ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-03

    يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت ئىلىپ بارغۇچى: ئىدىل ئەپەندى

     

    خۇش سۆھبەت ئادەم

    داڭلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ، قەلىمى ئۆتكۈر يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، سۆزگىمۇ ئۇستا ، ناتىق ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ،  گېپى ئوچۇق ، خۇش مۇئامىلىلىكى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . كۆڭلى  تۈز  بولغانلىقى  ئۈچۈنمىكىن ، دەسلەپ سۆزلەشكەندىلا  ئشلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ ، سىر ساقلاپ كەتمىدى . 

    ـ جالالىدىن ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن تېلېفوندا مۇراجىئەت قىلىپ ، ـ پات ئارىدا سىز بىلەن بىر پاراڭلاشماقچى ئىدىم ، ۋاقىت چىقىرالامسىزكىن ؟

    ـ مەن ھازىر ئۆيدە ، مەلۇم نەشرىيات ئۈچۈن توختاملىق رومان يېزىۋاتىمەن . ۋاقىت ئۆزئىلىكىمدە ، قاچان  سۆزلەشسەكمۇ  بولىۋېرىدۇ .

    پۈتۈشكەن كۈنى يازغۇچىنىڭ ئۆيىگە كەلدىم . ئىشىكنى خالىدە خانىم ئېچىپ ، مېنى تۆر ئۆيگە باشلىدى . جالالىدىن ئەپەندىمۇ پوپايكىسىنى كىيگەچ يان ئۆيدىن ئالدىراش چىقىپ قىزغىن كۆرۈشتى . كېلىش مەقسىتىمنى ئۇققاندىن كېيىن ، بىردىنلا كۆزى ئېچىلىپ بۇلدۇقلاپ قايناپ كەتكەن بۇلاقتەك ، سۆھبەتنى باشلىۋەتتى . پاراڭ سىستېمىلىق باشلىنىپ ، بىر خىل تەرتىپ بىلەن داۋاملاشماقتا ئىدى . مەن ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلمەي ،ئىخلاس بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم ، چۈنكى مېنىڭ سوئاللىرىمغا ئۆزلىكىدىن جاۋاب بېرىلىۋاتاتتى . شۇغىنىسى ، يازغۇچى سۆزلەپ بىر يەرگە كەلگەندە ، مەن ئۈنسىز ئولتۇرىۋىرىشنى بىئەپ ھېس قىلىپ ؛

    ـ جالالىدىن ئەپەندى ، خۇش سۆھبەت ئادەم ئىكەنسىز ، ـ دېدىم كۆڭلۈم سۈيۇنۈپ ، ـ ھەممە مەسىلە سۇۋار سۆزلىنىپ كەتتى ، ئەمدى سوئال قويۇشنىڭ لازىمى قالمىدى . قايتىپ كېتىپ ، ئاڭلىغانلىرىمنى رەتلەپ چىقسام ، بىر پۈتۈك پۈتۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .

    ـ غىلاجىدىن ئەپەندى ، كونا سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بېرىلىپ كەتكەن بولسا ، يېڭى سوئاللىرىڭىزنى سوراڭ ، ـ دېدى يازغۇچى كۈلۈپ ، ـ كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار ، دېگەن ئەمەسمۇ .

    ـ ئوبدان ، ـ دېدىم مەن يازغۇچىنىڭ گېپىنى يىرغۇم كەلمەي ، ـ ئەسەرلىرىڭىز بەك ئۆتۈملۈك بولۇپ ، بازار ئىقتىسادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . ئۇنداقتا ، بىز ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۇنۇمى ھەققىدە ئاز ـ تولا پاراڭلىشىپ باقايلىمۇ ؟

    ـ خوپ ، قېنى ئەمىسە ،  سوئالىڭىزنى باشلىۋىتىڭ  .

    تىلسىمات يازغۇچى

    بىزدە شۇنداقمۇ بىر شۆھرەتلىك يازغۇچى بار . ئۇ ـ رەسىم كەسىپىنى ئوقۇپ ، رەسىسامچىلىقتىن پېنسىيىگە چىققان ، سىزمىچىلىق سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ، يېزىقچىلىق قوراللىرىنى يىغقان ، ئىككى كۈندە بىر پارچە ھېكايە كاكىلاپ ، ئىككى ئايدا بىرتوملىق رومان توغقان ، لېۋ تولستوېنىڭ «شامىلى» دارىپ ، چىڭغىس ئايىتماتوۋنىڭ «سەۋدايىلىقى» يۇققان تىلسىمات يازغۇچى !

    ـ جالالىدىن ئەپەندى ، ـ دېدىم رومانچى يازغۇچىنىڭ بازارغا سېلىنغان كىتابلىرىدىن گەپ ئېچىپ ، ـ سىز ھېكايە بىلەن بىخ ئۇرۇپ ، پوۋېست بىلەن پورەكلەپ ، رومان بىلەن روناق تاپقان ھەمدە بازىرى چاققان يازغۇچى ئىكەنسىز . ھازىر كىتابلىرىڭىزنىڭ سودىسىى قانداق  بولۇۋاتىدۇ ؟

    ـ خۇداغا شۇكۈر ، خېلى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ .

    ـ ھازىرغا قەدەر بازارغا قانچە كىتاب سالدىڭىز ؟

    ـ  ھېكايە ـ پوۋېستلاردىن 12  توپلام ،  رومانلاردىن 16  توم ، جەمئىي 28 خىل كىتابىمنى بازارغا سالدىم  . بۇنىڭدەن تاشقىرى ، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن 18 نى يازدىم . 14 ئى ئشلىنىپ بازارغا سېلىندى ، 4 ئى ئىشلىنىۋاتىدۇ .

    ـ تېلېۋىزىيە ساھاسىنىمۇ بوش قويماپسىز ـ دە ؟

    ـ لېكىن ، ھازىر بۇ ساھادىن رايىم يېنىپ قالدى . ئۇلار مەلۇم سەۋەپلەردىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىمنى بۇزۇپ قويۇشتى . 

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن ئىجتىھاتلىق يازغۇچىغا ئىلتىجا قىلىپ ، ـ  تۇنجى رومانىڭىز « مېھرىگىياھ » نەشر قىلىنىپ ، ھازىرغىچە  20 يىلغا يەتمەيدىغان ۋاقىت ئىچىدىلا شۇنچىلىك مول ئەسەر ئىجاد قىلىپسىز . سىزنى دىيارىمىزدا رومانچىلىقتا رېكورت ياراتقان تىلسىمات  يازغۇچى دېسەك بولغىدەك ! روماننى زادى  قانداق يازىسىز ؟

    ـ رەھمەت ! مەن ھازىر پېنسىيەدە . ئۆزۈمنىڭ ئشىم ـ ئۆكۈزدەك  كۈچۈم ، دېگەن ئەمەسمۇ . كۈندۈزلىرى سەككىز سائات ، كەچلىرى ئىككى سائەت ئولتۇرىمەن ... سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ  ! ـ دەپ يازغۇچى تۇيۇقسىز ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ يان ھۇجرىسىغا كىرىپ  كەتتى ـ دە، ھايال بولماي ، ھازىرقى يېزىۋاتقان رومانى « ھايات قىسمىتى» نىڭ قوليازما ئورگىناللىرىنى ئەپچىقىپ ، ئالدىمغا قويدى ، ـ مانا ، كۆرۈپ بېقىڭ . بۇ ـ ھازىر يېزىۋاتقان رومانىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى . مەن قۇر سىزىقلىرى يوق، قېلىن ئاق قەغەزگە يازىمەن .

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ـ دېدىم مەن خەتلىرى مارجاندەك تىزىلىپ ، زىچ يېزىلغان، ئۆچۈرۈلگەن ، بويالغان بەتلىرى بولمىغان  بىر دۆۋە  ئورگىنالىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، ـ  بۇ ، رومانىڭىزنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ ؟

    ـ ياق ، بۇ ـ دەسلەپكى قوليازمام .

    ـ بەتلەر بىر قەلەم بىلەن چىقىپ كېتىپتۇ، ـ دېدىم مەن تەئەججۇپلىنىپ ، ـ ئىككىنچى قەلەم تەگمەپتۇ ، ھە ؟

    ـ  مەن پىكىرىمنى پۇشۇرۇۋىلىپ ، ئاندىن قەغەزگە چۈشۈرىمەن ، ـ دېدى يازغۇچى ئىشەنچ بىلەن ، ـ قەغەزگە چۈشكەن سۆزنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ يۈرمەيمەن .

    ـ نەشرىياتقا مۇشۇنداقلا يوللامسىز ؟

    ـ كۆپ ھاللاردا شۇنداق . لېكىن  بەزىدە  نەشرىياتنىڭ ئۆلچەملىك ئورگىناللىرىغا رەپىقەم خالىدە ئۆز قولى بىلەن قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقىدۇ . خالىدە ـ باسما زاۋۇتىدا ئۇزۇن ئىشلەپ ئارامغا چىققان پېشقەدەم كوررېكتور . كۆچۈرۈش جەريانىدا سۆز ـ ئاتالغۇ ، ئىملا ـ جۈملە جەھەتتىن كۆزىتىپ بارىدۇ ، نامۇۋاپىق دەپ تاپقان جايلىرىنى تۈزىتىپ بارىدۇ .

    ـ جالالىدىن ئەپەندى ، رومانىڭىزنىڭ تەكشۈرگۈچىسىمۇ ، تەھرىرلىگىچىسىمۇ  يېنىڭىزدا ئىكەن . سىز نېمىدىگەن بەختلىك يازغۇچى ، ھە ! ـ دېدىم قىزىقىشىلىق بىلەن.

    ـ شۇنداق . مېنىڭ بەختىم ئىجادىيىتىم بىلەن ، ئىجادىيىتىم رەپىقەم بىلەن ! ـ دېدى يازغۇچى قويۇق قارا بۇرۇتىنى سىلاپ ،  چاي قۇيۇۋاتقان رەپىقىسى خالىدە خانىمغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ ، ـ   ھازىر خالىدە ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ ، قولىڭىزدىكى مۇشۇ توختاملىق روماننى يېزىۋاتىمىز ، روماننىڭ ئىككى بابى  قالدى . خۇدا خالىسا ،  تېز ئارىدا قولدىن چىقىدۇ . ھە ، خالىدە ؟

    ـ شۇنداق ، ـ دېدى خالىدە خانىم كۈلۈمسىرەپ .

    ـ ھۇ بەللى ، تىلسىمات يازغۇچىنىڭ تىلسىمى تېپىلدى ! ـ دېدىم مەن ھەزىل قىلىپ . 

     

    ئاجايىپ ئوخشاشلىق

    مەن جالالىدىن ئەپەندىنىڭ قوليازمىسىغا كۆز يۈگۇرتىپ ، ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، بەزى ئورگىنالنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى ئاق يېرىگە يېزىلغان ئۇششاق خەتلەرنى بايقاپ قالدىم . بىر بەتنىڭ ئاق يېرىگە ؛ « 2007 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبى قاتناش بېكىتىگە بېرىپ بېلەت ئەكەلدىم ، بۇنىڭغا بىر سائەت ۋاقىت كەتتى . قايتىپ كېلىپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم » دەپ يېزىلغانىدى .

    ـ يازغۇچى ئەپەندى، ـ دېدىم قىزىقسىنىپ ، ـ ئىجادىيەت ئۈستىدە كۈندىلىك خاتىرىڭىزنىمۇ  پۈتۈپ  ماڭىدىكەنسىز ـ دە ؟  نەشرىياتقا رومانىڭىز بىلەن بىللە  يوللامسىز؟

    ـ شۇنداق . بۇ ، روماننىڭ يىزىلغان ۋاقىت سەرپىياتىنى ھېسابلاپ چىقىشقا پايدىلىق ، رومان مۇھەررىرلىرى ئۈچۈنمۇ بىرئەرمەك ، ـ دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى يازغۇچى ، ـ مۇشۇ بويىچە ۋاقىتنى جەملەپ باققانىدىم ، بەش ـ ئالتە يۈز بەتلىك بىر روماننى ئىككى ئايدا تاماملاپتىمەن . شۇنىڭغا قارىغاندا ، ھازىر ئىككى ئايدا بىر رومان يېزىۋىتىپتىمەن . ئىلگىرى، خەلق نەشرىياتىدا مېنىڭ بىر رومانىمنى تەھرىرلىگەن ئالىي مۇھەررىر دىلشاد سۇلتان ئەپەندى ئورگىنالنىڭ ئاق يەرلىرىدىكى سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەن ، چىرايلىق بىر كۈندىلىك خاتىرە بوپقاپتۇ .

    ـ ۋاھ ، ئەجەبا ، شۇنداقمۇ ئوخشىشىپ كەتكەن بارمۇ ! ـ دېدىم مەن تاڭ قېلىپ ، ـ سىز  مەشھۇر كلاسسىك يازغۇچى لېۋ  نىكولايېۋىچ  تولستوينىڭ  باشقىلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشر قىلىنغان «تولستوي ئاقساقالنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى » ناملىق كىتابىنى كۆرگەنمىدىڭىز ؟

    ـ ياق ، كۆرمىگەن .

    ـ لېۋ تولستوي كۈندىلىك خاتىرىلىرىنى رومان يېزىش جەريانىدا پۈتۈپ ماڭغانىكەن . ئۇ ئورگىنالغا «بۇگۇن 12 ـ يانۋار . ئەتىگەن سائەت سەككىزدە قوپۇپ ، توققۇزغىچە كۆتەك ياردىم . ناشتىدىن كېيىن ئولتۇرۇپ ، سائەت ئىككىگىچە ئىشلىدىم ، ئاندىن كېيىن قورۇق ئىچىدە ئاتلىق سەيلە قىلىپ كۆڭۈل ئاچتىم» دېگەندەك سۆزلەرنى يازغان . بۇ ئوخشاشلىققا قارىغاندا ، سىزگە تولستوي بوۋاينىڭ« شامىلى» دارىغان ئوخشىمامدۇ !

    ـ لېۋ تولستوينىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇمىساممۇ ، رومانلىرىنى ئوقۇغان  ، ـ دېدى يازغۇچى تەمكىن قىياپەتتە ، ـ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەينى زاماندىكى رۇس تۇرمۇشىنىڭ كۆزگۈسى دېيىشكە بولىدۇ . ئېھتىمال ، مەن تۇرمۇشقا تولستوينىڭ كۆزگۈسى بىلەن قارىغاندىمەن ، شاراپىتى تەگكەن بولسا ئەجەپ ئەمەس .

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، جاۋابىڭىز جايىدا ، ـ دېدىم مەن مەمنۇن بولۇپ ، ـ يەنە بىر گەپ ، سىزنىڭ تاللىغان تېمىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەسەرلىرىڭىزنىڭ جەلپكارلىقى دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچى چىڭغىس ئايىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەسلىتىدۇ . سىز ئايىتماتوۋنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى ئوقىغان ؟ تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز ؟

    ـ مەن ئايىتماتوۋنىڭ « ئاق پاراخۇد » ، « ئەلۋىدا گۈلسارە » ، « ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقىغانمەن . ئۇ ئەسەرلەردىن زور ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغانىدىم .

    ـ دەرۋەقە ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىمۇ قەھرىمانلارنىڭ ئىككى ياقلىما خاراكتىرى ئېچىپ كۆرسىتىلىدۇ . مەيلى ئىجابىي ، مەيلى سەلبىي قەھرىمانلىرىڭىز بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل يۈزلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ . ئاق يۈزلۈكلەرنىڭ قارا يۈزلۈك تەرەپلىرى ، قارا يۈزلۇكلەرنىڭ ئاق يۈزلۈك تەرەپلىرى قەلىمىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئەمدى  قەھرىمانلارنىڭ  ئىككى ياقلىما  خاراكتىرى  ھەققىدە  سۆزلەپ  باقسىڭىز قانداق ؟ 

    ـ ئوبدان . ھازىرقى زامان ـ زىددىيەتلىك ئالەم ، زامانغا بېقىپ ئادەملەرمۇ شۇنداق ، ـ دېدى يازغۇچى ئويلىنىپ ، ـ  ھەممە نەرسىنىڭ ئوڭى ، تەتۈرى بولغىنىغا ئوخشاش ، قەھرىمانلارنىڭمۇ ئىككى ياقلىما خاراكتىرى بولىدۇ . ئادەم دېگەن ئەيىپسىز ئىلاھ  ئەمەس ، ئۇ ـ خام سۈت ئەمگەن ئىنسان . شۇڭا زىددىيەتلىك ھىسىياتلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى يېزىش ، ئەلۋەتتە ، دۇنياۋى ئەدەبىيات يۈزلىنىشىگە ماسلاشقانلىق بولىدۇ . 

    ـ دېمەك ، سىزگە شۇ سەركەردىنىڭ « سەۋدايىلىقى »  يۇققان ئىكەن ـ دە !

    كۆڭۈل ئىزھارى

    جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئەسەر يېزىش ئۇسۇلىنى ، يېزىش جەريانىدىكى ھېس ـ تۇيغۇلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە بەزى سوئاللارنى سوراپ ، بەزى  نەرسىلەرگە  ئورتاقلىشىشىمغا توغرا كەلدى .

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، سىزنىڭچە ، پروزا ئىجادىيىتىدە ئىلھام چاقىرىلامدۇ ؟

    ـ مېنىڭچە ، پروزا ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلھامى بولىدۇ . پروزا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىلھامى بىلەن ئىلگىرىلەپ بارىدۇ ، ئۇنىڭغا شېئىرىيەتتىكىگە ئوخشاش تاشقىرىدىن ئىلھام چاقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق . رومان قەھرىمانلىرىنىڭ ئۆزىمۇ يازغۇچىغا ئىلھام بېرىپ ، ئۇنى يېتىلەپ ماڭىدۇ ، كەلگۈسىدە بولىدىغان ۋەقەلەردىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ . ئۇلار يازغۇچىغا ؛ « ماڭا كۆپ ئىشلارنى قىلدۇردىڭىز ، يەنە قىلىدۇرىدىغان خېلى ئىشلىرىڭىز بار » دەپ ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىچىك  ۋەقەلىكلەرنى  خىيالەن  توغدۇرۇپ بېرىدۇ .  

    ـ خوش ، سىز روماننىڭ ۋەقەلىك سيۇژىتىنى قانداق تۈزۈۋالىسىز ؟

    ـ ئەگەر رومان يازماقچى بولسام ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ۋەقەلىكىنى كىشىلەرگە ، ئائىلەمدىكىلەرگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىمەن . سۆزلەش جەريانىدا روماننىڭ سيۇژېتى تۈزۈلۇپ بارىدۇ . كېيىنچە ، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ، بىر باشتىن يېزىشقا كىرىشىمەن . يېزىش داۋامىدا سيۇژىتلارنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ، جىپسىلاشتۇرۇپ ماڭىمەن .

    ـ سىز رومان ئىجادىيىتى ئۈستىدە قانداق تۇيغۇدا ئولتۇرىسىز ؟

    ـ بەك ھوزۇرلىنىپ ، بەختلىك تۇيغۈ ئىلىكىدە ئولتۇرىمەن . مەن ئۈچۈن ئىجادىيەت  دېمەكلىك  بەخت  دېمەكلىكتۇر . مېنىڭ بەختىم ئىجادىيىتىم بىلەن ياشنايدۇ !

    ـ رومان ۋەقەلىكلىرىنى تەسۋىرلەش جەريانىدا كۆڭۈل كۈيىڭىز قانداق بولىدۇ ؟

    ـ روماندىكى ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەندە ، خۇددى ئۇنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرۇۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ ، گاھ  خۇشال بولۇپ ، گاھ قايغۇرۇپ كېتىىمەن . بەزىدە كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ ، ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ ، يىغلاپ تاشلايمەن .

    ـ ئاپىرىن ! ـ دېدىم مەن يازغۇچىغا ھىسداشلىق قىلىپ ، ـ رومانىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى قانداق تاللايىسىز ؟

    ـ روماننى باشلاشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر ـ ئىككى ۋاقىتلىق ماۋزۇ قويۇۋالىمەن . مەسىلەن، ھازىرقى يېزىۋاتقان رومانىمنىڭ ۋاقىتلىق ماۋزۇسى  ـ « ھايات  قىسمىتى » ، يەنە بىر ماۋزۇسى ـ «زەپىران ياپراقلار » . كېيىن يەنە بىر قانچە ماۋزۇ قوشۇپ ، ئارىسىدىن بىرىنى تاللىۋالىمەن .

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، سىز  قانداق يازغۇچىنى تالانتلىق يازغۇچى دەپ ھىساپلايسىز ؟

    ـ تالانتنى ئىلاھ بېرىدۇ ، ـ دېدى يازغۇچى ئويلىنىپ ، ـ ئاشۇ تالانتنى تۇتۇپ قالالىغان يازغۇچىلا تالانتلىق يازغۇچى بولىدۇ، دەپ ھىساپلايمەن  .

    ـ سىزنىڭچە ، ئىجابىي ۋە سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ پېشانىسىغا ياخشىلىق ياكى يامانلىق تامغىسىنى بېسىش كېرەكمۇ ؟

    ـ مېنىڭچە ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق نىسپىيلىككە ئىگە بولىدۇ ، بىرى بىرىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ . بەزىدە ئىجابىي قەھرىماننىڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ تاشلىشى ، سەلبىي قەھرىماننىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى مومكىن . شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ پىشانىسىغا تامغا باسمىغان تۈزۈك .

    ـ سىز تۇرمۇشىىڭىزدا ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن نېمىنى ئەڭ ياخشى ئادەت دەپ ھېسابلايسىز؟

    ـ ئەپۇچانلىقنى . چۈنكى ، ئۇ  قۇدرىتى چەكسىز ، ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ پاك نەرسىدۇر .

    ـ سىز توي ، نەزىر ، چىللاقلارغا بېرىپ تۇرامسىز ؟

    ـ بارىمەن . لېكىن تويدا ئۇزۇن ئولتۇرمايمەن ،  نەزىردە  دۇئانى  ساقلايمەن . چىللىغان يەردىن قالمايمەن  .

    ـ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە دەستۈر قىلىدىغان ھېكمەتلىك سۆزىڭىز نىمە ؟

    ـ مۆتىدىللىك ، سەمىمىيلىك !

    ـ مۆھتەرەم مۆتىدىل ئەپەندى ، سەمىمىي سۆھبەتلەشكىنىڭىزگە رەھمەت ! ـ مەن ئاخىرىدا يازغۇچى بىلەن خۇشال ھالدا خەيرلەشتىم ، ـ سالامەت تېنىڭىزگە ساغلام ئەقىل پار بولسۇن ،  ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۆمۈرلۈك بەخت يار بولسۇن !

      يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەتتىن .

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到: