ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-14

    ھەبىبۇللا مىجىت : قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە_4 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرسى، تەكرارلاشتۇر. ھەر قانداق بىر شىئېردا تەكرارلاش ئۈنۈملۈك، ئۆز جايىدا قوللىنىلسا، ئېنىقكى شىئېرغا باشقىچە بەدىئى گۈزەللىك ۋە ئوتلۇق جەزىبە بېغىشلايدۇ.

    ئەسلەش دىگەن ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش،

    ئەسلەش دېگەن تىرىلدۈرۈش ھەممىنى.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇقۇرمەن قايىل بۇلىدىغان ئۆزگىچىلىك-زىتلىق ئىچىدىن پەلسەپىۋى پىكىر دۇردانىلىرىنى سۈزۈپ چىقىش.

    بىز بۇ يەردە دەۋاتقان زىتلىق، ھەرگىزمۇ شىئېرىي پىكىردىكى لوگىكىغا ئويغۇن كەلمەيدىغان زىتلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى مەنىلەرنىڭ زىتلىقنى كۆرسىتىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن بىزدىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن شائىرلارنىڭ بىرسى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىدىيەنى ئىپادىلەشتە، شەكىلنىڭمۇ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى تولىمۇ نەتىجىلىك بولغان.

    مەن سەنسىز ياشاشتىن قورقىمەن مەڭگۈ،

    سەن مەنسىز ياشاشقا تەقەززا لىكىن.

    ****************************

    بىر كىتابسەن ئەسلەش ئۈچۈن يىزىلغان،

    ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۇقۇپ چىقتىم قۇرمۇ-قۇر.

    شائىر دەسلەپكى ئىجادىيىتىدە زىتلىقنى ئىككى مىسرا ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلەش بىلەن كۇپايىلىنىپ شىئېرىي پىكىرنى ھەقدادىغا يەتكۈزگەن بولسا، كىيىنكى مەزگىللىك ئىجادىيىدە بىر كۇبلىت شىئېردىمۇ ئىپادىلەپ بېقىشنى سىناق قىلىپ، شىئېرنىڭ ئۇتىدا كۆيگەنلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى.

    بىلگۈم يوق ئىشلارنى بىلىپ بەزىدە،

    ماڭغىم يوق يوللاردا مېڭىپ قالىمەن.

    ئۆيۈمگە كىتىشنى ئويلاپ بەزىدە،

    خەقلەردىن يول سوراپ ئېزىپ قالىمەن.

    «بىشارەت» تىن

    ****************************

    تۇيۇقسىز ياشاشنى زۈرۈر دەپ قاراپ،

    قورقىمەن مېڭىشتىن توغرا يول بىلەن.

    توي قىلىپ قۇيۇشنى ئويلاپ بەزىدە،

    ئۇچرىغان قىزلارغا تەلەپ قۇيىمەن.

    «ئەنسىزلىك» تىن

    قەيسەر تۇرسۇن ئىجادىيەتتە تىنىمسىزئىزدىنىشنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت دەستۇرى قىلغان شائىر. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىزدىنىشى زىتلىق ئىچىدىن تىرەن ھايات ھىكمەتلىرىنى سۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئۇ كىينكى مەزگىللەردە بىر مىسرانىڭ ئىچىدىنمۇ زىتلىقنى ئىپادىلەشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە بۇ جەھەتتىمۇ تۇلۇق مۇۋاپىقىيەت قازاندى.

    سۆيگەچكىلا ئۆچ بولدۇم ساڭا.

    ****************************

    ئادەمسىز شەھەر بۇ، ئادەم بەكمۇ كۆپ،

    ****************************

    سۇنغان كۆڭۈل سۇنالماي تۇلۇق.

    زىتلىق ئىچىدىن ھايات ھىكمەتلىرىنى سۈزۈپ چىقىشنى پەقەت قەيسەر تۇرسۇنغىلا خاس بولغان ئىجادىيەت «پاتنىت ھۇقۇقى» دىسەك، بەلكىم ئاشۇرۋەتكەنلىك بولماس؟!!

    پىئېللارنى شىئېرلارنىڭ تېمىسى قىلىش، تېمىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، رەڭدارلاشتۇرۇش-قەيسەر تۇرسۇننىڭ زامانداشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن چوڭ سوۋغىسى.

    كەسكىن شۇنداق دىيىش ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇكى، ئويغۇر شىئېرىيىتى قەيسەر تۇرسۇن دەۋرىگە كەلگۈچە، ھىچقاچان پىئېللارنى شىئېرنىڭ ماۋزوسى قىلىپ باققان ئەمەس. قەيسەر تۇرسۇن پىئېللارنى شىئېرلارنىڭ تېمىسى قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى ھەمدە بۇ ئارقىلىق، شىئېرىي ئوبراز، شىئېرىي پىكىر، شىئېرىي مەنزىرىنى ھەركەتچانلىققا ئىگە قىلىپ، ئۇقۇرمەنلەر تەپەككۈرىنىڭ جانلىنىشىغا، شىئېردىكى لىرىك ئوبرازلار بىلەن تەڭ ھەركەتلىنىشىگە يول ئاچتى. شائىر ئۇقۇرمەنلەرگە شىئېرنىڭ توختام سۇ ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھەركەتتىكى شەيئى ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدۇردى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقىدىن ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ياكى ئۆزىدىن بىر نەچچە ياش كىچىك بولغان قەلەم تۇتقان زامانداشلىرى مۇئەييەن ئۆرنەكلەرنى ئېلىپ، ئىجادىيىتىگە، شۇنداقلا ئويغۇر شىئېرىيىتىنىڭ تېما رەڭدارلىقىغا مۇناسىپ ھەسسىلەرنى قوشتى.

    قەيسەر تۇرسۇن يەنە ئۆز ئىسمىنى شىئېرنىڭ بىۋاستە ماۋزوسى قىلىپ، «قەيسەر تۇرسۇن» دىگەن شىئېرنىمۇ يىزىپ، ئۆزىنى بىۋاستە ئىپادىلەشنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە «ئۆمەرىستان»، «چىمەنىستان»... غا ئوخشاش ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان خېلى كۆپ شىئېرلارمۇ مەيدانغا كىلىپ، ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە تېما جەھەتتىكى كۆپ خىللىق، ئۆزگىچىلىك، رەڭدارلىق شەكىللەندى.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى ئۆزگىچىلىك ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتىنىڭ يۇقىرلىقى ھەققىدىمۇ جەزمەن توختىلىپ ئۈتۈش زۈرۈر. شائىرنىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ2006-يىللىق3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «يامغۇرنىڭ سۈيى» ناملىق شىئېرنىڭ ماۋزوسىغىلا قارىساق، ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتىنىڭ قانداقلىقى بىزگە ئايان بۇلىدۇ. نىمە ئۈچۈن شائىر بۇ شىئېرنىڭ تېمىسىنى «يامغۇر سۈيى»دىمەي «يامغۇرنىڭ سۈيى»دەپ ئالىدۇ؟  يامغۇرنىڭ ھۆل، سۇيۇق ھالەتتىكى جىسىم ئىكەنلىكىنى شائىر بىلمەمدۇ؟ يامغۇرنىڭ سۈيى بولسا بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇقۇرمەن بۇ شىئېرنى كۈڭۈل مۈلكىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن شائىرنىڭ بۇنداق ئىپادىلەشتىكى ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. شائىرنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتى نەدىن كەلدى دىگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانا تىلنىڭ لوغەت بايلىقىغا پۇختا بۇلۇشتىن تاشقىرى، تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ تىل ھەققىدە توختىلىپ: «تىل ناھايىتى نازۇك نەرسە، بىر ئەسەردە مەنىداش سۆزلەرنىمۇ خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ھەممىمىز بىلىدىغان ‹سىڭلىمغا› دىگەن ناخشىدا ‹بىلەلمىدىم زادى كىمگە مەنسۇپ بۇ گۇناھ› دىگەن بىر مىسرا بار، بۇ مىسرانى ئۇيغۇر ئاپتۇر ئىجاد قىلغان، ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئېيىتقان بولسىمۇ، بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بىر سۆز ئىشلىتىلگەن. يەنى ‹مەنسۇپ› سۈزى ئۇيغۇر تىلىدا ئىجابىي ئامىللارغا قوللىنىلىدۇ. مەسلەن: ‹بۇ شان-شەرەپ ھەمىمىزگە مەنسۇپ، بۇ نەتىجە بىزگە مەنسۇپ..› دىگەندەك، ھەرگىزمۇ ‹گۇناھ›، ‹ئۆلۈم› دىگەندەك سۆزلەرگە ‹مەنسۇپ› دىگەن سۆز ماس كەلمەيدۇ »(قەيسەر تۇرسۇن:«ئاخباتچىلىقىمىزدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسلە»، «زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى» ژۇرنىلى 2008-يىل1-سان) دەيدۇ. بىز يۇقىرقى نەقىلدىن، شائىر قەيسەر تۇرسۇننىڭ تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرلىقىنى كۈرۈپ يىتەلەيمىز.

    بىز قەيسەر تۇرسۇننىڭ شىئېرلىرى ھەققىدىكى مۇۋاپىقىيەتلەر ھەققىدە توختالغىنىمىزدا،  يەنە ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى، شىئېرىي پىكىرنىڭ ھەدىدىن زىيادە پىرىسلانغانلىقىنى، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىغا ماسلىشىپ چاچما شىئېر شەكىللىرى ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەنلىكىنى، شائىرنىڭ ئېستىتىك ئېڭىنىڭ توختاۋسىز ئۈسۈپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. بىراق بىز سەھىپە ئېتىبارىدىن، بۇنى كىيىنكى ئىزدىنىشلىرىمىز ئۈچۈن قالدۇرىمىز. چۈنكى قەيسەر تۇرسۇن ئىجادىيىتى تېخى تۇلۇق ئېچىلمىغان «بوز يەر».

    رۇسىيىنىڭ داڭلىق شائىرى نابۇكۇف: «تىرناقتىن كىر ئىزدەر كىيىنكى ئەۋلاد» دىگەن ئىكەن بىر شىئېردا. بىزمۇ قەيسەر تۇرسۇننىڭ ئىجادىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىمىزنىڭ چۇڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ شىئېر ئىجادىيىتىدە سادىر قىلغان بەزىبىر سەۋەنلىكلەرنى زىغىرلاشقا مەجبۇرمىز.

    مىنىڭچە قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى بىر چوڭ سەۋەنلىك، ئۇنىڭ «ئاھ»دىگەن ئىملىقنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەتكەنلىكىدە كۈرۈلىدۇ.  بىز ئۇنىڭ «ئاھ»دىگەن بۇ ئىملىقنى ئىشلىتىشىگە قارشى ئەمەس، ئەمما، ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش بەزىدە ئۇقۇرمەنگە سۈنئىيلىك تۇيغۇسى بىرىپ قۇيۇشى مۇمكىن. مەسلەن: شائىرنىڭ «ئاخىرقى مەھبۇس» دىگەن تۆت كۇبلىت شىئېردا «ئاھ» دىگەن ئىملىق ئۈچ يەردە ئۇچرايدۇ. يەنە:

    نۇرغۇن ئىش ئەتىگە قالدى شۇ پېتى،

    ئاھ، يالغان تەسەللى قىلماقتا قايىل.

    ئاھ، بىر تال قىل بىلەن باغلاندى شەھەر،

    پاھىشە شەرەپكە بولماقتا نائىل.

    «ئاخىرقى چۈش» تىن

    يۇقارقى بىر كۇبلىت شىئېردىمۇ «ئاھ» دىگەن ئىملىق ئىككى يەردە ئۇچرايدۇ.

    ئۇندىن باشقا قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا، پىكىردىكى تەكرارلىقمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر سادىر بۇلۇپ قالدى.

    نامى يوق كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ،

    ****************************

    بۇندا ھەممە بىر كېسەلگە گىرىپتار،

    ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئەمما نامىنى.

    ****************************

    بىر مۇھاجىر قۇياش بىز گويا،

    نۇرلىرىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.

    «بىز» دىن

    بىر مۇھاجىر قۇياشسەن گويا،

    نۇرلىرىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.

    «ئۇزىتىش كۈيى» دىن

    يەنە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە، «مەن»دىگەن كىشلىك ئالماش ۋە «گويا» دىگەن سۆزمۇ، زۈرۈرىيەتسىز بولسىمۇ كۆپرەك ئىشلىتىلىپ كەتكەنلىكتەك سەۋەنلىكلەر كۈرۈلدى. بۇ سەۋەنلىكلەر، مول-ھۇسۇللۇق شائىرغا نىسبەتەن ھىچقانچە ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ جەزمەن تۈزىتىلمىسە، شىئېرىيەت ئىخلاسمەنلىرىنىڭ شائىر شىئېرلىرىغا بولغان قىزىقىشىغا بەلگىلىك پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن. شائىر مۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىدە، جەزمەن بۇ خىل سەھۋەنلىكتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.

    مەن ئاخىرىدا شائىر قەيسەر تۇرسۇننىڭ مۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئوتۇقلارنى تىلەيمەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us