ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-03

    كاككۇك سايرىغان باھار - [پىدائىيلىق ھاياتىم]

     

    كاككۇك سايرىغان باھار

    لەمجىن يېزىسىدىكى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پائالىيىتىدىن تەسىرات

    ئاپتۇر: شۈخوڭ

       2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى تاموژنا پىدائىيلىرى ۋە شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىرگە پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق  لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلدۇق. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىزنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى.

       قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدە 170 نەپەر ئوقۇغۇچى، ھەر يىللىقتىن بىردىن ئالتە سىنىپ، 14 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى ئىكەن. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 13 نەپىرى ئايال بولۇپ، پەقەت بىر نەپىرىلا ئەر ئوقۇتقۇچى ئىكەن. پىدائىيلار ئىلىپ بارغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ساخاۋەتچى چىن گۇاڭبىياۋ ئەپەندى بۇ مەكتەپنىڭ ئېلېىكترونلۇق ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئىئانە قىلغان كومپىيۇتېرنى ئىئانە قىلىش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىنىش كىتابلىرى، ئۆگىنىش قۇراللىرى، تەنتەربىيە بويۇملىرىنى ئىىئانە قىلدۇق. بۇ ئۆچۈرگۈچ، سىزغۇچ، قەلەم، پىدائىيلار كۈن نۇرى شەپكىسى، ھەر خىل رەڭلەردىكى پەي تەپكۈچ، ھەتتاكى كىچىك – كىچىك قەغەز قىسقۇچلارمۇ بۇ بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغاتلار بىلىنەتتى. ئۇلار ئاشۇ كىچىككىنە، ئاددى تەنتەربىيە مەيدانىدا خۇشال – خۇرام تەپكۈچ تېپىپ، ئويۇن ئويناپ شادىمان ئىدى. ئۇلار خۇشاللىقىدىن ھەر بىر پىدائىي تاغا، ھەدىلەرگە ئېسىلىشىپ خاتىرە رەسىمگە چۈشەتتى.

       بۇ بالىلار سۈرەتكە چۈشۈشكە ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان بولۇپ، دەسلەپ تارتىنىپراق تۇرغان بولسا، كېيىنچە بىزگە سۈرەتكە تارتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشاتتى. تېخى بىر قانچە بالا ناھايىتى تىزلا ئاپپاراتلارنى سوراپ ئېلىپ، سۈرەتكە تارتىشنى ئۆگىنىۋالغان ۋە ساۋاقداشلىرىنى سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار تېخى سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇشۇپلا، يۈگرەپ كىلىپ ئاپپاراتنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قانداقراق سۈرەتكە چۈشكەنلىكىنى كۆرۈشەتتى. ئاشۇ كىچىككىنە ئاپپاراتنىڭ كۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە سىماسىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كىتەتتى.

       بالىلارنىڭ بۇ سەبىيلەرچە خۇشاللىقى بىزگە بەكلا تەسىر قىلدى. بۇ بالىلارنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئوماق قوللىرى بىلەن بارماق تاختىسىنى بېسىشلىرىنى، ئاشۇ كىچىككىنە يۈزلىرىدە جىلۋىلەنگەن خۇشاللىق كۈلكىسىنى كۆرگەندە، ئادەم ئىختىيارسىزلا خۇشاللىقنىڭ ئەنە شۇنداق ئاددىيلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى خىيال قىپ قالاتتى.

       بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ھەرگىزمۇ بىز ئىلىپ بارغان كومپىيۇتېر ياكى ئەرزىمەس ئوقۇش بويۇملىرىنىڭ باھاسىدا بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ئاشۇ سۆيۈملۈك قارا كۆزلەر بىلەن بەرپا قىلغان خۇشاللىقىمىزدا، ئاشۇ بالىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولغان شادلىقلىرىمىزدا.

       كەچ بولغاندا، پىدائىيلار ئەترىتىدىكى 16 كىشىنىڭ ھەممىمىز قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدۇق. مەكتەپ مۇدىرى 35 ياشلاردىكى پىشقان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، مەكتەپتە ئىددىيە – ئەخلاق دەرسى ئۆتىدىكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيى جايلاشقان بازار كەنتى لەمجىن بازىرىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلىشىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى كەنىتنىڭ پىلانى بويىچە ئاكتىپ تەرەققىياتقا ماسلىشىپ، ئۆيىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە «دېھقانلار ئائىلە شاتلىقى» سورۇنى قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىدە بىز يېزىلارغا خاس بولغان ھەر خىل قورۇمىلاردىن، ھەر خىل يەرلىك پىشۇرۇقلاردىن، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان مىزىلىك دەملەنگەن چايلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇق. ھەممىمىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىزنى ئالاھىدە ئىززەت بىلەن كۈتىۋالغانلىقىدىن تولىمۇ شاتلاندۇق.

       لەمجىن يېزىسى ئۈزۈمنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قىلغان بولۇپ، تۇرپان رايۇنىدىكى ئۈزۈم چىقىدىغان ئەڭ چوڭ ئاساسىي رايۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. باش باھاردا لەمجىننىڭ كېچىسى يەنىلا ئازراق سوغۇق بولۇپ، دەرەخلەر تېخى پوتلا چىقارمىغان، ئوت – چۆپلەرمۇ تېخى بىخلانمىغان ئىدى. كىشىلەر پۈتۈن بىر قىش سوغۇقتىن ساقلاش ئۈچۈن يەرگە كۆمۈلگەن ئۈزۈم تەكلىرىنى ئېچىپ، باراڭلارغا ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

       تاڭ سەھەردە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قورۇسىنى بىر ئالغان قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن ئويغاندىم ۋە بۈككىدە رىدە ۋە سۇۋادانلار بىلەن قاپلانغان يول بويىغا چىقىپ بىردەم ئايلاندىم. شۇ چاغدا بىر ئۇيغۇر بوۋاي ماڭا : سىلەر بەك بالدۇر كىپ قاپسىلەر، يازدا بىزنىڭ بۇ يەر ھەقىقەتەن چېرايلىق ئىدى.- دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىزغا ئىشلىگىلى كىتىپتۇ. بۇ بوۋاينىڭمۇ بەش مو ئۈزۈملىگى بولۇپ، ھەر يىلى قىرىق مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىكەن. ئۇ ئۆيىدىن ماڭا قۇرۇتۇلغان ئۈزۈمدىن ئىلىپ چىقىپ، تېتىپ بېقىشىم ئۈچۈن بەردى. ئۇ تېخى بۇ كىشىمىشلەرنىڭ ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلماي قۇرۇتۇلغان «يېشىل يېمەكلىك» ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ سوۋغىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.

       بۇ يەردە ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىزغا ئىشلىگىلى بارىدىغان بولۇپ، بۇ تەرىپى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. بۈك باراقسان يولنى بويلاپ كىتىۋىتىپ، بىر خۇيزۇ ئايالنىڭ راڭپىزا يايمىسى ئېچىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر ئۆپكە – ھېسىپ ساتىدىغان ئايالنىڭ سەي توغراۋاتقانلىقىنى، ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئوغۇت دۇككىنىنىڭ ئالدىدا مۇڭدىشىپ تۇرغانلىقىنى، يەنە بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ يولى بويىدىكى سىدىنىڭ ئاستىدا سەي – كۆكتات سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئەمدىلەتىن ئايىغى چىققان بالىسى ئانىسىنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. مەن بىر ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. ناۋاي ئۇستا ئەمدىلا تونۇردىن قومۇرغان ئىسسىق ناننى قولۇمغا قويۇپ قويدى. مەنمۇ ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنى قوبۇل قىلدىم. ئاشۇ بۇغداي، سۈتنىڭ مىزىلىك ھىدى بىرلىشىپ كەتكەن يېڭىدىن قومۇرۇلغان ئىسسىق نان ماڭا تۇرمۇشنىڭ ھىدىنى ھېس قىلدۇراتتى.

       مۇشۇنداق يېزا يولدا ماڭسا، ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، سىز ۋاقىتنىڭ ئاستا ھەم ئۇزۇن قەدىمىنى، ھاياتلىق رېتىمىنىڭ تىنىچ ھەم گۈزەل ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىكەنسىز. كوچىدا نە قەغەز پارچىسى، نە مېۋە شۆپىكى، نە شەھەرلەردىكى رەڭگارەڭ سۇلىياۋ خالتىلار، ئىچىملىك بوتۇلكىلىرى يوق. قۇشقاچلار دەرەخ شاخلىرىدا سەكرەشسە، كۈچۈكلەر دەرەخ ئاستىدا سايىدىشىدۇ. يېڭىدىن ياسالغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەردە سۈپسۈزۈك سۇلار شىلدىرلايدۇ. ھاۋاسى قۇياشنىڭ تەپتىدە ئىللىق ھەم ساپ، ھەر تەرەپ قۇياش نۇرىدىن ئېللىغان بولۇپ زەھەرسىز ھەم ساپ.

       ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور ئىكەن. شەھەر يېزىلارنىڭ جىمجىتلىقىغا ئىنتىلسە، يېزىلار شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئىنتىلىدىكەن. ئەمما بىز جۇڭگودىكى شەھەر – بازارلاشقان تەرەققىيات قەدىمىنىڭ ئادەم ۋە تەبىئەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ۋەيران قىلىشنى خالىمايمىز. يېزىلاردىكى ئاشۇ تىنىچلىقنىمۇ بىرگە ساقلاپ قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز، يېڭى يېزا قۇرۇلىشىنىڭ پۇخرالارغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ ھەرگىزمۇ شەكىلۋازلىق بىلەن ۋە ياكى خىزمەت نەتىجىسى ئۈچۈن قۇرۇلغان سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىز يەنە يېزا بالىلىرىنىڭمۇ شەھەرلەردىكى كۆپلىگەن بالىلارغا ئوخشاش ئازادە – پاكىزە دەرىسخانىلارغا، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ساغلام، خۇشال بولغان تۇرمۇشقا ئىگە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

      بىز پىدائىيلارنىڭ بۇ بالىلارغا بېرەلىگەنلىرىمىزتولىمۇ ئاز بولسىمۇ، بىز يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەتىرىتىنىڭ باشلامچىسى، جۇڭگو پىدائىيلىرىنىڭ ئىلغار ۋەكىلى يالقۇن ئوسمان ئەپەندىنىڭ جىسمىدىن گەرچە بالىلارغا چوڭ ئىشلارنى قىپ بېرەلمىسەكمۇ، پەقەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرساقلا ھامان زور ئىشلارنى قىپ بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. كەسىپدىشىم خەن چىشۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى ھېس قىلغان ئەڭ چوڭ تەسىراتى «تەمكىن بولۇش» ئىكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ پىدائىيلار ئەتىرىتىگە قوشۇلسىڭىز، سىز مەۋجۇتلۇق، ھاياتلىقنىڭ باشقا جايدا ئەمەس، دەل سىز ماڭغان يوللارغا قالدۇرغان ئىزلاردا ئىكەنلىكىنى، بەخىتنىڭ باشقا جايدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ تولۇپ تاشقان زېھنىڭىزدە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ماڭا تۈنۈگۈن بىز ئۆز ئارا تونۇشمايتۇق. بۈگۈن بىز ئاللىقاچان كونا دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ لەمجىن سەپىرىمىزدىكى ئېرىشكەنلىرىمىز.

       لەمجىن يېزىسىدا باھار سەل كىچىككەنلىكتىن، گەرچە مەن ئەتىياز پەسلىدىكى يېشىللىقنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن مەن تاڭ سەھەردە سايرىغان قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇ دەل كاككۇك كۈيى ئىدى.

    يېزا كەنىت مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇ بالىلارنىڭ ساددا كۈلكە ئاۋازىدىن مەن باھارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم.

    يېزا كەنىت مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنسىز كۈلكىلىرىدىن مەن باھارنىڭ كۆلەڭگۈسىنى كۆردۈم.

    بىز بىرلىكتە لەمجىن بازاردىكى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى بالىلارنىڭ بۇ باھاردا خۇشال – خۇرام ئۈسۈپ يېتىلىشىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئاشۇ ئۈزۈملەرگە ئوخشاشلا تاتلىق بولىشىنى تىلەيمىز.

    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    分享到: