-
2011-04-14
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت_2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
بەدىئىي تالانىت ، تارتىملىق تىل
ئوقۇمۇشلۇق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقىغان ۋە ئىجادىيەت جەريانىدا كۆڭلىگە توقىغان مول بىلىم ، تۆل تەجرىبىلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماي قويمايدۇ . مەن بۇ بىلىم ، تەجرىبىلەرگە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يەنە سوئال قويۇپ، يازغۇچىنى سۆزلىتىشكە تىرىشتىم .
ـ ئەخەت ئەپەندى ، سىز ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
ـ مېنىڭچە ، ـ دېدى يازغۇچى سۆز ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، يېيىلىپ سۆزلەپ، ـ ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى بىلەن بەدىئىيلىكى بىر ـ بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ . ئۇ ، ھەم بىر ـ بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ ، ھەم بىر ـ بىرىنى نامايان قىلىدۇ . يازغۇچى ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە ، ئەڭ ئاۋۋال زامان تەلەپلىرىگە جاۋاپ ئىزدەيدۇ ، دەۋرنىڭ قايناق نەپەسلىرىنى ئەسەرلىرىنىڭ باغرىغا سىڭدۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ ، مانا بۇنىڭدىن ئىدىيىۋىلىك شەكىللىنىدۇ . مېنىڭچە ، ئەگەر ئەسەردە بەدىئىيلىك يۇقىرى بولمىسا ، ئەڭ ئاكتىپ پوزتسىيەمۇ ، ئەڭ ئاكتۇئال تېمىمۇ ، ئەڭ يۈكسەك غايىمۇ ئۆز تەسىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ . شۇڭا ، يازغۇچىدا يېتۈك بەدىئىي تالانىت ، يېتەرلىك بەدىئىي دىت بولۇشى كېرەك .
ـ سىز بۇ مەسىلىدە ئۆزىڭىزگە قانداق تەلەپلەر قويىسىز ؟
ـ مەن شۇنداق قارايمەنكى ، ئىدىيىۋىلىككە سايىدىغان سىياسەت ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، ئەمما ئەدەبىيات ئەبەدىي بولۇپ ، يازغۇچىلاردىن ئۆلمەس ئەسەرلەر يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا مەن تۇرمۇشقا ، ھەقىقەتكە ، ئۆز ۋىجدانىمغا سادىق بولۇشقا ، ھەمدە يۈكسەك ماھارەت ۋە شىجائەتكە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىپ كەلدىم . مەن مۇشۇ نەرسىلەرنى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ ، ۋاقىتنىڭ ، تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىشقا تىرىشتىم ۋە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن !
ـ يازغۇچى ئەپەندى ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ۋەقەلىكلىرى جەلپكار بولۇپلا قالماستىن ، تىلىمۇ تارتىملىق ئىكەن . سىز ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلىغا قانداق ئىشلەيسىز ؟
ـ ياخشى ئەسەردە روھ بولىدۇ ، گۈزەل ۋە تارتىملىق تىل بولىدۇ ، ـ دېدى يازغۇچى يېشىلىپ سۆزلەپ ، ـ تىل يازغۇچىنىڭ ئىستەك ـ ئىدراكلىرىنى ، نىيەت ـ غايىلىرىنى ئوبراز ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە خۇددى ھاۋا بىلەن سۇ ساڭىرى سەزدۈرمەستىن سىڭدۈرىۋىتىدۇ . ئوبرازنى رەسسام بوياق ئارقىلىق بوشلۇقتا ياراتسا، يازغۇچى تىل ئارقىلىق قەغەز يۈزىدە يارىتىدۇ . شۇڭا ، گۈزەل ۋە تارتىملىق تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەر ئوقۇرمەننى بەئەينى شىرىن مەي ئىچكەندەك ، ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ .
ـ ئەمدى ، ئەسەرلىرىڭىزدە تىل قوللىنىش ئۇسۇللىرىڭىزنى دەپ باققان بولسىڭىز ؟
ـ مەن ئەزەلدىن ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنى پۇختا ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن . ياشلىقىمدىن باشلاپلا خەلق تىلىنى ئۆگىنىشكە ھىرىسمەن ئىدىم . تىل جەۋھەرلىرى يېزىلغان خېلى كۆپ خاتىرە دەپتەرلىرىم بار . مەيلى نەگىلا بارماي ، ھەمىشەم دېھقانلاردىن، شەھەردىكى ھۈنەرۋەن ـ كاسىپلاردىن ، موللىلاردىن ، ھەتتا ئوغرى ـ قىمارۋازلاردىن، بېشەم خوتۇنلاردىن ئاڭلىغان ئاجايىپ ئوبرازلىق ، جانلىق ، يۇمورلىق ، تارتىملىق ، ئىبرەتلىك تىللارنى خاتىرىلىۋىلىپ ، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى ئالتۇ.relpost{clear:both}
收藏到:Del.icio.us