس قىلغانلىق دەپ چۈشىنىش، ئەجەللىك سەۋەنلىك سادىر قىلغان بىلەن ئوخشاشتۇر. چىن مەنىسىدىن ئېيىتقاندا، قەيسەر تۇرسۇن ھاياتنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، شىئېرلىرىدا ھاياتلىق، ئۈلۈم، چۈشكۈنلۈك، دەرد-ئەلەمگە ئوخشاش  تېمىلارنى كۆپلەپ ئىپادە قىلىش ئارقىلىق، ھاياتلىق ئالىمىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىنساننىڭ مەڭگۈ ئەزىز ئىكەنلىكىنى، چىن ئىنسانلىق لەززىتىنىڭ خوشاللىقلىرىنى ھىس قىلمىغان، قىلالمىغانلارغا، ھاياتنى قەدىرلەشكە، سۈيۈشكە، ھاياتلىقتىكى ھەر بىر دەقىقىنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ . ھاياتنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ، ئۇنىڭ شادلىقلىرىغىلا ئەمەس، چۈشكۈنلىكلىرىگە، خاپىلىقلىرىغىمۇ مەردانە يۈزلىنەلەيدىغان ئىدىيۋى تەييارلىقتا بۇلۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكچى. بۇنى قەيسەرنىڭ «ئۈلۈمنىڭ شۇ قەدەر ئۇلۇغلىقىدىن، چۈشەندىم ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى» دىگەن مىسرالىرىدىن تېخىمۇ ئېنىق كۈرىۋېلىش مۇمكىن.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىنىڭ مەنىلەر قاتلىمى، ئۆزى ياشاپ تۇرغان مۇشۇ ئانا تۇپراقتىن مەيدانغا كەلدى. شۇڭا قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرى تۇرمۇشقا، كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە چەكسىز يېقىنلىشالىدى. ئۇقۇرمەنلەر قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ساپ، سەمىمىي ئىنسانلىق تۇيغۇلىرىنى، چۈشكۈنلۈك، يىگانىلىك ئىلكىدە تېڭىرقىغان روھىي دۇنياسىنىڭ رىئال كارتىنىسىنى كۈرۈپ يىتەلىدى.

    ئەجەپ دەرتكە پاتقان تۈگمەن ئىدىم مەن،

    خىياللارنى تارتىپ چىققان ئۇن قىلىپ.

    ئاچ قالدىم ئاھ، بۇ ئۇن بىلەن ئىتىلگەن،

    تاماقلارنى توختىماستىن يەۋىرىپ.

    «تۈگمەن ناخشىسى» دىن

    يۇقارقى مىسرالاردىكى شىئېرىي ئوبراز، شىئېرىي ئىماگ، شىئېرىي پىكىر ھەققىدە نىمىلەرنى دىيىش مۇمكىن؟ بۇ مىسرالارنىڭ مەركىزىدە ئىنساننىڭ ناتىۋانلىقىغا بولغان چەكسىز ھىسداشلىق، بىر گۈزەل سەمىمىيەت جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.  بۇ مىسرالاردىكى بەدىئى دىتنىڭ يۇقرىلىقىدىن شائىرغا نىسبەتەن قەلبىمىزدە،  پەقەت قەلب بىلەنلا ھىس قىلىش مۇمكىن بولغان، ئەمما تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىش بەسىي مۈشكۈل بىر  خىل ھۆرمەت، قايىللىق تۇيغۇسىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى بىر ئۆزگىچىلىك-ئۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە، بۇلۇپمۇ ئوخشىتشلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ.

    قەيسەر تۇرسۇن بۇ جەھەتتە نەمۇنىلىك ئەمگەكلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان ئىستىلىستېكىلىق ۋاستىللىرىمىزنى يېڭلاشقا زور كۈچ چىقاردى. ئۇنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان ئىستىلىستېكىلىق ۋاستىلەرنى يېڭىلاش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئىنتايىن نەتىجىلىك ۋە كەسكىن بولدى دىيىش ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ئۇ ئابىستىراكىت شەيئىلەرنى، رىئال تۇرمۇشىمىزدىكى كونكىرىت نەرسىلەر ئارقىلىق سۆرەتلەپ بىرىپ، شىئېردىن زوقلىنىش ۋە ئىستېتىك لەززەت ئېلىش ئېڭىمىزنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتەردى. ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر شىئېرىيىتىدە بۇ جەھەتتە نەتىجىسى گەۋدىلىك شائىرنى تىلغا ئېلىش زۈرۈر بولسا، قەيسەر تۇرسۇن جەزمەن سەپنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى كېرەك

    ھىس قىلدۇرار پەرىشانلىق تۇيغۇسى،

    كۆڭۈل دىگەن ئۇنۋېرىسال ماگىزىن.

    ****************************

    ھىس قىلدۇرۇپ ئۆتتى ياشلىقىم،

    كۈڭۈل دىگەن بىر كېسەلخانا.

    ****************************

    ساناقسىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىغىپ،

    بىر ئەخلەتخانىغا ئوخشاتقۇم كىلەر.

    ****************************

    يۇقارقى مىسرالار شائىرنىڭ بىر نەچچە پارچە شىئېردىن ئېلىنغان، كۈڭۈل ھەققىدىكى ئوخشىتىشلىرىنىڭ قىسقىغىنە كارتىنىسى. ئەگەر قەيسەر تۇرسۇننىڭ ھازىرغىچە يىزىپ ئېلان قىلغان شىئېرلىرىدىكى، كۈڭۈل ھەققىدىكى ئوبرازلىق ئوخشىتىشلىرىنى بىر يەرگە يىغىدىغان بولساق، نەچچە ئونغا يىتىشى ئېنىق. بۇ خىل ئەمىلىيەت بىزگە ئىختىيارسىز ھېنرى. پوئېنكارنىڭ :«ماتىماتىكىلار ئوخشاش بىر نەرسە ئارقىلىق، ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ، ئەمما شائىرلار بولسا ئوخشاشمىغان نەرسىلەر ئارقىلىق، ئوخشاش بىر نەرسىنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ» دىگەن سۈزىنى ئەسلىتىدۇ. ئەمما قەيسەر تۇرسۇننىڭ بىر شەيئى ھەققىدىكى ئوبرازلىق ئوخشىتىشلىرىمۇ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مۇنداق بۇلۇشىدىكى تۈپكى سەۋەب، شائىرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان كۈزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىچە بۇلۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شائىرنىڭ ئىستېتىك ئېڭىنىڭ ئۈسۈشى، شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىنىڭ، چۈشەنچىسىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ماس شەيئى ئارقىلىق يەنە بىر شەيئىنى ئىپادىلەش دەرىجىسىمۇ ئۈسۈپ باردى. ئاددىيسى شائىر كۈڭۈلدىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئۇقۇمنى، ئەمەليەتتە ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ بىر يەرگە قويغىلى، تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ ئالالمايدىغان، ئەمما ئىنچىكە ئويلاپ باقساق ئانچە-مۇنچە ماس كىلىپمۇ قالىدىغان «ماگزىن»، «كېسەلخانا»، «ئەخلەتخانا» قاتارلىق كونكىرت شەيئىلەر ئارقىلىق تولىمۇ ئوبرازلىق سۆرەتلەپ بەردى. خەلقىمىزدە: «لەۋزى ھالال» دىگەن بىر ھىكمەت بار. بۇ يەردىكى لەۋزىنىڭ ھالال بۇلۇشى، شۇ كىشىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقى، سەمىمىي، ۋاپادار، ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى قارايدىغان بولساق ماددى مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيىتىمىزدە دەل بۇنىڭ ئەكىسچە قىلمىشلارنىڭ سەل ئاۋۇپ قالغانلىقىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنىچ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سۇسلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. قەيسەر تۇرسۇننىڭ كۈڭۈل ھەققىدىكى ئوبرازلىق ئوخشىتىشلىرى بىزنىڭ مۇشۇنداق ناباپ قىلمىشلىرىمىزغا دەل ۋاقتىدا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    قەيسەر تۇرسۇن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىچىدە، سېلىشتۇرۇشنىڭ رولىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىئېرىي پىكىرنى مۇئەييەن كەڭلىك ۋە چۇڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىشتا بەلگىلىك سەۋىيە ياراتتى.

    رەتمۇ-رەت بىنالار كۆپەيگەنسىرى،

    ماكانسىز قالماقتا بىزنىڭ قەلبىمىز.

    مەن بۇ مىسرالاردىكى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئوينىغان رۇلى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرمايمەن. پەقەت قەيسەر تۇرسۇننىڭ بۇ جەھەتتىمۇ كىشىنى سۈيۈندۈرگىدەك ئەمگەكلەرنى قىلغانلىقىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇشنى، ئۈزۈمنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.

    分享到: