ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-03

    ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار - [پىدائىيلىق ھاياتىم]

               

                   ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار

                               ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

       قار – مۇزلار ئېرىپ، باھارنىڭ ھېدى دىماغلارغا ئۇرۇلۇپ، زېمىندىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، ئىللىق قۇياش نۇرى كۆڭۈللەرنى ئىللىتىپ تۇرغان مۇشۇ كۆكلەم ئايلىرىدا، مېھىر – مۇھەببەتلىك بىر كوچىغا ئاياقلىرىمنى بۇراپ، ھاياتىمغا ئاجايىپ بىر مەنىلىك ئىزنى سالدىم. شۇنداق، بۇ يولنى مېنىڭدىن ئاۋالقى مېھىرىبان، ساخاۋەتلىك كىشلەر سالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ قەدەملىرىدىن ئۈنىۋاتقان چېرايلىق گۈللەر دىل زوقۇمنى تارتىپ، مېنىمۇ ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى.

       2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خېلى ئۇزۇندىن تونۇشۇپ ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى يالقۇن ئوسمان ئاكا ماڭا تېلېفۇن قىلىپ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ پىچان ناھىيىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە پىدائىيلىق پائالىيىتىگە بارىدىغانلىقىنى، ۋاقىت چىقىرالىسام مېنىڭمۇ بېرىشىمنى تەكلىپ قىلدى. مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى»دىن ۋە يالقۇن ئاكا ماڭا تەرجىمە قىلىشقا تاپشۇرغان ماقالىلەردىن بۇ ئەترەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياندىن چۈشىنىپ، ئاجايىپ زوقلىنىش ۋە قايىللىق ئىچىدە يۈرگەچكە، ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلۇپ ئەمەلىي بىر ئىشلارنى قىلىشقا تەقەززالىقىمدىن تارتىشىپ تۇرمايلا خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم. ئەمما كۆڭلۈمدە ئۆزۈمنى ئاددى بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىم سەۋەبىدىن ھازىرچە ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمايدىغانلىقىمدىن كۆڭلۈمدە ئازراق ئەندىشەممۇ بار ئىدى. تېلېفۇندا يالقۇن ئاكىغا ئۆز ئەھۋالىمنى ئېيىتتىم. ئۇ مېنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مېنىڭ گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمىساممۇ ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلۇپ، يېزا مەكتەپلىرىدىكى سەبىيلەرگە لىكسىيە سۆزلەپ ئۇلارنى ياخشى ئوقۇشقا، گۈزەل غايىگە يېتەكلەشنىڭمۇ ئەھمىيىتى زورلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئىلھاملاندۇردى.

       شۇنداق قىلىپ دېيىشكىنىمىز بويىچە 26-چىسلا، يالقۇن ئاكىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىدىن پىچانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئاپتۇبۇستىكى بىر – بىرىمىز بىلەن چېرايلىق سالاملاشقان پىدائىيلارنىڭ يىرىمى دېگۈدەك يېڭى ئەزالار بولۇپ، بىر قىسىم كونا پىدائىيلار خىزمەت سەۋەبىدىن پائالىيەتكە قاتنىشالمىغانىكەن. بۇ قېتىملىق پىدائىيلار پائالىيىتىگە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىى، تەڭرىتاغ تورى، سەھەر گېزىتى دېگەندەك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بولۇپ 16 ئادەم تەق بولغانىدى. تەشكىللىگۈچى يالقۇن ئەپەندى ھەر بىر ئەزاغا شۇنداق قىزغىن ۋە سەمىمىي ئىدى. ئۇ يولدا ھەر بىر ئەزانى بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى سۆزگە ۋە ياكى يۇمۇر، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلاتتى. يول بويى يالقۇن ئەپەندى، پىشقەدەم كادىر ۋاڭ بىن، موڭغۇل مۇخبىر قىز، ماخۇاڭ لەقەملىك دوڭ شىڭ پۇ قاتارلىقلار قىزغىن يۇمۇرلىرى بىلەن بىزنى زىرىكتۈرمەيتى.

       چىڭقى چۈشتە تۇرپان دىيارىغا يېتىپ كەلدۇق. تۇرپان شەھىرىدە ئارىمىزغا تۇرپاندىكى تونۇلغان شائىر ئەكبەر داۋۇت تەنھا ئەپەندىمۇ قوشۇلدى. ئۇ بىزگە پىچان ناھىيىسىدىكى بىز بارىدىغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنىڭ تونۇشتۇرۇپ، يول باشلىدى. پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازار قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپى بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پىدائىليىق پائالىيەت نىشانىمىز ئىدى. لەمجىن بازارغا كەلگىنىمىزدە پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئابلىمىت، پىچاندىكى پىدائىي يىمىت مۇدىر، قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قەمبەرنىسا خانىم قاتارلىقلار ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇلار بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە دەرھاللا چۈشلۈك تاماققا باشلىدى. دېمىسىمۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، ئالدى بىلەن قورساقنى توقلىۋىلىش كېرەك ئىدى.

       تاماقتىن كېيىن قۇم مەھەللە مەكتىپىگە يۈرۈپ كەتتۇق. قۇم مەھەللە مەكتىپى يېزا مەركىزدىن 6-7 كېلومېتىر كىلىدىغان كىچىكرەك بىر مەكتەپ ئىكەن. مەكتەپكە يېتىپ كەلگىنىمىزدە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يىنىغا قاتار تېزىلىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىزگە قول پۇلاڭلىتىپ «قارشى ئالىمىز ...» دەپ چۇرقىرىشاتتى. بۇ خىل ھاياجانلىق كۈتىۋىلىنىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. دەل مۇشۇ چاغدا بالىلارغا ئىلىپ كەلگىنىمىزنىڭ بىر نەچچە مىڭ يۈەنلىك كىتاب ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان ئۈمىد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق، بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھتاج نەرسىسىمۇ دەل ئۈمىد ئىدى. گەرچە شارائىت جاپالىق بولسىمۇ، ئۈمىد بولسىلا مانا بۇ ئاددى مەكتەپ قورۇسىدىن تېخى كاتتا يازغۇچى، ئالىم، ئىنژىنىر، دۆلەت ئەربابلىرى ... چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

       بىز ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بىزگە پىئونىرلار گالىستۈكى ۋە دوپپا تەقدىم قىلدى. ئىنائە قىلىش پائالىيىتىمىزدە بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ جاپالىق يېزا مۇھىتىدا ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش يولىدا جان كۆيدۈرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا «ئىخلاس» شىركىتى تەمىنلىگەن قۇۋەت تالقانلىرىنى ئاددى كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە تۇتتۇق. شۇنداق، ئىخلاسمەن بۇ ئۇستازلارغىمۇ ئىخلاسىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك ئىدى. قەيەردە ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ھۆرمەتلىنىدىكەن، مائارىپ قوللاشقا ئىرىشىدىكەن شۇيەردە ئىلمىي گۈللىنىش بولىدۇ. مانا بۇ ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە تاقىشىدىغان نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئۈرۈمچى غالىبيەت كىتابخانىسى»نىڭ دىرىكتورى پىدائىي يالقۇن كېرەم ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن تۆت مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب ماتېرىياللار ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا تارقىتىلدى. بالىلارغا ئوقۇش ماتېرىياللىرى، تەنتەربىيە بويۇملىرى تارقىتىلغاندا بالىلار ئۆزلىكىدىن ئەركىنلىشىپ، يىغىن مەيدانىدا قاينام – تاشقىن بىر كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

    شۇنداق، بۇ مەن ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئازادە يىغىن بولغان ئىدى. شۇ دەمدە پىدائىيلار بىلەن تەپچۈك تېپىشكە چۈشكەن، ئارغامچا سەكرەپ تەرلەپ پىشانىسدىن تەر شۇرقىراپ تۇرغان شۇ سەبىيلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر خىل خۇشاللىق ئەكىس ئىتەتتى. شۇ خىل كەيپىياتلار ئىچىدە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئەل نەغمىچىلەر ئالاھىدە بىزنى قارشى ئېلىپ بىر قانچە نومۇر ئورۇنلاپ بەردى. پائالىيەت مەكتەپتىكى سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلارغا كەلگەندە ئەۋجىگە چىقتى. بالىلار نازۇك ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن پىدائىيلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇسسۇلغا تارتقاندا، ھەممە پىدائىي دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتۇق. بۇ كەمدە ھەممەيلەن تۇيىمايلا بالىلار بىلەن شۇنچە تېز چىقىشىپ كەتكەنىدى. يالقۇن ئوسمان ئەپەندى بالىلاردىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سورايتى. دوڭ شىڭپۇ(ماخۇاڭ) بىلەن نىجات (تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى) بالىلارنى سۈرەتكە تارتىپ قوياتتى. يەنە تېخى ۋاڭ شۈخوڭ خانىم، جاڭ يەن چاۋ، ۋاڭ بىن، قەيسەر ئەپەندىلەر ئەتراپىنى ئورىۋالغان بالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشەتتى. يەنە بىرلىرى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئەھۋاللىشسا، بىرلىرى بالىلار بىلەن توپ ئويناۋاتتى. مەنمۇ ئەتراپىمدىكى قارا كۆزلەردىن ئاجايىپ بىر خىل شېئىرىي تۇيغۇدا ھەممىگە زوقلىنىش بىلەن قارايتىم. ئۇلارنى تويماي سۈرەتكە تارتاتتىم. بالىلارنىڭ قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ:«ئاكا، مەن بىر تارتىپ باقايچۇ؟»، «مۇئەللىم، بۇ ئىككىمىزنى بىر پارچە تارتىپ قويۇڭچۇ؟!» ... دېگەندەك چۇرقىراشلىرى ئىچىدە ئۆزۈمنى بالىلىقىمنى ئەسلەيتىم. شۇنداق، يىللار بەك تېز ئۆتۈپتۇ. تېخى نەچچە ۋاق ئىلگىرىلا خۇددى مۇشۇ بالىلاردەك سەبىي، غەمسىزلەردىن ئىدۇق. گەرچە ئوقۇشۇم ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ئۆزۈمنى بۇلاردەك تاتلىق ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىم ئۇزاقتا قالغانىدى. ئەنە شۇ جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ تەربىيەسىدە ئۇچۇم بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىزىنى ئىزلاشقا، بۇ سەبىيلەرگە ئاز – تولا ياردەم قىلىشقا كىلەلىگىنىمدىن بەكمۇ سۆيۈنەتتىم. شۇنداق، بۇ ھايات بىتىمدىكى تولىمۇ مەنىلىك بىر ئىزلار بولۇپ پۈتىلىپ بارماقتا ئىدى.

    بىر كەمدە پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى بولغان قىسقا لىكسىيە بېرىش سىنىپ – سىنىپلاردا باشلاندى. يالقۇن ئاكا ماڭا 6-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. سىنىپقا كىرىپ بالىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇردۇم. ئۆزۈمنىڭمۇ خۇددى مۇشۇ مەكتەپتەك ئاددى يېزا مەكتىپىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، بالىلار چۇرقىرىشىپ مېنىڭدىن :«مۇئەللىم، سىز كىچىكىڭىزدە نېمە قىلىشقا ئامراق ئىدىڭىز؟»، «مۇئەللىم، سىز قانداق ئۆگىنىش قىلاتتىڭىز؟» ... دېگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى. مەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئامال بار ئاددى قىلىپ جاۋاب بەردىم. ئۇلارغا «بىز، غايە، كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا قىسقىغىنە بىر لىكسىيە بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى بايقاشقا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، غايىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈردۈم. بىز ئاددى ئادەملەر بولساقمۇ، بىزدە بۈيۈك مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى، بىزدە بۈيۈك غايىنىڭ بارلىقىنى، پەقەت بىز تىرىشساقلا كەلگۈسىدا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ئاددى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردۈم. ئاخىردا بالىلاردىن ئۇلارنىڭ غايىلىرىنى سوراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى، تەنتەربىيەچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار خېلى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈردۈم. يالقۇن ئاكا ماڭا بالىلارغا تەقسىملەپ بېرىشنى تاپىلىغان قەلەم، ئۆچۈرگۈچ، كىچىك قايچا، سەكرەش تانىسى، تىك تاك توپ ... دېگەندەك بويۇملارنى سىنىپتىكى ھەر بىر بالىغا قەدەر تارقىتىپ بەردىم. بۇ گەرچە ناھايىتى ئاددى نەرسىلەر بولسىمۇ، بالىلار تولىمۇ خۇشال بوپ كىتىشتى. مانا بۇ ئاددى نەرسىلەردىكى يۈكسەكلىك، ئاددى نەرسىلەرگە سىڭگەن يۈكسەك مۇھەببەت ئىدى.

    لىكسىيە پائالىيىتىدىن كېيىن، بىز يەنە بالىلار بىلەن بىرگە خاتېرە سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. بالىلار دەممۇ – دەم «مۇئەللىم، ئاكا ...» دېگەندەك سۆزلەرنى چۈشۈرمەيتى. ئۇلار بىلەن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سۈرەتكە چۈشتۇق. بالىلاردىن بىر قانچىسى مېنىڭدىن ئادرىسىمنى يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خەت يازىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىنىق ئىسىم، ئادرىسىلىرىنى يېزىۋىلىپ، سۈرەتلەرنى يۇيغۇزۇپ يوللاپ بېرىدىغانغا ۋەدە قىلدىم. بالىلارنىڭ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، «مۇئەللىم، ئاكا» دېگەن زىل ئاۋازلىرى قەلبىم قېتىغا ئورناپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز مەكتەپ قورۇسىغا «خاتېرە كۆچىتى» تىكتۇق. ئۈمىدىمىز بۇ كۆچەتلەرنىڭ يېتىلىپ مېۋە بېرىشى، كۆپچىلىككە سايە بېرىشى ئىدى. شۇنداق، بۇ كۆچەتلەر، بۇ يۇمران ئەۋلاتلار ياخشى يېتىلىشى، مېۋە بېرىشى كېرەك ئىدى.

    مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چېغىمىزدا بالىلار بىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ خوشلىشاتتى. ئارىدا تېخى بىر قانچەيلەننىڭ كۆزلىرىدە ياشمۇ لىغىرلاپ قالغانىدى. شۇ دەمدە ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ يەردىن كەتكۈم كەلمەي قالدى. ئەمما، كەتمەي بولمايتتى. ئوقۇغۇچىلار بىز ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس مەكتەپ قورۇسىدىن چىقىپ تاكى خېلى ئۇزاپ كەتكەنگە قەدەر ئارقىمىزدىن يۈگرەپ «يەنە كېلىپ تۇرۇڭلار!، خەيىر خوش!» دېيىشىپ چۇرقىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى ئابايىقى شاتلىقنىڭ ئورنىنى بىر خىل قىيالماسلىق ئالغان بولۇپ، پىدائىيلار ئۆز – ئارا تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەچ، ئۇ بالىلارغا ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن قول پۇلاڭلىتاتتى. ئارقىمىزدا قالغان مۇساپىدە بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئىز ساقلىنىپ قالغانىدى. بۇ ئىز دەل ئاشۇ سەبىيلەر بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزگە ئورناپ قالغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئىدى. بۇ كەمدە پىدائىيلىرىمىزدىن بىرەيلەننىڭ :«گۈل توشىغان ئادەملەرنىڭ قولىدا گۈلنىڭ ھېدى قالىدۇ.» دېگەن نەقىلى خىيالىمدىن كەچتى. شۇنداق، ھاياتىمىز گۈلگە تولسۇن. باسقان ئىزلىرىمىزدىن مېھىر – مۇھەببەتلىك گۈللەر ئېچىلسۇن.

     

    تامام

     

    2011-3-30

    分享到: