ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-03

    دىكتور قىزنىڭ ھېكايىسى - [پىدائىيلىق ھاياتىم]

     

    دىكتور قىزنىڭ ھېكايىسى

    زۆھرە كېرەم

    يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى خەۋىرى :

       كىشىلىك ھاياتتا بىزنىڭ ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ ئاشۇ مەنىلىك ئىشىلارنى ئەسلەش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك. «يىزا مەكتەپ پىدائىي»لىقىغا قوشۇلۇشمۇ ھەم شۇنداق. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى، «شەھەر ساداسى»، «كۆڭۈللۈك چايخانا» پىروگىراممىلىرىنىڭ دىكتورى، بىر ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئادەتتە كۆپرەك ئارلشىدىغان، ئۇچرىشىدىغانلىرىم كەڭ تىڭشىغۇچى ئامما بولىدۇ. بەزىدە خىزمىتىم تولىمۇ قول تۇتىدىغان، ئالدىراش بولۇپ كىتىدۇ. بېراق مەن ئاڭلىتىش ئۆيىدە ئولتۇرغان چېغىمدا، ئاشۇ كۆپلىگەن قىزغىن تىڭشىغۇچىلارنىڭ مېنىڭ پروگراممامنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ھاياجاندىن خىزمەتكە كىرىشىپلا كىتىمەن.

       بەلكىم مەن رىۋايەتلەردىكى «ھېسىياتچان ئادەملەر» تىپىدىن بولسام كېرەك، ئاڭلىتىش خىزمىتىم ۋە تۇرمۇشتىكى كۆپلىگەن ئىشلار مېنى دائىملا ھاياجانغا سىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن : ئىشتىن يانغان چېغىمدا كىمدۇر بىرسىنىڭ ماڭا كۆيۈنگەن بىر – ئىككى ئېغىز سۆزى، ئالدىراش ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان كوچىنىڭ بۇلىڭىدا ئولتۇرغان تىلەمچىگە كىمدۇر بىر كىچىك بالىنىڭ يىپيېڭى بىر مو پۇلنى بەرگىنىنى كۆرگىنىمدە، يەنە .... 

    خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقتىمدا مەن كۆپىنچە ئاممىۋى پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئامراق. بىر قانچە دوستلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر قېيىنچىلىقى بار نامرات ئائىلىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، گەرچە ياردەم قىلغان پۇلىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، خۇشاللقتىن، كۆڭۈل ئازادىلىكىدىن سەلكىن شامالدەك يىنىك قەدەم ئالىمەن. ئاشۇ ياردىمىمنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى مەمنۇنىيەت كۈلكىسىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىمدە بىر خىل ئىللىق سىزىم پەيدا بولىدۇ. مەن ھەمىشە مانا مۇشۇنداق ئاددى، ئۇششاق ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ، ھەممىلا كىشىلەرنىڭ بىر كىشىلىك مېھرى – مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەللىشىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ياشايمەن.

    بىر تاساددىپ پۇرسەتتە، دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن توردا «يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» ناملىق بىر مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. كېيىن مەن توردا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، مۇلازىمەت ئىددىيەسى، ئەترەت قۇرۇلمىسى، مۇلازىمەت دائىرىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم. بۇ تونۇشلار مېنى تولىمۇ قىزىقتۇراتتى. تۇيۇقسىز بىر «تەشكىل» تېپىۋالغان تۇيغۇ،  ئورتاق بىر پىكىر، ئورتاق بىر ئىددىيە مېنى قالتىس ھاياجانلاندۇرۋەتتى. كېيىن دوستۇم ماڭا بۇ پائالىيەتنىڭ باشلامچىسى، قوزغاتقۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ناھايىتى قىزغىن، كىشلەرگە ئالاھىدە مېھىر كۆرسىتىدىغان كىشى بولۇپ، ئەترەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلۇش خىيالىمنى ئىېيتىشىمغىلا، ئۇ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا ئەزا بولۇشۇمنى «تەستىق»لىۋەتتى. ئاشۇ دەقىقە دائىم دېگۈدەك ئەسلىمىلىرىم قاتارىدا چاقناپ تۇرىدۇ.

    كېيىن مەن پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەگىشىپ چەت سەھرادىكى ئۈچ مەكتەپكە بېرىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتناشتىم. بۇ جەرياندىكى ئاشۇ مەنىلىك كەچۈرمىشلەر ھاياتىمدىكى بىر ئۆمۈر بەھىرلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل «بايلىق» بولۇپ قالدى. مەن ھەرگىزمۇ پىدائىيلار ئەتىرىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق  بازار لەنگەر كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە، پىچان ناھىيە پىچان (辟展) يىزا كۆكيار باشلانغۇچ مەكتىپىگە، لوپنۇر ناھىيە قارچۇغا كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە پىدائىليىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن بارغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

    ھەر قېتىم بىزنىڭ ئېلىپ بارىدىغىنىمىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت بولۇپ، بىز بارىدىغان جايلار بىر قەدەر چەت، يېراق سەھرالار بولغاچقا يوللىرى ناچار ئىدى. يولدا بىز ھەمىشە بىر تەرەپتىن مەنزىرە كۆرگەچ بىر تەرەپتىن قىزغىن پاراڭلارنى قىلىشىپ، يولنىڭ ئۇزاق ۋە جاپالىق ئىكەنلىكىنى تۇيىمايلا قالاتتۇق. يىزىلارنىڭ سەلكىن شامىلى، يارقىن ئاپتىپى تولىمۇ گۈزەل، ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ بولۇپ، بىزگە بىر مەھەل تەبىئەت قوينىغا قايتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلايتى. ئاشۇ بەس – بەستە ئېچىلىپ كەتكەن پاختىلارنى، كىشىنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان ئۈزۈملەرنى، يەنە تېخى كىشىنى مەسىت قىلىدىغان خۇشپۇراق يالپۇزلارنى كۆرگەندە ھاياجاندىن تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. بۇنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى توغراق بىلەن يۇلغۇن ساناش بولدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، توغراق 300 يىل قۇرىمايدىكەن، قۇرۇپ 300 يىل يىقىلمايدىكەن، يىقىلىپ 300 يىل چىرىمەيدىكەن. بۇ نېمىدېگەن زور چىدام، زور غەيرەت ھە! يەنە تېخى كىشنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان يۇلغۇنلار چېكى يوق قۇملۇق، چۆللۈكلەردە ناچار شارائىتتا باتۇرلارچە كۆكلەپ تۇرغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك كۆزگە چېلىقاتتى. مەن توغراقنىڭ چېداملىقلىقى ۋە يۇلغۇننىڭ جاسارىتىنى يەرلىك دېھقانلارغا ئوخشاتتىم. ئاشۇ جاپاكەش دېھقانلار مانا مۇشۇنداق ناچار جاپالىق مۇھىتتا تىز پۈكمەي، مەڭگۈ قۇياش كەبى ئۈمىداۋار ياشاپ كەلمەكتە. بۇ يىزىلاردىكى قېرىنداشلار ساددا ۋە قىزغىن بولۇپ، جاپالىق تۇرمۇش سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ چىرايىغا خىلى بۇرۇنلا خىلى چوڭقۇر قورۇقلار ئىز سالغان، قوللىرى قاداققا تولغانىدى. بىراق ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە ئەڭ سەمىمىي ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مېھىر – مۇھەببەت سىڭىپ كەتكەنىدى. مەن بىلىدىغان شەھەرلىكلەر  ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن كىشىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر باياشات، گۈللەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئىرىشكەنلىرى بىزدىن ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس ئىدى. ئۇلاردىكى ئاشۇ ساددا ئاقكۆڭۈللۈك، ئاشۇ تەبئىيلىكنى بىزنىڭ شەھەردىكى ئۇزاق مۇددەت شەھەردە ياشىغان كىشىلەر ئەسلا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتى.

    ھەر قېتىم پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە بارغان چېغىمىزدا، دائىم مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇراتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق يىزا لەنگەر كەنتىدىكى چېغىمىزدا، ئۆگىزىگە قاداپ قويغان، خۇددى پورەكلەپ تۇرغان گۈلنى ئەسلىتىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇ مېنى ئۆزىگە تارتتى. دەل مۇشۇ پەيىتتە ياڭراتقۇدىن «كەنىتتىكى يولداشلار دىققەت، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يامغۇر يېغىشى مۇمكىن بولغاچقا، كۆپچىلىك تىزرەك ھەرىكەتلىنىپ پاختىلارنى تىرىۋالايلى. يامغۇردا قالمىسۇن ...». ئۇ ئاۋاز بىر خىل تورى بار كۈچلۈك بولۇپ، بىزنىڭ ئاڭلىتىش ئۆيىمىزدىن تارقىغان بىر ئاز ئاۋازغا ئوخشىمايتى. مەن بۇ ياڭراتقۇنى ئاڭلىتىۋاتقان «ئاڭلىتىش ئۆيى» كىرگىنىمدە تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. كىچىككىنە مىكروفۇن ئۈستەلگە قويۇلغان بولۇپ، يىنىدا بىر كىچىك قۇتا تۇراتتى پەمىمچە بۇ باش ئاپپارات ئىدى. ئارىدىن يەنە يىرىم سائەتلەر ئۆتكەندە، ئۇ كەنىتنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى كىرىپ، بايىقى يامغۇر يىغىشتىن بۇرۇن پاختا تىرىۋىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتتى.  ئۇنىڭ مىكروفۇن ئالدىدىكى رەسمىي ئۆلچەملىك دىكتورلاردەك تۇرىقى مېنى تولىمۇ ھاياجانغان سالدى. كىچىك ئەترەت باشلىقى خەۋەرنى ئاڭلىتىپ بولۇپلا «ئاڭلىتىش ئۆيى»دىن ئايرىلدى. كىچىككىنە كونىراق كەلگەن مىكروفۇنغا قاراپ مەندە ئاڭلىتىش بېرىش ئىشتىياقى پەيدا بولدى. مىكروفۇننى ئېلىپ، كىچىك ئەترەت باشلىقىنى دوراپ ۋارقىراشقا باشلىدىم : «كەنىتتىكى يولداشلار، يىغىلايلى، پاختا تىرىمىز،  بەزىلەر گەپ ئاڭلمايۋاتىدۇ، بۇ بولمىدى. نېمىشقا ۋاقتىدا كەلمەيسىلەر. ئازراق تەشكىل قارىشىمۇ يوقمۇ؟! ...». بۇ ۋاقىتتا گورۇپپا باشلىقىم جىددىيلەشكەن ھالدا :«چاخچىقىڭىز ئېغىر بوپ كەتتى. قالايمىقان ۋارقىرىماڭ. كەنىتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالايدىغان تۇرسا ...» - دېدى.

    -          ئاكا، خاتىرجەم بولسىلا، مەن مىكروفۇننى ئاچمىغان. – دېدىم قاقاقلاپ كۈلۈپ.

    ئۇ شۇندىلا بىر «ئۇھ» تارتتى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ياڭراتقۇدا «شەرق قىزاردى» دېگەن ناخشا ئاڭلىتىلدى. 80-يىللىرى تۇغۇلغان ماڭا نىسبەتەن بۇ ناخشىغا مەندە تازا ھېسسىيات يوق ئىدى. بېراق گورۇپپا باشلىقى بىلەن ليۇ مۇئەللىم قەۋەتلا جانلىنىپ كېتىشتى. بۇ بەلكىم بۇ ناخشىنىڭ ئۇلار چوڭ بولغان «قىزىل دەۋىر» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ؟! كېيىن تىڭشىغۇچى بىرەيلەن ماڭا بۇنىڭ كەنىت ئاڭلتىش پونكىتىدىن ئاڭلتىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. خۇددى بىزنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش ئۇلار كۆپچىلىككە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئىشلىتەتتى. مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۆزىنىڭ ياڭراتقۇسىدا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان يەردە مەن نېمىشقا قولۇمدىكى مىكروفۇندىن(رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستاسىسىنىڭ) پايدىلىنىپ ئاممىغا پايدىلىق ئىشلارنى تەشۋىق قىلمايمەن دېگەن ئويدا ھاياجانلاندىم ۋە گورۇپپا باشلىقىغا  ئويۇمنى ئېيىتتىم. ئۇ مېنى ناھايىتى قىزغىن قوللىدى ۋە ئىلھام بەردى. ئۇ ماڭا : - سىز دېگەن بىزنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىمىزدىكى مۇتەخەسىس دەرىجىلىك پىدائىي. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، يىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس سۆزلەڭ. چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ تىڭشىغۇچىلىرىڭىز. سىزنىڭ يىقىملىق ئاۋازىڭىز ئۇلارنى كۈچلۈك جەلىپ قىلايدۇ. سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن بۇ يىزا بالىلىرى، مۇئەللىم ۋ دېھقان قىرىنداشلار ئاممىغا پايدىلىق ئىشلارنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىپ يىتىدۇ، سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ...

       مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىم ۋە ئويغاندىم.

       كېينچە كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، مەن ئاخىرى «مېھىر – مۇھەببەت يولىدىكى پىدائىي» دېگەن بىر مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. مەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان «شەھەر ساداسى» نەخ مەيدان پىروگراممىسىدا، بىزنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىمىزدىن ئۈچ كىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، كەڭ تىشىغۇچىلارغا بىزنىڭ پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، بىزنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىمىز جەريانىدىكى كىشنى ھاياجانغا سالىدىغان قىممەتلىك كەچۈرمىش – ھېكايىلىرىمىزنى ئاڭلاتتىم. پىروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. كۆپلىگەن تىڭشىغۇچى دوستلار ماڭا تېلېفۇن قىلدى ياكى خەت يازدى. ئادىلە ئازات دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مەن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پىروگرامما ئارقىلىق بۇ پىدائىيلار گورۇپپىمىزنى چۈشەندى. مېنىڭ تونۇشتۇرۇپ قويۇشۇم بىلەن بىزنىڭ بۇ پىدائىيلار سىپىمىزگە قوشۇلدى. مۇشۇ 10-ئايدا ئۇ پىچان ناھىيە پىچان(辟展) يىزا كۆكيار باشلانغۇچ مەكتىپىگە 500 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئىئانە قىلدى. ئادىلە ئازاتقا ئوخشىغان مۇنداق مېھرى – مۇھەببەتلىك كىشىلەر، كارخانىلار بەكمۇ كۆپ. بىزنىڭ ئۇلاردىن ئېرىشكەنلىرمىزمۇ تولىمۇ مول، تولىمۇ نۇرغۇن.

    مەن پىدائىيلار ئەترىتىدە، باشلىقىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن دائىم يىزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس سۆزلىدىم. دەرسنىڭ مەزمۇنى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەسىرلىك شەخىس، تەسىرلىك ئىشلار، ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشلىرى بولۇپ، ئۇلارنى پىروگراممامنىڭ ئاڭلىتىشلىرىغا نىسبەتەن يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدىم. ئۇلار مۇشۇنداق يىقىندىن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئارىمىزدىكى ھېسىياتنى تۇتاشتۇردۇم، ئۇلارنىڭ نەزىرىنى كېڭەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىدىن قىلىۋاتقان مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

       ھەر قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە چىققىنىمدا مەن ۋاقىتنىڭ تولىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. تەكشۈرۈش، ئىئانە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىمىز. ھەر قېتىم پىدائىيلىق مۇلازىمىتىمىز ئاخىرلاشقاندا، يىزىلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە بالىلارنىڭ ئۈنسىز دىققەتتىكى كۆزلىرىگە، ئۈمىدكە تولغان چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيىمايتى. شۇنداقلا يەنە زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلاتتۇق. بىزنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن كىچىككىنە ئىئانىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ئېللىقلىق، ئالغا ئىلگىرلەشكە كۈچ، مەدەت ئاتا قىلاتتى. بۇ يەردە بىزنىڭ ئىرىشكىنىمىز يەنىمۇ چوڭقۇر ھاياجان. بۇ ھاياجان بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ۋە قوللىشىمىزغا مۇھتاج بولغان بالىلاردىن، بىزنى قوللىغان ۋە ياردەم قىلغان كىشىلەردىن، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مېھىر – مۇھەببەتلىك سەپداشلىرىمىزدىن كەلدى.

       مەن بۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت بولسىلا، بىزنىڭ بۇ ھەر قېتىملىق پىدائىيلار ھەرىكىتىمىزگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق بىر گورۇپپا ئىچىدە، مۇشۇنداق ھەم ئالدىراش ھەم مەنىلىك تۇرمۇش ئىچىدە، مۇشۇنداق رەت – رەت تەسىراتلار ئىچىدە مەن ھاياتىمنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك، ناھايىتى مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

    دوستۇم، قېنى مېھىر – مۇھەببەتلىك قەلبىڭىزنى ئىلىپ ئاتلىنىڭ. سىزمۇ ئاشۇ نۇرغۇن تەسىراتلار، ھاياجانلار ئىچىدە پىدائىي بولۇپ چەكسىز خۇشاللىققا ئېرىشىسىز.

     

    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    分享到: